شەبنەمدىكى بىر يورۇق يۇلتۇز«تىڭىرقاش»( Tingirqash) ئاكىمىز ۋاپات بولۇپتۇ.
مەن بۈگۈن شەبنەم چايخانىسىدىكى مۇنەۋۋەر كونا باشقۇرغۇچى،ئېغىر بېسىق مىجەزى ۋە ئۆزىنىڭ مول بىلىمى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن شەبنەم چايخانىسىغا كىرگەن تورداشلارغا بىلىم بىرىپ كېلىۋاتقان ،ئۆزىنىڭ ياخشى تور ئەخلاقى بىلەن تورداشلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن«تىڭىرقاش»(چايخانىدىكى ئىسمى _ Tingirqashئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ھوشۇر)ئاكىمىزنىڭ 2008-يىلى2-ئاينىڭ 3-كۈنى يەكەن ناھىيسىگە خىزمەت بىلەن بېرىپ مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇپ،مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلى بىلەن ۋاپات بولۇپ،يەرلىكى ئۆز يۇرتى مەكىتتە قويۇلغانلىغىدىن خەۋەر تاپتىم ھەم قاتتىق ئېچىندىم.شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپتۇ،مەن خەۋەر تاپالماي قاپتىمەن.تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.
مەرھۇم «تىڭىرقاش»(ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ھوشۇر)ئاكىمىز تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم(تايماس)،ياسىنجان ئوسمان،ئۆمەرجان غوپۇر قاتارلىق قەلەمكەشلەر بىلەن داۋاملىق ھەمسۆھبەتتە بولاتتى ھەم ئۆزىمۇ يېزىپ قوياتتى.
شەبنەمنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى،جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرى،بۇ تۆت كۈنلۈك جاھان، ناۋادا ئەتىراپىمىزدامۇشۇنداق بىر كېلىشمەسلىكلەر بولسا ئۆزئارا بىلىشىدىغان تورداشلار شەبنەم باشقۇرغۇچىلىرىغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ قويۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاللاھ ئىگەم«تىڭىرقاش» ئاكىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن.
تىڭىرقاش ئاكىمىزنىڭ ھايات پائالىيتىنى بىلىدىغانلارمۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرغان بولساڭلار ياكى چ چ ،تېلىفۇن ئارقىلىق خەۋەر قىلىپ قويساڭلار،ئاندىن مەن شۇ خەۋەرگە ئاساسەن بۇ تېمىنى تولۇقلاپ قويسام.
ھۆرمەت بىلەن:ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات.
_____________________________________
ئىشەنچلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى:شەبنەم چايخانىسىدىكى كونا باشقۇرغۇچى Oghuz Han(ئەسلى ئىسمى _ ئەنۋەر ئابباس)
تۆۋەندە مۇنبەردىكى«uq-kun»(شەبنەم چايخانىسى باشقۇرغۇچىلار باشلىقى) تەمىنلىگەن ئۇچۇر:Quote:
بۇ يازما77قەۋەتتىكى uq-kun نىڭ2008-07-12 20:14يوللىغان :
تۇرسۇنجان ھوشۇر ، 1960-يىلى 5-ئاينىڭ 12 -كۇنى مەكىت قىزىل ئاۋات يىزىسىدا توغۇلغان . 1980-يىلى قەشقەر
مالىيە سودا مەكتىۋىنى پوتتۇپ ، مەكىت ناھيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىگە خىزمەتكە قاتناشقان . 2006 -يىلى پىنسىيەگە چىققان . 2002 -يىلدىن باشلاپ ئىنتىرنىت ساھەسىگە كىرگەن ، ئۇ خىزمەتتە تەلەپچان ، ئالاھىدە يۇكسەك مەسئۇلياتچان ، خىزمەتداشلار ئارا ، خوشنىلار ئارا ئىناق ، جەمىيەتتە ئابرۇيلۇق كىشى ئىدى . مەرھۇم سوھبەت خانىدىكى قايىل قىلارلىق بىلىم قابىليىتىنى ئۆيدىمۇ جارى قىلدۇرغاچقا ، پەرزەنتلىرى ئەدەپلىك ،ئەخلاقلىق تەربىلىنىپ ئۆسكەن بولۇپ مەرھۇمنىڭ ئۇچ بالىسى بىرلا ۋاقىتتا يۇقۇرى نومۇر بىلەن ئالى مەكتەپ نومۇر سىزىقىغا چۇشۇپتۇ . ئوغلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولوق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ نەنجىڭ جاڭبۇ ئالى تەجرىبە مەكتىۋىدە ئوقۇپ بۇ يىل ئوقوش پوتتۇرگەن . مەرھۇمنىڭ رەقىبىسى ئايتىللا خانىم ،ئائىلىسىدە پەرزەنتلىرىگە ھەم ئاتا ،ھەم ئانا كويۇمچان ،جاپاكەش مەزلۇم ۋەيران بولغان ئاشلىق ماي ئىدارىسىدە توۋەن مۇئاشقا كونۇپ بالىلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بارلىق مەسئۇليىتىنى ئۆز ئۇستىگە ئىلىپ خىزمەتتە مەسئولياتچان ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋىتىپتۇ
باشقۇرغۇچى تۇمەن تال ( ئابدۇكىرىمجان ) ئوغۇزخان ( ئەنۋەر ئابباس ) ئۇيغۇر ئاۋازلىق سوھبەتىانىدىكى بارلىق دوسلارنىڭ ھىسداشلىقىنى ئىلىپ مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاباتلىرىنى يوقلىدى . سوھبەتخانىمىز ھەر قايسى باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا ۋاكالىتەن تىڭىرقاش ئەپەندىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا دوسلارنىڭ سالىمىنى يەتكۇزدۇق ، بىز ئۇنىڭ ئىشلەتكەن كومپۇيۇتىرىدىن شەبنەگە تىڭىرقاش ؛ دىگەن ئىسىم بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك كىرىپ باقتۇق .
كەم قالغان جايلىرى ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.