>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
XabnamBBS -> خەۋەر-ئۇچۇرلار -> مەھمۇد كاشغەرى مولداۋىيەدە ...

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1764 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : مەھمۇد كاشغەرى مولداۋىيەدە ... IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Tatar~Ogli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 38
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
مەھمۇد كاشغەرى مولداۋىيەدە ...

مەھمۇد كاشغەرى مولداۋىيەدە ...
ئاپتورى: رۇقىيە ھاجى




تۆۋەندىكىسى ئاپتورنىڭ مولداۋىيىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك خانىملار ، ئەپەندىلەر: <<مەھمۇد كاشغەرى مولداۋىيىدە>> دېگەن بۇ تېمىنى كۆرۈپ <<مەھمۇد كاشغەرى>> شىنجاڭلىق تۇرسا، قانداقسىگە مولداۋىيىدە بولۇپ قالىدۇ؟ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. مەنمۇ مولداۋىيىگە بېرىپ <<مەھمۇد كاشغەرى>> دېگەن نام بىلەن ئاتالغان زالنى كۆرگىنىمدە ھەيرانلىق ئىچىدە بۇ سۇئالنى قويغان ئىدىم. مەن 1994-يىلى 8-ئايدا، مولداۋىيىدە ئېچىلغان 1-قېتىملىق خەلقئارا گاگاۋۇز مەدە نىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم. يىغىن <<مەھمۇد كاشغەرى>> زالىدا ئېچىلدى . زالنىڭ <<مەھمۇد كاشغەرى>> نامىدا ئاتالغانلىقى مېنى بەكمۇ قىزىقتۇردى. مەن يىغىنداسۆزگە چىققاندا ئۆزۈمنىڭ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتىدىن كەلگەنلىكىمنى ، جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇركىي مىللەتلەرنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتىپ، مەھمۇد كاشغەرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇۋىدىم، يىغىن ئىشتراكچىلىرى گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىتىپ ، مېنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىندا سۆزلىگەن << ئۇيغۇر تىلى بىلەن گاگاۋۇز تىلىنىڭ ئوخشاشلىقى>> دېگەن تېمىدىكى نۇتۇقۇم <<ئانا سۆزى>> ناملىق گېزىتكە بېسىلدى . ئۇلارنىڭ مەھمۇد كاشغەرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى، دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشى ۋە ئېتىقاد قىلىشى مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى. مەن جۇڭگوغا قايتقاندىن كېيىن ئۇلارنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە تونۇشتۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەردىم. خىزمەت ۋە باشقا ئىشلارنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ، بۇۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كېلىۋاتىمەن. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەن ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت بولدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يىغىن ئەھلىگە مولداۋىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان گاگاۋۇز مىللىتىنىڭ زادى قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. گاگاۋۇز مىللىتى دۇبرۇجادا مىڭ يىلدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان تۈركىي خەلىقلەرنىڭ بىرى. ئوغۇز تۈركلىرىگە مەنسۇپ بۇ گاگاۋۇزلار ئاسىيادىن غەربكە قاراپ ماڭغاندا شىمال دىن كېلىپ، تونا دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن دۇبرۇجانىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبى رايونلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر مىللەتتۇر. ئالدى بىلەن مەن دۇبرۇجا دېگە ن بۇ يەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي: تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپلاردىن باشقا تىللاردا <<دۇبرۇجا>> دېگەن بۇ يەر ھەققىدە بىرەر كىتاپ چىقىپ باققىنى يوق، دۇبرۇجا باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا تۈركىي مىللەتلىرى كۆپ كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ قالغاچقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. تۈرك قەۋملىرى شەرقتىن غەربكە كۆچكەندە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى دۇبرۇجاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. تاتارلار ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسى دۇبرۇجانى 100 يىل ئىشغال قىلىۋالغاچقا بۇ يەر تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتى، دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. 18- ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ 200 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان تۈرك - رۇس ئۇرۇش لىرى تۈركىي خەلقلەرنى ۋەيران قىلغانغا ئوخشاش، دۇبرۇجانىمۇ ۋەيران قىلىۋەتكە چكە ئۇلارنىڭ نوپۇسى كۈندىن - كۈنگە ئازىيىپ كەتكەن. دۇبرۇجا قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى ئەكرەنە ناھىيىسىدىن تونا دەرياسىنىڭ تورتوكا نا- ھىيىسىگىچە بولغان ئارىلىق بىلەن تونا دەرياسىنىڭ قارا دېڭىز غا قويۇلىدىغان جاي ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتكىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، دۇبرۇجا 100 مىڭ يىللار ئىلگىرى دېڭىز بىلەن قاپلانغا ن يەر ئىكەن. بۇ چاغلاردا قارا دېڭىز بوغۇزى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ، ئەسىرلەر داۋامىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش قاتارلىق ھەرخىل تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىچىك ئاراللار پەيدا بولغان. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئاراللار بىرلىشىپ <<دۇبرۇجا>> دېگەن بۇ زېمىننى پەيدا قىلغان. <،دۇبرۇجا>> دېگەن بۇ ئىسىم ئەسلىدە قارا دېڭىز ئەتراپىدا ياشىغان ئوغۇز تۈركلىرى بېگىنىڭ ئىسمى ئىكەن. گاگاۋۇزلار 13 - ئەسىردە شىمال ۋە شەرقتىكى بالقاندا (يۇگۇسلاۋىيە، ئالبانىيە، بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، گرېتسىيە ۋە باشقىلار) ولتۇراقلىشىپ قالغان، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر خەلقتۇر. ھازىر دۇنيا بويىچە 250 مىڭ نوپۇسى بار. بۇنىڭ 152 مىڭى ھازىر گاگاۋۇزىيە دەپ ئاتىلىدىغان جەنۇبىي مولداۋىيىدە، 40 مىڭدىن كۆپرەكى ئوكرائىنادا، قالغانلىرى قازاقىستان، تۈركىيە، گرتسىيە، رۇمىنىيە ۋە ئۆزبېكىستاندا. <<گاگاۋۇز>> دېگەن بۇ سۆز <<ئوغۇز>> دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى، دەيدىغانلارمۇ بار. چېچىنىڭ سېرىق، كۆزىنىڭ كۆك بولۇشىغا قاراپ كۆك ئوغۇزلار ، دەيدىغانلارمۇ بار. گاگاۋۇزلارنىڭ بىر قىسمى مۇسۇلمان. 1770 - يىلى مولداۋىيىدە تۇنجى قېتىم چىدىر ، ئورغاق دېگەن ئىككى يېزىنى قۇرۇپ چىققان گاگاۋۇزلار 1812 -يىلىغا كەلگەندە بۇخارىست كېلىشىمىگە ئاساسەن تاتارلار بۇجاك ناھىيىسىدىن قوغلانغاندىن كېيىن، بۇجاك ناھىيىسىگە ئورۇنلاشقان. 1818 - يىلىغا كەلگەندە چىدىرلىق گاگاۋۇزلار <<چاتىر>> ، ئورغاقلىق گفگاۋۇزلار بولسا <<ئاۋدارما>> دېگەن يېزىلارنى قۇرۇپ چىققان. گاگاۋۇزلارنىڭ بىر بۆلىكى 1909 - ۋە 1910 - يىللىرى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلى قىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كېلىپ تورغاي رايونىغا، 1925 - يىللىرى تاشكەنت تەۋەسىگە جايلىشىپ قالغان. گاگاۋۇزلار قۇربانلىق قىلىدۇ. <<تۈركىي تىللار دىۋانى>> دىكى ئىزاھاتقا تۈرك قە بىلىلىرىنىڭ مۇقەددەس سىمۋولى، دەپ قوبۇل قىلىنغان بۆرىنى خاتىرىلەپ بۆرە بايرى مى ئۆتكۈزىدۇ . ھازىرغىچە كۆك تۈركلەرنىڭ بايرىقىنى ئۆزلىرىنىڭ بايرىقى قىلىپ بېكىتكەن. ھەممەيلەنگە مەلۇم ، ئوغۇزنامە داستانىنىڭ قەھرىمانى ئوغۇزخان <<كۆك بۆرە بىزنىڭ سىمۋولىمىز بولسۇن>> دېگەن . ھازىر گاگاۋۇزلار بۆرىنىڭ بېشى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقنى تۈرك قەۋملىرىنىڭ مۇقەددەس سىمۋولى ، دەپ تونۇيدۇ. گاگاۋۇز تىلى ئوغۇز تىلىنىڭ ئايرىم بىر خىل شەكلى. گاگاۋۇز تىلىنىڭ قىپچاق تىلىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەرلىرى ناھايىتى كۆپ. ھەتتا تەمسىللىرىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن: <<ئانىسىغا قاراپ قىزىنى ئال>> ، <<ئىككى تاۋۇز بىر قولتۇققا سىغماپتۇ>> قاتارلىقلار. گاگاۋۇزلارنىڭ تىلى، ئۆرپ - ئادىتى، يۈز قۇرۇلۇشى، ھەرخىل سەھنە ئەسەرلىرى ، ناخشىلىرى ، چۆچەكلىرى، رىۋايەتلىرى ۋە ھېكايىلىرىدىن قارىغاندا، گاگاۋۇزلارنىڭ ئەسلى تىلىنىڭ تۈركىي تىللارغا كىرىدىغانلىقى شۈبھىسىز. 1263 -يىلىدىن 1383 - يىلىغىچە 120 يىل مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان گاگاۋۇزلارنىڭ بايرىقىمۇ تېپىلغان. ئۇلارنىڭ بايرىقى قىزىل رەڭلىك يەر شارىنىڭ ئۈستىگە ئاق رەڭلىك بىر خورازنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بايراق. گاگاۋۇزلار 11 - ئەسىردە بىزانىس دىنچىلىرىنىڭ زورى بىلەن خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1768 - يىلىدىن 1774 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈرك -رۇس ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن گاگاۋۇزلار ئورتودوكۇس مەزھىپىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن رۇسلارنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن تاتارلار تاشلاپ كەتكەن باسارابىيىگە (ئوكرائىنانىڭ ئىلگىرىكى ئىسمى) 1806 - يىلىدىن 1812 - يىلىغىچە كۆچۈپ كەلگەن. گاگاۋۇزلار مىللەت بولۇپ شەكىللەن گەندىن كېيىن 13 - ئەسىردە تۇنجى قېتىم دۆلەت قۇرغان. بۇ دۆلەت 15 - ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. بۇ ئارىلىقتىكى ئىسلاھات ھەققىدە ھازىرغىچە مەلۇمات يوق. دۇبرۇجادا ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا گاگاۋۇزلار ئۆزىنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇشىغا قارىماي خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتلاردا مىللەت ئاساسلىق ئورۇندا تۇرماي، دىن ۋە مەزھەپ ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەچكە، ئوسمان ئىمپېرىيىسى گاگاۋۇزلارنى ئېتىبارغا ئالمىغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇبرۇجادىن باسارابىيىگە، يەنى ئوكرائىناغا كۆچۈپ بارغان گاگاۋۇزلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشقان. باسارابىيىدە گاگاۋۇزلارنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى مىخائىل چاكىر گاگاۋۇزلار ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپ يازغان. ئۇ كىتاپلىرىدا <<گاگاۋۇزلار دىندار، ئەخلاقلىق، دۇرۇس، ئوچۇق - يورۇق، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست خەلق>> دەپ يازغان. ھەج تاۋاپ قىلىش، قۇربانلىق قىلىش ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدۇر. بۇ ئادەت گاگاۋۇزلارغا تۈركىي مىللەتلەردىن سىڭگە ن. گاگاۋۇزلار قارىماققا تىپىك مۇسۇلمانغا ئوخشايدۇ. ئاغزىدىن <<ئاللاھ، پەيغەمبەر، جەننەت، جەھەننەم، گۇناھ >> دېگەن سۆزلەر چۈشمەيدۇ. سىز باكى ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەس تۇرۇپ نېمىشقا بۇ سۆزلەرنى ئىسلىتىدىغان بولۇپ قالغاندۇ ، دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلار مېنىڭ بۇ سۇئالىمغا : <، بۇ سۆزلەر بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن قالغان. بىز بۇ سۆزلەرنى شۇلاردىن ئۆگەنگەن >> دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئەجدادىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە<< گاگاۋۇز تىلى بايرىمى >> بولدى. << ئوزۈم>> دېگەن مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا گاگاۋۇزلارنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى مىخائىل چاكىرنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەيكەلنىڭ ئاستىغا چاكىرنىڭ <<ئۈمىدۋار بول، گاگاۋۇز مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىدۇ>>، << ۋەتىنىم، ئانا تىلىم - ھاياتىم مېنىڭ >> دېگەن سۆزلىرى يېزىلغان. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەلىيەتتىن بىلدىمكى ، گاگاۋۇزلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى، ئۆي ياساشلىرى تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشايدۇ. بىز يىغىن ئارىلىقىدا گاگاۋۇزلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پەتىر ئىسىملىك بىر گاگاۋۇزنىڭ ئۆيىگە باردۇق. پەتىرنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئاننا، ئىككى قىزى بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى رەنا ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى مارىيە ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالغاندەك بولدۇم. سۇپىنىڭ ئۈستىگە تاماق ئۈستىلى قويۇشلىرى، نان، قايماق، قېتىق، قاتلىمىلار بىلەن چاي ئىچىشلىرى خۇددى بىزگە ئوخشايدىكەن. بېشىغا ياغلىق چېگىشلىرى، تاملىر ىغا گىلەم ئېسىشلىرى، رىشىلىيە پەردىلىرى بىزنىڭكىگە ئوخشايدىكەن. ئۇلار ئۇيغۇر، قازاقلاردەك ئاتنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلار ئۆتمۈشتە تارقاق ياشىغاچقا قايسى دۆلەتتە ياشىغان بولسا شۇ دۆلەتنىڭ ئاسسىمىلاتسىيىسىگە ئۇچراپ، يېزىقىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تىلىنى ساقلاپ قالغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەر دىن ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. گاگاۋۇزلار دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. گاگاۋۇزلارنىڭ تەلەپپۇزى قىپچاقلارنىڭ تەلاپپۇزىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. مەسىلەن: گەلەيەر، گىدىيەر ( كەلدى -دە، كەتتى) دەيدىكەن. كوللىكتىپ ئۇسۇل ئوينىغاندا << بولە بالام، بولە>>، بەزىلەر << بىر قىلدات بالام، بىرقىلدات>> دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىكەن. ياشلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئارا << ساڭا نېمە بېرەي، شارابمۇ>> دېسە، <،شاراب ئەمەس، قىمىز بەر>> دەيدىكەن. 1986 - يىلىدىن بۇرۇن بېسىم ئېغىر بولغاچقا گاگاۋۇز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوللايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىغان. 1986 - يىلدىن ئېتىبارەن يېزىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نەشرىيا ت ئورۇنلىرىنى، كۈندە 15 مىنۇتلۇق رادىئو، << گاگاۋۇز ئاۋازى>> ۋە <<ئانا سۆزى>> ناملىق گېزىتلەرنى تەسىس قىلىشقا باشلىغان. مانا مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە 1994 - يىلى گاگاۋىستاننى قۇرۇپ چىققان. گېزىتلىرىنىڭ سەرلەۋھىسىگە ئانا سۆزى بىلەن << ئوغۇزلار ياشىسۇن!>> دېگەن سۆز يېزىلغان. بۇنىڭدىن باشقا 90 مىڭ گاگاۋۇز ئايالد ىن تەشكىللەنگەن ئاياللار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. ھازىر مولداۋىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە چەتئەللەردىن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ گاگاۋۇز تىلىنى ئۆگەنمەكتە. مەن ئاياللار بىرلشمىسىنىڭ باشلىقى ئولگا خانىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم. ئولگا خانىم مۇنداق دېدى: <<،دۇنيادا بىزلا ئوكرائىنا بىلەن مولداۋىيىدە گاگاۋۇز مىللىتى دېگەن نام بىلەن گاگاۋىستاننى قۇرۇپ چىقتۇق. بىزنىڭ نۇرغۇن گاگاۋۇزلىرىمىز بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، گرتسىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئېغىر ئاسسىمىلاتسىيىگە ئۇچراپ كەتكەچكە ئۆزىنىڭ گاگاۋۇز ئىكەنلىكىنى ھازىرغى چە يوشۇرىدۇ، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىشتىنمۇ قورقىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە گفگاۋۇز مىللىتى بار ئىكەن، گاگاۋىستانغا قورقماي كېلىۋەرسۇن. ھازىر ئانىلىرى مىزنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمايۋاتىدۇ. ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىز، بالىلىرىمىز نەلەردە سەرسان بولۇپ يۇرگەندۇ ، دەپ ئەنسىرەۋاتىدۇ. قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانغىچە بارالىغان گاگاۋۇز لار جۇڭگوغىمۇ بارغان بولۇشى مۇمكىن مەن ئولگا خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنى ۋەدە قىلدىم. ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىگە قارىغاندا گاگاۋۇزلار بىلەن بىلەن بىمالال سۆزلىشەلەيدىكە ن. گاگاۋۇزلار ئاي - كۈن ۋە دۆلەت ناملىرىنى بىز ئۇيغۇرلاردەكلا ئاتايدىكەن. بەزى سۆز لىرى بىزنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن. مەسىلەن: بوران، جۇۋاپ، مەخسۇس، كۈز، چەينەك، ئەجەل، ھال ( ھال رەڭ ) ، ھالۋا، دوست، مالاي، مايىل، ناماز، سېمىز ( تۈركى يە تۈركلىرى بولسا سېمىز سۆزىنى ھايۋانلارغا ئىشلىتىدۇ ) ، توي، جانابىڭىز، ئۈزۈك، يىراق، جال، جىندان، جۇلۇم، قاراكۆز، قاراقاش، قىرىق نەزىر، قالاق، شان - شەرەپ، تالانت...... ھەرىپلىرىدە ئۇيغۇر يېزىقىدەك شاپكىلىق ھەرپ ( ^ ) بىلەن يۇمشاق ( g ) ھەرپى يوق ئىكەن. ئادەم ئىسىملىرىدا دىلبەر، ئابدۇللا، ئارىپ، قەمبەر، قاسىم، نەزەر، ئوسمان، سالامەت، سۇلتان، ئايگۇل، ئايدىن، گۇلپاتىمە، زۇمرەت، ھەيدەر قاتارلىق ئىسىملار بار ئىكەن. بۇلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار بىلەن گاگاۋۇزلارنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

يوقارقى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئاپتور نىڭ سۆزلىرى، مەن پەقەت مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم خالاس!( ئاپتور : جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تۈرك تىلى ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىن، دىكتور يېتەكچىسى رۇقىيە ھاجى ).
مەنبە : بۇلاق ژورنىلى 2004 - يىللىق 2 - ساندىن ئېلىندى .

__________ جۇدا تەرىپىدىن تەستىقلاندى


ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 07:41 چوققىغا قايتىش
nagma



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىسىل تارىخى ماتىرياللېرىمىزنى يوللاپ بەرگىنىڭىزگە كوپ رەخمەت .تېخىمۇ تىرىشقايسىز

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 10:04 چوققىغا قايتىش
153

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 322
شۆھرەت: 317 نۇمۇر
پۇل: 2153 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاپتۇر بەك ئىھتىياتچانمۇ ياكى كۆرگەن بىلگىنى ئازمۇ بىلمىدىم ماقالىسىدە بەكلا ................................

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 10:32 چوققىغا قايتىش
nasimi112
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 720
شۆھرەت: 720 نۇمۇر
پۇل: 5139 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:233(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن بىلىشكە تىگىشلىك بىلىمكەن .يەنە بىر قېرىندىشىمىزنى تونىۋالدۇق ،رەھمەت سىزگە!..گاگاۋۇزلار -ئوغۇزلار بۇ سۆزمۇ ئۆز-ئارا يىقىنكەن

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

مەن ئاللاھنىڭ قۇلىدۇرمەن شەيتان بولدى بەس،
مۇھەممەتكە ئەگەشسەم سەيتان بولۇر پەس.
لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇر رەسۇلىللا،
شەيتان بىلەن ئارلىق ئۈزۈپ تۇراي ئەمدى دەس.
-نەسىمى
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 11:32 چوققىغا قايتىش
nigar0998
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 162
شۆھرەت: 163 نۇمۇر
پۇل: 1620 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


< ئالىملار ئاللاغا ئەڭ يىقىن كىشىلەردۇر ، چۈنكى ئۇلار ئاللا ياراتقان تىلسىملارنى بىلگۇچىلەر > دېگەن سۆز يادىمغا كەلدى !
تىمىڭىزغا رەخمەت !


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 11:33 چوققىغا قايتىش
karaejran



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 142
شۆھرەت: 143 نۇمۇر
پۇل: 1420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:41(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىسىل ئەسەرئىكەن،رەھمەت مۇشۇنىڭدەك ياخشى ئەسەرلەر بولسا يوللاپ تۇرارسىز،يەنە {مەھمۇد كاشغەرى} تۇرۇك قان سىستىمىسىدىكى 72مىللەتنىڭ تىل لوغىتىنى يازغان پۇتۇن تۇرۇكلەرنىڭ ئالىمى.   رۇقىيە ھاجى ھەم سىز گە كۆپتىن-كۆپ رەھمەتلەر بولسۇن،ئاللا رەھمەت قىلسۇن،

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 12:56 چوققىغا قايتىش
uyghur214
ئىلغار باشقۇرغۇچى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1715
شۆھرەت: 2005 نۇمۇر
پۇل: 5806 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:359(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يوللانمىنى كۆرۈپ گاگاۋۇزلارغا بولغان چۈشەنچەم قىسمەن ئاشتى !~ گاگاۋۇز مىللىتى ھەققىدە تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان تېمىلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !~



ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !

<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ>ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺧﻪﺕ،
<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ>ﺩﻩﻙ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯗﺭﻣﻪﻥ-ﺋﻪﻟﮭﻪﻣﺪﯗﻟﯩﻠﻼ،
ﺑﯘﻧﺪﺍ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ.

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 13:07 چوققىغا قايتىش
matimatika

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 169
شۆھرەت: 170 نۇمۇر
پۇل: 1690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


گاگاۋۇزلار ھەققىدە تۇنجى قىتىم ئۇچۇر كۆرۇشۇمكەن !
بۇ مىللەت ھەققىدە ياخشى چۇشەنچە تاپساق بولىدىغان ئوخشايدۇ ............
رەخمەت


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 13:11 چوققىغا قايتىش
ozgar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 82
شۆھرەت: 83 نۇمۇر
پۇل: 720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:38(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تۇۋۋا، مەن تارىخقا خىلى قىزىقاتتىم، ئەجەپ ئاڭلىماپتىكەنمەنغۇ بۇ قىرىندىشىمىزنى، خۇداغا شۇكرى ، ھەنىمە بۇلسا بۇنڭدىن خەۋەردار بۇلۇۋالدىم! پۇرسەت تىپىپ ئۇلارنىڭكڭگە بىرىپ پەتىلەپ كىلەرمە! ئاگاۋۇزئاخۇن.

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !

سەمىمى،پاراسەتلىك.
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 13:27 چوققىغا قايتىش
ahsa少爷

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 27
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:5(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇيۈۇر ئالىملىرىمىزدىن پەقەت مەخمۇت قەشقىرىنىلە تونۇم سىلە

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

我的底盘—我做主~OK
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 13:30 چوققىغا قايتىش
kaskin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 67
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 463 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:11(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇ تېمىنى بەك ياقتۇردىم ........ يىڭىلىق ھە!

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !
[10 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 14:23 چوققىغا قايتىش
Tatar~Ogli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 38
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يوقارقى تېمىدىكى   (جال ، جىندان ، جۇلۇم   )   دېگەن سۆزلارنى   ( زال ، زىندان ،   زۇلۇم   ) دەپ   تۈزىتىپ ئوقىشىڭلارنى
ئۈمىد   قىلىمەن .   ئالدىراشچىلىقتا   خاتا يېزىپ   قويۇپتىمەن،


ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !
[11 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 16:26 چوققىغا قايتىش
sawerqan



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن ئاللاھنىڭ قۇلىدۇرمەن شەيتان بولدى بەس،
مۇھەممەتكە ئەگەشسەم سەيتان بولۇر پەس.
لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇر رەسۇلىللا،
شەيتان بىلەن ئارلىق ئۈزۈپ تۇراي ئەمدى دەس.
ياخشې يېزېپسېز بولسا تېىېمۇ كوپ يوللاڭ رەھمەت@@@@@@@@@@@@@@@@@@


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[12 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 16:28 چوققىغا قايتىش
batuk

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 287
شۆھرەت: 297 نۇمۇر
پۇل: 1116 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نىمە دىگەن كاتتا تىما بۇ!!!!!!تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!!

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[13 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-16 21:58 چوققىغا قايتىش
ibrahimaqqus



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 42
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:39(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


توغرا ماقالدىكى ،گاگاۋۇز ،مىللىتى راسلا مەۋجۇت مەن بۇ ماقالنى 2-3 يىل بۇرۇن ئوقۇغانتىم ھازىرمۇ ئۆيۈمدە بارغۇ دەيمەن   ،قايسى كىتابدىن يا قايسى جورنالدىن ئوقۇدۇم تازا ئىسىمدە يوق دۇنيادا (تۈرۈك دۇنياسىدا ) 42 تۈرۈكى مىللەت بار دەپ ئوقۇغانتىم شۇ مىللەتلەرنىڭمۇ تېزىملىكى باردەك قىلاتتى ئۇ كىتاپنى تېپىپ قايتا ئوقۇسام بولغىدەك..يەنە تېخى سالار مىللىتى ھەم شەرقى سىبىريېدىكى ياقۇتلار ، دوشاڭزۇ ، سېرىق ئۇيغۇرلار، دىگەندەك بىز كۆرۈپ-- ئاڭلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن قەرىنداشلىرمىز بار تېخى ..دىمەك تۈركى تىللىق مىللەتلەر خېلى كۆپ .يۇقۇردىكىدەك ماقالىلار بولسا يوللىنىپ تۇرسا كۆپ بىلملەرگە ئىگە بولۇپ قالىمىز..............!!!!! تىما يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت.

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !
[14 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-17 00:38 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:03-20 09:49, Gzip disabled eBay Eachnet