QUOTE:
بۇ مەزمون 7 جى قەۋەتتىكى 警官 نىڭ 2007-03-15 21:07 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئېلان بىر تەشۋىقات ۋاستىسى سۆز تىكىستىنى رىجىسسورلار يازىدۇ ~~ ھۇشۇر قارىي ھەقىقەتەن تالانتىلىق ئارتىس ~~ ئۇ ئېلان ئارقىلىق ئازىراق ئىقتىسادىي كىرىم قىلسا نىمە بوپتۇ ~~
كەچۈرۈڭ ئەپەندى، بىز ھوشۇر قارىنى كىرىم قىلمىسۇن دىمىدۇق. كىرىم قىلسۇن، لېكىن راس-يالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىپ خەلقنى ئالداش، بولۇپمۇ بىچارە دىھقانلارنى ئالداش ھىسابىغا ئەمەس، بەلكى قانۇنلۇق ۋە ھالال يول ئارقىلىق كىرىم قىلسۇن. جۇڭگودا ئارتىسلار ئۆزىمۇ ئىشلىتىپ باقمىغن مەھسۇلاتلارنى ئاغزىغا كەلگىنىچە ماختاپ ئېلان ئىشلىسە بولغان بىلەن چەتئەللەردە ئۆزى ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدىغان مەھسۇلاتنىڭ ئېلانىغا چىققان ئارتىس يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە بۇنداق سىياسەت بولمىغان بولسىمۇ (بەلكىم پات ئارىدا يولغا قويۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن) ھېچ بولمىغاندا جامائەت پىكرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك. ھوشۇر قارى خەلق ياقتۇرىدىغان ئارتىس. خەلق، بولۇپمۇ دىھقانلار ئۇنى ياقتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەن خەلقنىمۇ ھۆرمەتلىشى، ئالدىماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ خەلق نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ناخشىلىرىسىزمۇ خەلقىمىز يەنىلا ياشىيالايدۇ!!!