不在乎!
ھالىتى :
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 2219
شۆھرەت: 2225 نۇمۇر
پۇل: 22190 سوم
تۆھپە: 34 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:529(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-25
|
ئۇيقۇسىزلىققا شىپالىق رىتسىپ
* 40 گرام سۆئىلەپ مىسىرىنى سوقۇپ،100 گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلىپ ،كۈنىگە 2~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ بەدەننى سەمرىتىدۇ .
* ئۇسۇڭ ئۇرۇقىدىن ياغ چىقىرىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە ياكى باشقا سۈركەپ بەرسە، ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ .
* قاپاقنى قىرىپ باشقا تېڭىپ بەرسە ،ئۇيقىنى كەلتۈرىدۇ .
* يۇمغاقسۈتنى سىقىپ، سۈيىنى ئېچىتىپ، شاراب قىلىپ ئىچىپ بەرسە،ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ .
* كاللەكبەسەينى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ بۇرنىغا تېمىتىپ بەرسە تېز ئۇخلىتىدۇ .
* تەرخەمەكنى پۇراپ بەرسە ياكى پوستىنى سويۇپ پىشانىگە قويۇپ بەرسە، ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ .
* كۆكنار پوستى ۋە بىنەپشىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا دورا تەمى تولۇق چىققۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ سۈيىدە باشنى يۇيسا، دەرھال ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئارقا مېڭە تەرەپنى يەنى باشنىڭ كەينى تەرىپىنى يۇيۇشقا بولمايدۇ .
* ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر بىر تال سۇڭپىيازنى ئاقلاپ بىرنەچچە پارچە قىلىپ ئۇخلااشتىن ئىلگىرى ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسا تېزلا ئۇخلىتىدۇ .
* يەرلىك بېدە كۆكىنى سوقۇپ، سۈيىدە باشنى يۇيسا، چاچ چۈشۈش ۋە چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بەدەنگە قۇرۇقلۇق يېتىشتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ . مەنبە :ئۇيغۇرلاردا تىبابەت تورى
تەستىقلىغۇچى: چىن مودەن
|
ئۈمۈد يادىكار
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-15 12:09 |
| |