不在乎!
ھالىتى :
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 2219
شۆھرەت: 2225 نۇمۇر
پۇل: 22190 سوم
تۆھپە: 34 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:528(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-25
|
ﻗﯘﻏﯘﻧﻨﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ
قۇغۇننىڭ تەركىبىدە شېكەر، ئاقسل،كالىتېسىي، فوسفور ۋە باشقا ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ، قوغۇننى ئېتىدىن تارتىپ، ئۇرۇق، شاپىقىغىچە ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
قۇغۇن داڭلىق مېۋە بولۇپ، تاتلىق، سۇلۇق، يىپسىز كېلىدۇ.قوغۇن ئادەمنىڭ ئىچىنى يۇمشىتىش، سۇسىزلىنىشنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش، بۆرەك، دوۋسۇندىكى تاشلارنى ئېزىش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، بەدەنگە تېز تارقاش، تاماق ھەزىم قىلدۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.
قۇغۇننىڭ ئېتىنى كۆزگە چاپسا كۆز ئاغىرىقى ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە كۆزدىكى ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.سودا بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا تېرىدىكى ئىز ۋە داغلارنى يوقىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، نەپەس يوللىرى ۋە ئۇچەي يوللىرىنى تازلاش، جىگەر، بۆرەك، كەم قانلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىمۇ خەتەرسىز، ئۈنۈملۇك دورا ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدە تۆمۇر ماددىسى ئەڭ كۆپ.
قوغۇن ئۇرۇقى- جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇش، بۆرەك، دوۋسۇن، ئۈچەيلەرنى تازلاش، ئادەمنىڭ مىجەزىنى ياخشىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، كۆكرەك ئاغىرىقى، گالنىڭ يىرىكلىكى ۋە سۇيدۇكنىڭ كۆيدۇرۇپ، ئېچىشتۇرۇپ كىلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇرۇقنىڭ پوستىنى يۇمشاق ئېزىپ يۇزگە ۋە بەدەنگە چاپسا، يۈز ۋە بەدەننى پارقىرىتىپ ھۆسنىنى چىرايلىق قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا بەلغەمنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
قوغۇننىڭ ئېتىدە شېكەر ، گالاكتان گلوكوزا ۋە خېلى كۆپ مىقداردا ئاقسىل ماددىسى بولغاچقا، تەبئىتى قۇرۇق سوغاق، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىسىقنى ئالىدۇ، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئېغىز-بۇرۇندىكى جاراھەتنى داۋالايدۇ. ئىسسىقتىن بولغان قانلىق تولغاق، يرىڭلىق تولغاق، چىش ئاغىرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
دېمەك:قوغۇننىڭ ئۇرۇقىدىن تارتىپ شاپىقىغىچە بىباھا گۆھەر بولغاچقا، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى قوغۇن تېرىش، ئۆستۇرۇش، ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورا ئورنىدا ئىشلىتىشنى بىلگەن.
"ھاياتلىق" ژۇرنىلىدىن ئېلىندى(ئۇيغۇرلاردا تىبابەت تورى )
تەستىقلىغۇچى: چىن مودەن
|
ئۈمۈد يادىكار
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-15 11:57 |
| |