3.15 ئىستىمالچىلار ھوقۇقى كۈنى
ئىستىمالچىلار تۇرمۇش ئىستىمالى ئېھتىياجى ئۈچۈن تاۋار سىتۋالغاندا ،ياكى مۇلازىمەت قۇبۇل قىلغاندا تۈۋەندىكىدەك ھوقۇقلارغا ئىگە :
1 . ئىستىمالچىلار تاۋار سىتۋىلىش ، ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى قۇبۇل قىلىشتا جسمانىي ، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىماسلىق ھۇقوقىغا ئىگە .
2. ئىستىمالچىلار سىتۋالدىغان ،ئىشلىتىدىغان تاۋار ياكى قۇبۇل قىلدىغان مۇلازىمەتنىڭ ھەقىيقى ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
3. ئىستىمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە .
4. ئىستىمالچىلار ئادىل سودىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
5. ئىستىمالچىلار تاۋار سىتۋىلىش ، ئىشلىتىش ياكى ياكى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى قۇبۇل قىلىش سەۋەبىدىن ، جىسمانىي مال - مۈلۈك جەھەتتىن زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىغاندا ، قانۇن بۇيىچە تۆلەم ئىلىش ھوقۇقىغا ئىگە .
6. ئىستىمالچىلار قانۇن بۇيىچە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە .
7. ئىستىمالچىلار ئىستىمال ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر ساۋاتلارغا ئىرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە .
8. ئىستىمالچىلار تاۋار سىتۋىلىش ، ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەت قۇبۇل قىلىشتا ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت - ھۈرمىتى ، مىللىي ئۆرپ -ئادىتىگە ھۈرمەت قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە .
9 .ئىستىمالچىلار تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ھەم ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە .
<<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى >> نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىردىن ئىلىندى .