ئوماق چولپان-ئارافان بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 4382ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
al_zat
خاككىر  بىرلەشمىسى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26786
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 740
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە740دانە
شۆھرەت: 1316 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 282 نۇمۇر
ياخشى باھا: 156 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :342(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-02
ئاخىرقى :2008-08-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى

بۇ تىمىنى Juda نادىرلىدى(2008-07-02)

 



شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى



شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاستىسى.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى 1970-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان. 1986-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدىكى ئاڭلىتىشنى رەسمى سۇنئىي ھەمراھقا چىقىرىپ، ئىلىمىز بويىچە ئاڭلىتىشنى سۈنئىي ھەمراھقا چىقارغان تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى بولۇپ قالغان. 1993-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا ھەر كۈنى ۋاقىتقا بۆلۈپ 16سائەت ئاڭلىتىش بەرگەن، 1997-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان IAبەلگىلىك سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق رەقەملىك ئىخچاملاش تېخنىكىسىنى قوللانغان ۋە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدىكى پروگراممىلارنى چاستوتىلارغا بۆلۈپ سۈنئىي ھەمراھقا چىقارغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاستىسى بولغان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى باشتىن- ئاخىر توغرا جامائەتچىلىك يۈنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «نادىر سەھىپە ئىشلەش، كۆپلەپ نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش» نى خىزمەتنىڭ ئاساسىي مەخسىتى قىلدى. «ئەمىلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىش»نى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ فاڭجېنى قىلىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت خەلقىگە كۆپ خىل مول مەزمۇنلۇق پروگراممىلارنى سۇنۇپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.



قانال بەلگىسىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى






شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ بەلگىسىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى
ئىستانسا بەلگىسى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسنىڭ بەلگىسى ۋە سىمۋۇلى. تېلىۋىزورنى ئېچىپ تىزگىنەك ئارقىلىق قانال تاللىغاندا ئىكراننىڭ سول يوقىرى بۈرجىكىدە ھەرخىل بەلگىلەر چىقىدۇ، بۇ بەلگىلەر ھەر قايسى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسنىڭ ياكى كۆرسىتىدىغان قانالنىڭ بەلگىسى.

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ بەلگىسىنىڭ شەكلى مۇنداق: شىنجاڭ خېتىنىڭ ئېنگىلىزچە ھەرىپىنىڭ قىسقارتىلغان باش ھەرىپىH , J قىزىل، يېشىل ۋە كۆڭ رەڭدە ئىپادىلەنگەن، بۇ ئىستانىسىنىڭ ئۈچ ئاساسى رەڭگى، بەلگىدىكى j نىڭ ئۈستىدىكى قىزىل نۇقتا ئادەمنىڭ بېشىغا، ئاستىدىكىسى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئايالنىڭ قىياپىتىگە ، ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل، يېشىل، كۆك ئاساسى رەڭلەردىن ھاسىل بولغان ئىلمەك ئەتلەس يىپەك كىيگەن ئايالنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغاندا چوڭ ئېچىلغان كۆڭلىكىنىڭ ئىتىكىگە ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇسسۇل ماكانى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار يەنە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىدىكى شىن دېگەن خەتنىڭ بىرىنچى ھەرپىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلار رايونى دىگەن مەنا سىڭدۈرۈلگەن. بەلگىدىكى شەكىل «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى»نىڭ ئاساسىي مەنىسىنىڭ ئىخچام ۋە مېغىزلىق ئىپادىلىنىشىدۇر.

مەنبە: شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى تورى





شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى



ئۇدا تۆت يىل جۇڭگو ئاخبارات ساھەسىدىكى ئالىي شان-شەرەپ «جۇڭگو ئاخبارات بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى»غا ئېرىشىش شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن تەبرىكلىگىدەك ئىش، شۇنداقلا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى. ئۇ جاپالىق قان-تەرنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا كۆرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىق ۋە مول ئەمەلىي كۈچنىڭ سىمۋۇلىدۇر. «تۆت ئالىي شەرەپ» نىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئىلىمىزنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى كەسپداشلىرىمىزغا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگىدەك يوقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلغانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرۇدىغان بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزدە ئەستايىدىل خۇلاسىلاشقا ئەرزىيدىغان بىر قانچە نۇقتا بار.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى» بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدە ئالدى بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئاخبارات تەشۋىقاتىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى قىلدى. پارتىيىنىڭ ئاخبارات، جامائەت پىكىرى ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر قانچە يىلدا باشتىن- ئاخىر جامائەت پىكىرى يۈنىلىشىدە چىڭ تۇردى. «ئۈچكە يېقىنلىشىش» نى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۆلچىمى قىلدى، داڭلىق ماركا يارىتىش، نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ نىشانى قىلدى. بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئاخبارات ساھەسىدە رىقابەت كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشتى. ئۆزىمىزنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، بۇنىڭ بىلەن قانداق يولدا مېڭىش كېرەك؟ تېلېۋىزىيىنىڭ نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىچىدىكى مۇھىم رولىنى قانداق قىلىپ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟ دېگەن مەسىلە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئستانىسىسى پارتكومىدىكىلەر داۋاملىق باش قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، خەلقنى تەربىيلەش، خەلققە مەدەت بېرىش، توغرا جامەئەتچىلىك پىكىرىدە چىڭ تۇرۇشتا بىز ئىزچىل قەتئىي بوشاشساق بولمايتتى ۋە قاراشتا ئازراقمۇ قايمۇقۇشقا بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تېلېۋىزىيە تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە يەنە داڭلىق ماركا يارىتىش ، نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىش ئېڭىنى تىكلىشىمىز كېرەك ئىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئىلىمىزدە مەركىزىي تېلېۋىزيە ئىستانىسىسىدىن قالسىلا 12قانال بايلىقىغا ئېگە تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى بولۇپ ، ئويغۇرچە ، خەنزۇچە، قازاقچە ئاڭلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئېگە . بىراق ئەگەر يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بولمىسا ،نادىر ئەسەر بولمىسا تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر پروگراممىلارنى قىزىقىپ كۆرمەيدۇ، ئىجابى جامائەت پىكىرى رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولمايدۇ، ياخشى تەشۋىقات ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانىسسىنى ئىچكى جايلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىغا سېلىشتۇرغاندا مەبلەغ، ئۈسكىنە، خادىم جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار، ھالبۇكى ھەر مىللەت مۇخبىر، مۇھەررىرلەرنىڭ داڭلىق ماركا يارىتىش ، نادىر ئەسەر يارىتىش ئىرادىسى قىلچە بوشاشمىدى، ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا داڭلىق ماركا يارىتىش ئىرادىمىزنى ئۆزگەرتمىدۇق، ھەرقانداق توسالغۇلارنىڭ ئالدىدا نادىر ئەسەر يارىتىش قۇرۇلۇشىمىزنى توختاتمىدۇق، ئىستانىسىمىزدىكى بارلىق كۈچلەرنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، داڭلىق ماركا يارىتىشنى چۆرىدەپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. لايىھە پىلانلىرىنى بىكىتىش، تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش، خادىملارنى تەڭشەش، ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ، مىخانىزىمنى ئەلالاشتۇرۇشقىچە ئىلىمىزنىڭ ئالي مۇكاپاتىنى قولۈا كەلتۈرۈش ئۆلچىمىنى بىكىتتۇق، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىش خىزمىتىدە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش باشقۇرۇش ئەندىزىسى بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ تۆت ئالىي مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈشىنى يەنە كۆپ يىللىق قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە ئىزچىل ئالغا بېسىش ، بوشاشماي تىرىشىش يولىدا بارلىققا كەلگەن مۇقەررەر نەتىجە دېيىشكە بولىدۇ.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسنىڭ تۆت ئالىي مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىغا باي خىزمەتچىلەر قوشۇنىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەلالىقنى قولغا كەلتۈرۈش دېگەن سۆزھەرگىز قۇرۇق سۆز ئەمەس. نادىر ئەسەرلەرنى ئادەم يارىتىدۇ. خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتمىغاندا نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىدىغان مۇنەۋۋەر قوشۇننى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق تەدبىرمۇ قەغەز يۈزىدىلا قالىدۇ. يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ھەرمىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئاخبارات خىزمىتىدە «ئاممىغا، تۇرمۇشقا، ئەمىلىيەتكە يېقىنلىشىش» تەربىيىسىنى كۈچەيتىشىگە، كۆپچىلىكنى خىزمىتىنى سۆيىدىغان ، توغرا مەسئۇلىيەت قارىشى تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق كۆپچىلىكنى داڭلىق ماركا مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىشقا يېتەكلەش، نادىر ئەسەر يارىتىش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.كەڭ خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش، چىقىرىش چارىسىنى قوللىنىپ، نۇرغۇن پۇرسەتلەر ئارقىلىق رايۇنىمىز ئىچى ۋە تېشىدىن نۇرغۇن مۇتەخەسىس، ئالىملارنى ۋە كەسپداشلارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئىستانسا، بۆلۈمنىڭ خىزمەتلىرىنى چىقىش قىلىپ، ئۇنىۋېرسال مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاپ، تەھلىل قىلدۇق، ئۆز ئارا ئۆگەندۇق ۋە ئالماشتۇردۇق. قاناللار، پروگرامما ئىشلەش ئورۇنلىرى قەرەللىك ھالدا غۇللۇق خادىملارنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى ۋە باشقا ئۆلكىلەرنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسلىرىغا كەسپى تەربىيلەشكە ئېۋەتىپ، ھەر قايسى جەھەتتىن يېڭى ئىدىيە ۋە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيتىگە ئېگە قىلدۇق.

«يولۋاس ئۇۋىسىغا كىرمىگۈچە يولۋاس بالىسىنى تۇتقىلى بولماس» دېگەن سۆز بار. كۆپ يىللىق ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەلىيتى ئىسپاتلىدىكى ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي ئىشلەش روھى بولمىغاندا ھەرقانچە ياخشى ئاڭ ۋە پىلان بولغان بىلەنمۇ نادىر ئەسەر ياراتقىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ياشلارنى ئاساس قىلغان تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرى قوشۇنىدا كۆتىرەڭگۈ روھ بولغان بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۆزىنى چېنىقتۇرىدىغان ئەمىلىي روھ بولۇش كېرەك. ياخشى پروگرامما ماتىرىيالى، مول يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى، ياخشى تەپەككۈر ۋە مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولغاندىلا داڭلىق ماركىلىق مەخسۇس سەھىپە ياراتقىلى، نادىر پروگرامما ئىشلەشنىڭ ئۇنىۋېرسال شەرتىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ تۆت ئالىي شەرەپنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يەنە ئىستانسىسىدىكى ھەر مىللەت تىلىدىكى پروگرامما ئىشلىگۈچى بۆلۈملەر ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش ۋە قوللاشقا، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدىكى 12قانالنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا پايدىلىق.شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئىلىمىزدىكى بىردىن بىر ئۈچ خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان ئىستانسا. كۆپ يىلدىن بۇيان، مەيلى تۈزۈلمىدە قانداقلا ئۆزگىرىش بولسۇن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ پروگراممىلىرى ئىزچىل ئۈچ خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىش تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇردى. شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن بولغاچقا، تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشى زۈرۈر. نۇرغۇن ئەمىلىيەتلەر ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ياخشى تۈزۈم ، ياخشى پىلان بولغاندىلا مەيلى قانداق تىلدىكى پروگراممىنى ئىشلەشتە بولسۇن نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. پروگرامما ئىشلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرنىڭ جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. كۆپچىلىك بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىسا، ئۆز ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. پروگراممىنىڭ تېمىسىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، مەزمۇن ۋە شەكىلدە بىرلىككە كېلەلەيدۇ، نادىر ئەسەر يارىتىشقا ئاساس سالالايدۇ ۋە ئاساسنى پۇختىلىيالايدۇ.

يېقىنقى يىللاردا، ئىلىمىز مىقياسىدا تېلىۋىزىيە نۇمۇرلىرىنى باھالاشتا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ٪50كە يېقىن ئاز سانلىق مىللەت پروگراممىلىرى بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپۈنچىلىرى ئويغۇر ، قازاق خىزمەتچىلەر ئىشلىگەن پروگراممىلار. بەزى چوڭ تېمىلار،چوڭ پروگراممىلارنى ئىشلەشتە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى بىر تۇتاش قومانداقلىق قىلىش، ئۈچ خىل تىلدا ئىشلەيدىغان خادىملار بىرلىكتە پىلانلاش، ئەڭ ياخشى لايىھىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق داڭلىق ماركا ۋە نادىر ئەسەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

دەۋر نادىر ئەسەرلەرنى تەلەپ قىلماقتا. دەۋر نادىر ئەسەرلەرگە ئېھتىياجلىق بولماقتا. تېلېۋىزىيە دۇنياسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزلۈكسىز يوقىرى كۆتىرىلىشگە ئەگىشىپ كىشىلەر داڭلىق ماركىلىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس سەھىپىلىرى ، نادىر تېلىۋىزىيە نۇمۇرلىرىغا قارىتا تېخىمۇ يوقىرى تەلەپ ۋە ئۈمىدلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. داڭلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ، نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ ، كەلگۈسىدىمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق ئىزدىنىشى، تىرىشىپ كۆرەش قىلىش نىشانى.

مەنبە: شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى تورى




xjtv-1ھەققىدە


2007- يىلى 1-ئاپرىلدىن باشلاپ شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلدى . پروگراممىلارنىڭ كۈندىلىك يېڭىلىنىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى . « جەمئىيەت ئۇچۇرلىرى » ، « يىپەك يولىدىكى يېڭىلىقلار » ، « دېھقان ، چارۋىچىلار دوستى » قاتارلىق كۈندىلىك مەخسۇس پروگراممىلار كۆرسىتىلىشكە باشلىدى . كۈندە يېڭىسى كۆرسىتىلىدىغان مەسلىھەت بېرىش خارەكتىرىدىكى « خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى » ، « بايلىق مەسلىھەتچىسى» ، « مالىيە – ئىقتىساد ئۇچۇلىرى » قاتارلىق پروگراممىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ببېيجىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھەپتە ئاخىرىسىدا كۆرسىتىلىدىغان ئونۋېرسال سەنئەت خارەكتىرىدىكى پروگراممىلاردىن «گۈل نىمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىل» ، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىدىكى پروگراممىلاردىن « كۆڭۈل ئېچىش ئۆرنەكلىرى » ، ھۆججەتلىك فىلىملەردىن « جىددىي قۇتقۇزۇش » ، « مۇخبىرلار تەكشۈرۈشى » ، « مىڭ بىر كېچە » ، « يىپەك يولىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت » قاتارلىق پروگراممىلار 2007- يىلى تېلېۋىزىيە ئېكرانىغا يېڭى تۈس بېغىشلىدى .

بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، كەڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلەر يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ ، تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ نورمال قانات يايدۇرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستانسا چۈشۈرگەن تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ ، فىلىم ئىشلىگۈچى خادىملار سىياسى ئىدىيە ۋە كەسپى جەھەتلەردىن زور دەرىجىدە ئىلگىرلىدى . ئىلگىر – كېيىن بولۇپ 62 پارچە تېلېۋىزىيە ئەسىرى مەملىكەت ۋە شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى . بۇنىڭ ئىچىدە «جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى» ، «جۇڭگو رادىئو - تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى» ، «ئالتۇن بۈرگۈت مۇكاپاتى» ، «تۇلپار مۇكاپاتى»، «يۇلتۇز مۇكاپاتى» ،«ھەسەن – ھۈسەن مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلار بار . يەنە ئىككى پارچە تېلېۋىزىيە ئەسىرى خەلقئارادا مۇكاپاتلاندى .

قويۇلىدىغان پروگىراممىلار:

« گۈل نىمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىل »پروگراممىسى


ئىلگىرى تەيۋەن رايونى ، شاڭخەي شەرق سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ « شەرق ئاسمىنىدىكى يۇلتۇز » ، يۇلتۇزلۇق ئاسمان سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ « يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى ئۇسسۇل چولپىنى » قاتارلىق پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەن داڭلىق رىياسەتچى ساۋچىتەي شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى 1- قانىلىنىڭ پروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى پروگرامما « گۈل نىمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىل »غا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ .
بۇ سەھىپە كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى نىكاھ ، مۇھەببەت قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ، باشقىلار بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ، پروگراممىدا ئەنئەنىۋى شەكىل بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ ، بىر قىز مېھمان يەنى گۈل مەركەز قىلىنىپ ، پروگراممىغا قاتناشقان 6 ماھىرغا ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەش ، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇسىتى ھازىرلاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا گۈلنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ .
كۆرسىتىلىش ۋاقتى- شەنبە سائەت 19:32 دە تۇنجى قېتىم ، شەنبە تەكرار كۆرسىتىلىدۇ
.


« مۇخبىرلار تەكشۈرۈشى » پروگراممىسى توغرىسىدا

ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كۈزۈتۈپ ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدا كىشىلەر يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ئوبېيكتىپ ھەل قىلىش- بۇ پروگراممىنىڭ تۈپ مەقسىدى . ۋەقەلىكى مۇرەككەپ ھىكايىلەر بۇ سەھىپىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى . مۇخبىرلار قەدەممۇ – قەدەم يېقىنلىشىش شەكلى بىلەن ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان . كىشىلەرنى جەلپ قىلىش سەھىپىنىڭ زۆرۈر ئامىلى . بۇ پروگراممىدا ئاممىباپ تىل بىلەن ئالاھىدە ئۇسلۇپ يارىتىلغان .
سەھىپىدە خەۋەر قىلىنىدىغىنى پەقەت ۋەقەلىكلا ئەمەس بەلكى ، ھەقىقىي ئەھۋال . ۋەقەلىك ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋال ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ . ۋەقەنى سۆزلەش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانى چۈشەندۈرۈلىدۇ . مۇخبىرلار تەكشۈرۈشى پروگراممىسىدا مەلۇم بىر خىل قىياس ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، ئاندىن بۇ قىياسنى دەلىللەش ئارقىلىق ، شۇ خىل قىياس توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى – بايار .
يەكشەنبە كۈنى سائەت 21:55 دە تۇنجى قېتىم ، چارشەنبە كۈنى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .

« يىپەك يولىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت » پروگراممىسى


بۇ شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدىغان سەنئەت پروگراممىسى . ۋاقتى 45 مىنۇت . بۇنىڭدا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ، ئۇلار ياشايدىغان جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى تەسۋىرلىنىپ ، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرۈپ – ئادەت ، ئۆزگىچە ناخشا – ئۇسسۇل ، قىزىقارلىق ۋەقەلىك ئارقىلىق ، شنىجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسسۇلى نامايەن قىلىنىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى – ۋاڭ فاڭ .تېلىفۇن نومۇرى : 2562656 ، 13999289860
كۆرسىتىلىش ۋاقتى – شەمبە كۈنى 21:55 دە تۇنجى قېتىم ، پەيشەمبە كۈنى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.


دېھقان ، چارۋىچىلار يېڭى زىمىنى » پروگراممىسى




« دېھقان ، چارۋىچىلار يېڭى زىمىنى » پروگراممىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۈكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش تەلىۋىگە ئاساسەن ، دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ، بېيىتىش ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ئاساسىي تېمىسىنى يېقىندىن چۆرىدەپ دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ، بېيىشىغا يېڭى يوللارنى كۆرسەتتى . دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭ ئەمىلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ ، شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدا ئالاقە كۆۋرۈگى بولدى .
بۇ پروگراممىدا يورۇق نۇقتا رىياسەتچىلەر بولۇپ ، رىياسەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىككى ياش رىياسەتچى بار . بۇلاردىن باشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان رىياسەتچى – «قىزىقچى مەھەممەد تاغا »، «ئۇماق ھاماقەت قىز » بار بولۇپ ، ئۇلار بىرلىكتە شوخ شەكىل بىلەن تاماشىبىنلارغا يېزا -بازارلارنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى – ليۇ خوڭ . تېلىفۇن نومۇرى : 2561228 ، 13609990070
كۆرسىتىلىدىغان ۋاقتى – دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ھەر كۈنى سائەت 14:30دا ، يەنە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .



«ھەقىقىي دۇنيا»پروگراممىسى





« ھەقىقىي دۇنيا » ھۆججەتلىك فىلىم خارەكتىرىدىكى پروگرامما . بۇنىڭدا جەمئىيەت ، تارىخ ، تەبىئەت قاتارلىق مەزمونلاردا ئىشلەنگەن مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىملەر كۆرسۈتۈلىدۇ . 2000- يىلىدىن باشلاپ كۆرسۈتۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان ، ھازىرغىچە 350 قىسىم كۆرسىتىلدى . فىلىم «ئەمەلىي ، ھەقىقىي» بولۇشنى ئاساس قىلغان . ھەمكارلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىملەرنى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر ئالدىدا نامايەن قىلىدۇ . شىنجاڭدا ئىشلەنگەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىملەر كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . « ھەقىقىي دۇنيا » سەھىپىسىدە مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تېمىلار تاللىنىپ ، بىر قەدەر كۈچلۈك مەدەنىيەت تۈسىگە ، ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە مەزمونلار تېلېۋىزور كۆرگۈزىلەرگە سۇنىلىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى – نې شياڭچېن. تېلىفۇن نومۇرى : 2571975 ، 13609938331
كۆرسىتىلىش ۋاقتى : پەيشەمبە كۈنى سائەت 17:15 دە تۇنجى كۆرسىتىلىدۇ . جۈمە كۈنى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .



«جەمئىيەت ئۇچۇرلىرى» پروگراممىسى






« جەمئىيەت ئۇچۇرلىرى » پروگراممىسى ھەر كۈنى كۆرسىتىلىدىغان ئىجتىمائىي تۈردىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى . بۇ پروگراممدا مەزمون ئەنئەنىۋى پروگراممىلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىل ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەيدان ، تېخىمۇ جانلىق تىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ھەر كۈنى 15 مىنۇت ھىكايە سۆزلىنىدۇ .
خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ئىپادىلەش بۇ پروگراممىنىڭ ئالاھىدىلىكى . بۇ پروگراممدا تۇرمۇش كۈزىتىلىپ ، تۇرمۇش ئەمىلىيىتى سۆزلىنىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلە ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى – تەن مىن . تېلىفۇن نومۇرى: 2552549 ، 13209982008
كۆرسىتىلىش ۋاقتى - دۈشەمبىدىن جۈمەگىچە سائەت 21:55 دە تۇنجى قېتىم ، دۈشەمبىدىن جۈمەگىچە تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .


«يىپەك يولىدىكى يېڭىلىقلار» پروگراممىسى





بۇ شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدىغان سەنئەت پروگراممىسى . ۋاقتى 45 مىنۇت . بۇنىڭدا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ، ئۇلار ياشايدىغان جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى تەسۋىرلىنىپ ، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرۈپ – ئادەت ، ئۆزگىچە ناخشا – ئۇسسۇل ، قىزىقارلىق ۋەقەلىك ئارقىلىق ، شنىجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسسۇلى نامايەن قىلىنىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى – ۋاڭ فاڭ .تېلىفۇن نومۇرى : 2562656 ، 13999289860
كۆرسىتىلىش ۋاقتى – شەمبە كۈنى 21:55 دە تۇنجى قېتىم ، پەيشەمبە كۈنى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .
« يىپەك يولىدىكى يېڭىلىقلار » پروگراممىسى توغرىسىدا :
بۇ پروگراممىدا يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت يېڭى نۇقتىلاردىن ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ . شىنجاڭدا نۇرغۇن سىرلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار . مەسىلەن : ئالتاينىڭ چىڭگىل ناھىيىسىدىكى غەلىتە تاشلار ، كۆكتوقاي ناھىيىسى تاش غارىدىكى سىرلىق سۆرەتلەر ، قابا ناھىيىسى دوگات تاش غارىدىكى تارىختىن ئىلگىرىكى ئۇچقۇ ھەققىدىكى تاش سۈرەتلەر ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى سىرلىق ئۇچ بۇرجەك ۋە تارىخىي ھۆججەتلەردە قەيت قىلىنغان بىر كۆزلۈك ئادەم قاتارلىق ئېچىلمىغان سىرلار . شىنجاڭدىكى تەبىئەت سىرلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ .
« يىپەك يولىدىكى يېڭىلىقلار » پروگراممىسىدا خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى قەدىمىي رىۋايەتلەر ، سىرلىق يەرلەر ، تەبىئىي مەنزىرىلەر ، غەلىتە ھايۋانلار قاتارلىق كۆپ خىل سىرلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرى توغرىلىق چۈشەنچە بېرىلىدۇ . ئەل ئارىسىدا تارقالغان جانلىق ، تەسىرلىك ھىكايىلەر ئارقىلىق غەربىي رايوننىڭ مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنىدۇ . بۇ پروگراممىدا ھەر كۈنى 15 مىنۇت ئاجايىپ سىرلىق ھىكايىلەر سۆزلىنىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى- شۈ شياۋجۈەن . تېلىفۇن نومۇرى:2502296 13899860528
دۈشەمبىدىن چۈمەگىچە ھەر كۈنى سائەت 22:10 دا تۇنجى قېتىم دۈشەمبىدىن جۈمەگىچە تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .


«
مالىيە C ئىقتىساد لىنىيىسى» پروگراممىسى





بۇ پروگرامما سىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى « شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى » ، جۇڭگو ئاكسىيە تورى بىلەن بىرلىشىپ باشقۇرغان پروگرامما . بۇ پروگراممىدا « شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى » نىڭ مالىيە – ئىقتىساد ساھەسىدىكى نوپوزى ، تارقاتقان خەۋەرلىرىنىڭ توغرىلىقى ، تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىدەك ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئۆزگىچە كۆرۈش نۇقتىسى ۋە سەزگۈر بولغان كۈزۈتۈش كۈچى بىلەن پۈتۈن يەر شارىنىڭ مالىيە – ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر كۆرسىتلىدۇ . « شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى » شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىۋاستە قاراشلىق نۇقتىلىق گېزىت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك جەمئىيىتى ، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇچۇر ئاشكارىلاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇپ ، پۈتۈن مەملىكەتتە خەۋەر ئىشلەش تورى بار . بۇ گېزىت « مالىيە – ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى » سەھىپىسىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغان .
بۇ پروگراما دۈشەمبىدىن جۈمەگىچە ھەر كۈنى سائەت 7:00 دە ۋە 18:45 دە كۆرسىتىلىدۇ .


«خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى» پروگراممىسى





« خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى » پروگراممىسى مەۋقەنى خەلقئارا خەۋەرلەرگە قاراتقان بولۇپ ، خەلقئارا خەۋەرلەرنى تارقىتىش ۋە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشتا ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە . بۇ پروگرامما ئادەتتىكى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ خەلقئارا خەۋەرلەرگە بولغان قىزىقىشىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ، يەر شارى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ، تارقىتىش ۋە كېڭەيتىش مەركىزىگە ئايلانغان . بۇ سەھىپىدە خەلقئار خەۋەرلەر توغرىسىدىكى بىلىملەر ئومومىلاشتۇرۇلىدۇ .
« خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى » پروگراممىسى خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرسىتىش ۋە باھا بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان . رىياسەتچى خەۋەرلەرنى ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە خەۋەرلەرگە باھا بېرىپ ، تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى خەۋەرلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشۈنۈشكە ، بۇ ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ماھاھىيىتىنى بىلىشكە يېتەكلەيدۇ .
دۈشەمبە ، چارشەمبە ، پەيشەمبە ، جۈمە كۈنلىرى سائەت 18:00 دە كۆرسىتىلىدۇ .


«جىددىي قۇتقۇزۇش» پروگراممىسى





بۇ شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ كۈندىلىك چوڭ تىپتىكى پروگراممىسى . بۇ پروگرامما جامائەت خەۋەپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ ئېچىلغان بولۇپ ، جامائەت خەۋەپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى كۈندۈلۈك ئوت ئۆچۈرۈش ئەھۋالىدىن ، ئەڭ يېڭى ئوت ئۆچۈرۈش يوشۇرۇن ئامىللىرىدىن ، ئوت ئۆچۈرۈش تەشۋىقاتىدىن مەلۇمات بېرىدۇ . ئاگاھلاندۇرۇش قىممىتىگە ئىگە دىلو ئەھۋاللىرى سۆزلىنىدۇ . ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىدىكى قەھرىمانلىق ھىكايىلىرى بايان قلىنىدۇ . پروگراممىنىڭ مەزمونى ئالاھىدە بولۇپ ، ٪80 سۆرەت ئوت ئۆچۈرۈش نەق مەيدانىدىن كۆرسىتىلىدۇ .
يەكشەنبە كۈنى سائەت 20:20 دە تۇنجى قېتىم ، دۈشەنبە كۈنى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .


«كۆڭۈل ئېچىش ئۆرنەكلىرى» پروگراممىسى





بۇ شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرىغا ئاساسەن دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى ئونۋېرسال خارەكتىرىدىكى پروگرامما .
ۋاقتى 50 مىنۇت . بۇ پروگرامما ئۆلكە دەرىجىلىك 30 نەچچە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىلىرىنى مەنبەئە قىلغان . جۇڭگودىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ، كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى پروگراممىلاردىن ئۆرنەك ئالغان ئاساستا ئىشلەنگەن . مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۇفۇرۈي ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ ھەپتىلىك سانلىق مەلۇماتىدا نوپۇزلۇق ئورۇنغا تىزىلغان . « كۆڭۈل ئېچىش ئۆرنەكلىرى » پروگراممىسىدا مەزمۇنلار ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش شەكلى top10 نىڭ شەكلى بويىچە رەتكە تىزىلىدۇ ، تېخىمۇ ئەستايىدىل رەتلىنىدۇ ،راڭلىق رىياسەتچى سۇنىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن تېخىمۇ جەلپكار تۈسكە كىرىدۇ .
يەكشەمبە سائەت 19:32 دە تۇنجى قېتىم ، جۈمە تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .


« بايلىق مەسلىھەتچىسى »پروگراممىسى

بۇ كەسپچانلىقى كۈچلۈك مالىيە – ئىقتىساد تۈرىدىكى پروگرامما . بۇ پروگراممىدا ئاساسلىقى شېنجېن – شاڭخەي پاي چېكى بازىرىنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالى كۆرسىتىلىدۇ . مۇشۇ ساھەدىكى زاتلار كەسپىي مەبلەغ سېلىش نەزىرى بىلەن پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىدۇ ھەم شېنجېن – شاڭخەي پاي چېكى بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى مۆلچەرلەپ ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ توغرا بولغان مەبلەغ سېلىش كۆز قارىشى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ . پاي چېكى بازىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا پۇرسەت ۋە خەۋپ – خەتەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگۈتىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى يى لى . تېلىفۇن نومۇرى : 2560449 13009675830 .
دۈشەمبىدىن جۈمەگىچە ئەتىگەن سائەت 8:00 دە كەچ سائەت 00:40 دە تۇنجى كۆرسىتىلىدۇ .


« مىڭ بىر كېچە » پروگراممىسى





20 نەچچە يىل ئىلگىرى « تۈن قاراڭغۇسىدىكى خاربىن » ناملىق فىلىم بىلەن داڭ چىقارغان ۋاڭ گاڭ ھازىر شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىدە « مىڭ بىر كېچە » پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ . بۇ پروگرامما 2007- يىلى 1- يانۋار كۆرسىتىلىشكە باشلىغان .
بۇ پروگرامما ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش تارىخىدا ئالتۇن دەۋر ياراتتى . مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . بۇ پروگرامما ھەر قايسى سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرىدا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ھەر كۈنى 1-2 قىسىم كۆرسىتىپ ، كىشىلەرنى تەقەززا قىلىۋېتىشتەك ئەھۋالغا قارىتا ، رىياسەتچىگە ئاڭلىتىش ئۆيىدە تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ھىكايىنى سۆزلىتىپ ، باشقىچە ئۈنۈم ياراتتى .
كۆرسىتىلىش ۋاقتى – دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە سائەت 19:32 دە تۇنجى كۆرسىتىلىدۇ .

مەنبە: شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى تورى.


Xjtv-2 ئاخبارات ئۇنىۋېرىسال قانىلىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى


Xjtv-2 خەۋەرلەرنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرىسال قانال بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز شۇنداقلا قوشنا ئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان سۈنئى ھەمراھ قانىلى. بۇ قانال ئىجتىمائى تەربىيە ۋە ئۇنىۋېرىسال سەنئەت تۈرىدىكى پروگىراممىلارنى ئىشلەشنى ئاساس قىلغان ئاخبارات ئۇنىۋېرىسال قانىلى.

بۇ قانال نوپۇزغا ۋە ئاممىباپلىققا ئىگە بولۇش، كۆپ خىل نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئإزىنىڭ پروگىرامما ئىشلەش ئۇسلۇبى قىلىپ، پروگىراممىلارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە مۇلازىمەت خارەكتىرىنى يۇقىرى كإتىرىپ، ئىجتىمائى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۆپ تەرەپلىمە خەۋەر قىلىپ، سۈنئى ھەمراھ قانىلىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇچۇر ئىگىلىشىدىكى ئاساسلىق يولى بولۇپ قالدى. بۇ قانالدا يەنە، يىلدا بىر قېتىم ئإتكۈزىلىدىغان قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى، روزا ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى، نورۇز سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرى ھەمدە «ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «پەن- مائارىپ»، «مۇنبەت تۇپراق»، «قانۇن ۋە پۇقرا»، «سەنئەت گۈلزارى»، «مەشرەپ»، «ناۋا» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پروگىراممىلار ئىشلىنىدۇ. قانىلىمىز كۆرۈش نىسبىتى جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە كۆرگىلى بولىدىغان 58 قانال (مەركىزىي تېلېزىيە ئىستانسىسىنىمۇ ئإز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىچىدە ئىزچىل ئالدىنقى 10 ئىستانسا قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا بولسا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بويىچە، پروگىراممىلىرىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى 1- لىكنى ساقلاپ كەلدى.

قويۇلىدىغان پروگىراممىلار:



ناۋا

«ناۋا» پروگىراممىسى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ ياشلارنىڭ ناخشا- مۇزىكا سەنئىتىنى سۈنئى ھەمراھ ئارقىلىق تەشۋىق قىلىدىغان بىردىن- بىر كإزنەك. بۇ پروگىرامما ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياش سەنئەت مايسىلىرىنى بايقاش، سەنئەت بايلىقلىرىنى قېزىپ چىقىشنى ئاساس قىلغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشلارنىڭ مىللىي ناخشا- ئۇسۇل مەدەنىيىتىنى جارىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپىنى چىقىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يۈزلىنىپ، ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى قويۇق، ئوخشىمىغان ئوسلۇبتىكى ناخشا- ئۇسۇل ۋە مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايەن قىلىدۇ. ناۋا پروگىراممىسىنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى يېڭى چولپانلارنى قېزىپ چىقىشى مەدەنىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.


سەنئەت گۈلزارى

«سەنئەت گۈلزارى» پروگىراممىسى ئەسلىدىكى «تەڭرىتاغ گۈلزارى» پروگىراممىسىغا ئإزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت سېپىدە مەيدانغا كەلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر، مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، كەڭ خەلق ئاممىسىغا مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسىدىكى يېڭى ھادىسە، يېڭىچە قاراش، يېڭىچە پىكىر، يېڭى ئۇسۇللارنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.
«سەنئەت گۈلزارى» پروگىراممىسىدا تۆۋەندىكىدەك 8 سەھىپە تەسىس قىلىنغان:
1. «سەنئەت بېغى » سەھىپىسىنىڭ ۋاقتى 10 مىنۇت ئەتىراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سەنئەت ئإمەكلىرى، سەنئەت سارايلىرى، سەنئەت مەكتەپلىرى ۋە سەنئەت تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق ئەدەبىيات- سەنئەت كوللىكتىپلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
2. « دىدار غەنىمەت» سەھىپىسىنىڭ ۋاقتى 8 مىنۇت بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى خەلق سەنئەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىدا كإرۈنەرلىك تإھپە ياراتقان سەنئەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
3. «غەزىنە» سەھىپىسىنىڭ ۋاقتى 5 مىنۇت ئەتىراپىدا بولۇپ، دإلەت ئىچى سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر كىلاسسىك ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ.
4. «مىراس» سەھىپىسىنىڭ ۋاقتى 7 مىنۇت ئەتىراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدا قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مەدەنىيەت مىراسلىرى، يەنى 12 مۇقام، مىللىي چالغۇلار، سەنئەت ئەسەرلىرى، ئەل ئىچى سەنئىتى قاتارلىق ئۆزگىچە مىللىي سەنئەت مىراسلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ.
5. «قەلب ساداسى» سەھىپىسىنىڭ ۋاقتى 5 مىنۇت، بۇنىڭدا تېلېۋىزىيە نەسىرى، تېلېۋىزىيە شېئىرلىرى كإرسىتىلىدۇ.
6. «سېغىنىش» سەھىپىسىنىڭ ۋاقتى 8 مىنۇت ئەتىراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدا ئالەمدىن ئإتكەن پىشقەدەم سەنئەتكارلارنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرى، خىزمەتداشلىرى، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ۋە ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
7. «سەنئەتكار ۋە ئىجادىيەت» سەھىپىسىنىڭ ۋاقتى 10 مىنۇت، بۇنىڭدا سإھبەت شەكلى ئارقىلىق، سەنئەت ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، يېڭى سەنئەت تۈرلىرى ئۈستىدە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
8. «ئەدەبىيات- سەنئەت ئۇچۇرلىرى» : ۋاقتى 3 مىنۇت، يېقىندا ئإتكۈزۈلگەن تۈرلۈك مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيەتلىرى خەۋەر قىلىنىدۇ.




ماقالە  داۋامى  بار.....

 

___ باشقۇرغۇچى : molla pok-pok تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-07-01

 

izlax.com
ئەلـزات  ئىمزاسى

| ۋاقتى : 2008-07-01 22:36 [باش يازما]
al_zat
خاككىر  بىرلەشمىسى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26786
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 740
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە740دانە
شۆھرەت: 1316 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 282 نۇمۇر
ياخشى باھا: 156 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :342(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-02
ئاخىرقى :2008-08-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قانۇن ۋە پۇقرا




قانۇن بىلىملىرىنى ئوموملاشتۇرۇش دإلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى قانۇن بىلەن زىچ باغلانغان. «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگىراممىسى چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى قامچىلاپ، قانۇن- تۈزۈم روھىنى جارىي قىلدۇرۇش، چوڭ دېلولار، مۇھىم دېلولارنى تەھلىل قىلىش، قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، پۇقرالارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا كإڭۈل بإلۈپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداشنى ئإزىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلغان بولۇپ، بىلىم بېرىش ۋە مۇلازىمەت خارەكتىرى بىلەن كإرۈشچانلىقنى بىر گەۋدە قىلغان. ھەر خىل دېلولار، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى قانۇن- تۈزۈمگە دائىر خەۋەرلەر، يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى سإزلەش ئارقىلىق، قانۇن بىلىملىرىنى ئوموملاشتۇرىدىغان ھەمدە كونكىرت دېلو مىساللىرى ئارقىلىق قانۇن بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى قانۇن ئإگىنىشكە، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا، قانۇندىن پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ قانۇن- تۈزۈم ئېڭىنىڭ يۇقىرى كإتۈرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان پروگىرامما. بۇ پروگىراممىدا تإۋەندىكىدەك سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان.
1. «دېلو تەھلىلى» سەھىپىسىدە، ئەمەلىي دېلو مىساللىرى، سوت مەيدانلىرى، تەھلىلچىلەرنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق، ئەمەلىي قانۇن بىلىملىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ.
2. «قانۇندىن مەسلىھەت» سەھىپىسىدە، ئاممىدىن كەلگەن خەت، ئۇچۇر ۋە پروگىرامما گۇرۇپپىسى ئىگىلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، شۇ مەزگىلدىكى گەۋدىلىك قانۇنىي مەسىلىلەرگە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىلىدۇ.
3. «قانۇن ئۇچۇرى» سەھىپىسىدە، شۇ مەزگىلدە يولغا قويۇلغان ياكى يېڭىدىن ئإزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن- نىزاملاردىن ئۇچۇر بېرىلىدۇ.
4. «ئەخلاققا نەزەر»: بۇ سەھىپىدە ئەخلاق ۋە قانۇن نۇقتىسى ئارقىلىق، ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى قانۇنغا ياتمايدىغان، ئەمما ئىجتىمائى كەيپىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەخلاق، ئإرپ- ئادەتكە ياتىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئەمەلىي دېلو تەھلىللىرى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ.
5. «پۇشايمان خاتىرىسى»: بۇ سەھىپە ئايدا بىر سان بولۇپ، تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئإتەۋاتقان جىنايەتچىلەرنىڭ پۇشايمىنى ۋە ئإكۈنىشى ئارقىلىق، كەڭ جامائەتچىلىكنى ئۇلاردىن ئىبرەت ئېلىش ۋە قانۇنىي ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە دەۋەت قىلىنىدۇ.
6. «ئاتا- ئانام بىلەن قانۇن ئإگىنىمەن» سەھىپىسى ئايدا بىر سان ئىشلىنىدىغان زېھىن سىناش تىپىدىكى ئالاھىدە سەھىپە بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىرلىكتە قانۇن ئإگىنىشى ئارقىلىق، پۈتكۈل جەمئىيەتنى قانۇن ئۈگىنىشكە يېتەكلەيدۇ.



ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار




«ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار» پروگىراممىسى ژورنال خارەكتىرلىك ئۇنىۋېرسال پروگىرامما بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، ئامما كإڭۈل بإلىدىغان تېمىلار خەۋەر قىلىنىدۇ، پروگىراممىنىڭ مەزمۇنى مول، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، چوڭ دائىرىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھإكۈمىتىنىڭ چوڭ سىياسەت، فاڭجىنلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كإلەمدىكى يىغىنلارنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش؛ كىچىك دائىرىدە ئەتىراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان، ئاۋام تۇرمۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان كىچىك ھىكايىلەر، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىغا چېتىشلىق ھەر خىل سىياسەت، ئۇچۇرلار، ھەر ساھەدىكى يېڭىلىقلار، تإھپىكارلارغا بۇ پروگىراممىدىن مۇناسىپ ئورۇن بېرىلگەن. بۇ پروگىرامما مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك باھالاشلاردا ئايرىم ھالدا 1-، 2- دەرىجىلىك مۇكۆپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، 2007- يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى نادىر تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا “مۇنەۋۋەر پروگىرامما“ مۇكۆپاتىغا ئېرىشكەن. «كىنوچىنىڭ ھىكايىسى» ناملىق ئەسىرى 2007- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 1- دەرىجىلىك ئاخبارات مۇكۆپاتىغا، مەملىكەتلىك 1- دەرىجىلىك مۇكۆپاتقا ئېرىشكەن. پروگىرامما رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا 2007- يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى نادىر تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك رىياسەتچىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار» پروگىراممىسىدا تإۋەندىكىدەك سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان:
1. «جەلپكار نۇقتا» سەھىپىسىدە، مۇخبىرنىڭ ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىش شەكلى ئارقىلىق، قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.
2. «تەڭرىتاغ پەرزەنتى» سەھىپىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسپلىرىدە كإرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان، باشلامچىلىق رولىغا ئىگە بولغان ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
3. «تەڭرىتاغ ئەتىراپلىرىدا» سەھىپىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلىرى ۋە يېزا- كەنتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە بۇ جەرياندا بارلىققا كەلگەن ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلار بايان قىلىنىدۇ.
4. «ئاياللار دۇنياسى»: ئاياللار خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك ئۇچۇر ۋە ساۋاتلار كۆرسىتىلىدۇ، ھەر ساھە، ھەر كەسپلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان مۇنەۋۋەر ئاياللارنىڭ ئىش- ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
5. «ئالتۇن كۈز» سەھىپىسىدە، ياشانغانلار تۇرمۇشى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.
6. «ساياھەت كۆرسەتمىسى»: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ساياھەت نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
7. «ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەت» : بۇ سەھىپە مەخسۇس ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خۇسۇسىي كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.
8. «تۇرمۇش خاتىرىسى» سەھىپىسىدە، ئاددىي ئاۋام تۇرمۇشىدىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان، كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھىكايىلەر ھۆججەتلىك فىلىم
شەكلىدە كۆرسىتىلىدۇ.


كۆڭۈلدىكى سۆز




«كۆڭۈلدىكى سۆز » پروگىراممىسى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇر تىلىدا تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان ئىجتىمائى تەربىيە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت پروگىراممىسى بولۇپ، ئاساسلىقى نۆۋەتتە جەمئىيەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تۈرلۈك ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشى بويىچە يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكىتىمىز ئىچى- سىرتىدا زور تەسىر كۆرسەتكەن، ھەر ساھەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى، كىشىلىك قاراشلىرى، جەمئىيەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى، ھەمدە نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىز ئەڭ مۇھتاج بولۇۋاتقان پىسخىكا ۋە پىسخىك ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك ئۆتكۈر مۇلاھىزىلەر، ئاۋام تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان ئەڭ كىچىك ھىكايىلەر تەسىرلىك تۇرمۇش دېتاللىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە توغرا بولغان نىشان كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ پروگىرامما يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇدا 9 نۆۋەت مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى نادىر تېلېۋىزىيە پروگىراممىلىرىنى باھالاشتا 1-، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ پروگىراممىنىڭ رىياسەتچىسى ئۈمىد غەنى ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەت بويىچە 100 مۇنەۋۋەر رىياسەتچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بىردىن- بىر تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى.


مۇنبەت تۇپراق




«مۇنبەت تۇپراق» پروگىراممىسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا يۈزلەنگەن پروگىرامما بولۇپ، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتى، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلىرى ئارىسىدىكى باشلامچىلار، بېيىش ماھىرلىرىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرى ۋە ئىش- ئىزلىرى، شۇنداقلا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك تېخنىكىلىرى قاتارلىق پەننىي بىلىملەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. بۇ پروگىرامما 2006- يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى نادىر تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «مۇنەۋۋەر پروگىرامما» مۇكۆپاتىغا ئېرىشكەن.
«مۇنبەت تۇپراق» پروگىراممىسىدا تۆۋەندىكىدەك سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان:
1. «يېزىلاردا يېڭىلىق» سەھىپىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگۈرۈشلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.
2. «سىياسەت ۋە ئۇچۇر» سەھىپىسىدە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە دائىر يېڭى سىياسەت، قانۇن- نىزام ۋە يېڭى تەدبىرلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ.
3. «دېھقاننىڭ يۈرەك سۆزى»: بۇ سەھىپىدە، دېھقانلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قەلب ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.
4. «بېيىش يولى» سەھىپىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەشتىكى پايدىلىق تەدبىر ۋە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، كەڭ دېھقان- چارۋىچىلارغا بېيىتىشتىكى كەڭرى يوللار كإرسىتىپ بېرىلىدۇ.
5. «دېھقان- چارۋىچىلارغا مەسلىھەت»: دېھقان- چارۋىچىلارغا باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىككە دائىر ئىلغار تېخنىكىلار ۋە يېڭى بىلىملەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.
6. «يېڭى سورت» سەھىپىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق يېڭى سورتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
7. «بازار ئۇچۇرى»: بۇ سەھىپىدە، دېھقان- چارۋىچىلارنى بازار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى بازارلارنى چۈشىنىش، بازارنىڭ تەلىپىگە قاراپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
8. «خۇش پۇراق گۈللەر» سەھىپىسىدە، ئالدىن بېيىغان دېھقان- چارۋىچىلار ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنى بېيىشقا يېتەكلىگەن مۇنەۋۋەر پارتىيە ياچېيكىلىرى، پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
9. «دېھقانلار شادلىقى»: يېزىلاردىكى ئەھمىيەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ.


پەن- مائارىپ




«پەن- مائارىپ» پروگىراممىسى «دۆلەتنى پەن- مائارىپقا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش» ئىستراتىگىيىلىك فاڭجىنى ۋە يېڭى دەۋردىكى سوتسىيالىستىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكىغا دائىر فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، سەھىيە ساھەسىدىكى يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى يورۇتۇپ، كەڭ پەن- تېخنىكا خادىملىرىمىزنىڭ ئىزدىنىش روھى ۋە پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيىنىڭ دإلەتنى پەن- مائارىپقا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش فاڭجىنىغا بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. «پەن- مائارىپ» پروگىراممىسىنىڭ «دۇنيادا بىرلا تارىم بار» ناملىق ئەسىرى 2007- يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى نادىر تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

«پەن- مائارىپ» پروگىراممىسىدا تإۋەندىكىدەك سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان:

1. «ئوقۇتۇش مۇنبىرى» سەھىپىسىدە، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھى بويىچە ئۆتۈلگەن ئەھمىيەتلىك دەرسلەر ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر، شۇنداقلا يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

2.«پەن- تېخنىكا مۇنبىرى» سەھىپىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى، تەتقىقات تېمىلىرى، شۇنداقلا بۇ تۈرلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

3. «رىقابەت مۇنبىرى» سەھىپىسىدە، كارخانىلارنىڭ پەن- تېخنىكا ۋە سۈپەت رىقابىتى، ستودېنتلار ئىشقا ئورۇنلىشىشتا دۇچ كېلىدىغان ۋە كېلىۋاتقان رىقابەت قاتارلىقلار تەھلىل قىلىنىدۇ، ۋە بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.

4. «ساغلاملىق مۇنبىرى»: بۇ سەھىپىدە سەھىيە ساھەسىدىكى يېڭى ئۈسكۈنىلەر، يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى، قىيىن، مۇرەككەپ ئوپىراتسىيىلەر، دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيىسى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.

5. «تۆھپىكارلىرىمىز» سەھىپىسىدە، پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار، ئالىي مەكتەپلەردىكى دوكتۇر، مۇتەخەسسىسلەر، ئۆز كەسپىدە تۆھپە ياراتقان، شۇنداقلا جاپالىق شارائىتلاردىمۇ كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۈن- تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاغا چىداش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

6. «مەكتەپ مۇدىرلىرى نىمە دەيدۇ» سەھىپىسىدە، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇش- ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قاراشلىرى،ئومۇملاشتۇتۇش مۇنكىنچىلىكى زور بولغان تەجرىبىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

7. «قىزىق نۇقتا»: مائارىپتىكى ئەڭ كىچىك نۇقتىلاردىن پەن- تېخنىكا، سەھىيە ساھەسىدىكى چوڭ يۈزلىنىشلەرگىچە، ھەتتا جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشتىكى كىشىلەر قىزىقىدىغان، كۆڭۈل بإلىدىغان مەسىلىلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.

8. «كىتاب ھەققىدە پاراڭ» ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ،جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىر قوزغىغان كىتابلارنىڭ مەزمۇنى، جەمئىيەتتىكى تەسىرى، ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىكى رولى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.

9. «پەن- مائارىپ ئۇچۇرى»: پەن- مائارىپقا دائىر ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بېرىلىدۇ.

10. «مەنمۇ دەپ باقاي» سەھىپىسىدە، كىشىلەرنىڭ پەن- مائارىپ ساھەسىدىكى ئوخشاش بىر مەسىلىگە بولغان ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى سإھبەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

11.«تەبىئەتكە نەزەر» سەھىپىسىدە، ھەر خىل تەبىئى ئىكولوگىيىلىك ھادىسىلەر، تەبىئەت ھادىسىلىرى، مۇھىت مەسىلىلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبىئەت بىلىملىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.



xjtv-3 ھەققىدە


بۇ قانال 2002-يىلى 1-ئايدا تەسىس قىلىنغان.ئۇنىڭ قارىمىغىدا 3بولۈم ،ئىككى گۇرۇپپا ،يەنى قازاق تەھرىر بۆلۈمى،ئىجتىمائى تەربىيەبۆلۈمى،سەنئەت بۆلۈمى،ئۇنۋىرىسال باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى،تېخنىكا باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى بار. بۇ قانالدا جەمئى 78 ئادەم بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئالى ئۇنۋان ئالغانلار 11كىشى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالغانلار 32كىشى بولۇپ ئوتتۇرا دەرىجىدىن يوقىرى ئۇنۋان ئالغانلار ٪56نى ئىگىلەيدۇ.بۇ قانالنىڭ قازاق تەھرىر بۆلۈمى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلقئارا خەۋەرلەر،جاھاندىكى ئىشلار قاتارلىق بەش پروگراممىنى تەرجىمە قىلىدۇ.ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن كۈندۈلۈك تەرجىمە قىلىپ كۆرسۈتۈش ۋاقتى 83 مىنۇت.قانالنىڭ ئۆزى باشقۇرغان «شالقار»،«شاراپەت»،«يېزا-قىشلاقلىرىمىزدا » قاتارلىق ئىجتىمائى تەربىيە ،سەنئەت تۈرىدىكى يەتتە سەھىپىسى بار.بۇ قانالنىڭ تەرجىمە قىلغان ۋە ئۆزى باشقۇرغان پروگراممىلىرى ھەر يىلى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. بۇ قانال-تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان،ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىدىغان كوللىكتىپ.

قويۇلىدىغان پروگىراممىلار:
«شالقار»پرگراممىسى


بۇنىڭداپارتىيىنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ.دەۋرنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ قازاق خەلقىنىڭ ئىقتىسات،مەدەنىيەت،تۇرمۇش ئەھۋالى بايان قىلىنىدۇ.ئاساسلىغى ئاساسى قاتلامغا يۈزلىنىپ ئاممىغا ھەر خىل ئۇچۇرلار يەتكۈزىلىدۇ.ئىلغار ئىدىيە ۋە ئىلمى باشقۇرۇش ئۇقۇمى تەشۋىق قىلىنىدۇ.پەن-تېخنكا،مەدەنىيەت مائارىپ بىلىملىرى ۋە يېزا قىشلاقلاردىكى ئىقتىسادى ئۆزگىرىشلەر سۆزلىنىدۇ.نادىر مىللى مەدەنىيەت ۋە مىللى ئەنئەنە جارى قىلدۇرىلىدۇ.ھەر ساھە-ھەر كەسپتىكى يېڭىلىقلار بايان قىلىنىدۇ.
بۇنىڭ قارىمىغىدا «جەمىيەت ۋە تۇرمۇش» ،«دەۋر خىسلىتى»قاتارلىق سەھىپىلەر بار.
فىلىم ئىشلىگۈچى:مىلات،تېلېفون:2560085.
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى:پەيشەنبە 22 دىن 05 تە رەسمى،جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە تەكرار كۆرسۈتىلىدۇ
.

«يېزا قىشلاقلىرىمىزدا » پروگراممىسى


بۇنىڭدا ئاساسلىغى دېھقان چارۋىچىلارغا پارتىيىنىڭ فاڭجېىن سىياسەتلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ،پەن تېخنىكا بىلىملىرى تۇنۇشتۇرىلىدۇ،ئىلمى تېرىقچىلىق،باقمىچىلىق تەجرىبىلىرى ۋە بېيىش يوللىرى تۇنۇشتۇرىلىدۇ.يېزا قىشلاقلاردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر،يېڭى ئادەم-يېڭى ئىشلار ،ئىلغارلارنىڭ نەمۇنىلىك ئىشلىرى بايان قىلىنىدۇ،ئىلغارلارنى ۋە بېيىغانلارنى تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق دېھقان چارۋىچىلارنى بېيىش يولىغا يىتەكلەيدۇ.
بۇنىڭ قارىمىغىدا «ئاۋۇل مەنزىرىسى»،«يېزا پەن تېخنىكىسى»، «يېزا قىشلاق بازار ئۇچۇرى»،«سەھرا تۇرمۇشى»،«يېزىغا نەزەر» «تاماشىبىنلار خەت ساندۇغى »،«تېرىقچىلىق –باقمىچىلىق تېخنىكىسى»،«زەمچە»قاتارلىق سەھىپىلەر بار.
فىلىم ئىشلىگۈچى: باغنۇرا. تېلېفون -2560085.
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى: جۈمە 22دىن 05تە رەسمى،دۈشەنبە،شەنبە، يەكشەنبە تەكرار كۆرسۈتىلىدۇ
.

«پەن تېخنىكا گۈلزارى»پروگراممىسى


بۇنىڭدا ئاساسى قاتلامدىكى ئاممىغا ئىلىم پەن بىلىملىرى ،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋادى تۇنۇشتۇرىلىدۇ. پەن تېخنىكا مۇۋاپىقىيەتلىرى خەۋەر قىلىنىدۇ.ئەمەلى تېخنىكىلار ئومۇملاشتۇرىلىدۇ،ئاممىنىڭ پەن-تېخنىكا،مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش،ئىلمى،مەدەنى،ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش تەكىتلىنىدۇ.بۇنىڭ قارىمىغىدا «بىلىمگە ئىنتىلىش»،«پەن-تېخنىكا مۇنبىرى»،«پەن-تېخنىكائۇچۇرى»،«ساغلاملىق بىلىملىرى»، «پەن تېخنىكا جەۋھەرلەرى»،«بىلىم بولىغى»،«كىچىك كەشپىيات»، «بىلەمسىز»،ئىنگلىزچە دەرسخانا»،يېڭى ئۇچۇر قاتارلىق سەھىپە بار.
فىلىم ئىشلىگۈچى:ئالىيە.تېلېفون- 2560085
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى: دۆشەنبە 22 دىن 05تە رەسمى،سەيشەنبە، چارشەنبە،پەيشەنبە تەكراركۆرسۈتىلىدۇ
.

«شاراپەت» پروگراممىسى


بۇنىڭدا ئاساسلىغى قازاق خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ،تاماشىبىنلارغا قازاق خەلقىنىڭ ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى ،سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباپلار ۋە نادىر ئەسەرلەر تۇنۇشتۇرىلىدۇ.بۇ پروگرامما خېلى يوقىرى سەنئەت ئالاھىدىلىگىگە ئىگە.بۇ پروگراممىنىڭ قارىمىغىدا «مەدەنىيەت خەۋەرلىرى»،«ۋەزەىپىلەر»،«نەسىرلەر»،«ئەلقىسسە»قاتارلىق سەھىپىلەر بار.
فىلىم ئىشلىگۈچى يېر مۇرات. تېلېفون -2561415
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى:سەيشەنبە 22دىن 05تە رەسمى،چارشەنبە، پەيشەنبە،جۈمە تەكرار كۆرسۈتىلىدۇ .


«ياشلىق دەۋر»پروگراممىسى


بۇ –ياشلارغا يۈزلەنگەن سەنئەت تۈرىدىكى پروگرامما بولۇپ ،ياشلارنىڭ ئارىسىدا ،بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە.ئۇ ياشلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش،بىربىرىنى چۈشىنىش،ئۆزئارا ئۈگىنىش،بىر بىرىگە مەدەت بىرىش،سەنئەت ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشىدىكى ياخشى سورۇن.بۇ پروگرامما ياشلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى،ياشلاردا توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋى قىممەت قارىشىنى تىكلەشنى،ياشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى مەخسەت قىلىدۇ.
بۇ پروگراممىنىڭ قارىمىغىدا «ياشلار »،قۇرداشلار»ناملىق سەھىپىلەر بار.
فىلىم ئىشلىگۈچى-ئۇلەن.تېلېفوننومۇرى : 2561415.
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى:يەكشەنبە22دىن 05تە رەسمى،دۈشەنبە،سەيشەنبە،چارشەنبە تەكراركۆرسۈتىلىدۇ .

«قاينار»پروگراممىسى


بۇ سۆھبەت خاراكتىدىكى پروگرامما بولۇپ ،رىياسەتچى ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكى ئەرباپلار بىلەن بىرلىكتە كىلاسسىكى سەنئەت نۇمۇرلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ.
بۇنىڭ قارىمىغىدا مۇنداق سەھىپىلەر بار.
1.«سەنئەت گۇلزارى» بۇنىڭدا مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق قازاق خەلقىنىڭ ناخشا ئۇسۇلىنىڭ تارىخى،سەنئىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.
2.«داڭدار كىشىلەر»بۇنىڭدا جۇڭگونىڭ قەدىمقى دەۋرىدىكى مەشھۇر كىشىلەر،مەسىلەن لى بەي،دۇپۇ قاتارلىقلار تۇنۇشتۇرىلىدۇ.
3.«سەنئەت جەۋھەرلىرى» بۇنىڭدا ئىلگىرى ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىگى،مەسىلەن قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كىچىلىگى،نورۇز كىچىلىگى قاتارلىقلاردىكى نادىر كۆرۈنۈشلەر قايتا كۆرسۈتۈلۈدۇ.
4.«ئاقېنلار ئېيتىشىشى»،ئاقېنلار ئېيتىشىشى-قازاقلارنىڭ دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى.بۇ سەھىپىدە مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئاقېنلار ئېيتىشىشىدىن تاللانغان كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلىدۇ.
5.«ئالتۇن مىلودىيە» بۇنىڭدا جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ سەرخىل ناخشا مۇزىكىلىرى ئاڭلىتىلىدۇ.
فىلىم ئىشلىگۈچى:باقىتبېك ناسرۇللا.تېلېفون2561415،13579888504
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى؛يەكشەنبە 23:30دا رەسمى،دۈشەنبە،چارشەنبە ،شەنبە تەكرار كۆرسۈتىلىدۇ .

«يىپەك يولى ئۇنۋىرىسال سەنئەت»پروگراممىسى


بۇ –ياشلارغا يۈزلەنگەن سەنئەت تۈرىدىكى پروگرامما بولۇپ ،ياشلارنىڭ ئارىسىدا ،بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە.ئۇ ياشلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش،بىربىرىنى چۈشىنىش،ئۆزئارا ئۈگىنىش،بىر بىرىگە مەدەت بىرىش،سەنئەت ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشىدىكى ياخشى سورۇن.بۇ پروگرامما ياشلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى،ياشلاردا توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى تىكلەشنى، ياشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى مەخسەت قىلىدۇ.
بۇ پروگراممىنىڭ قارىمىغىدا «ياشلار »،قۇرداشلار»ناملىق سەھىپىلەر بار.
فىلىم ئىشلىگۈچى-ئۇلەن.تېلېفون نومۇرى : 2561415.
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى:يەكشەنبە22دىن 05تە رەسمى،دۈشەنبە،سەيشەنبە،چارشەنبە تەكراركۆرسۈتىلىدۇ ..


xjtv-4 ھەققىدە


شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى 4- يۈرۈش قانىلى--- مودا ئېقىم، مەسلىھەت پروگراممىلىرى ھەمدە كىنو ، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئاساس قىلغان، زامانىۋى شەھەرنىڭ دەۋىر ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان قانال. كۈنلۈك ئاڭلىتىش ۋاقتى 18 سائەت . قانالدىكى 5 چوڭ كىنو كۇلۇبىدا كۈندە 16 قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئوخشىمىغان ۋاقىتتا « ئاياللار تىياتىرخانىسى » ، « مەبۇد تىياتىرخانىسى »، « زۇمرەت تىياتىرخانىسى » ، « ئاقياقىلىقلار تىياتىرخانسى » ،« ئائىلە تىياتىرخانىسى » ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەرقايسىسىنىڭ نىشانى ، مەزمۇنى ئېنىق . ئوخشىمىغان ۋاقىت، ئوخشىمىغان تاماشىبىنلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان فىلىملەر قانالنىڭ يادرولۇق پروگراممىسىغا ئايلاندى. قانال زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق قانال ئوبرازىنى يارىتىپ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى. پروگراممىلارنىڭ مەزمۇنلىرىدا تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، كۈچەيتىلگەن. پروگراممىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا شەھەر تۇرمۇشى كۆرىنەرلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، شەھەر تۇرمۇشىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى 4 – يۈرۈش قانىلىنىڭ پروگراممىلىرىدا ئىزچىل ئۆزگىچىلىكنى ساقلاش ، پەرىقلىق رىقابەتلىشىشتەك باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىلدى. قانالدىكىلەر كەسكىن رىقابەتتە كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، قانالنى ئەۋزەللىكى ۋە سېھرى كۈچى بىلەن شنجاڭ تاماشىبىنلىرى تاللاپ كۆرىدىغان قانالغا ئايلاندۇردى.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى خەنزۇچە ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلى ( xjtv -4)


« تۇرمۇش مۇھىتى»

« تۇرمۇش مۇھىتى » ئۇنۋىرسال پروگرامما بولۇپ، يېمەك –ئىچمەك ، ئۆي –جاھازىلىرى ، گۈزەللىك ھەمدە تەنھەرىكەتتىن ئىبارەت تۆت سەھىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. « يېمەك –ئېچمەك سەھىپىسى » : ئەسىلىدىكى «ئېسل تائاملار » پروگراممسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن . پروگراممىنىڭ ئەسلىدىكى جەۋھەرلىرى ساقلىنىپ ھاياتى كۈچكە ئىگە، شەكىل ، ئوبراز ، مول مەزمۇنلار ئاساسىدا ، پروگراممىنىڭ ئاساسى مەقسىدى يېمەك –ئىچمەكلەرنى بايقاش ، تۇنۇشتۇرۇشتىن يېمەك –ئىچمەك مەدەنىيتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقىچە كېڭەيتىلدى. ساغلام ئوزۇقلىنىش تەشەببۇس قىلىنىپ، پروگراممىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
2. « ئۆي –جاھازىلىرى سەھپىسى »: ئەسلىدىكى « ئائىلە » پروگراممىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. پروگراممىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى-- مودا ئۆي- جاھازىلىرى مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىش. ئارامبەخىش رېتىم ، گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق زامانىۋى ئۆي- جاھازىلىرى نامايەن قىلىىنپ ، پروگراممنىڭ مەدەنىيەت تۇيغۇسى ۋە مۇلازىمەت خاراكتىرىنى كۈچەيتىلگەن.
3. « گۈزەللىك سەھىپىسى »: بۇ يېڭىدىن تەسىس قىلىنىغان پروگرامما بولۇپ ، قىسقا ، تۈز ، ئېخچام ئۇسۇللار ئارقىلىق تاماشىبنىلارغا قانداق ياسىنىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى تۇنۇشتۇرۇلىدۇ.
4. « تەنھەرىكەت سەھپىسى »: يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان پروگرامما . بۇ پروگرامما تەنھەرىكەت ، ساغلاملىق جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، « بەدەن چىنىقتۇرۇش ئارقىلىق ساغلام بولۇش»تىن ئىبارەت زامانىۋى تۇرمۇش كۆز –قارىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا ، تېز رېتىم ، ئالدىدا مېڭىشتەك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىشىلەرنى ساغلام ھايات كەچۈرۈشنىڭ يېڭى ئېقىمىغا باشلايدۇ.
فىلىم ئىشلىگۈچى : ۋۇيۈەنجىن ، تېلىفۇن: 1399998067
كۆرسىتىلىش ۋاقتى : ھەر دۈشەنبە سائەت 2020: دە كۆرسۈتۈلىدۇ. سەيشەنبە سائەت 00:10 ، 14:00تە تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.

« تۇرمۇشتا 119 » پروگراممىسنى تۇنۇشتۇرۇش

بۇ ئوت ئاپىتى مىسالى ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش ،ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار قىزىق نۇقتا ۋە قيىن مەسىلىلەر خەۋەر قىلىنىدىغان، خەتەردىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، ئوت ئۆچۈرۈش قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرى ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار تۇنۇشتۇرۇلىدىغان ئونۋىرسال پروگرامما.
119 خەۋەرلىرى ، خەتەرلىك پەيتتە ، خەتەردىن جىددى قۇتۇلۇش ، تەسىرات ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىللەر قاتارلىق سەھىپىلىرى بار.
فىلىم ئىشلىگۈچى : مياۋسىن ، 13565827659
ھەر سەيشەنبە سائەت 20:20 دە كۆرستلىدۇ ، چارشەنبە سائەت 24:10 ، 14:00 تە تەكرار كۆرسۈتۈلىدۇ.

« قاشتېشى ھەققىدە پاراڭ » پروگراممىسىنى تۇنۇشتۇرۇش

بۇ پروگراممىدا قاشتېشى ھەققىدە ھېكايە سۆزلىنىپ ، قاشتېشىنىڭ سېھرى كۈچى نامايەن قىلىنىدۇ. قاشتېشى مەدەنىيىتىگە ۋاسىلىق قىلىنىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى خەنزۇچە ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلى (xjtv-4) 2007- يىلى 2- ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ، « قاشتېشى ھەققىدە پاراڭ » مەخسۇس پروگراممىسىنى يولغا قويدى. قاشتېشى تەبىئەت ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان گۆھەر. ئۇنىڭ مەدەنىيىتى جوڭخۇئا مىللىتىنىڭ 5مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك رىۋايەتلەر ۋە ھېكايىلەر مۇجەسسەملەنگەن. 5ئەجدادلار مىڭ يىل بۇرۇن تاش قوراللارنى ياساش جەريانىدا ئېسل تاشلارنى زىننەت بۇيۇملىرى قىلىپ ياساپ ئۆزىنى پەدەزلەپ، تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرگەن. كېيىن ئۇ ھوقۇق ۋە دەرىجىنىڭ سىموۋلى قىلىنغان. جۇڭگولۇقلار دۇنيا بۇيىچە ئەڭ بۇرۇن قاشتېشى بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن بولغاچقا ، « قاشتېشى دۆلىتى » دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ جۇڭگو قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. تارىخ بېتىگە خوتەن قاشتېشى ۋەكىللىگىدىكى شىنجاڭ قاشتېشىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى ئىكەنلىكى يېزىلغان. بۇ ھەرقايسى تارىخي تەرەققىيات باسقۇچىدا تەپسىلى خاتىرلەنگەن . ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ، شىنجاڭ قاشتېشى بۇيۇملىرى ۋە قاشتېشى ماتېرىياللىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئۈزلۈكسىز توشۇلۇشى ، شەرق- غەرب ئوتتۇرسىدا ئىقتىساد- مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، قاشتېشى مەدەنىيەت يولى شەكىللەنگەن. خوتەن قاشتېشى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قاشتېشى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان قاشتېشى مەدەنىيىتى تۇنۇشتۇرۇلغان « قاشتېشى ھەققىدە پاراڭ » مەخسۇس پروگراممىسىدا كىشلەرنىڭ قاشتېشى توغرىسىدىكى ئىجتىمائي كۆز قاراشلىرى سۆزلىنىدۇ. 21- ئەسىرگە قەدەم قويغان زامانىۋى جەمئىيەتتە نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشتېشى قىزغىنلىقى قوزغالدى؟ جوڭخۇانىڭ مەدەنىيەت تارىخى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇ سۈزۈك تاشتا زادى قانداق زامانىۋى جەمئىيەت ئىدىيسى خاتېرلەنگەن ؟ « قاشتېشى ھەققىدە پاراڭ » پروگراممىمىز نىڭ ھەرقېتىملىق سانىدا تاماشىبىنلارغا بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرىپ ، ئۇلارنى قاشتېشى مەدەنىيىتىگە باشلايمىز.
فىلىم ئىشلىگۈچى : ۋاڭ شىنجۈن، 13199828310
ھەر چارشەنبە سائەت 20:20 دە كۆرسىتلىدۇ ، پەيشەنبە سائەت 0:10 ، 14:00 تە تەكرار كۆرسۈتۈلىدۇ.

« ئاپتوموبىل دۇنياسى » پروگراممىسىنى تۇنۇشتۇرۇش

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى 4- قانىلى يەنى خەنزۇچە ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىنىڭ « ئاپتوموبىل دۇنياسى » پروگراممىسى-- 2005-يىلى 5-ئايدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ، ئاپتوموبىل مەدەنىيىتى ئاساسى تېما قىلىنىغان ھەمدە ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدىغان پروگرامما . بۇ پروگراممىدىكى ئاپتوموبىل كەسىپى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار مول ، سان- سىفىر ھەقىقىي ، ئۇچۇر ئىشەنچىلىك بولۇپ، ئۇچۇر، كۆڭۈل ئېچىش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن. پروگرامما شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ 4-يۈرۈش قانىلىدا ئالتۇن ۋاقتتا كۆرسىتلىدۇ. « ئاپتوموبىل دۇنياسى» پروگراممىسى كەسىپى فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ، ئۇچۇر ئۇچۇر توپلىغۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە يېڭىدىن تەسىس قىلغان پروگرامما . پروگراممنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق پىلانى ، كېيىنكى باسقۇچلۇق تۈزەش ۋە رىژسىسورلۇقىغا تەجرىبلىك كەسىپى خادىملارقاتناشقان بولۇپ ، ئۇلار پروگراممنىڭ شەكلى ،تەپەككۈرى يېڭى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
سەھىپلەر : ئاپتوموبىل خەۋەرلىرى، ئېسل پىكاپلار ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش دوكىلاتى ، تەسىرلىك بەلۋاغ ، ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ، كۆركەم پىكاپلار.
فىلىم ئىشلىگۈچى : ماگاڭ ، 13899865444
ھەر پەيشەنبە سائەت20 :20 دە كۆرسىتلىدۇ ، جۈمە كۈنى سائەت 10: 24 ، 14:00 تە تەكرار كۆرسۈتۈلىدۇ.

« ساغلاملىق » پروگراممىسنى تۇنۇشتۇرۇش

بۇ پروگراممىدا ساغلاملىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى تېما ئاساس قىلىنىغان بولۇپ ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونتۇرۇل قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى ، شۇنداقلا ئاممىغا كېرەكلىك ساغلاملىق ساۋاتلىرى ، داۋالاش ئۇچۇرلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن . كىشلەرگە ئەڭ يېڭى داۋالاش ئۇسۇللىرى ،ياخشى دوختۇرلار تۇنۇشتۇرۇلىدۇ.
سەھىپلەر : دوختۇرغا كۆرىنىش ، ساغلاملىق خەۋەرلىرى ، كۆز ساغلاملىقى ، گۈزەل ھايات
فىلىم ئىشلىگۈچى : لۇدىڭخۇا، 13565813580
ھەر جۈمە سائەت 20:20 دە كۆرسىتىلىدۇ ، شەنبە سائەت 24:10 ، 18:30 دا تەكرار كۆرسۈتۈلىدۇ.

« پەن –تېخنىكا ۋە تۇرمۇش » پروگراممىسىنى تۇنۇشتۇرۇش

بۇ پەن –تېخنىكىنى ئاساس قىلىغان پروگرامما بولۇپ ، ئەتراپىمىزدىكى پەن–تېخنىكا بىلىملىرىنى تۇرمۇشىمىزغا سىڭدۈرۈپ، مودا ئامىلىغا ئايلاندۇرۇپ تاماشىبىنلارغا يەتكۈزۈدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. يېڭى تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ، بازارغا سېلىنغان يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ. تاماشىبىنلارنى مودا ئىستمالغا يېتەكلەيدۇ . تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرگە ئەڭ يېڭى مودا پەن –تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ، ئىستىمالچىلارنى مەھسۇلاتلارنى تاللاش ، سېتىۋالغاندىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋە بازارنى ئالدىن قىياس قىلىش جەھەتلەردە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
دۇنيا پەن –تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ، رەڭدار تۇرمۇش ، كالېيدوسكوپ ، كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە « دۇنيا پەن –تېخنىكا ئۇچۇرلىرى » سەھىپىسىدە پەن –تېخنىكا ئۇچۇرلىرى خەۋەر قىلىنىدۇ، چەتئەلنىڭ ئەڭ يېڭى پەن –تېخنىكا تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەمدە ئۇنى ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى تۇنۇشتۇرۇلىدۇ. تاماشىبىنلارغا دۇنيانى تونۇشتۇرۇلۇپ ، باشقا جايلارنىڭ پەن –تېخنىكا سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. « رەڭدار تۇرمۇش» سەھىپىسىدە ئاددى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى نۇقتىلىق سۆزلىنىپ ، تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ سۈپەتلىك زامانىۋى تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ۋە ئۇنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن چارە تەدبىر كۆرسۈتۈلىدۇ. بۇ سەھىپىدە ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا ، ئائىلە ئېلىكتىر –سايمانلىرى ھەمدە ئۇنى ئىشلىتىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار تۇنۇشتۇرۇلىدۇ. « كالېيدوسكوپ » سەھىپىسىدە « باشقىچە كۆزدە دۇنيانى كۆرۈش » مەقسەد قىلىنىغان بۇلۇپ ، « تېخنىكا» بىلەن « تۇرمۇش»نىڭ مۇجەسسەملىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. ئۇنىڭدا « ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش » « پەن –تېخنكا كەشىپياتلىرى» « فىلىلوگىيە ۋە جۇغراپىيە» ، « ھاياتلىق ئىلمي » ھەمدە پەن-تېخنىكىنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىدىكى تەسىرى ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئاجايىپ ئىشلار سۆزلىنىدۇ.
« كۆچمە خەۋەرلىشىش » سەھىپىسى شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇلىۋاتقان مۇقىم سەھىپە بولۇپ، ئاساسلىقى كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسىپى تەشۋىق قىلىنىدۇ.
فىلىم ئىشلىگۈچى : گاۋياچىن، 8866973
ھەر شەنبە سائەت 20:20 دە كۆرسىتىلىدۇ ، يەكشەنبە سائەت 24:10، 14:00 تە تەكرار كۆرسۈتۈلىدۇ.

« قايناق شىنجاڭ » پروگراممىسىنى تۇنۇشتۇرۇش.

2007- يىللىق سەھىپىلىرىگە مۇسابىقە مەزمۇنلىرى سىڭدۈرۈلگەن. 1- مۇسابىقە : ياشلىق ئاساسىي تېما قىلىنىغان cctv مودىللار تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تاللاش مۇسابىقىسى؛ 2-مۇسابىقە: ئۈچنى سۆيۈش ئاساسىي تېمىسىدىكى مەھەللىلەردە سەييارە ئويۇن قويۇش ؛ 3-مۇسابىقە: بالىلار ئاساسىي تېما قىلىنىغان« دەرىجىدىن تاشقىرى بالىلار » چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى؛ 4-مۇسابىقە : ئىگىلىك تېكلەش ئاساسي تېما قىلىنغان « 2007- يىللىق ئىگلىك تېكلەش پىلانى مۇسابىقىسى »؛ 5-مۇسابىقە : شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسى؛ 6-مۇسابىقە: كۆرۈپ تۇرۇپ ناخشا ئېيىتىش ئاساسىي تېما قىلىنىغان ناخشا مۇسابىقسى.
فىلىم ئىشلىگۈچى : چىن گاڭ 13565813580
بو يىچېڭ 1399922258
ھەر يەكشەنبە سائەت 20:20 دە كۆرسىتلىدۇ ، دۈشەنبە سائەت 24:10 ، 14:00 تە تەكرار كۆرسىتلىدۇ.

قويۇلىدىغان پروگىراممىلار:
«ئاپتاپ ھەركىتى»


پروگرامما نامى : قۇياش ھەركىتى
كۆرسىتىلىش ۋاقتى : ھەركۈنى كەچ سائەت 20 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە كۆرسىتىلىدۇ .
پروگرامما ۋاقتى : ھەر بىر سان 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە كۆرسۈتىلىدۇ .

پروگراممىنىڭ خاراكتېرى: شىنجاڭ كۈچلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرى يولغا قويغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى.
پروگراممىنىڭ باش تېمىسى: «مېھرىبانلىق، ياردەم، ئۈمىد» نۇر چېچىش، ياردەم بېرىش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ئۈمىد بېغىشلاش .
پروگراممىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى: خەلق تۇرمۇشىنى تېلېكامېرا ئارقىلىق خاتىرىلەپ، كىشىلەرنى تارىقتىش ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش، ھەقىقى ھېسسىيات ئارقىلىق ئۈمىد بېغىشلاپ، نۇر ئارقىلىق ئىستىقبال يارىتىش.
پروگراممىنىڭ ئەۋزەللىكى:
«ئاپتاپ ھەرىكىتى» شىنجاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاممىۋىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى پروگراممىسى بولۇپ، 2003-يىلى 9-نويابىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەنزۇچە ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى ((xjtv-4دا يولغا قويۇلغان. «ئاپتاپ ھەرىكىتى» ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، ئاپپاراتنى ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە توغرىلاپ، ئىجتىمائىي ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق كىشىلەرئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، تۇرمۇشتىن يېڭى ئۈمىدكە ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى. «ئاپتاپ ھەرىكىتى»جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. جەمئىيەتتە يەنە نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئوقۇغۇسى بولسىمۇ ئەمما ئوقۇش خىراجىتىدىن قىينىلىدۇ: ئىش ئورنىدىن قالغان نۇرغۇن كىشلەر خىزمەتكە ئېھتىياجلىق: يەنە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى يېتىشمەيدۇ؛ يەنە ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان نۇرغۇن خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيىلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ جەمئىيەتتە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرى ھەل قىلالمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە..... بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئاپتاپ ھەرىكىتى»كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا ۋە ھەرىكەت يۆنۈلىشى.
ماددىي ئېھتىياج جىددىي ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مەنىۋىي مەدەنىيلىك ئېڭى ۋە قارىشىنى كۈچەيتىش ساداسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. «ئاپتاپ ھەرىكىتى>> دەل مۇشۇنداق سادانى ئاساس قىلىپ تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ ھەر بىر سان پروگراممىسى ھەقىقىي خاتىرىلەر ۋە رېئاللىقنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان. پروگرامما كۆرسىتىلىشتىن ئىلگىرىكى تەشۋىقات جەريانىدىلا كۈچلۈك ئىجتىمائىي تەسىر قوزغىغان. كىشىلەر ئاممىۋىيلىغى كۈچلۈك بولغان بۇ پروگراممىغا دىققەت-ئېتىبار بىلەن قارىدى ۋە ئالقىشلىدى.
پروگرامما تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى 1يىلدا ، يارقىن ئىجادىيلىق ۋە پروگراممىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىلەش شەكلى نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنى ۋە ئىجتىمائىي كوللىكتىپنى جەلپ قىلدى. نۇرغۇن كارخانا ۋە شەخسلەرمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىپ مېھرىۋانلىغىنى ئىپادىلەپ، پۈتۈن پروگرامما گۇرۇپپىسىنى خىزمەتتە تېخىمۇ ئىشەنچكە، چەكسىز قىزغىنلىققا، كۈچكە ئىگە قىلدى. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،«ئاپتاپ ھەرىكىتى » پروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلىشى شىنجاڭ كۈچلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى يارىتىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايەن قىلدى. پروگرامما كۆرسىتىلگەندىن بۇيان، بىز تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقى ئەمەلىلەشتۈردۇق.«ئاپتاپ ھەرىكىتى» پروگراممىسى دۇ يىڭشى، بېي بېي، لى لىنلو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلىدى. ئىش ئورنىدىن قالغان 47خىزمەتچىنىڭ ئىش ئورنى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. شى شياۋخۇا، جۇ فېي قاتارلىق ئىش ئورنىدىن قالغان 9كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ، كەسپ دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى. بۇ پروگرامما يەنە ئەخلاقتىمۇ ۋە ئۆگىنىشتىمۇ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئالاھىدە پروگرامما « قۇياش نۇرى بىلىم ئېلىش يولىنى يورۇتىدۇ» دىگەن تېمىدا پروگرامما ئىشلەپ، 45مىڭ يۈەن توپلاپ قىيىنچىلىغى بار 9ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يەردەم بەردى. بىز يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى يۈكسەك ئىرادىلىك 6 ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بەردۇق. بىز مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش،كەسپ تاللاش قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، «ئاپتاپ ھەرىكىتى. ئىگىلىك تىكلەش 2004 » چوڭ تىپتىكى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، 500دىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلەش لايىھەسىنى توپلىدۇق.ستۇدېنتلار ۋە ئىش ئورنىدىن قالغانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى. بىزنىڭ خىزمىتىمىزمۇ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ، ئاپتونونوم رايونلۇق ئەمگەك-ئىجتىمائى كاپالەت نازارىتى« ئاپتاپ ھەرىكىتى » پروگرامما گۇرۇپپىمىزنى « ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ » دەپ نام بەردى. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، پروگراممىنىڭ ئىشلىنىشىمۇ سەھىمىزنىڭ « خەلق تۇرمۇشىنى ئېكران ئارقىلىق خارىتىلەش، كىشىلەر قەلبىنى تارقىتىش ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش،ھەقىقىي ھېسسىيات ئارقىلىق ئۈمىد بېغىشلاش، قۇياش نۇرى ئارقىلىق ئىستىقبالنى نۇرلاندۇرۇش »تەك ئاساسىي مەقسىتىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇپ، « نامراتلارنى يۆلەپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش مېھر –شەپقەت يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى »نى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، ئىتتىپاق بولۇشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تارقىتىش، يېتەكلەشنى ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ۋە مەسئۇلىيىتى قىلىپ كەلدى.
« ئاپتاپ ھەرىكىتى » دەۋرنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىديىسىنى ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مېھر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ، خەلققە ئۈمىد بېغىشلىماقتا. بىز تەسىس قىلغان بۇ سەھىپىمۇ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تېخىمۇ زور قوللىشىغا ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ياردىمى ھەم دېققەت-ئېتىبارىغا سازاۋەر بولدى. كارخانىلار، شەخسلەرنىڭ مۇشۇ سەھىپىدىن پايدىلىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئىللىق قەلبى ئارقىلىق ئىللىقلىققا ۋە مېھىر –شەپقەتكە تولغان گۈزەل دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
2005-يىلى « ئاپتاپ ھەرىكىتى »ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى شەخسلەر دېگەن مەخسۇس تېمىدىكى فىلىمنى ئىشلەپ ، نەزەرىمىزنى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگەن ئاممىغا يۆتكىدى. ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجىرىبىلىرىنى پروگراممىز ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىدىكىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش تەسەۋۋۇرىغا ئىگە قىلدى، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ئىلھام بېرىش ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.رايونىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پائالىيىتىنى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
2005-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىز «ئىگىلىك تىكلەش دەۋرىگە ئاتلىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش باھارى ئۈستىدە ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلايلى» دېگەن تېمىدا « ئاپتاپ ھەرىكىتى -ئىگىلىك تىكلەش 2005-يىلى » ئىگىلىك تىكلەش پىلانى مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىق كۆردۇق. بۇ مۇسابىقە ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە ياردەم بېرىش سۇپىسى ئارقىلىق كىشىلەردە ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى يىتىلدۈرۈپ ، كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردۇق.ئىگىلىك تىكلەش ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، مەبلەغ ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش ئامىللىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئىگىلىك تىكلەشكە ماھىر ، ئىگىلىك تىكلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى يىتىلدۈرۈپ ، رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات –تەرەققىيات- مۇقىملىق ئومۇمىيلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان.
ئەلـزات  ئىمزاسى

| ۋاقتى : 2008-07-01 23:09 1 -قەۋەت
al_zat
خاككىر  بىرلەشمىسى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26786
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 740
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە740دانە
شۆھرەت: 1316 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 282 نۇمۇر
ياخشى باھا: 156 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :342(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-02
ئاخىرقى :2008-08-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شادىمان بالىلار


<< شادىمان بالىلار>> ھەر جۈمە،شەنبە،يەكشەنبە كۆرسۈتۈلىدۇ.

<< شادىمان بالىلار >> پروگراممىسىنىڭ تونۇشتۇرلىشىشى :

ئۆسمۈرلەر يېڭى ئەسىرنىڭ ئۈمىدى ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش ستراتېگىيىسىگە ئەگىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى ئادەملەر . ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئۆتكۈر ، نەزەر دائىرىسى كەڭ ، رىقابەتلىشىشكە ۋە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشقا ھېرىسمەن . ئۇلارنىڭ سەبى كۆزلىرىدىن باھارنى كۆرگىلى بولىدۇ.ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك تەبەسسۈمىغا قىزىقىش يۇشۇرنغان بولىدۇ.ئۇلارنىڭ تېتىك گەۋدىسى توختاۋسىز ئىزدىنىدۇ . بۇ سۆيۈملۈك بالىلار بىزگە چەكسىز مېھرى مۇھاببەت ئاتا قىلىدۇ.ئۇلارجەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ۋە كەلگۈسىنى زىممىسىگە ئالىدۇ .
پروگرامما سەھىپىللىرى

بوۋاقلارنىڭ DV سى

بۇ سەھىپىدە ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى تېلىكامىرا ئارقىلىق خاتىرلەيدۇ ، مەسىلەن تۇنجى قېتىملىق چىشىنى چوتكىلىشى ، نىمە دەپ تىل چىققانلىقى قاتارلىق قىزىقارلىق ئىشلارنى خاتىرلەيدۇ .
دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىسخانا

بۇ سەھىپىدە بالىلار باغچىسى ياكى مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيلەش مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، تۇرمۇش ياكى ئۆگىنىشتىكى ئاددىي ساۋاتلار ئۆگىتىلىدۇ . بالىلار باغچىسىدا قانات يايدۇرۇلغان ئۆزگىچە ئوقۇتۇش بالىلارنى بالىلىق دەۋرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ .
يۈرەك ساداسى

بۇ سەھىپىدە كەڭ كۆرۈرمەنلەردىن بالىلار توغرىسىدا پىكىر ئېلىنىدۇ.كىچىك بالىنىڭ گېپىنى كۆڭۈلگە ئېلىشقا بولمايدۇ. بالىڭىزنىڭ ئويلىمايلا دەپ سېلىپ سىزنى كۈلدۈرىۋەتكەن ، تاڭ قالدۇرغان سۆزلىرىنى بىزگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز ، بۇ خۇشاللىقتىن بىزمۇ ھوزۇرلانساق بولدۇ .
شادىمان نۇر

بۇ سەھىپىدە بالىلارغا ياخشى ئويۇن ، ياخشى ئويۇنچۇق تونۇشتۇرىلىدۇ . بالىلارنى ئويناش جەرىيانىدا ئۆگىنىش ، ئۆگىنىش جەرىيانىدا خۇشال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ .
سەكرەش ئۆيى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى بالىلار مودېل بولۇپ ماڭىدۇ ۋە بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش گېمناستىكىسى ئوينايدۇ . ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ .
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىمىز : 0991-7756214
ئالاقىلىشىش ئادرېسىمىز : شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق يولى 84-نومۇر
پوچتا نومۇرى : 830044


xjtv-5 ھەققىدە


شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى (xjtv-5 ) كىنو ، ئەدەبىيات - سەنئەت ، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇن تۈرلىرىدىكى پروگراممىلارنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى . قانىلىمىز ئەسلىدىكى شىنجاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە تارقىتىش قانىلى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ قانىلىمىز قۇرۇلغان 12 يىلدىن بۇيان ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ «3كە يېقىنلىشىش» پرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ،تۈرلۈك تەشۋىقات ۋەزىپىلىرىنى سۈپەتلىك ئورۇنلاپ ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت تېلېۋىزىيە تاماشىبىنلىرىنى مول مەزمۇنلۇق پروگراممىلار بىلەن ۋاقتىدا تەمىن ئېتىپ كەلمەكتە . قانىلىمىز باشقۇرىشىدا پروگراممىلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمچىسى ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمچىسى شۇنداقلا يەتتە پروگرامما گۇرۇپپىسى بار . قانىلىمىزنىڭ پروگراممىلىرى ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7 دە باشلىنىپ كەچ سائەت 12 دە ئاخىرلىشىدۇ ، پۈتۈن كۈنلۈك تارقىتىش ۋاقتى جەمئىي 18 سائەت . نۆۋەتتە قانىلىمىز باشقۇرۇشىدا «تەڭرىتاغ كۈيلىرى » ، « مەدەنىيەت بوستانى » ، «تەلەي يۇلتۇزى » ، « ساياھەت ۋە دۇنيا » ، « مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات » ، « شىنجاڭ تەنتەربىيىسى » ، « ساغلاملىق دوستى » قاتارلىق يەتتە پروگرامما بار . ئۇنىڭدىن باشقا قانىلىمىز يەنە « كلاسسىك فىلىملەر»، «نادىر فىلىملەر كۆزنىكى» ، «ئائىلە كىنوخانىسى» ، « ئالماس كىنو كۇلۇبى » قاتارلىق تۆت چوڭ كىنو كۇلۇبى سەھىپىسى تەسىس قىلىنغان . بۇ كىنو كۇلۇبىدا ھەر كۈنى 6 - 7 - گىچە دۆلىتىمىز ۋە چەتئەلنىڭ كىنو ، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كۆرسىتىلىدۇ . قانىلىمىز تاماشىبىنلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە «3كە يېقىنلىشىش» پرىنسىپىغا ئاساسەن يېقىندا بەزى پروگراممىلارنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ، قانىلىمىز پروگراممىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى .

قويۇلىدىغان پروگىراممىلار:
« ئاپتوموبىل دۇنياسى » پروگراممىسى


« ئاپتوموبىل دۇنياسى » پروگراممىسى سىزنى زامانىۋى تۇرمۇش مەنزىلىگە باشلايدىغان كارۋان . ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولغان دوستلارنى چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىلغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ پروگرامما «ئۇچۇر»، «ئاپتوموبىل سەھنىسى»، «باھا»، «ئاپتوموبىل ۋەMTV»قاتارلىق كىچىك سەھىپىلەردىن تەشكىل تاپقان .

«ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئېكرانى» پروگراممىسى


«ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئېكرانى» پروگراممىسى قانىلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش، كېلەر ھەپتىلىك پروگراممىلاردىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىش، كۆرۈرمەنلىرىمىزنى پروگراممىلاردىن ئالدىن خەۋەردار قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. بۇ پروگرامما «ئۈزۈلمەس كۈيلەر»،«پروگرامما ئۇقتۇرۇشى» ، «ھېكايە فىلىم ئالدىن ئۇچۇرى» قاتارلىق كىچىك سەھىپىلەردىن تۈزۈلگەن.
فىلىم ئىشلىگۈچى: مەمەتجان ئىبراھىم 13579430435
كۆرسىتىلىش ۋاقتى : ھەركۈنى 7:00دە ، 13:00دە، 16:00دە، 19:30دا ، 20:30دا 22:00 دە ، 00:00 دە كۆرسىتىلىدۇ.

« تەلەي يۇلتۇزى» پروگراممىسى


« تەلەي يۇلتۇزى» پروگراممىسى دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىپ ياشلىق ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىدىغان سۈزۈك ئاسمان .
فىلىم ئىشلىگۈچى: تۇرسۇن كېرەم 13899904555
كۆرسىتىلىش ۋاقتى :تۇنجى قېتىم يەكشەنبە سائەت 20:00دە ، دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .

« مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات» پروگراممىسى


«مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات» پروگراممىسى سىزنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ - شىمالىدىكى مەدەنىيەت يۈزلىنىشلىرىدىن خەۋەردار قىلىدىغان ئالبۇم . بۇ پروگرامما «ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت»، «تۆنۈگۈن بۈگۈن ۋە ئەتە»، «بىر كىتاب بىر ئالەم»، «يارقىن ئىزلار»، «زىيارەت مۇلاھىزە» قاتارلىق كىچىك سەھىپىلەردىن تەركىب تاپقان.
فىلىم ئىشلىگۈچى: مۇستاپا سىدىق 1399903535
كۆرسىتىلىش ۋاقتى :تۇنجى قېتىم شەنبە سائەت 20:00دە ، يەكشەنبە، دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە كۈنلىرى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .

«تەڭرىتاغ كۈيلىرى» پروگراممىسى


«تەڭرىتاغ كۈيلىرى» پروگراممىسى سىزنىڭ سەنئەت بېغىمىزدىكى خۇشپۇراق گۈللەردىن ھوزۇر ئېلىپ ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھالاۋىتىنى ھېس قىلىشىڭىزدىكى چىمەنزار . بۇ پروگرامما «ئۆرنەك»، «كۈي چەشمىسى»، «يېڭى يۇلتۇز»، «مودا ۋە ئېقىم»، «ئەپەندى كۇلۇبى»، «مۇزىكا بۇلىقى»، «چولپان»، «تۇنجى قەدەم»، «ئېكران»،«ئۇسسۇل» قاتارلىق كىچىك سەھىپىلەردىن تەركىب تاپقان.
فىلىم ئىشلىگۈچى: ئىسكەندەر مۇھەممەت 13999938551
كۆرسىتىلىش ۋاقتى :تۇنجى قېتىم جۈمە سائەت 20:00دە، شەنبە، يەكشەنبە، دۈشەنبە، سەيشەنبە كۈنلىرى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .

« مەدەنىيەت بوستانى » پروگراممىسى


« مەدەنىيەت بوستانى » پروگراممىسى سىزنىڭ ئىلغار مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز بىلەن تونۇشۇشىڭىزدىكى سەھنە .
فىلىم ئىشلىگۈچى: ئابلەت ئابدۇرېھىم 13999173334
كۆرسىتىلىش ۋاقتى :تۇنجى قېتىم پەيشەنبە سائەت 20:00دە ، جۈمە ، شەنبە، يەكشەنبە، دۈشەنبە كۈنلىرى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .

« شىنجاڭ تەنتەربىيىسى» پروگراممىسى


« شىنجاڭ تەنتەربىيىسى» پروگراممىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم تەنتەربىيە خەۋەرلىرى ، چوڭ مۇسابىقىلەر ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى تۆھپىكارلار ، تەرەققىيات يۈزلىنىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىڭىزدىكى مۇنبەر. بۇ پروگرامما «تۆھپىكارلار»، «تەنتەربىيە ئۇچۇرلىرى»، «مۇسابىقە كۇلۇبى»، «پۇتبۇل دۇنياسى»، «تەنتەربىيە لاتارىيىسى»قاتارلىق كىچىك سەھىپىلەردىن تەركىپ تاپقان .
فىلىم ئىشلىگۈچى: مۇزەپپەر مۇلۈكھاجى 13899826329
كۆرسىتىلىش ۋاقتى :تۇنجى قېتىم چارشەنبە سائەت 20:00دە ، پەيشەنبە ، جۈمە ، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .

« ساياھەت ۋە دۇنيا » پروگراممىسى


« ساياھەت ۋە دۇنيا » پروگراممىسى سىزنىڭ جاھاندىكى مۆجىزاتلار ۋە ئىزنالارنى چۈشىنىشىڭىز، شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە ساياھەت بايلىقلىرى بىلەن يەنىمۇ تەپسىلىي تونۇشۇشىڭىزدىكى ئەينەك . بۇ پروگرامما «گۆھەر زىمىن» ، «ساياھەت ۋە تۇرمۇش»،«ساياھەت مەنزىلى» ، «ساياھەت ئۇچۇرلىرى»، «تىلسىملار سىرى» قاتارلىق كىچىك سەھىپىلەردىن تەشكىل تاپقان .
فىلىم ئىشلىگۈچى : ماھىنۇر توختى 13899998827
كۆرسىتىلىش ۋاقتى :تۇنجى قېتىم دۈشەنبە سائەت 20:00دە ، سەيشەنبە ، چارشەنبە ، پەيشەنبە ، جۈمە كۈنلىرى تەكرار كۆرسىتىلىدۇ .
1. «ساغلاملىق دوستى» پروگراممىسى ھاياتلىقتىكى بىباھا گۆھەر - ساغلاملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى كومپاس . بۇ پروگرامما «ھاياتلىق ۋە كېسەللىك» ،«دورا ۋە سالامەتلىك»، «ھەكىم ۋە ھېكمەت»، «ساغلاملىق ئەلچىسى» قاتارلىق كىچىك سەھىپىلەردىن تەركىپ تاپقان
فىلىم ئىشلىگۈچى : مۇھەممەتئېلى قاسىم 13999926709
كۆرسىتىلىش ۋاقتى :تۇنجى قېتىم سەيشەنبە سائەت 20:00دە ، چارشەنبە ، پەيشەنبە، جۈمە ، شەنبە تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.


xjtv-6 ھەققىدە


شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنو قانىلى 1993-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر 24سائەت توختىماي ئاڭلىتىش بېرىپ كەلدى . پروگراممىلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا رەتكە سېلىپ ، ئۆزگىچە كەسپى ئالاھىدىلىك ۋە مۇكەممەل خاس مۇلازىمىتى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى . بۇ قانال كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولدى ، ئۇزۇن يىللىق ياخشى بازارغا ئايلىنىپ ، ئۆزلۈكسىز ھاياتىي كۈچكە تولۇپ ، تەسىرى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى . 2003-يىلى ، كىنو قانىلى بازارنى ۋە پۇرسەتنى ياخشى ئىگىلەپ ، بۇنىڭدىن باشقا بۇ قانالنى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كىنو قانىلى قىلىپ چىقىپ ، داڭلىق قانال ، داڭلىق ئوبراز يارىتىشتا ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرستىپ ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . بۇنىڭ بىلەن كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى ھەم مۇقىم بولدى . كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ، كىنو قانىلىنى مۇقىم كۆرىدىغان بىر تۈركۈم ئامما پەيدا بولدى . ھازىر كىنو قانىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆرۈلۈش نىسبىتى ھەرقايسى قاناللار ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . شۇڭا بۇ قانال تېلىۋىزىيە تاماشىبىنلىرى ۋە ئېلان سودىگەرلىرىنىڭ بىرىنچى تاللاش ئوبىكتىغا ئايلاندى . قانال خادىملىرى كۆپ قاتلاملىق تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ، تاماشىبىنلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ، خىزمەتنى ئىجتىھاتلىق ئىشلەپ ، تاماشىبىنلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلىدى . پرۇگراممىلارنى تىزىش، تەھرىرلەش ئېڭىنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپلا قالماي ، ئۇزۇن مۇددەت « تۇرمۇشقا ، ئەمەلىيەتكە ، ئاممىغا يېقىنلىشىش » پرىنسىپىدا چىڭ تۇردى . كىنو – قانىلى نەچچە يىلدىن بېرى « تاماشىبىنلار ئومۇملاشتۇرۇش يېغىنى » ، « ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يېغىنى » ، « يۈز ئوبزورچى »ھەمدە « ھەسەن – ھۈسەنگە تولغان 6-ئاي » ، « كىنو ناخشىلىرىنى ئېيتىش مۇسابىقىسى » ، « بالىلار چۆچەك ئېيتىش مۇسابىقىسى » قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ ، تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇپ ، « ئۈچكە يېقىنلىشىش » نى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇردى . خوشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش ، نادىر فىلىملاردىن تەڭ ھوزۇرلىنىش كىنو قانىلىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بوپقالدى . كىنو قانىلى ھەريىلى چاغان ، « ماي بايرام » ، « ئۆكتەبىر » قاتارلىق چوڭ بايراملاردا ھەمدە يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللەردە ، قوش دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ، فىلىملارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تۈرلۈك تىپتىكى كىنو ھەپتىلىكى ، داڭلىق چولپانلارنىڭ كىنولىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ نادىر فىلىملىرىنى قويۇپ ، تاماشىبىنلارغا كىنو سەنئىتى ئارقىلىق چەكسىز خوشاللىق ئاتا قىلدى . ئۇلار تاماشىبىنلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلغاندىن باشقا ، جەمئىيەتنىڭ مەسئولىيىتىنى زېممىسىگە ئېلىشنى ئۇنۇتماي ، توغرا يىتەكچى ئىدىيىدە ھەرۋاقىت چىڭ تۇرۇپ ، ئاساسى مىلودىيىنى ياڭرىتىپ ، تەشەببۇسكار بولۇپ ، ئىلمىي روھنى تەشەببۇس قىلىپ ، ئىجتىمائىي ئادىل روھنى جارى قىلدۇرۇشتا خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى .
كىنو قانىلى ھاياتىي كۈچكە تولغان قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، بۇ قانال « ياشلار مەدەنىيەت شۇئارى » يارىتىش جەريانىدا ، « مۇلازىمەت ، كەسىپ ، سۈپەتتە بىرىنچى بولۇش » نى نىشان قىلىپ كەسپى تېخنىكىدا مۇسابىقىلىشىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى . 2004-يىلى كىنو قانىلىنىڭ پىلان بۆلۈمى M6قىسقا ئۇچۇر يوللاش كۇلۇبىنى تەسىس قىلىپ ، بۇ قانالنىڭ پرۇگراممىلىرىنى كەڭ دائىرىدە تارقاتتى ھەمدە كىنو قانىلى ئۈچۈن ھەرتەرەپلىمىلىك ، كۆپ نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىپ ، كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇردى . تەسىرىنى كېڭەيتىشتە ئىجابىي رول ئوينىدى . ئۇنىڭدىن باشقا كىنو قانىلى قاقاس تاغلىقنى كۆكەرتىش ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش ، قېيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەش ، قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە بېرىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرۇش ، ئارمىيە ۋە خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . 2002-يىلى بۇ قانال رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگان بويىچە « مەدەنىيەتلىك ياشلار ئورگىنى » دېگەن شەرەپكە ، 2005-يىلى يەنە ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك « مەدەنىيەتلىك ياشلار ئورگىنى »دېگەن شەرەپكە ئېرىشىپ ، قوشۇن ساپاسىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتەردى .
كىنو قانىلىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىدىكى ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرلىرى : 2570525، 2570577

قويۇلىدىغان پروگىراممىلار:
قۇياش بەلبېغى »پروگراممىسى




بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپا تەربىيىسىگە قاراتقان يېڭى پروگرامما . بۇنىڭدا ئاساسلىقى جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى مۇنەۋۋەر كارتون فىلىملەر ۋە نادىر كارتون فىلىملەر قويىلىدۇ ۋە تونۇشتۇرىلىدۇ . « ھىكايە پادىشاھلىقى » سەھىپىسىدە ئاساسلىقى ئۆسمۈرلەرنىڭ تىل ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش ۋە خاراكتىرىنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ياخشى بوشلۇق يېتىلدۈرۈپ بەردى .
سەھىپىلەر : كىنو ئۆيى ، كارتون شەھەرچىسى ، ھىكايە پادىشاھلىقى
فىلىم ئىشلىگۈچى : ليۇشىن 2570525

«شىنجاڭ كاۋىپى»پروگراممىسى


بۇ پرۇگراممىدا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىملار بېرىلىدۇ . بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئاددى تېما ، ئامما ئارتىسلىرى ، يەرلىك تىل بىلەن ۋەقەلىكلىرى تۇرمۇشقا يېقىن ، چىن ئىپادىلىنىدۇ ،ئۆزگىچە يەرلىك مەدەنىيەت ئاساس قىلىنىدۇ ، ئۇ يەرلىكنى ئاساس قىلىپ ئىشلىنىدىغان يېڭى پرۇگرامما .
فىلىم ئىشلىگۈچى : جاڭ جيەنشىن 13999890602

«كىنو كۆرۈش»پروگراممىسى



كىنو – تېلىۋىزىيە ئۇنۋېرسال تۈرىدىكى پرۇگراممىلار . بۇنىڭدا كىنوچىلىق ھەققىدىكى ئۇچۇر ، كىنو ساھەسىدىكى شەخسلەر ، كىنو ھەققىدە سۆھبەت ، يېڭى فىلىملەر ھەققىدە ئۇچۇر ، ئەسلىمە سۈرەت ، كىنو مەستانىلىرى مۇنبىرى ، كىنو ماكانى قاتارلىق پرۇگراممىلىرى بىلەن تاماشىبىنلارغا كىنو ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك ساۋات بېرىدىغان ئۇنۋېرسال كىنو پرۇگراممىسى ھېسابلىنىدۇ .
سەھپىلەر : كىنوچىلىق ھەققىدىكى ئۇچۇر ، كىنو ساھەسىدىكى شەخسلەر ، كىنو ھەققىدە سۆھبەت ، يېڭى فىلىملەر ھەققىدە ئۇچۇر ، ئەسلىمە سۈرەت ، كىنو مەستانىلىرى مۇنبىرى ، كىنو ماكانى .
فىلىم ئىشلىگۈچى : لياڭ خەييۈن 2570577.

xjtv-7 ھەققىدە




پروگرامما مەزمۇنى: «7-قانال»دا كىشىلىك تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك ھېكايە تۈرىدىكى پروگراممىلار بېرىلىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا ھەرخىل ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، قايناق ھېسسىيات، جىمجىتلىق، ئىلاجىسزلىقتىن تۈرلۈك ئوخشىمىغان ھاياتلىق تەسراتلىرى قالىدۇ.«7-قانال» كىشىلىك ھاياتتىكى سىرلىق، ئاجايىپ، مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ھېكايىلىرى بىلەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ، ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھېكايىدىكى ھەقىقىي ھېسىسىيات قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدۇ. ئاددى ھاياتلىقتا ئاجايىپ ھىكايىلەر بولىدۇ، ئاخبارات ۋەقەلىكىنىڭ كەينىدە زادى قانداق ھىكايىلەر يۈز بېرىدۇ؟ قىسىغىنە ھايات مۇساپىسىدە قانداق تەسىرلىك ئەسلىمىلەربار؟ بۇ ھېسىسيات قانداق قىلىپ مەڭگۈ ئۇنتۇلمىدى؟«7-قانال»رىئال، ھەقىقي، جانلىق ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى تۇتۇپ، ئۇرغۇپ چىققان قەلب سادالارنى چىن ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ، كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
پروگرامما رىياسەتچىسى: پەن جۈەن، يۈەن شەن
فىلىم ئىشلىگۈچى:ياڭ خەنيىڭ
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-2557799.2508481
پروگراممىنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى: دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە سائەت 22دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇلىدۇ. سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە، يەكشەنبە سائەت 22دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە تەكرار قويۇلىدۇ، كۈندۈزى دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە سائەت 9دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە؛ سائەت 15دە، 19دىن 55مىنۇت ئۆتكەندە تەكرار بېرىلىدۇ.

قويۇلىدىغان پروگىراممىلار:
«7-قانال»نىڭ سەھىپىلىرىنى تونۇشتۇش


پروگرامما مەزمۇنى: «7-قانال»دا كىشىلىك تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك ھېكايە تۈرىدىكى پروگراممىلار بېرىلىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا ھەرخىل ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، قايناق ھېسسىيات، جىمجىتلىق، ئىلاجىسزلىقتىن تۈرلۈك ئوخشىمىغان ھاياتلىق تەسراتلىرى قالىدۇ.«7-قانال» كىشىلىك ھاياتتىكى سىرلىق، ئاجايىپ، مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ھېكايىلىرى بىلەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ، ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھېكايىدىكى ھەقىقىي ھېسىسىيات قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدۇ. ئاددى ھاياتلىقتا ئاجايىپ ھىكايىلەر بولىدۇ، ئاخبارات ۋەقەلىكىنىڭ كەينىدە زادى قانداق ھىكايىلەر يۈز بېرىدۇ؟ قىسىغىنە ھايات مۇساپىسىدە قانداق تەسىرلىك ئەسلىمىلەربار؟ بۇ ھېسىسيات قانداق قىلىپ مەڭگۈ ئۇنتۇلمىدى؟«7-قانال»رىئال، ھەقىقي، جانلىق ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى تۇتۇپ، ئۇرغۇپ چىققان قەلب سادالارنى چىن ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ، كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

«مەيىن شامال ئاپتوموبىل كۇلۇبى»


بۇ پروگراممىنىڭ ۋاقتى 25مىنۇت بولۇپ، شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى سۈنئي ھەمرا 1-يۈرۈش قانىلى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى ئىقتىساد تۇرمۇش قانىلىدا بېرىلىدۇ. پروگراممىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى، پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئوتتۇرا ئاسيا رايونىدىن ئىبارەت. پروگرامما مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى ئاپتوموبىل پروگراممىسى ۋە مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى، گۇاڭدۇڭ سۈنئي ھەمراھ قانىلىى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ھەمكارلىشىش ئارقىلىق پروگراممىنىڭ نوپۇزى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئۈنۈملۈك نامايەن قىلىدۇ. پروگراممىنىڭ مۇلازىمەت خاراكتېرى، ئۆز ئارا تەسىرچانلىقى، كەسپچانلىقى ۋە نەق مەيدان پائالىيەتلىرى بىردەكلىككە ئىگە، پۇقرالارنى ئېسىل ئاپتوموبىللار ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى توغرا ئىستېمال يۆنىلىشىگە باشلايدۇ.
«ئاپتوموبىل بازىرى» سەھىپىسىدە،دۆلەت ئىچى سىرتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئاساس قىلىنىدۇ. ئاساسلىقى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ھالىتى، ئاپتوموبىللارغا ئالاقىدار سىياسەتلەر، قانۇن- بەلگىلىمىلەر ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. « ئاپتوموبىل تىلى»دا ئادەملەر بىلەن ئاپتوموبىل ئارىسدا سىرلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ، ئاپتوموبىل پەقەت قاتناش قورالى، سالايىھەت سىموۋولى، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپلا قالماستىن يەنە بىرخىل ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان، روھى ئوزۇق بولالايدىغانلىقى، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇ بولغاچقا كىشلەر تۇرمۇشتا نۇرغۇن خوشاللىق ۋە ئازابلارغا دۇچار بولىدىغانلىقى نامايەن قىلىنىدۇ. ئابتوموبىل ئىگىسى بەلكىم داڭلىق شەخس، ياكى ئاددى پۇقرا بولۇشى مۇمكىن ياكى كۈندە ئاپتوموبىل بىلەن ھەپىلىشىدىغان، ئاپتوموبىلغا قاتتىق ھېرىسمەن كىشىلەر ۋە ياكى خىيالىدا ئاپتوموبىللىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھىكايىلەر بار. بۇ يەردە ئاپتوموبىل بىر ھەقىقي گەۋدە ئورنىدا سىز بىلەن پىكىرلىشەلەيدۇ، ھەم ئۆز ئالدىغا ھىكايىسى بولىدۇ، ھەممىنى خاتىرلىيەلەيدۇ، سۆزلەپ بېرەلەيدۇ، سۆھبەتلىشەلەيدۇ. مەزمۇنى سەرخىل، قۇرۇلمىسى زىچ بولۇپ، تېلېۋىزوركۆرگۈچىلەرگە بىر خىل سېزىم ئاتا قىلالايدۇ. «ئاپتوموبىل سىناش تەجرىبىسى» دە ئاساسلىق يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان ئەڭ يېڭى پاسوندىكى ئاپتوموبىللارنى سىناش جەريانى سۆزلىنىدۇ.پروگراممىغا بىز يەنە ئاپتوموبىل ئىقتىدارىنى چۈشىنىدىغان، ھەم ئاپتوموبىل ھەيدەش تەجرىبىسى بار تېلېۋىزور كۆرگۈچىلارنى ۋە ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىمىز، ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تېلېۋىزور كۆرگۈچىلارنىڭ پروگراممىمىزغا قاتنىشىش نىسبىتىنىمۇ ئاشۇردۇق. ئىستىمالچىلارنى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى ئوبېيكتىپ، مول ھەم پايدىلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. «ئاپتوموبىلىمنى سۆيىمەن»سەھىپىمىزدە تەجرىبىسى مول كەسپى رېمونتچى تېخنىك ۋە شوپۇر دوستلار ئاپتوموبىل ھەيدەش تەجرىبىسى، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ماھارەتلىرى ۋە ئاپتوموبىل ئاسراش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرگە ئاپتوموبىل ئاسراشقا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگىتىدۇ. ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، تاللاش، ئىشلىتىش، ئاسراش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلاردا مەسىلە كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن، بىز پروگراممىمىزنىڭ ئاممىغا يېقىن بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پەسل، ئاپتوموبىل تۈرى بويىچە بۇلارغا ئىنچىكە تەپسلىي چۈشەنچە بېرىمىز . «تەسىرچان نەزەر» سەھىپىسىدە، ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى، ئاپتوموبىل ماركىسى ۋە ئاپتوموبىل مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئاپتوموبىل تارىخىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىغا ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇشتۇرۇمىز. «ئاپتوموبىل بازار ئەھۋالى» سەھىپىسىدە، ئاساسلىق رايونىمىز ۋە مەملىكەتتىكى تۈرلۈك ئاپتوموبىل بازارلىرىدىكى باھا ئەھۋالى ئۇچۇرلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ، مۇلازىمەت خاراكتېرى، ئومۇمىيۈزلۈكلىكى، توغرىلىقى، ۋاقىتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى ۋاقتىدا، توغرا بولغان ئاپتوموبىل بازار ئۇچۇرلىرى ۋە ئالاقىدار خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەيمىز.
بىز يەنە تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىشىمىز لازىم، مەسلەن، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى، ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى، مۇسابىقە ئىشلىرى خەۋەرلىرى قاتارلىقلار. بارلىق سەھىپىلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى، سېتىش سودىگەرلىرى ۋە كەڭ تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى ئالاقىلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئاپتوموبىل كەسپىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈندۇر.
پروگرامما رىياسەتچىسى: خۇاڭ جۈەن
فىلىم ئىشلىگۈچى: جاڭ جىڭ
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-2508529
پوچتاساندۇقى: E- maill:xjqfcy@sohu.com
قويۇلۇش ۋاقتى: يەكشەنبە سائەت 20دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە بېرىلىدۇ، دۈشەنبە، چارشەنبە سائەت 20دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە تەكرار بېرىلىدۇ.

«ئۆي سايمانلىرى ھەپتىلىكى»


پروگرامما مەزمۇنى: پۇقرالارنى ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆي بېزەشتە پايدىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. «مودا ئېقىمىغا ئەگىشىپ ، ئۆي بېزەكچىلىك دۇنياسىنى سەرخىللاشتۇرايلى» مانا بۇ سۆز بىلەن باشلانغان پروگراممىدا ئەركىن- ئازادە مودا ئېقىمى،تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆي-مۈلۈك، ئۆي بېزەكچىلىك ساھەلىرىدە، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان، بىلىشىكە قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى قىزىقارلىق، يۇمۇرىستىك شەكىللەر، ئاددى چۈشىنىشلىك تىل، نەپىس سۈرەتلەر بىلەن نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. «ئۆي سايمانلىرى ھەپتىلىكى»پروگراممىسىنىڭ كەسپچانلىقى كۈچلۈكرەك بولغاچقا، شەكلىنىڭ ئەركىن – ئازادە بولۇشى پۇقرالارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ۋە ئاساسلىق باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. «ئۆي سايمانلىرى ھەپتىلىكى»پروگراممىسى 2004-يىلى مايدا ئۈرۈمچى ئۆي سايمانلىرى كومىتېتى كۆرسىتىپ بېكىتكەن بىردىنبىر كەسپي تېلېۋېزىيە ئاخباراتى دىگەن نامغا ئېرىشتى.
پروگرامما 25مىنۇت، تۆت كىچىك بۆلەكتىن تەشكىل تاپىدۇ: « ئۆي سايمانلىرى ئۇچۇرى » دا ئەڭ يېڭى كەسپي قاراش، ئەڭ كەڭرى سىياسي قاتلام بىلەن سىزگە تۈرلۈك ئۆي سايمانلىرى ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزىدۇ. «مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن»سەھىپىسىدە ھەرقايسى كەسپى ئۆي بېزەكچىلىك شىركەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆي بېزەش تەجرىبىلىرى بېرىلىدۇ، بۇنىڭ يېڭىدىن ئۆي بېزىمەكچى بولغانلارغا خېلى زور پايدىلىنىش قىممىتى بار. بىز يەنە ئۆي بېزەش خىراجىتىنى ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرىمىز. نۇرغۇن تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر بۇ پروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن، تېلېفون قىلىپ پروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئۆي لايىھىلىگۈچى ۋە ئۆي بېزەكچىلىك شىركەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى. «گېپىم بار» سەھىپىسى بايقالغان مەسىلىلەرنى، قېينچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغان تۈر بولۇپ، نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ ئەسكەرتىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇققاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش لازىملىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. «ئۆي سايمانلىرى يېڭى مودىسى» سەھىپىسىدە، مودا نۇقتىسىدىن تېلېۋىزور كۆرگۈچىلارغا ھازىرقى زامان ئۆي سايمانلىرى، يېڭى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
پروگرامما رىياسەتچى: شۈشەن
فىلىم ئىشلىگۈچى: ليۇ خۇ
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-2508471
قويۇلۇش ۋاقتى: شەنبە، كەچ سائەت 20دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە بېرىلىدۇ، يەكشەنبە، دۈشەنبە، چارشەنبە سائەت 15دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە تەكرار بېرىلىدۇ.

«نازىنىن ئاياللار»


پروگرامما مەزمۇنى: «ئاياللار ھىكايىسى» سىزنى مىجەز-خاراكتېرى ئۆزگىچە ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ، ئاددى ھەم ئاددى بولمىغان ئاياللارنىڭ پىسخىك مۇساپىسى سۆزلىنىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ۋە ئىلھاملاندۇرىدىغان نەرسىلەردىن ھوزۇرلاندۇرىدۇ. «قەلب بوشلۇقى»دا ئىجتىمائي ۋە پىسخىكىلىق كۆپ خىل نۇقتىدىن دەۋىر ئاياللىرى توپىنىڭ تەقدىرى ۋە جىنىس ئالاھىدىلىكى چۈشەندۈرۈلۈپ، تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرگە ئاياللارنىڭ كەسپ، نىكاھ، ئۆي قاتارلىق جەھەتلەردە يولۇققان ھەرخىل پىسىخىك مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرۇدۇ. ئاياللار كەسپىي، ئىشلىتىلىشچان پىسخىك ساغلاملىق بوشلۇقىدىن تۈرلۈك پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ. «گۈزەل ئۇچرىشىش» ئەڭ يېڭى، ئەڭ تېز، ئېسىل ئۇچۇرلارنى كۆرسۈتۈپ، ئاياللارنىڭ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ئۈندەيدۇ،ھۆسن تۈزەش، شەكىل تۈزەشكە ئوخشاش ئەڭ يېڭى پەن تېخنىكىلىق ئۈلگىلەرنى تەشكىللىك، سستېمىلىق ھالدا تونۇشتۇرىدۇ. «ساغلاملىق ۋاقتى» دا تەكلىپ قىلىنغان مېھمان ۋە مۇتەخەسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى نەق مەيدانغا كېلىپ بىر ياكى ئىككى ئايال بىلەن ساغلاملىق تېمىسى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. پروگرامما رىياسەتچىسى بىلەن مېھمان پروگرامما تەرتىپى بويىچە ئاياللارنىڭ ساغلاملىق تېمىسىنى تەھلىل قىلىدۇ.
پروگرامما رىياسەتچىسى: لى شياڭ، فېڭ جىڭ
فىلىم ئىشلىگۈچى: ياۋ لىجۈن
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-2508470
قويۇلۇش ۋاقتى: ھەر جۈمە كەچ سائەت 20 دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە قويۇلىدۇ، دۈشەنبە، پەيشەنبە سائەت 18دىن 11مىنۇت ئۆتكەندە تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
ئەلـزات  ئىمزاسى

| ۋاقتى : 2008-07-01 23:13 2 -قەۋەت
al_zat
خاككىر  بىرلەشمىسى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26786
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 740
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە740دانە
شۆھرەت: 1316 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 282 نۇمۇر
ياخشى باھا: 156 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :342(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-02
ئاخىرقى :2008-08-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

«مالىيە ۋاقتى» سەھىپىسىى


پروگرامما مەزمۇنى: شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى ئىقتىساد تۇرمۇش قانىلىنىڭ «مالىيە ۋاقتى»سەھىپىسى ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئىقتىساد تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مالىيە خەۋەرلىرى»پروگراممىمىسى ئاساسىدا تەرەققى قىلغان، 1997-يىلى شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئاكسىيە مالىيە پروگراممىسىنى تەسىس قىلدى، 2000-يىلى بۇ يەنە شىنجاڭدىكى بىردىنبىر مالىيە مۇلازىمەت تۈرىدىكى پروگرامما قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن پروگرامما ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلەنگەندىن كېيىن، كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، پروگراممىنىڭ بېزىلىشى ۋە مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلارنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ سوفۇرۈي كۆرۈش نىسبتىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن، 2001-يىلى «مالىيە ۋاقتى»پروگراممىسىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى باشقا قاناللاردىكى مالىيە، ئاكسىيە تۈرىدىكى پروگراممىلاردىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بىراق 2002-يىلىدىن باشلاپ «مالىيە ۋاقتى»پروگراممىسىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى تەدىرىجىي ئۆرلىدى، 2003-يىلى دېكابىردا پروگراممىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى شۇ تۈردىكى پروگراممىلاردىن تەخمىنەن ٪55يۇقىرى چىقتى. كۆرۈش نىسبىتىگە قارىغاندا، پروگرامما مەزمۇنىنىڭ موللىقى، ئۇچۇر مىقدارىنىڭ كۆپلىكى ۋە كەسپيلىكى بىلەن تېلېۋىزور كۆرگۈچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن.
بۇ سەھىپىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك كىچىك سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان.1. «ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى»سەھىپىسى سىرت ۋە يەرلىكنىڭ مالىيە ئۇچۇرلىرى ۋە پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان مالىيە تېمىلىرى شۇنداقلا يېڭى بازارغا چىققان پۇل مۇئامىلە مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان. شۇنداقلا ئېكراننىڭ ئاستىنقى قىسمىدا مالىيە توغرىسدىكى يېڭى ئۇچۇرلار دائىم چىقىپ تۇرىدۇ. 2. «مالىيە ئىزدىنىش پونكىتى»دا پۇقرالارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە ماھارەتلىرى سۆزلىنىدۇ، تېما ئاممىباپ تىل ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ، مۇرەككەپ مەبلەغ سېلىش ،مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى جانلىق سۈرەت ياكى ئېكران ئارقىلىق ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىپادىلەيدۇ.3. «ئۇچۇر پورتى»دا دۆلەت ۋە چەتئەللەردىكى ئاكسيە بازىرى، قەرەللىك مال بازىرى، تاشقى پروۋوت بازىرىنىڭ ئاساسلىق بازار ئەھۋالى سۆزلىنىدۇ، بازار ئەھۋالى داۋاملىق ئېكراننىڭ ئاستىنقى قىسمىدا بېرىلىپ تۇرىدۇ؛ رىياسەتچى بىلەن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىغان مۇخبىر دۆلەت ئىچىدىكى ئاكسىيە بازارلىرىنىڭ ئاددىي باھا سۆزى، ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىدۇ؛ قەرەللىك مال شىركىتىدىكى تەھلىلچىلەر شۇ كۈندىكى قەرەللىك مال بازىرىنىڭ يېپىلىش بازار ئەھۋالى، باھالاپ ئىمزالاشنى چۈشەندۈرىدۇ؛ بانكا تەھىلىلچىلىرى شۇ كۈندىكى تاشقى پروۋوت بازىرىنىڭ يېپىلىش ئەھۋالى، باھالاپ ئىمزالاش ۋە تاشقى پروۋوت مەبلەغ سېلىش كۆرسەتكۈچىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ شۇ كۈندىكى چەتئەل پۇلىنىڭ خەلق پۇلىغا بولغان يېڭى باھاسى سۆزلىنىدۇ.
شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى «مالىيە ۋاقتى»سەھىپىسىنىڭ شەنبە، يەكشەنبىلىك سانى---«ئالاھىدە سۇغۇرتا»كۆرسىتىلىدۇ.
پروگرامما ئالاھىدىلىكى: پروگراممىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى: تېز، ئوبېيكتىپ، ئەتراپلىق.
قاپلىنىش دائىرىسى:«مالىيە ۋاقتى»پروگراممىسى نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى 7مىليون 500مىڭ نوپۇسنى قاپلىدى.
پروگرامما رىياسەتچىسى: جۇچۈن
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-2557988
قويۇلۇش ۋاقتى: دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ھەركۈنى كەچ سائەت 23دىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە بېرىلىدۇ.


قازاقچە ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلى (XJTV-8)


شىنجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قازاقچە ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلى كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرى ۋە كىنو تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئاساس قىلغان ، قازاق مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان كەسپىي قانال . سەھىپە ، بازار ، تاماشىبىن ، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېلان قاتارلىق جەھەتلەردە قازاق مىللىتىنىڭ يېڭى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئىدىيىسى گەۋدىلەندۈرۈلدۇ ، بۇ سەھىپە قازاقلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا يېقىن بولۇشنى ۋە ئۇنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەد قىلىدۇ ، قازاق مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۇنۋىرسال سەنئەت تۈرىدىكى پروگراممىلارنى ئىشلەش گەۋدىلەندۈرۈلگەن . قازاقچە ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىنىڭ ئۆزى باشقۇردىغان << ئاياللار >> ، << جەمىيەت كۆزنىكى >> ، << ئۇنۋىرسال سەنئەت سەھنىسى >> ، << چاچقۇ تەلەپ – تەقدىم >> دىن ئىبارەت 4 سەھىپىسى بار . پروگراممىلار << ئالتۇن تىياتىرخانا >> ، << ئالماس كىنوخانا >> قاتارلىق سەھىپىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزلىرى ئىشلىگەن پروگراممىلار ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدۇ . ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 7 سائەت پروگرامما كۆرسىتىدۇ ، 7 سائەت تەكرار كۆرسىتىدۇ ، جەمىي 14 سائەت پروگرامما كۆرسىتىدۇ. بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇنۋىرسال سەنئەت تۈرىدىكى پروگراممىلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .

«خەلق ناخشىلىرى ھەققىدە ھىكايە »سەھىپىسىنى تونۇشتۇرۇش

سەھىپە مەزمۇنى : مودا مەدەنىيەت ئېكراننى بېيىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ، ياشانغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ مۇنداق بىر كۈچلۈك تەلىۋى بار ، ئۇلار ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتقان ئاشۇ كونا ناخشىلارنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ، شۇنداقلار كېيىنكى ياش ئەۋلادلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن «خەلق ناخشىلىرى ھەققىدە ھىكايە »سەھىپىسى تەسىس قىلىندى ، مەزكۇر سەھىپە قازاقچە ئۇنىۋىرسال سەنئەت قانىلىنىڭ بىردىنبىر ئەدەبىيات – سەنئەت تۈرىدىكى سەھىپىسى .
سەھىپىنىڭ قۇرۇلمىسى : بۇ سەھىپە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىچىك نومۇر ئېلىش زالى ياكى ئالاھىدە سورۇنلاردا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ ، ھەر ساندا خەلق ناخشىسى توغرىسىدا بىر ھىكايە سۆزلىنىدۇ ، سەھىپىدە سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىلىدۇ ، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ھىكايە سۆزلەپ بېرىدۇ ، ناخشا خەلق ئاھاڭىدا ، يۇقۇرى ئاۋازدا ، ئاممىباپ ئۇسلۇپتا ئېيتىلىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى : ئارداق شاكۇرا
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى :2570740 -0991
كۆرسىتىلىش ۋاقتى : ھەر جۈمە كەچ سائەت 20:00 دە كۆرسۈتىلىدۇ ، 5 قېتىم تەكرار كۆرسۈتىلىدۇ .

«ئۇنىۋىرسال سەنئەت سەھنىسى»پروگرممىسىنى تونۇشتۇرۇش


«ئۇنىۋىرسال سەنئەت سەھنىسى»پروگراممىسى 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 20- كۈنى كۆرسۈتىلگەندىن بۇيان مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسى ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى . بۇ سەھىپە ئومۇمىيۈزلۈك يېڭى قىياپەت ، مۇل مەزمۇن ، بىلىم بېرىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرى بىلەن نادىر سەھىپە ئوبرازىنى ياراتتى ، بۇنىڭ بىلەن كۆرۈرمەنلەر گۈزەل بەدىئى ئەسەردىن بەھرىمان بولدى .
1.«مەدەنىيەت كارىدورى»سەھىپىسىدە قەدىمى بابىلون مەدەنىيىتى ، سىرلىق مىسىر ئەل ئېھرامى ، يۇناننىڭ باتۇرلىرى ، شەرىق-غەرب مەدەنىيىتى ئۇچراشقان يىپەك يولى تونۇشتۇرۇلۇشتىن باشقا ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر نامايەن قىلىنىدۇ .
2. «ئەدەبىيات – سەنئەت»سەھىپىسىدە داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىدىن ھوزۇرلىنىپ ، مۇنەۋۋەرMTV ئەسەرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسىل سىرىك نومۇرلىرى ، ئېلانلار ، كەسكىن مۇسابىقىلاردىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ ، مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن ئىشلەنگەن قىسقا فىلىملار ، جوڭگو ۋە چەتئەلنىڭ نادىر سىرىك ئويۇنلىرىدىن بەھىرلەنگىلى بولىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى :ئالما
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى :2582872 -0991
كۆرسۈتىلىش ۋاقتى :ھەر يەكشەنبە كەچ سائەت 20:00 كۆرسىتىلىدۇ ، 5 قېتىم تەكرار كۆرسۈتىلىدۇ .

<< جەمىيەت كۆزنىكى >> سەھىپىسى ھەققىدە قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش


سەھىپە مەزمۇنى : ئاممىغا ، تۇرمۇشقا ، ئاساسىي قاتلامغا يېقىن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ، كەڭ تاماشىبىنلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلدۇ ، پۇخرالار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلدۇ ، تۈرلۈك تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى يەتكۈزۈلدۇ ، پۇخرالار كۆڭۈل بۈلىدىغان تېمىلار سۆزلىنىدۇ ،بۇ پروگرامما ھازىر تۇرمۇش يىتەكچىسىگە ئايلاندى .
1. << قىزىق نۇقتا ۋە باھا >> سەھىپىسىدە داۋالىنىش سوغۇرتىسى مەسىللىرى ، مائارىپ مەسىللىرى ، دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىللىرى ، ئامما ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات قانۇنيىتىگە ماس كەلمەيدىغان مەسىللەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ .
2.« قانۇن كۆزنىكى » سەھىپىسىدە قانۇن ماجرالىرى تۈرلىرىدىكى ئەمىلى دىلو مىساللىرى ۋە قانۇن بىلىملىرى سۆزلىنىدۇ .
3.« مۇۋاپىقىيەت يولى » سەھىپىسىدە كارخانا كەسپى ئورۇنلار ۋە كەڭ ئاساسى قاتلاملاردىكى مەمۇريەت يۈرگۈزگۈچى مۇنەۋۋەر ئەمىلى گەۋدىلەر ۋە ھەر قايسى ساھە ، ھەر قايسى كەسىپلەردىكى مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ .
4. « ئاخبارات كۆرۈش نۇقتىسى » سەھىپىسىدە مەدەنىيەت ، مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردىكى تۈرلۈك خەۋەرلەر كۆرسىتىلىدۇ .
5.« پۇقرالار تۇرمۇشى »سەھىپىسىدە ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ۋە تۇرمۇش قارىشى ، قىممەت قارىشى تونۇشتۇرۇلىدۇ .
6.« ئۇچۇر يولى »سەھىپىسىدە ئۇچۇر تۈرىدىكى مۇلازىمەت كۆرسۈتىلىدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى :ئادېلېت
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى : 2552231 -0991
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى : ھەر شەنبە كەچ سائەت 20:00 كۆرسۈتىلىدۇ ، 5 قېتىم تەكرار كۆرسۈتىلىدۇ .

<< چاچقۇ ، تەلەپ C تەغدىم >> سەھىپىسى ھەققىدە قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش


سەھىپە مەزمۇنى : << چاچقۇ تەلەپ - تەغدىم >> سەھىپىسى تاماشىبىنلار ياخشى كۆرىدىغان تەلەپكە ئاساسەن كۆرسىتىش شەكلى بىلەن ، مەزمۇن ، ئۇسۇل ، ئۇسلۇبتا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكنى يارىتىپ ، قازاقلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشى ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتىنى تۇلۇق نامايەن قىلىدۇ ، خوشاللىق بەخىش ئېتىش بىلەن بىرگە مودا ئۇچۇرلىرى يەتكۈزۇلىدۇ . سەھىپە 2004-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى يولغا قويۇلۇپ ، تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ، تاماشىبىنلارنىڭ ناخشا تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئارزۇلىرى ۋە تىلەكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ۋاستىسى ، ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈكىگە ئايلاندى .
فىلىم ئىشلىگۈچى جاڭىل
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرى : 0991- 2570701 8054130
كۆرسىتىلىش ۋاختى : ھەر ھەپتىنىڭ 3- ، 6- كۈنلىرى كەچ سائەت 20:50 تە كۆرسىتىلدۇ ، 6 قېتىم تەكرار كۆرسىتىلدۇ .

<< ئاياللار >> سەھىپىسى ھەققىدە قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش


سەھىپە مەزمۇنى : << ئاياللار >> سەھىپىسى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاياللارنى ئاساسىي تېما قىلغان پروگراممىسى بولۇپ ، ئاساسلىق قازاق ئاياللىرىنىڭ ھازىرقى جەمىيەتتىكى يېڭى قىياپىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ ، ئاياللار تۇرمۇشى ، جەمىيەت ئىناقلىقى ، پەرزەنت تەربىيلەش ، ئاياللار ساغلاملىقى ، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مەشھۇر ئاياللارنى تۇنۇشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بار .
1. << ئاياللار ھەققىدە سۆز >> سەھىپىسدە سۆھبەت شەكلى ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىۋاتقان روھى قىياپىتى نامايەن قىلىندۇ ؛ 2. << ياخشى ئائىلە كىشىلىرى >> سەھىپسىدە سۆھبەت شەكلى ئارقىلىق بىر ئائىلىنىڭ ئىناق ئىتتپاق بەخىتلىك تۇرمۇشى تۇنۇشتۇرۇلۇپ ، بۇ ئارقىلىق جەمىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي ئائىلىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى ئەكىس ئەتتۈرۈلدۇ ؛ 3 . << مۇنەۋۋەر ئاياللار >>سەھىپىسىدە ئاساسلىق ھەرقايسى كەسىپلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاياللار تۇنۇشتۇرۇلدۇ ؛ 4 . << گۈزەل ھايات >>سەھىپىسىدە ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىش ، كىيىنىش ، زىبۇ – زىننەت ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكلىرى تۇنۇشتۇرۇلدۇ ؛ << ئانا بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش >>سەھىپىسىدە ئاياللار ، بالىلارنىڭ تىببىي ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرى سۆزلىنىپ مۇھاكىمە قىلىندۇ ؛ 6 .<< يىمەك – ئىچمەك >> تە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تائاملار تۇنۇشتۇرۇلدۇ ؛ 7. << تۇرمۇش يىتەكچىسى >> سەھىپىسىدە تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار تۇنۇشتۇرۇلدۇ .
فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رىياسەتچى : قۇۋاندىق
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى : 0991-2570740
كۆرسىتىلىش ۋاختى : ھەر ھەپتىنىڭ 4- كۈنى كەچ سائەت 00 : 20 دە، 5 قېتىم تەكرار كۆرسىتىلدۇ .


xjtv-9 ھەققىدە


شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە ئىقتىساد–تۇرمۇش قانىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىساد ساھەسىدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، تۈرلۈك سىياسەت –ئۇچۇرلار، ئىقتىسادىي يېڭىلىقلارنى خەلق ئاممىسىغا دەل ۋاقتىدا، ئەتىراپلىق يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان قانال.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە ئىقتىساد–تۇرمۇش قانىلى 2002–يىلى 5–ئاينىڭ 1–كۈنى كۆرسىتىش باشلىغان. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:00دىن كەچ سائەت 12:30غىچە كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ئامما نازارەت قىلىش تېلېفونى: 2553748–0991

‹‹ ھاۋارايى– مۇلازىمەت ›› پروگراممىسى


‹‹ ھاۋارايى– مۇلازىمەت ›› پروگراممىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى شەھەر – ناھىيىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاۋارايى ئەھۋالى ۋە تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان ئۇچۇر– مۇلازىمەت تىپىدىكى پروگرامما. كۈندە بىرسان ئىشلىنىدۇ، ۋاقتى بەش مىنۇت.

يول ۋە بىخەتەرلىك پروگراممىسى

«يول ۋە بىخەتەرلىك» پروگراممىسى خەلق ئاممىسىنى تۈرلۈك قاتناش ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار قىلىدىغان، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمونلىرىغا ئاساسەن، خەلق ئاممىسىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان مۇلازىمەت خاراكتىرىدىكى، ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدىغان 20مىنۇتلۇق پروگرامما.
پروگراممىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى: ئىلھام ئىبراھىم
فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13999929293
پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى: جاپپار رېشىت

‹‹تائام مەدەنىيىتى ›› پروگراممىسى


‹‹تائام مەدەنىيىتى ›› پروگراممىسى قورۇما، ئاساسىي تائاملار، تاتلىق تۈرۈملەرنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى، شىپالىق رولى ۋە دورىلىق قىممىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بىر گەۋدە قىلىنغان، بىلىم بېرەلەيدىغان، ئاممىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالايدىغان مۇلازىمەت خاراكتىرىدىكى ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدىغان 20مىنۇتلۇق پروگرامما.

«كۆۋرۈك» پروگراممىسى


«كۆۋرۈك» پروگراممىسى خەلق ئاممىسىنى تۈرلۈك ئۇچۇرلار، ئىقتىساد باشقۇرۇش چارىلىرى ۋە باشقا ھەرخىل ساۋاتلار بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت، ئۇچۇر، ساۋات تىپىدىكى ئىقتىسادىي پروگرامما. ھەپتىدە بىرسان ئىشلىنىدۇ، ۋاقتى 30 مىنۇت.

« ئىقتىساد مۇنبىرى » پروگراممىسى


« ئىقتىساد مۇنبىرى » پروگراممىسى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىقتىسادى ئۇچۇر، سىياسەتلەر، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋانقان ئىقتىسادى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇتەخەسسىلەر بىلەن مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاممىنى تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى مەقسەد قىلغان، ئىقتىسادىي سۆھبەت پروگراممىسى.
ۋاقتى 30 مىنۇت بولۇپ، ھەرھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدۇ.
پروگراممىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى، رىياسەتچىسى: خانقىز ياسىن
فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13999950025

‹‹ئىستېمال يېتەكچىسى›› پروگراممىسى


‹‹ئىستېمال يېتەكچىسى›› پروگراممىسىساختا، ناچار مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداشقا ياردەم بېرىپ ئۇلارنى توغرا ۋە ئىلمىي بولغان ئىستېمالغا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان، ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدىغان 20مىنۇتلۇق ئقتىسادىي پروگرامما.

‹‹ ئىقتىساد– مۇلازىمەت ›› پروگراممىسى


‹‹ ئىقتىساد– مۇلازىمەت ›› پروگراممىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلىشى، بولۇپمۇ، ئىسلاھات ئېچىۋېىتىش جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، يېڭى–يېڭى ئىقتىسادىي ئۇچۇر ۋە سىياسەتلەرنى ئاممىغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان، ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدىغان 30 مىنۇتلۇق پروگرامما.
پروگراممىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى: نىجات ئابدۇقادىر
فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13999992478.


xjtv-10 ھەققىدە


شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەنتەربىيە ساغلاملىق قانىلى شىنجاڭدىكى بىردىن بىر تەنتەربىيە،ساغلاملىق قانىلى. بۇ قانال قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ ياقتۈرىشىغا ئېرىشىپ كەلدى.بۇ قانال كۆپ يىللاردىن بۇيان تەنتەربىيىنى تەشۋىق قىلىپ، ساغلاملىققا ئىنتىلىش ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنى يېتەكلەپ ماڭماقتا. رايون خاراكتىرلىق تەنتەربىيە،ساغلاملىق كەسپى قانىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز رايونىدىكى مۇسابىقە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشى قىلدى. تەنتەربىيە،ساغلاملىق قانىلى ئىلگىر-كېيىن بولۇپ جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى(CUBA)، جۇڭگو ۋاسكىتبول ئا دەرىجىلىك كولۇپلار مۇسابىقىسى (CBA)،ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى، 2004-يىللىق 4 دۆلەت خەلقئارا ئەرلەر دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاسكىتبول سەييارە مۇسابىقىسى ۋە 2006-يىللىق ئاسىيا ياشلار ۋاسكىتبول ئەرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن باشقا 2003-يىلىدىن باشلاپ يەنە ئاپتونوم رايوندا 3 كىشىلىك كوچا ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنى ئويۇشتۇردى. ھازىرغىچە 3-نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى.قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئاشتى. ئاپتونوم رايوندىكى مۇسابىقىلەردىن باشقا يەنە بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىلگەن چوڭ مۇسابىقىلەرمۇ ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلماقتا. قانال يىل بويى NBA مۇسابىقىسى، ئەنگىلىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ياۋروپا كولۇپلار ئارا چىمپيونلىقىنى تالىشىش پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى، كەسپى بوكسيۇرلۇق مۇسابىقىسى، بېليارت كولۇبى قاتارلىق نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى ئۇلاپ كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا قانال يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىپ، نۇرغۇن كونكىرىت خىزمەتلەرنى ئىشلەپ ياخشى ئۆنۈملەرگە ئېرىشتى.
تەنتەربىيە، ساغلاملىق قانىلى قورۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھەر قايسى پروگراممىلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى مۇقىم ئاشتى. «ساغلاملىق e تۇرمۇش» پروگراممىسى داۋالاش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى تۈرىدىكى مەخسۇس پىروگرامما بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇش فاڭجىنى سىڭدۈرۈلۈپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە ئىلىم –پەن ۋە داۋالىنىش ساۋاتلىرى تەشۋىق قىلىندى ۋە ئوموملاشتۇرۇلدى. داۋالىنىش ئۇچۇرلىرى تارقىتىلدى. كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى داۋالىنىش قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئاساس قىلىندى. مەدەنىي، ساغلام پىسخىك گېگىنىسى تەشەببۇس قىلىندى. «شىنجاڭ تەنتەربىيىسى» پروگراممىسىمۇ 2005-يىلىدىن باشلاپ يىلدىن يىلغا مۇكەممەللىشىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ،ئوبلاست ،شەھەرلەر ۋە دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى تەنتەربىيە خەۋەرلىرى كۆپەيتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا قانال يەنە «بوكسيۇرلۇق دۇنياسى»،«ئامان قالغۇچى» قاتارلىق ھەر خىل تەنتەربىيە،ساغلاملىق تۈرىدىكى پروگراممىلارنى كۆپەيتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ئېرىشتى.

قويۇلىدىغان پروگىراممىلار:
ساغلاملىق E تۇرمۇش پروگراممىسى


«ساغلاملىق E تۇرمۇشى» شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەنتەربىيە،ساغلاملىق قانىلىنىڭ خاس ساغلاملىق پروگراممىسى. پروگراممىنىڭ نامى ياڭراق بولۇپ تاماشىبىنلار ئەستە ئاسان ساقلىيالايدۇ. پروگراممىنىڭ نامىغا ئاساسەن يەنە ساغلاملىق تورى دەپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەم پروگراممىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى ھەم گۈزەل تىلەكنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. جۈملىدىن ئۇ ساغلاملىق دىگەن تېمىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
بۇ پروگراممىنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرىشى، ساغلاملىق مەسلىھەتچىسى، يىگەنسېرى ئىشتىھاسى ئېچىلىش، ساغلاملىق يول كۆرسەتكۈچىسى، ماكاندىن ئىبارەت سەھىپىلىرى بار.
فىلىم ئىشلىگۈچى: سوڭ لىچۈن.
ئالاقىلىشىش تېلىفونى: 2557271—0991
كۆرسىتىلىش ۋاقتى: دۇشەنبىدىن جۇمەگىچە كەچ سائەت 19:30 دا تەنتەربىيە ساغلاملىق قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ. يەكشەنبە سائەت 5:30 دا شىنجاڭ سۈنئىي ھەمرا قانلىنىڭ ساغلاملىق E تۇرمۇشىدا تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.

«شىنجاڭ تەنتەربىيىسى» –تەنتەربىيە ئاخپارات مەخسۇس پروگراممىسى


«شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»–تەنتەربىيە ئاخپارات مەخسۇس پروگراممىسى. بۇ پىروگراممىدا 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاڭلىتىش باشلانغان. ئۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆز رايونىنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە شەخىسلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىردىن بىر سەھىپىسى بولۇپ مۇستەقىل، چوڭقۇر، كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.كۆرۈشچانلىقى يوقۇرى. بۇ پروگرامما ئاڭلىتىش باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئائىت تالاي تەسىرلىك ھىكايىلەر بۇ يەردە سۆزلەندى. تالاي كۆزگە كۆرۈنگەن، شەرەپ قۇچقان تەنھەركەتچىلەر تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە مەخسۇس خەۋەرلىرى ھەممە ئائىلىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا، توغرا يەتكۈزۈلدى. ئاڭلىتىش باشلانغان 3 يىلدىن بۇيان پروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى سىجىل ئاشتى. يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ مۇقىم تاماشىبىنلىرىغا ئىگە بولدى. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە مەخسۇس خەۋەرلىرى پروگراممىسىنىڭ ۋەكىلى. شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان بارلىق تاماشىبىنلارنىڭ كۆرمىسە بولمايدىغان پروگراممىسى بولۇپ قالدى. 2005-يىلى تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىنلارنىڭ تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى، مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، پروگراممىنىڭ ئىشلىگۈچىلىرى،رېژىسسورلىرى ۋە مۇخبىرلىرى پروگراممىنى ھەپتىدە ئىككى سان بېرىشنى ھەپتىدە ئۈچ سان بېرىشكە كۆپەيتىپلا قالماي يەنە پروگراممىغا خەلقئارا ۋە ئىچكى تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى قوشۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
فىلىم ئىشلىگۈچى: جاڭ شياۋخۈي
ئالاقىلىشىش تېلىفونى: 2553007—0991
كۆرسىتىلىتىش ۋاقتى: دۇشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كەچ سائەت 19:45 (شىنجاڭ ۋاقتى)، دۈشەنبە 22:35، سەيشەنبە 10:45، 18:35 ، پەيشەنبە 22:35، جۇمە 10:45 17:00 ، شەنبە 21:55 يەكشەنبە 10:45، 17:00 تەكرار ئاڭلىتىلىدۇ .


xjtv-11 ھەققىدە


شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 11-قانىلىدا قانالدىكى بارلىق خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىشى بىلەن 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمى ئاڭلىتىش باشلانغان. بۇ قانال ئاساسلىقى قانونغا ئائىت مەخسۇس سەھىپىلىك پروگراممىلار ۋە تېلىۋىزىيە تىياتېرلىرىنى كۆرسىتىش، قانون ساۋاتلىرىنى ئوموملاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي قانال. قانالغا ھەر خىل ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن. قانالنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، قىزىق لېنىيىلىك تېلىفون بىلەن پروگراممىغا قاتنىشىش ۋە بىۋاستە ئاڭلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر كىچىك ئاڭلىتىش ئۆيى بار. بۇ ئاڭلىتىش ئۆيى يەنە مەۋھۇم ئاڭلىتىش زالى ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە كارخانا ۋە مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ. ئۇ ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ ئوبراز يارىتىش، ئۆزلىرىنى تەشۋىق قىلىش، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى سۇپىسى. قانال ئىزچىل ئۈچكە يېقىنلىشىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىليىتى، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانونچىلىق قورۇلۇشىنى تەشۋىق قىلىدۇ. قانون ساۋاتلىرىنى ئوموملاشتۇرىدۇ. قانون جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. سىياسىي-قانون سېپىدىكى ئىلغار ئىش ئىزلارنى مەھھىيلەيدۇ.رەزىللىكنى سۆكۈپ جەمئىيەتتە توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرىدۇرىدۇ. قانال خاس پروگراممىلارنى ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېلىمىزدىكى قانون تۈرىدىكى داڭلىق سەھىپىلەر ۋە قانون تۈرىدىكى ئەڭ يېڭى كىنو،تېلىۋىزىيە تىياتېرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
قانال كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭگو قانون ئەمىليىتى»،«جۇڭگو ساقچىلىرى»،«غەربىي دىيار ساقچىلىرىغا نەزەر» ناملىق قانونغا ئائىت بىر تۈركۈم داڭلىق پروگراممىلارنى كىرگۈزدى. بۇنىڭدىن باشقا كۈندۈزدە يەنە قانون تىياتېرخانىسى ئۇرۇنلاشتۇردى. كەچلىك ئالتۇن ۋاقىتتا تاماشىبىنلارغا ئالتۇن قالقان تىياتېرخانىسى ۋە ھەققانىيەت تىياتېرخانىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان ۋەقەلىكلەر،تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان كۆرۈنۈشلەر جەزمەن سىزنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ، كۆرگەنسېرى كۆرگىڭىز كېلىدۇ. شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانون قانىلى پروگرامما مەزمۇنلىرىنىڭ يېڭىلىقى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئىلمىلىقى، رەڭدارلىقى بىلەن سىزگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۆزىڭىز سەزمىگەن ھالدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 11 قانىلىنى كۆرگىڭىز كېلىدۇ.

قويۇلىدىغان پروگىرامىلار:
سۈپەتكە نەزەر پروگراممىسىنى تونۇشتۇرۇش


پروگرامما ھەققىدە قىسقىچە بايان: بۇ پروگراممىدا ئاساسلىقى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى، مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى، قانون ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ بازارنى تەكشۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىسى ، ساختا مەھسۇلات ياساش سېتىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە قېلىپلاشقان تىپىك كارخانىلارنى يۆلەش ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇش، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانون ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ قانونغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئېچىپ تاشلايدۇ. بازارنى نازارەت قىلىپ، پۇقرالارنى توغرا، ساغلام ئىستىمال قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.
رىياسەتچى: سۈن توڭ
فىلىم ئىشلىگۈچى: جاڭ مىڭچۇەن، شۈ جيەنمىڭ
ئالاقىلىشىش تېلىفونى:2574295—0991
ئاڭلىتىش ۋاقتى: چارشەنبە سائەت 21:40 دا رەسمىي ئاڭلىتىلىدۇ.
دۈشەنبە سائەت 13:23 دا، پەيشەنبە سائەت 12:45 دا تەكرار ئاڭلىتىلىدۇ.

ئىستىمال يېتەكچىسى پروگراممىسىنى تونۇشتۇرۇش


پروگرامما مەزمۇنى: پروگرامما ئىناق،ساغلام، بىخەتەر ئىستىمال مۇھىتىنى يارىتىشنى ئاساسىي مەقسەد قىلغان بولۇپ، ئىستىمال ھوقۇقىنى قوغداش قانونى ساۋاتلىرىنى ئوموملاشتۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئىستىمال ھوقۇقى نوپۇزىنى ئورنىتىش، ئاممىنىڭ ئىستىمال تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سۈپىسى ھازىرلاپ بېرىدۇ.
رىياسەتچى: مەريەم.
فىلىم ئىشلىگۈچى: چوۋ خەيلىن، شۈ جيەنمىڭ
ئالاقىلىشىش تېلىفونى:2574295—0991
ئاڭلىتىش ۋاقتى: پەيشەنبە سائەت 19:40دا رەسمى ئاڭلىتىلىدۇ.
جۈمە، شەنبە سائەت 21:59 دا تەكرار ئاڭلىتىلىدۇ.

ئاپتوموبىل ژورنىلى پروگراممىسى


پروگرامما ھەققىدە قىسقىچە بايان: بۇ پروگراممىدا 2001-يىلى 8-ئايدا ئاڭلىتىش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئاپتوموبىل ھەۋەس كارلىرىنى، شوپۇرلار ۋە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ، نوپۇزلۇق ئاپتوموبىل بازىرى ئۇچۇرلىرى، ئاپتوموبىل مەدەنىيىتى، ئاپتوموبىل ساۋاتلىرىنى يەتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى تاماشىبىنلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلىشىگە ئەڭ يېڭى ماتېرياللارنى تەمىنلەپ كەلدى. 2004-يىلى 8-ئايدا «ئاپتوموبىل ژورنىلى» سىملىق تېلىۋىزور تورى بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى رەسمى قاپلىدى.بۇنىڭ بىلەن «ئاپتوموبىل ژورنىلى»نىڭ ئىناۋىتى ۋە كۆرۈلۈش نىسبىتى يەنىمۇ ئاشتى. مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى سوفرى شىركىتىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا،ئاپتونوم رايوندا مەزكۈر پروگراممىنى مۇقىم كۆرۈش تاماشىبىنلىرى باركەن.
تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر:
1.«ئاپتوموبىل ساھەسى تېز ئۇچۇرلىرى». بۇ سەھىپىدە ئاپتوموبىل كەسپىدىكى خەۋەرلەر، ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى چوڭ ئىشلار ئۆز ۋاقتىدا ئاڭلىتىلىدۇ. تاماشىبىنلار ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ كۈندىن كۈنگە يېڭىلىق بولۇپ تۇرىدىغان بۇ دەۋردىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولالايدۇ.
2.«يېڭى ئاپتوموبىللارنى تونوشتۇرۇش». مۇشۇ يىللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، تاماشىبىنلارنىڭ يېڭى ئاپتوموبىللارغا بولغان چۈشۈنىشى ئىنتايىن چەكلىك بولىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا قارىتا بۇ سەھىپىدە يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكى تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ.
3.«ئاپتوموبىللارنى سىناش ھەققىدە دوكلات». بۇ سەھىپىدە ئاپتوموبىل بازىرىدىكى ھەر خىل داڭلىق ماركىلىق ئاپوموبىللارنى ھەيدەپ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى سىناق قىلىنىدۇ. بۇ شىنجاڭ شارائىتىنى چىقىش قىلىپ، يول ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشىمايدىغان تىپتىكى ئاپتوموبىل سىناق قىلىنىپ،بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ.بۇنىڭدا ئادىل، ھەقىقىي، ئوبىكتىپ بولۇشقا ئەمەل قىلىنىش بىلەن بىرگە بۇ سەھىپىدە ئىچكى جايلاردىكى تېلىۋىزىيە ئاخپارات ۋاستىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت خاراكتىرلىق ئاپتوموبىلنى سىناش ۋە ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى تەشكىللەيدۇ. ئاپتوموبىل ئاساسەن شىنجاڭنىڭ مۇھىتىغا ماس كېلىش،كەلمەسلىكى جەھەتتە سىنىلىدۇ.
4.«ئاپتوموبىل ساھەسىگە نەزەر» سەھىپىسىدە ئېلىمىزدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ئاپتوموبىل سېتىش شىركەتلىرى شۇنداقلا ئۇلار ساتىدىغان ھەر قايسى ماركىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ مەخسۇس دوكانلىرى، S3 ،S4 دوكانلىرىنى ئاساس قىلغان مەخسۇس تېمىدىكى سەھىپىلەر كۆرسىتىلىدۇ.
5.«مودا ئاپتوموبىللار» سەھىپىسى ئاپتوموبىللاردىن ھوزۇرلىنىش سەھىپىسى بولۇپ ئۇنىڭدا تاماشىبىنلار ئادەتتە كۆرەلەمەيدىغان دۇنيادىكى داڭلىق ئاپتوموبىللارنى كۆرەلەيدۇ. سۆرەت ئېنىق، رەڭلىرى ئوچۇق بولۇپ كىشىگە بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدۇ.ئاساسلىقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇتلار ئىشلىگەن يوقۇرى سۈپەتلىك تەشۋىقات فىلىملىرى كۆرسىتىلىدۇ.
رىياسەتچى: ليۇ ۋېنجۇەن
فىلىم ئىشلىگۈچى: جاڭ گې
ئالاقىلىشىش تېلىفونى: 2578958—0991
ئاڭلىتىش ۋاقتى: دۇشەنبە سائەت 19:40 رەسمىي ئاڭلىتىدۇ. ئاڭلىتىش ۋاقتى، سەيشەنبە سائەت 16:32، چارشەنبە 8:19 دا تەكرار ئاڭلىتىلىدۇ.

سىياسىي قانون خەۋەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش


پروگرامما ھەققىدە قىسقىچە بايان:
سىياسىي قانون خەۋەرلىرى مەزكۈر قانالنىڭ داڭلىق پروگراممىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا قانالنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي قانون ئىشلىرىنى خەۋەر قىلىدىغان ئاساسلىق پروگرامما. ئۇنىڭغا باشقا ئاخپارات پروگراممىلىرىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ۋە كۆڭۈل ئېچىش خەۋەرلىرى ئارلاشقان ئەمەس. ئۇ تېخىمۇ كەسپى بولۇپ ئاساسلىقى دۆلەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايوندا ئېلان قىلىنغان ۋە يولغا قويۇلغان قانون بەلگىلىمىلەر، سىياسەتلەرنى خەۋەر قىلىش، دۆلەتنىڭ نوپۇزلۇق ئۇچۇرلىرىنى تېز ھەم ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈش، قانون تۇرمۇشى جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەد قىلغان. پروگراممىدا «بۈگۈنكى سىياسىي قانون خەۋەرلىرى»،«سىياسىي قانون ئاخپاراتى»، «سىياسىي قانون مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرى»دىن ئىبارەت سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان.ۋاقتى 10 مىنۇت. ھەر ھەپتىدە 5 سان ئاڭلىتىلىدۇ. ئاڭلىتىش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 500 سان ئاڭلىتىلدى.
تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر: ھەر ھەپتىدە 5 سان ۋە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئالاھىدە سانغا بۆلىنىدۇ. ئاددى ساندا نوقۇل خەۋەرلا ئاڭلىتىلىدۇ. سىياسەت ۋە سىياسىي قانون خەۋەرلىرى ئاڭلىتىلىدۇ. ھەپتە ئاخىرىدىكى ئالاھىدە ساندا مەخسۇس پروگرامما ئاڭلىتىلىدۇ. يەنى ھەر ئايدىكى قانون-بەلگىلىمىلەر، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلار، قانون ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىشلىرى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى مەخسۇس پروگراممىلار ئىشلەپ كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن: ھەر يىلقى 15-مارت ئىستىمالچىلار ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى، 26-ئىيون خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى،4-دېكابىر مەملىكەتلىك قانون ساۋاتلىرىنى ئوموملاشتۇرۇش كۈنى ۋاھاكازالار.
پروگرامما رىياسەتچىسى: ليۇ ۋېنجۇەن
پروگرامما ئىشلىگۈچى: جاڭ ياڭ
ئالاقىلىشىش تېلىفونى: 2562299—0991
ئاڭلىتىش ۋاقتى: ھەر كۈنى كەچ سائەت 19:30 ، 21:55(تەكرار)

ئامان بولۇڭ پروگراممىسى


پروگرامما ھەققىدە قىسقىچە بايان: شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 11-قانىلىنىڭ ئامان بولۇڭ پروگراممىسى 2005-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمى ئاڭلىتىش باشلانغان سىياسىي قانون تەشۋىقات پروگراممىسى.
پروگراممىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى: قاتناش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، جامائەتچىلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، قانون بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش. پروگرامما مەۋقەنى قاتناشقا قارىتىپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى قانونى» ساۋاتلىرىنى ئوموملاشتۇرىدۇ. خەلق ئاممىسى بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن قاتناش مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ.شۇ سەۋەپلىك بۇ پروگرامما تاماشىبىنلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى بولۇپ قالدى.
تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر: «مىسال بىلەن قانون سۆزلەش».«نەق مەيدان» قاتارلىق سەھىپىلەر بار. ئېغىر قاتناش ۋەقەلىرىنى ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلىپ، سەۋەبىنى يېشىپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق قاتناش بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرىنى ئوموملاشتۇرىدۇ. قاتناش ۋەقىلىرىنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە كېمەيتىدۇ. پروگراممىدا يەنە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەر تەكشۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قاتناش قىيىن مەسىلىلىرىنى يېشىپ بېرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپىرىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
رىياسەتچى: ليۇ ۋېنجۇەن.
فىلىم ئىشلىگۈچى: جاڭ گې
ئالاقىلىشىش تېلىفونى: 8986056 ،2578958—0991
:xjtvsyilupingan@126.com e-mail
ئاڭلىتىش ۋاقتى: سەيشەنبە سائەت 19:40دا رەسمىي ئاڭلىتىلىدۇ. چارشەنبە سەئەت 12:33 ، پەيشەنبە سائەت 16:47دا تەكرار ئاڭلىتىلىدۇ.

«ئالاھىدە ئىككى تەرەپ» پروگراممىسىنى تونۇشتۇرۇش


پروگرامما ھەققىدە قىسقىچە بايان: بۇ پروگرامما شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قانون قانىلى (11-قانال) نىڭ يېڭى پروگراممىسى بولۇپ، ئۇ تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ھىكايىلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ساغلام تۇرمۇش ئاتا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.ھەقىقىي ھىكايە ۋە ھىكايىدىكى كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ ۋە رىياسەتچىنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئىدىيە، تىل ۋە قەلپ ئۇچرىشىشى بىلەن، ھىكايىدىكى كىشىلەر يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى زىدىيەتنى يېشىپ، ئىنسانىيەتتىكى مېھرى مۇھەببەت ۋە رەزىللىك ئېچىپ بېرىلىدۇ. بىز بۇ سۈپا بىلەن كىشىلەرنى يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلدۇرۇپ، چۈشۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئالاھىدە زىدىيەت ئارىسىدىن ئىناقلىققا باشلاپ، ئۇقۇشماسلىقنى، زىدىيەتنى تۈگۈتۈپ كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىمىز. ساغلام تۇرمۇشتىن بەھرىمان قىلىمىز.
رىياسەتچى: جاۋ چېن
ئاڭلىتىش ۋاقتى: پەيشەنبە سائەت 19:40 دا ئاڭلىتىلىدۇ.
شەنبە سائەت 10:00دا، يەكشەنبە سائەت 19:40 دا تەكرار ئاڭلىتىلىدۇ.


xjtv-12 ھەققىدە


شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر قانىلى شىنجاڭ ھەتتا مەملىكەت بويىچە ئۈچ خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىلىدىغان بىردىنبىر ئۆسمۈرلەر مەخسۇس قانىلى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتنىڭ «قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر نەچچە يوليۇرۇقى »نىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى 2004-يىلى 30-دىكابىر شىنجاڭدىكى 0ياشتىن 18ياشقىچە بولغان ھەرمىللەت ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۆسمۈرلىرىگە بۇ مەخسۇس قانالنى ئېچىپ بەردى. قانال «ھۆرمەتلەش، قوللاش، يېتەكلەش، خوشال قىلىش»ئىدىيسى بىلەن، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە ھەمرا بولۇپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتەك تارىخى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، ھەربىر بالىنى ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى باشلىنىشىغا ئىگە قىلىدۇ. قانالدا ئۈچ خىل تىلدا كۈنىگە 18سائەت پروگرامما كۆرسۈتۈلىدۇ، پروگرامما تاللاشتا، ئۈچ خىل تىلدىكى مەسئۇل مۇھەرىرلەر قانالنىڭ ئاساسي مەقسىدىنى چىقىش قىلىپ، ئاساسي جەھەتتىن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ –يېتىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مۇنەۋۋەر كارتون فىلىم ۋە كىنولارنى تاللايدۇ. قانال تەسىس قىلىنىپ بۈگۈنگىچە 11648سائەت بىخەتەر پروگرامما ئاڭلاتتى. قانالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پروگراممىلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ:
بىرىنچى، قانال ئۆزىلىرى ئىشلىگە پروگراممىلار: بۇنىڭدا ئاساسلىقى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالاھىدە روھى قىياپىتىنى تولۇق نامايەن قىلىدىغان ھەرخىل چوڭ تىپتىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرى كۆرسۈتۈلىدۇ.
ئىككىنچى، «ئۆسمۈرلەر دۇنياسى»: بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر كارتون فىلىملىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرىدىكى پروگراممىلار بېرىلىدۇ؛
ئۈچىنچى،«بۈركۈت كىنو كۇلۇبى»: كۈنىگە ئىككى قىسىمدىن ئاساسي مىلودىيە ياڭرىتىلغان مۇنەۋۋەر كىنولار بېرىلىدۇ.
تۆتىنچى، «12- قانال كىنوخانىسى»: كۈنىگە بىر قىسىمدىن دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەرنىڭ مۇنەۋۋەر كىلاسسىك فىلىملىرى بېرىلىدۇ.
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالاھىدە روھى قىياپىتىنى تولۇق نامايەن قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچ خىل تىلدا بىخەتەر ئاڭلىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، قانال ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ، پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. تېلېۋېزىيە ئېكرانى ئارقىلىق بالىلارغا ئۆسۈپ –يېتىلىش باغچىسى ھازىرلاپ بەردى.

«قار لەيلىسى» ئۇيغۇرچە پروگراممىسى


ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى«قار لەيلىسى»پروگراممىسى سۆھبەت تۈرىدىكى پروگراممىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كىچىك چولپانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سەنئەت تالانتى، قىزىقىشى ئاساسى گەۋدە قىلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا ئۇلارغا باھا بېرىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى قىزىقارلىق ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. كىچىك چولپانلار بىلەن چوڭ چولپانلارنىڭ سۆھبىتدە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلش كەچۈرمىشلىرى ھىكايە تەرىقىسىدە سۆزلىنىپ، قېينچىلىققا يولۇققاندا قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە يول كۆرسىتىپ، نەق مەيدان ۋە تېلېۋېزور ئېكرانى ئالدىدىكى تاماشىبىنلارنى كۈچلۈك ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. مەزمۇن ۋە شەكلى پۈتۈنلەي يېڭى بولۇپ، ئىدىيىۋىلىك ، دەۋىرلىك ۋە ئوبراز يارىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە –ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسيالىستىك شەرەپ- نۇمۇس قارىشى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى پروگرامما ئاساسلىقى كىچىك چولپانلار ۋە چوڭ چولپانلارنىڭ سۆھبەتلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كىچىك دوستلارنىڭ ساپا تەربىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، نەق مەيدان ۋە تېلېۋېزور ئېكرانى ئالدىدىكى كىچىك دوستلارنى تىرىشىپ ئۈگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.ئۇلارغا كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۈگىنىشتە يولۇققان قېيىن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى ئۈگىتىدۇ.
فىلىم ئىشلىگۈچى: روشەن
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-2554069
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى: شەنبە كۈنى سائەت 12دىن 53مىنۇت .

خەنزۇ تىلىدىكى «قار لەيلىسى» پروگراممىسى


پروگرامما مەزمۇنى: ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «قار لەيلىسى»پروگراممىسى، ئۆزىنى چىنىقتۇرۇپ سەنئەت تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان چوڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى، پروگرامما خوشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇپ، ئىشەنچ بىلەن چوڭ بولۇشنى مەقسەد قىلىدۇ.
فىلىم ئىشلىگۈچى: چىن ۋىنجىڭ
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-2558685
كۆرسۈتۈلۈش ۋاقتى: دۈشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە كەچ سائەت 20دىن 02مىنۇت ئۆتكەندە، جۈمە سائەت 20دىن 02مىنۇت .

قازاق تىلىدىكى«قار لەيلىسى»پروگراممىسى


قازاق تىلىدىكى «قار لەيلىسى»پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى«ئۈمىد يۇلتۇزى»رىقابەت سەھنىسىدە بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلىش . پروگراممىنىڭ شەكلى ھەرخىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۆسمۈر تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىدۇ.
فىلىم ئىشلىگۈچى: نۇر باقىت
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-2556277
كۆرسۈتۈلىش ۋاقتى: يەكشەنبە كۈنى سائەت 15دىن 20مىنۇت .

مەنبە: «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسى تور پونكىتى» دىن ئېلىندى.
مەنبەسى: يۇقارقى مەزمۇنلار شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى تورىدىن، ھۆرىيەت مۇنازىرسىدىن كۆچۈرۈلدى  ھەم  ھەرقايسى  تور  بەتتىن،  يىغىپ رەتلەپ چىختىم..  [/size
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(Ark-zat)
  • ئەلـزات  ئىمزاسى

    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:14 3 -قەۋەت
    qakmak0908

    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14212
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 806
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە806دانە
    شۆھرەت: 871 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8082 سوم
    تۆھپە: 37 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :574(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-08
    ئاخىرقى :2008-08-01

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەپسۇس ....بۇنى سىز مىڭ جاپادا تەرجىمە قىلغانسىز ھەقىچان.
    شۇنچە چوڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە توربېتى يوقدە..........
    مۇشۇ تۆھپىڭىز ئۈچۈن مەشرەپ پىروگراممىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە تاماشىبىن بولۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس،

    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:15 4 -قەۋەت
    kenjibay

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33597
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 220
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
    شۆھرەت: 221 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :101(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-02-22
    ئاخىرقى :2008-07-30

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

            بەك  ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇش بېرىپسىز . رەھمەت سىزگە .
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:18 5 -قەۋەت
    亨利

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 53771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-06-29
    ئاخىرقى :2008-07-04

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    [
                           
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:25 6 -قەۋەت
    al_zat
    خاككىر  بىرلەشمىسى

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26786
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 740
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە740دانە
    شۆھرەت: 1316 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1095 سوم
    تۆھپە: 282 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 156 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :342(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-02
    ئاخىرقى :2008-08-01

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    Quote:
    بۇ يازما4قەۋەتتىكىqakmak0908نىڭ2008-07-01 23:15يوللىغان  :
    ئەپسۇس ....بۇنى سىز مىڭ جاپادا تەرجىمە قىلغانسىز ھەقىچان.
    شۇنچە چوڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە توربېتى يوقدە..........
    مۇشۇ تۆھپىڭىز ئۈچۈن مەشرەپ پىروگراممىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە تاماشىبىن بولۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس،


    رەخمەت  سىزگە.....
    ئەلـزات  ئىمزاسى

    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:32 7 -قەۋەت
    بانكىر

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 39402
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 434
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە434دانە
    شۆھرەت: 547 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4095 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :176(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-29
    ئاخىرقى :2008-08-01

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    قانچىلىك ۋاقىتتا يىزىپ بولغانسىز بۇ خەتلەرنى .
    izlax.com
    پەقەت بوېاقلا ھەقىقى يىغلايدۇ،
    پەقەت اللالا ھەقىقى  كەچۇردۇ .
    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:37 8 -قەۋەت
    ئەرك

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 17367
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 465 سوم
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :188(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-16
    ئاخىرقى :2008-07-31

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    Quote:
    بۇ يازما4قەۋەتتىكىqakmak0908نىڭ2008-07-01 23:15يوللىغان  :
    ئەپسۇس ....بۇنى سىز مىڭ جاپادا تەرجىمە قىلغانسىز ھەقىچان.
    شۇنچە چوڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە توربېتى يوقدە..........
    مۇشۇ تۆھپىڭىز ئۈچۈن مەشرەپ پىروگراممىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە تاماشىبىن بولۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس،

    شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئۇيغۇرچە توربېتى
    http://uyghur.xjtvs.com.cn
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:39 9 -قەۋەت
    ئىليار

    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 26768
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1004
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1004دانە
    شۆھرەت: 1005 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9931 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :78(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-01
    ئاخىرقى :2008-08-01

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    xjtv-2نىڭ ئاساسلىق قۇيۇپ بېرىدىغان كارتون فىلىملىرى < باتۇر سانخىلو>، <ئاكا-ئۇكا شاتۇرلار>، <ئەقىللىق يىشۇ>، < شەپەرەڭ پالۋان>، < ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار>، < ھاماقەت كىچىك ئەۋلىيا>  ....................................................................................................................
                            ئۇلارنىڭ قۇيىدىغان كارتون فىلىملىرى پەقەت مۇشىلا،  مۇشۇ  چەكتىن ئاشمايدۇ...
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
                                   
    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:39 10 -قەۋەت
    ماھىرە

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 30358
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 87
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە87دانە
    شۆھرەت: 88 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 870 سوم
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :98(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-20
    ئاخىرقى :2008-07-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

      ئەجرىڭىزگە بارىكاللا !
      كۆپ رىيازەت چېكىپسىز توردىشىم ، ئاللا ئىگەم ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى ئۆزى ئاتا قىلغاي !
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    ئۈنسىز يېتەكچى !
    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:43 11 -قەۋەت
    ئەرك

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 17367
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 465 سوم
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :188(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-16
    ئاخىرقى :2008-07-31

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     ەRe:شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى

    Quote:
    بۇ يازما8قەۋەتتىكىبانكىرنىڭ2008-07-01 23:37يوللىغان  :
    قانچىلىك ۋاقىتتا يىزىپ بولغانسىز بۇ خەتلەرنى .

    مەنبە ئادىرسى :http://uyghur.xjtvs.com.cn/
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:43 12 -قەۋەت
    toghraki

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 40165
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 104
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1040 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :58(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-08
    ئاخىرقى :2008-07-31

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەخسۇس بالىلار  پىروگىراممىلىرىنى ئىشلەيدىغان بىر قانال تەسس قىلىنغان بولسا نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى!!
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-07-01 23:46 13 -قەۋەت
    karwanyoli

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 1326
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە60دانە
    شۆھرەت: 62 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 414 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :34(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-02-04
    ئاخىرقى :2008-08-01

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    http://www.ziltar.com
    بۇ يەردىن تېلۋىزيە پىروگىرامملىرىنى كۆرۈڭ
    | ۋاقتى : 2008-07-02 00:19 14 -قەۋەت
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )


     

    Time now is:08-01 21:07, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation