![]() |
| ||||||
ئىز
نېمە ئۈچۈن ؟
| | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : ![]() |
puxtak
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھە ئەسلى مۇشۇنداق ياخشى باشقۇرغۇچىلار بولغاچقا شەبنەم شەبنەم بوپتىكەندە نىمىشقا ھەركۇنى شەبنەمگە كىرگىم كىلىدىكى دىسەم
ئەسلى مۇنداق دەڭ | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
Hursan.
خۇرسەن بوۋاي
| راسلا بۇ تورداشلار شەبنەم تورى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۋاتقان تورداشلار ، مەڭگۈ ھارمىغايسىلەر .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
قۇياش
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | فىرقەت نىمە ئىش قىلۋېتىپتۇ ، خەۋىرى بارلار خەۋەر بېرىڭلار ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى دەپ تۇگەتكىلى بولمايدۇ جۇمۇ ، قىش كۇنلىرى بىر قىزغا ياردەم قىلىش ئۇچۇن ئۇ ئاشۇ سوغاقتا كۇندە نەچچە قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ ھارمىغان ئۇ ،اللا ئىشلىرىنى ئوڭۇشلىق قىلسۇن ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
xabnam
شەبنەم تورى
| ئۆتمۈش ھامان تاتلىق ھەم شېرىن بولىدۇ . نۇرغۇن باشقۇرغۇچىلار ۋە نادىر ئەزالار شەبنەمدە ئۆتكەن . يۇقىرقى ئەزالارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈۋېتىپ بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ ئۈنۈمنى ئىچىمگە يۇتۇپ كەتتىم . ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ، ئالىي مەكتەپ ، ياشلىق ، قېرىلىق چاغلىرى بولغاندەك ، مۇنبەرنىڭ ئەنە شۇنداق چاغلىرى بولغان . لېكىن يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى بۇ ئەزالار ھەرگىز بىزدىن يىراقلاپ كەتكىنى يوق ، ئۇلارنىڭ باسقان ئىزلىرى ئارقىلىق شەبنەم بۈگۈن ئۆز ئورنىنى تاپقان . بەلكىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تورغا ۋاقىت چىقىرالمىغان بولۇشى مۇمكىن . ئۇشبۇ تېما ئارقىلىق يۇقارقى ئەزالارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى ۋە سېغىنىشىمنى بىلدۈرىمەن !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
| ئۆتمۈشنى ئەسلەتكىنىڭىزگە رەھمەت.
تاشقىنجانمۇ شەبنەم ئوبزۇرچىسى ئىدى،شېئىرلىرىنىڭمۇ جېنى بار ئىدى.يەنە ئاشىق،ئارسلان،يارقىن-2،مۇنبەت زېمىن،ھىلال ئاي،لاتاپەت،يۇلتۇز222،ۋىسال،جاللات خېنىم،...ساناپ كەلسەك جىق،بۇلارمۇ كونا ئەزالار.«ئەھۋال چاتاق»دەپمۇ بىرسى بار ئىدى،يەنە «ساقچى»،«گىتتارچى»،«گىتتار»قاتارلىقلارمۇ بار،ھەممىسى شوخ بالىلار ئىدى...ۋاقتى چىققانچە كىرىپ تۇرار بەلكىم. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
@QAWANDAZ@
| مەن شەبنەم ئەپەندىنىڭ مۇشۇ يېرىنى ياخشى كۆرىمەن. ھەقىقىي ئىنكاس يېزىشقا تېگىشلىك تېمىلارغا ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى چىقىرىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ`` مەنمۇ بىر يىلدىنئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا شەبنەم تورىدىن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم`` بىرقىسىم باشقۇرغۇچىلارنىمۇ خېلى چۈشەندىم دەپ قارايمەن`` شەبنەمدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ئۆملىشىم شەبنەمنىڭ(شەبنەمنىڭ بولغان ئىكەن تەبئىيلا ئۇيغۇرنىڭ)تەرەققىي قىلىشىنى تىلەيمەن `~~~~
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
koxuk
| ئۇيغۇر 214 نى كۆرمىگىلى راسىت ئۇزۇن بولدى.
خەنجەر بەگنى (ئاتا) نى شەبنەمدىلا ئەمەس دىيارىمدىمۇ كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولدى. بەلكىم توردا كۆپ كۆرۈنمەسلىكنىڭمۇ سەۋەبى باردۇ. قىززىقچىمىز كۈيخۇمار يوقاپلا كەتتىغۇ تاڭ ،تورغا چىقىدىغان ۋاقتى يوق ئوخشىمامدۇ؟ پەيكار ھەقىچان خىزمەت بىلەن ئالدىراشقۇ دەيمەن. فىرقەت بار قايتىپ كەلدى. يېقىندىن بېرى ئۇ يەر بۇ يەردە يۈرۈپ تورغا چىقالمىدى ھەقىچان . تاشقىنجان بىلەن تۇلپار يۇرتىنىڭ باش سۆرىتى ئوخشايدىكەن. ئىككىسى بىر ئادەممۇ ئۇقمىدىم. تارىخچىمىز يىلان ئەپەندىم ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پايتەختىمىزدە بىلىم ئاشۇرۋاتقان ئوخشايدۇ. جاللات007نى كۆرمىگىلى بەك ئۇزۇن زامانلار بولدى . ئەترىبەمۇ شۇ. شىرىنجان بۇرۇن كومپىيوتىر بىلىملىرى توغىرسىدا خېلى ئۇچۇر_مەسلىھەتلەرنى بېرەتتى. ئالپامىشمۇ خېلى بولدى يوقاپ كەتكىلى. ئىشلىرى سەل ئالدىراش ئوخشايدۇ. 153كە نىمە بولدىكىن ، بەك ئاز چىقىدىغۇ تاڭ. دىكى-دىكاڭمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ساقچى دەپ بىر تورداش بار ئىدى، ئۇنىمۇ كۆرمىگىلى زامان بولدى. يەنە.... | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
firkat
ئابدۇسالام راخمان
| ئالدى بىلەن ئىز ئەپەندىنىڭ ئۆتمۈشنى ئسمىزگە سېلىپ قويغىنىڭغا رەھمەت ئېتيىمەن.
ھەقىقەتەن مۇنبەرنىڭ تارىخىدا خېلى كۆپ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالىرىمىز ئۆتكەن. كونا مۇنبەر ۋە ي يېڭى مۇنبەردە تونۇشقان رىئاللىقتا كۆرۈشكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى ھازىر مۇنبەرگە ئانچە كىرمەس بولۇپ كەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدا قالدۇرغان نادىر ئەسەرلىرى ۋە مۇنبەرنىڭ ھازىرىقى تەرەققىياتنىڭ ئاساسى بولۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئەسلەشكە، ئىزدەشكە ئەرزىيدۇ. پېقىرمۇ يىراق يۇرتتا بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىپ تورغىمۇ ئانچە كۆپ چىقالمىدىم. ئەمما مۇنبەرنىڭ ھاياتىمنى، تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغانلىقىنى ئەنە شۇ ئائىلىدىن، توردىن خالىي بولغان يىراق يېزىغا قايتقاندا ھېس قىلدىم. تورغا چىقىش ئۈچۈن موتسېكلىت بىلەن بىر سائەتتەك يول يۈرۈپ ناھىيىگە بېرىشقا توغرا كېلەتتى. بەزىدە موتسېكلىت ساقلاپلا بېكەتتە بىرەر سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇپ كېتەتتۇق. ئەمما مۇشۇ ئىشلارمۇ مۇنبەرگە كىرىشىمگە توسقۇنلۇق قىلالمىدى. ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم بولسىمۇ تورغا كىرىپ شەبنەمنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇردۇم. ئاللاھقا مىڭ شۈكرى ئۆيۈمگە سالامەت قايتىپ كېلىۋالدىم. ئەمدى شەبنەمنىڭ ئالدىدىن ئايرىلمايمەن. چۇنكى مۇنبەرنىڭ مۇھەببىتى، مېھىرى ماڭا نىسبەتەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن مۇھىمكەن. ئىز ئەپەندىنىڭ كەمىنە پېقىرنى ئەسلەپ تۇرغىنىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. رەھمەت سىزگە. | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
Nurlan_Uighur
| ئىز ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. دىمىسىمۇ ئەنە شۇلار ۋە شۇلارغا ئوخشاش قابىل باشقۇرغۇچى، ئەزالارنىڭ رولى نەتىنجىسىدە « شەبنەم» بۈگۈنكىدەك كۈنگە كەلگەن. «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇش» نۇمۇسسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. مەنمۇ ئالپامىش، خەنجەر بەگ، يىلان، ئېچىنىمەن .... قاتارلىق تورداشلارنى سېغىندىم.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
tulpar-yurti
| ئىز ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر تىمىسىنى كۆرۈپ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى قاينام -تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇشقۇن كەيپىياتىنى ( ھىلىمۇ شۇنداق ) كۆرگەندەك بۇلدۇم .
پىقىرمۇ بىلدىغانلىرىمنى ئەلدىن ئايىماي كۆپچىلىككە دەپ بىرەي . خەنجەربەگ مۇنبەردىن ئايرىلغىنى يۇق ، ئۇ باشقا ئىسىمدا ھىلىمۇ شەبنەم مۇنبىرىدە مەۋجۇد . ئۇ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ بۈگۈنكى ھالەتكە كىلىشىدە ئاز بۇلمىغان تۈھپىلەرنى قۇشقان ، شۇڭا ئۇنىڭ شەبنەم مۇنبىرىگە ، ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان مۇنبەر ئەزالىرىغا ئۇتتەك مىھرى بار. لىكىن ھازىرغىچە تىما يۇللاپ باقمىدى . پەقەت باشقا ئىسىمدا كىرىپ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ يىقىنقى تەرەقىيات ئەھۋالىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۈلۈپ . ئاز-ساز ئىنكاسلىرى بىلەن مۇنبەرنى ھەر -ھالدا ئاۋات قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. تىما يۇللىماسلىقىدىكى سەۋەپ خەنجەربەگ باشقىلار ئىيتقاندەك ، شەبنەم ،دىيارىم قاتارلىق مۇنبەرلەرردە ئۆزىنى پىشىلدۇرۇپ ،ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى ، يەنى ئۆز ئالدىغا ، ئىلىم -مەرىپەت ، مەدەنىيەت ، پەن -تىخنىكا يىڭلىقلىرى ئاساس قىلىنغان ،باشقا مۇنبەرلەردىن پەرىقلىق بۇلغان مۇنبەر قۇردى . شۇ سەۋەپ تۈپەيلى ئۇ مۇنبەرگە ئىسىل يازمىلىرىنى ۋاختىدا يۇللالمىدى. ئىشىنىمەنكى ئۇ پات -يىقىندا بۇرۇنقى ئىسىمدا شەبنەم مۇنبىرىدە مەۋجۇد بۇلۇشى مۆمكىن. تاشقىنجانغا كەلسەك ، بۇ بۇرادىرىمىزمۇ بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈپەيلى شەبنەم مۇنبىرىدىن چىكىنگەن ،كىيىن پىقىرنىڭ قايتا -قايتا ھاۋالىسى بىلەن مۇنبەرگە باشقا نامدا كىرگەن بۇلسىمۇ ،لىكىن يەنىلا مۇنبەردە كۆڭلى تەسكىن تاپمىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇ بارلىق يازمىلىرىنى سۇمرۇغ مۇنبىرىگە ئاتاپ ، سۇمرۇغ مۇنبىرىدە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.. قۇشۇق ئەپەندىم مىنى تاشقىنجانمىكىن دەپ قاپتۇ، ئەمەليەتتە مەن تاشقىنجان ئەمەس ،بەلكى مۇنبەرنىڭ ئەڭ كۇنا ئەزالىرىدىن بىرى . باشقا ئەزالارنى تازا ياخشى بىلىپ كىتەلمىدىم . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
qimbulak
مەن شەبنەمدە يىتىلگەن
| ئاغىينەم ئۇيغۇر214 بەك ئەخلاق پەزىلەتلىك ، بىلىمىك ئىسىل بالا ئىدى . ئەپسۇس خىزمەت ئىھتىياجى ئۈچۈن سىپىمىزدىن بىر مەزگىل ئايرىلدى.
خەنجەربەگ مۇ ھەقىقەتەن بىلىملىك ، كەسكىن بۇرادىرىم ئىدى. ئۇ ئەمدى باشقا تورلارغا جىق چىقمايدۇ ، ئۆز ئالدىغا مەرىپەت خارەكتىرىدىكى تور بىكەت قۇردى . ئاۋۇ فىرقەت دىگەن پالىكۇز باشقۇرغۇچىمىز يىقندا قايتىپ كەلدى (ئۇ مۇنبەردىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ) پەيكەر ، ئۈستۈنئاتۇش مائارىپى قاتارلىقلارنى كۆرمىگىلىمگە خېلىلا ئۇزۇن بولدى ، كىرمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلمىدىم . يۇقارقىلار ھەقىقەتەن شەبنەم مۇنبىرىنىڭ گۈللەندۈرگۈچىلىرىدىن ئىدى . ئۇلارنىڭ قايتىپ يەنە شەبنەمدە پەيدا بولىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
wolf516
ئوغۇزخاننىڭ يولباشچسى كۆك بۆرە
دەرىجىسى :تېما چولپىنى | مەن كىرگەندىن بىرسى ئۇنداق ئەزالارنىڭ بارلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن.(مەن تېخى يېڭى ئەزا ئەمەسمۇ)، بىلدۈرۈپ قويغۇنىڭىزغا رەخمەت
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
ئىليار
دەرىجىسى :تېما چولپىنى | مەن مۇنبەرگە يېڭىلا كىرگەن ۋاقتىمدا كۈيخۇمارنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم ، ئەممە يىقىندىن بېرى كۈرۈنمەس بۇلۇپ كەتتى...
بىزنىڭ مۇنداق باشقۇرغۇچىللىرىمىز بار دەڭ، بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق باشقۇرغۇچىلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىىلىمەن. ![]() ![]() ![]() ![]() | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
musallas
مۇسەللەس
| قامچا ، جۇدۇن ،خىسلەت ، گۇلگىنە ،دىل رۇس ،نۇرى0996 دەپ توردىشىمىز بۇلۇدىغان ، شۇنداق قىزغىن ئىنكاسچى ھەم مۇشائىرە گە ئامراق . ئۇزۇن بولدى يۇقاپ كەتتى ، كونا مۇنبەرنىڭ مىھرى بەك ئىللىق ئىدى جۇمۇ ، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق ، لىكىن سېغىنىش ئۇتى بۇنىڭدىنمۇ كۇچلۇك بۇلۇدىكەن .، بولسا ئۇلار قايتىپ كەلسە مۇنبەر دىن چاڭ چىقىپ كىتەتتى ......ھەي شۇ كونا مۇنبەردىكى شوخلۇق قىزىقچىلىقلار ......قىنى- قىنىمىزغا پاتماي شوخلۇق قىلىپ ، شىئېر يېزىشاتتۇق .....جۇپ تارتىشىپ توي قىلىمىز دەپ سوتقا چۇشۇپ كەتكەنلىرىمىز ئىسىمدىن قەتتى چىقمايدۇ .......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |