TARANQI611
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 127
شۆھرەت: 128 نۇمۇر
پۇل: 1270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:47(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-22
|
بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى
بىرئۇيغۇرنىڭ چۈشى بىر ئۇيغۇر ئايال بالسىنى ئاتنىڭ ئالدىغا مىندۈرگەن ھالدا ئالدىغا قاراپ قاچماقتا ئىدى،ئۇ قورقاتتى،ھۇدۇقاتتى،ئۇ ئالدىدىكى دەرخكە ئۈسىۋالدى،پىشانىسدىن ئىسسق قانلىرى ئاقتى،ئۇ يەنە ئېتىغا مىندى،ئۇ نىمىگە قاچىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ كەينىدە سوۋىت ئىتپاقى ئىشلەپ چىقارغان بىر ماشىنا ۋە بىر نەچچە ئاتلىق ئۇيغۇر ئۇنى قوغلىماقتا ئىدى،ئۇلار ئۇنى ،بىر ئانىنى نىمشقا قوغلايدىغاندۇ؟ ئانا توختىماي قاچاتتى،ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى،قاچقۇدەكمۇ مادارى قالمىغان ئىدى. ئۇلارغا تۇتۇلۇشنى ھەرگىز خالىمايدىغاندەك قىلاتتى.ئۇنى قوغلۇغۇچىلارمۇ ھېرىپ ھالىدىن كېتەيلا دىگەن ئىدى،ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋىلشقا ئالدىرايتتى. قوغلۇغۇچىلار تۇيۇقسىزلا قەدىمىنى ئاستىلاتتى،ئۇلار بىر شۇملۇقنى ئويلىغاندەك قىلاتتى.ئۇلار ئەگىپ ئۆتۈپ ئانىنىڭ ئالدىنى توسماقچى بولدى،ئۇلار ئانىنىڭ يەنە ئالدىغا مېڭىشىنى خالىمايتتى. ئانا ھىچنىمنى چۈشەنمەيتتى،ئۇ جايىدا قېىتپلا قالدى،ئۇ ئېسىنى يىغىپلا كەينىگە قاچتى،ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەكلا قىلدى.ئۆزىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلغاندەكلا ھېس قىلدى....بىراق نامالۇم كىشىلەر ئۇنى قوغلىمىدى،ئەكسىچە ئالدىدىكى قورۇغا كىرىپ كەتتى. ئانىنىڭ كۆزىگە يىراقتىن بىر ھويلا كۈرۈندى.ئۇ شۇ تەرەپكە قاراپ ئات سالدى.قوراغا يىقىن كىلىپ كۆرگىنى بولسا، بىر توپ ۋەھشى ئىتنىڭ ئۇنىڭغا خىرىس قىلىشى بولدى،ئۇ قورقۇپ كەتتى.كەينىگە داجىۋىدى ، بىر سىېرىق رەڭلىك مۆڭگۈزلۈك كالا چىقتى،ئۇ تېخمۇ قورقۇپ كەتتى لېكىن كالا ئۇنىڭ قېشىغا كەلمەي باشقا ياققا كەتتى. ئۇ ھويلىغا يېقىنلاشتى،ھويلىدا ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن تەلەتى سەت خەنزۇ ئاياللار تۇراتتى،ئاياللار توختىماي ئىش قىلاتتى،ئۇلار ناھايىتى جىددى ئىدى. ئۇ ئاياللارغا يېقىنلاشتى،ئۇلار ئۇنىڭدىن سورىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا–ئانىسى يوقلىقىنى دىدى. شۇندىلا ھويلىدىن بىر غۇلجا دوپپىسنى كىيگەن مويسىپىت بۇۋاي چىقتى. ئۇ ئۇيغۇر ئايالغا : قىزىم مېنى ئۆيۈمگە ئاچىقىپ قويۇڭ دىدى.بىراق ئانا سىرتقا چىقىشتىن قورقاتتى.چۈنكى يەنە بىر قورادىكى ئۇنى قوغلىغان كىشىلەرمۇ قايىتقاندەك قىلاتتى،ئۇلار روس تەلەپپۇزىدا سۆزلىشىۋاتاتتى،ئۇلار ئۆي ئىگىسگە تەكەللۇپ ئېيتىپ خوشلاشماقتا ئىدى. تۈگىدى. ئاپلا مەن ئويغىنىپ كەتتىم،چۈشۈمنىڭ ئاخىرىنى بەكمۇ كۆرگۈم بار ئىدى 2007–يىلى3–ئاينىڭ14–كۈنى(ئۈرۈمچى)
______ جۇدا تەستىقلىدى
|
تارانچى
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-14 13:00 |
| |