aristotil
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 92
شۆھرەت: 106 نۇمۇر
پۇل: 196 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-02
|
تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ۋە ئىنسانلار ئۇچۇرى(Bنۇرمال)
تاشقى پىلانىت ئادىمى
كىلەرنىڭ تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگە بولغان قاراش ھەر خىل. بەزلەر بار دىسە بەزلەر يوق دەيدۇ. تاشقى پىلانىت ئادەملىرى دىگەندە،يەرشاردىن باشقا بىر جايدا ياشغان تەپەككۇر قىللايدىغان جانلىق كۆزدە تۇتۇلدۇ.
تاشقى پىلانىت ئادەملىرى يوق دىگۈچلەرنىڭ ئىسپاتى ئاساسەن <<ھازىرغىچە بىزگە ئۇچۇر كەلمىدى>>دىگەندىن ئىبارەت.
مەلۇم مەكتەپ ئۇقۇغۇچلىرى بۇ تۇغرىسدا مۇنداق قاراشلارنى ئوتتۇرغا قۇيدى.ئۇلار بىردەك تاشقى پىلانىت ئادەملىرى بار دەپ قاردى.لىكىن ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە تۈزۈلىشى،تەپەككۇر شەكلى تۇغرىسدىكى پىكىرى بىردەك بولمىدى.ئۇلارنىڭ تاشقى پىلانىت ئادەملىرى بار دەپ پەرەز قىلىشنىڭ ئىسپات ئاساسىي؛ <<دۇنيا قارمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى،يەر شارى جۇپسىز مەۋجۇت بولمايدۇ>>دىگەندىن ئىبارەت. مەكتەپ تەھلىلچىللىرىنىڭ قاراشلىرى تۈۋەندىكدەك بىرقانچە خىل.
①ئالەم نىڭ تۇزلىشى قارمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى،ئالەمدىكى مادىلار سېمتىرىك جايلىشدۇ.يەنى ئانتى ماددىلار بىلەن ئادەتتىكدەك ماددىلار ئالەمنىڭ مەركىزى گە نىسبەتەن سېممتىرىك بۇلۇپ،ئۇچ ئۆلچەملىك كوئوردىنات سېستىمىسدا،يەرشارنىڭ كوئوردىنات مەركىزىگە نىسبەتەن سېممتىرىك جايدا ئانتى ماددىلاردىن تۈزۈلگەن،يەرشارىگە ئوخشايدىغان بىر سەييارە بار. بۇ سەييارەدە ئانتى ماددىلاردىن تۈزۈلگەن تاشقى پىلانىت جانلىقلىرى بار. يەنە كىلىپ بۇ يەردىكى ھەر بىر تۈر،ھەربىر جانلىقنىڭ ئانتى(قارشى)سى ئۇ پىلانىت(بىزئۇ سەييارنى ئانتى يەرشارى دەپ ئاتىدۇق)تا بار.ئۇ يەردىكى نەرسىلەر بۇ يەردىكنىڭ تامامەن ئەكسى بۇلدۇ.يەرشاردىكى بارلىق كىشلەرنىڭ ئانتى يەر شاردا ئانتىسى بۇلۇپ، ئۇلاربىرلەشكەندە ئۇلارنىڭ تەركىبدىكى يادرو ئېنىرگىيلىرى بىراقلا قۇيۇپ بىرلىش بىلەن بىرگە ئىككى جانلىق تەركىبدىكى روھ مۇ بىرلىشىپ غايىپ بۇلدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىككى سەيياردىكى تەپەككۇر قىلالايدىغان جانلىقلارنىڭ روھىمۇ قارشى بۇلۇپ بىرلەشكەندە،غايىپ بۇلدۇ.
بۇنداق قاراشتىكلەرنىڭ قارىشىنى يىغىنچاقلىغاندا،ئالەمدىكى بارلىق مۇرەككەپ ماددا ،روھ،قاتارلىقلارنى ئالەمنىڭ مەركىزى بۇيچە قاتلىغاندا،ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ مىقدارى نۆلدىن ئىبارەت ھەم ئاددىي ھەم مۇرۇككەپ سانغا تەڭ بولدۇ.
②بۇ قاراشتىكلەر يۇقىرقىدەك بولغاندا ھەممە نەرسە سېممىتىرىك قاتلىغاندا نۆل بولسىمۇ ئالەمدىكى ئېنىرگىيە ئېىشىپ قالدۇ،دەپ مۇنداق تەھلىل قىلدى.
ئالەمنىڭ تۈزۈلىشى مۇرەككەپ بۇلۇپ،بۇنىڭ بىلەن تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ ھىچقانداق مۇناسۋىتى يوق. بىزنىڭ يەر شارى بىلەن ئانتى يەر شارى ئىككى ئۆلچەملىك كوئوردىنات سېستىمىسدا كوئوردىنات مەكىزىگە نىسبەتەن سېممتىرىك بۇلدۇ. لىكىن ئۇ يەردىكى مادىلار نىڭ ھالتى بىلەن يەر شاردىكى ماددىلارنىڭ ھىچقانداق مۇناسۋىتى يوق،بىزنىڭ تەپەككۇرمىز بىلەن تاشقى پىلانىت جانلىقنىڭ تەپەككۇرنىڭمۇ مۇناسۋىتى يوق.
③ئەمەليەتتە مەۋجۇدىيەتنىڭ قارمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى بۇلۇشى بىلەن بىزدىن باشقا تەپەككۇر قىلالايدىغان، باشقا ئاسمان جىسىلىرىدا ياشايدىغان جانلىقلارنىڭ بۇلۇشى بىر بىرگە مۇناسۋەتسىز.جانلىقلارنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە تەدرىجى تەرەققىياتىدىن قارغاندا يەر شاردىكى جانلىقلار ئۆزنىڭ سامانيۇلى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستىمىسى،سامانيۇلى يۇلتۇزلار سېستىمىسى،قۇياش سېستىمىسى قاتارلىقلاردىكى جۇغراپىيلىك ئۇرۇننىڭ ھاياتلىقنىڭ گۈللۈنىشىگە ماسلىشىپ قىلىشدىن ھاسىل بولغان. ئالەمدە قۇياشقا ئوخشاش سېستىمىلار كۆپ،سامان يۇلى سېستىمىسمۇ كۆپ، شۇنىڭ ئىچدە بەزى سەييارلەرنىڭ يەرشارغا ئوخشاپ قىلىش،جۇغراپىيلىك ئورنىنىڭ ھاياتلىق گۈللۈنىشگە ماس كىلىپ قىلىش ئىھتىمالى چۇقۇم بار. ئۇنىڭدىمۇ ھاياتلىق گۈللىىنىپ قالغان بۇلۇشى مۇمكىن بولدىغان ھادىسە.
④يەر شاردا مۇشۇنداق ھاياتلىقنىڭ پەيدا بۇلۇشى ئۇنىڭ ئالەمدىكى ئۇررنىنىڭ مۇشۇنداق ھاياتلىق گۈللۈنىشگە ماس كەلگەنلىكىدىن بولغان.جۇغراپىيلىك ئورنى بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان جايدا باشقا خىلدىكى،بۇ يەردىكى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغان ھاياتلىقنىڭ،يەنى جۇغراپىيلىك بۇشلۇق تۇزۇلىشى بىلەن ماس بولغان ھاياتلىق گۈللۈنىشى تامامەن مۇمكىن.ئۇلار بىلەن ئالەمنىڭ ھەرقانداق جايدىكى ماددا ياكى روھ،ھاياتلىق ياكى پىلانىتلارنىڭ ھىچقانداق باغلىنىشى يوق.
مىنىڭچە ①دىكدەك بولسا ئالەمنىڭ ماھىيتى بۇۋاقلارمۇ چۈشنىۋالغۇدەك ئاددىي بۇلۇپ كىتدۇ.بۇ نىڭ ئەقىلگە سىغشىنىڭ ئىھتىمالى تۈۋەنرەك.لىكىن بۇ <<ئالەم قارمۇ قارشىلىقنىڭ تەسىرلىشىپ مۇۋازنەتكە يەتكەندىكى ھالىتى>>دىگەن نەزەريەگە ئوبدانلا ماس كىلدىكەن.
②③④لەرمۇ مەلۇم نەزەريىلەرنىڭ پارچىلىرىنىڭ ئىپادىلنىشغا يىقىن كىلىدۇ.
ئىنسانلار ئۇچۇرى
ئىنسانلار ئۈزلۈكسىز تۈردە ئالەمنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ھەرخىل ئۇچۇرلارنى يوللاۋاتدۇ.بۇ ئارقىلىق تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگە ئۇ ئۇچۇرنى قۇبۇل قىلغۇزۇش ئارقىلىق يەرشاردىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر ھاياتلىق ماكاننىڭ بارلىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش ھەم ئۇلاردىن كەلگەن ئۇچۇر ئارقىلىق تاشقى پىلانىت جانلىقنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقنى ئىسپاتلاش.ئۇچۇرنى ئىلىتىرو ماگنىت دۇلقۇنى ئارقىلىق يۇللايدۇ.
ئەگەر تاشقى پىلانىتنىڭ ئادەملىرىنىڭ بۇلۇش شەكلى①دىكدەك بولسا بارغان ئۇچۇر نى ئۇلار قۇبۇل قىلىپ بۇلغىچە بۇ يەردىن بارغان ئىلىكتىرو ماگنىت دولقۇننىڭ مۇسبەت ئېنىرگىيسى بىلەن ئانتى يەرشارنىڭ مەنفى ئېنىرگىيسى نىيتىراللىشىپ كىتدۇ. بۇنىڭغا ئامال يوق.(مەنفى ئېنىرگىيەگە ئىگە بۇلغان فوتون ئانتى فوتون دىيىلدۇ)
ئەگەر تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ بۇلۇش شەكلى ②③④دىكدەك بولسا ئەۋەتكەن ئۇچۇر ساق باردۇ. لىكىن ئۇچۇرنى ئۇلارنىڭ چۈشنىشى بىر مەسلە.
سەۋەبى؛
1.ئۇچۇر بىز ئەۋەتكەن ۋاقىتتىن بىرنەچچە،ئون نەچچە،ھەتتا يۈز نەچچە يىل كىچكىپ تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ قىشغا باردۇ.
2.ئاڭلاش كۈرۈش سىزىمدىكى پەرىق.
ۋاقىت مەسلىسىگە نىسبەتەن ئامرىكىنىڭ مەلۇم بىر يازغۇچسى مۇزىكا ئۇچۇرى ئەۋەتسە ۋاقىت ئۈتۈپ كەتسىمۇ ھاياتلىقنىڭ بارلىقىغا ئىسپات بۇلالايدۇ دەپ كۆرسەتكەن . بۇ بولدىغان ئۇسۇل.
ئاڭلاش، كۈرۈش سىزىمدىكى پەرىق بۇ مۇنداق گەپ؛
ئادەم قۇلقىنىڭ تەۋرىنىشنى(ئاۋاز تەۋرىنىشتىن ھاسىل بۇلىدۇ) سىزىش چاستوتا دائىرسى20Hzدىن20000Hzقىچە بۇلىدۇ.
ئادەم كۈزنىڭ ئىلىتىرو ماگنىت دۇلقۇننى(يۇرۇقلۇقمۇ بىرخىل ئىلىكتىرو ماگنىت دۇلقۇنى)كۈرۈش چاستوتا دائىرسى قىزىل رەڭ چاستوتىسدىن بىنەپشە رەڭ چاستوتىسغىچەبولىدۇ.
يةتتة خصل نۇر قصزصل،پۇرتةھةل(سارغۇچ)،سېرصق،يېشصل،كۆك،نصل(ھاۋارةڭ)،بصنةپسة(سۆسۆن)دصن ئصبارةت.
ئۇلارنىڭ چاستۇتا دائىرسى تۈۋەندىكدەك؛
قىزىل نۇر- 14*10( 3.9 ) ھىرتىسدىن 14*10(4.8) ھىرتىسقىچە.
پورتەھەل(سارغۇچ)نۇر-14*10(4.8) ھىرتىسدىن 14*10( 5.0)ھىرتىسقىچە.
سېرىق نۇر--14*10(5.0)ھىرتىسدىن 14*10(5.2)ھىرتىسقىچە.
يېشىل نۇر--14*10(5.2)ھىرتىسدىن 14*10 (6.1)ھىرتىسقىچە.
كۆك نۇر ۋەنىل(ھاۋارەڭ)نۇرنىڭ چاستۇتىسى ئوخشاش بۇلۇپ---14*10 (6.1)ھىرتىسدىن 14*10(6.7 )ھىرتىسقىچە.
بىنەپشە(سۆسۆن)نۇر--14*10(6.7 )ھىرتىسدىن 14*10(7.5)ھىرتىسقىچە.
ئومومەن ئادەم كۈزنىڭ كۈرۈش سىزمىنى قۇزغىيالايدىغان نۇرنىڭ چاستۇتا دائىرسى 14*10 ( 3.9 ) ھىرتىسدىن 14*10(7.5)ھىرتىسقىچە. باشقا چاستوتىدىكى نۇرلار نى بىز كۈرەلمەيمىز.
(14*10بولسا ئوننىڭ ئون تۆتىنجى دەرجىسى دىگەن مەندە)
تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ كۈرۈش ،ئاڭلاش چاستوتا دائىرسى قانداق بۇلىدۇ. بۇ نىڭغا ئالدىراپ جاۋاپ بەرگىلى بولمايدۇ.
تاشقى پىلانىت ئادەملىرىدىن بىزگە قانچە قىتىم ئۇچۇر كەلگەندۇ، ئەمما ئۇ ئۇچۇرنىڭ ئاڭلاش،كۈرۈش چاستوتا دائىرسى بىزنىڭ چاستوتا دائىرمىزگە ماس كەلمىسە بىز ئۇچۇر كەلگەنلىكنى بىلەلمەيمىز. شۇنداقلا بىز ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارمۇ تاشقى پىلانىت جانلىقلىرىنىڭ يىنغا بىرىپ سىزىلمەي ئۈتۈپ كەتكەندۇ،
دىمەك ئۇچۇرنى يەر شارى پائاليىتىنىڭ سۈرەتلىرى،ھاياتلىق ھادىسلىرىنىڭ ئاۋازلىرىدىن مۇزىكىغا ۋە باشقا ئۇچۇرغا ئالماشتۇرۇپ سىزىم چاستوتا ماس كەلگەن ۋاقىتتا ئىككى پىلانىت ئادەملىرى ئوتتۇرسىدىكى چۈشنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولسىمۇ،چاستوتا ماس كەلمىگەن ئەھۋلدا بۇنىڭ ئەھمىيتى يۇق. شۇڭا ئۇچۇر يۇللىغاندا بۇ نۇقتىغا دىھقەت قىلىش كىرەك.
بەلكىم بەزى جايلاردا خاتا سۆزلەپ قۇيغان بۇلۇشۇم مۇمكىن . بۇ تۇغرىسدا بىلىمى بارلارنىڭ ھەم سۆھبەتتە بۇلۇشنى ،خاتالىقلارنى كۈرسىتىپ بىرىشنى،سەمىمىي تەكلىپ پىكىر بىرىشنى سۇرايمەن.
ئەگەر گەۋدىلەنمىگەن جاي بولسا ئەسكەرىتىسەڭلار مەن چوڭقۇرساق چۈشەنچە بىرىپ ئۈتمەن.
ھەممىڭلارغا بەخىت،ئامەت ،ياخشى كەپىيات ،تىلەپ ھۆرمەت بىلەن-Bنۇرمال!
-بۇ تېمىنى ئاتامان تەستىقىلىدى.
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-13 20:23 |
| |