| |||||||
Arkim+ | ئاراتۈرۈك- سۇ نەزىرى قومۇل شەھىرىدىن 200نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاراتۈرۈك ناھىسىنىڭ باي دەپ بىر يېزىسى بار...بۇيەردىكى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا ئۆز زىمىنىدىكى بۇلاقلارنى تازلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە...ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇنداق پائالىيەت داۋاملىشۋاتقىلى 100يىلدىن ئېشىپتۇ. بەلكىم ئۇنىدىن ئۇزاق بولىشى مۇمكىن. بىز ھەممىمىز بىلىمىز سۇ -ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى! بۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن باي خەلقى ئۆز زىمىندا بار بولغان بۇلاق كۆزلىرىنى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ9-كۈنى پۈتكۈل يېزا جامائىتى ئەر-ئايال،قېرى- ياش قوزغۇلۇپ چىقىپ ،ئەرلەر بۇلاقنىڭ كۆزىنى ئاچسا،ئاياللار ئاش-تاماق راسلاشنى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزلىرىگەئۇدۇم قىلىپ كەلگەن...ۋە شۇ بۇلاق سۈيى بىلەن بۈگۈنگىچە ئۇلاشقان...سۇ ئۇلۇغ ، سۇمۇقەددەس، بىز ئۇيغۇرلار سۇنى تولىمۇ ئۇلۇغلايمىز،سۇنى ئىسراپ قىلغانلانى بولسا كۆزگە ئىلمايمىز! دۇنيادا سۇغا مۇناسىۋەتلىك بايراملارنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلمەيمەن...بىراق بايدىكى سۇنەزىرى بىزگە شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىكى...تەبىئەت بىلەن ئىنسان قانچىكى يېقىن بولسا ئۇلارغا تەبىئەتمۇ شۇنچىكى جاۋاپ قايتۇرىدۇ....باي خەلقى ئەقىللىق،سۆزمەن كېلىدۇ. بۇ بەلكىم ئۆزلىرى كۆز قارچۇقۇغىدەك ئاسىراپ ئىچكەن پاكىزە بۇلاق سۇيىنىڭ كارامىتىدىن بولۇشى مۇمكىن...مەن ئۇزۇنلاردىن بايدىكى سۇنەزىرىگە قاتنىشىشنى ئىزدىگەن بولساممۇ پۇرسەت بولمىدى، بۇ قېتىم يەنە 6-ئاينىڭ14-كۈنى ( ئەسلىدە 6-ئاينىڭ9-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان نەزىر مەھەلىدە مېيىت بولۇپ قالغاچقا سۈرۈلگەن ئىكەن) باي دېگەن بۇ مۇقەددەس زىمىنغا ئاياق بېسىپ، شەرىپىگە نائىل بولدۇم...ۋە بىر قىسىم قىممەتلىك رەسىملەرنى تارتىپ كەلدىم...تۆۋەندە مەن تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن...قېنى بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى!
مەن بۇلاق تازلاش مەيدانىغا كىچىكىپ بارغانلىقىم ئۈچۈن 100دىن ئارتۇق -چوڭ كىچىك بۇلاقلارنىڭ تازلىنىش جەريانىنى سۈرەتكە تارتالماي قالدىم ، پەقەت ئىشلەپ قايىتقان باي ئەزىمەتلىرىنىڭ قىزغىن پاراڭ سېلىشىۋاتقان دەم ئېلىۋاتقان بۇ كۆرۈنىشىنى تارتالىدىم... ئەمگەكنى ياشلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن يۇرت ئاتىلىرى ئۆز كەچمىشلىرىنى سۆزلەشكىنىچە ھارۋىدىن ياسالغان كۆلەڭگۈلۈك ئاستىدا دەم ئېلىشماقتا... داش قازانلاردا ئەزىمەتلەرگە ئاتالغان نەزىر ئېشى قاينىتلىۋاتىدۇ( بۇ قېتىم 3 داش قازاندا تۆت پاقلان سويۇلۇپ ئاش تارتىلىپتۇ)ئەلۋەتتە مەنمۇ ئىككى چىنە ئىچىۋەتتىم... تاماق پىشتى... باينىڭ مۇقامچى ئاياللىرى ھەم ئاۋۇ كىچىك پەرىشتىلەرمۇ بوش كەلمەيدۇ... بىر مەيدان مەشرەپتىن كېيىن بىز قايتىپ كەتتۇق، دېھقان-چارۋۇچىلار قالدى-قاتىنى يىغۇشتۇرۇپ قالدى...بۇرۇنلاردا بۇ نەق مەيداندا چېلىش، بەيگىلەر بولاتتىكەن...ھازىر ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن... ھۆكۈمەت بۇئىشقىمۇ كۆپ كۈچ چىقارغان بولۇپ، تېخى<< سۇنەزىر>> ب د ت نىڭ غەيرى ماددي- مەدەنىيەتلەرنى قوغداش تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ...ئەمدى ئۇنىڭ قوغدىلىشى ۋە راۋاجى تېخىمۇ جانلانغۇسى. بۇ نەزىرگە يازغۇچى ئايشەم ئەخمەتمۇ كېلىپ ئىشتىراك قىلدى... ئەزەلدىن سۇنەزىر ئاتىلىپ كەلگەن بۇ نەزىر ھازىر بۇلاق تازلاش بايرىمى دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ...داڭلىق ناخشىچىمىز ئىسكەندەر سەمەت باي يېزىسىدا مەشرەپتە...ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشلىرىنى ئورۇنلىماقتا... قومۇل مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان داڭلىق ناخشىچىمىز خېدىسخان... قومۇل ئۆمىكىمىزنىڭ تالانىتلىق ئۇسۇلچى قىز-يىگىتلىرىمىز باي خەلقىگە ئۆز قەلبىنى لەرزان، شوخ ئۇسۇلى بىلەن ئىپادە قىلماقتا... سۇ-ئۇلۇغ،سۇمۇقەددەس، سۇنى قەدىرلەش ۋە ئاسىراش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئادىمىلىك مەجبورىيىتمىز...بىر تامچە سۇمۇ نۆۋىتى كەلگەندە سىزنى ئەجەلنىڭ ئاغزىدىن تارتىپ كېلەلەيدۇ...شۇڭا، سۇنى تېجەيلى، ئۇنىڭدا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھەققى بار... [ يوللىغانArkim+تەرىپىدىن2008-06-23 10:55قايتا تەھرى ] ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرئاي تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-23
| ||||
---|---|---|---|---|---|
taxyolqi دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | اللە نىسىپ قىلسا كۇرۇپ كىلەرمىز ئاشۇ مۇقەددەس يۇرتلارنى .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
giometiriya دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئالدى بىلەن ئارتورۇك خەلقىگە ئالى سالام ،
ئارتورۇك ناھىيىسى مۇھىتى ساپ ،ئازادە ،شەھەر قۇرۇلىشى ئوزگىچە چىرايلىق ، يېشىل يىمەكلىك چىقىدىغان جاي بولۇپ ، ساياھەت قىلىشقا تازا ياخشى رايون تېما ئىگىسىگە رەخمەت | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hakimbag دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەكمۇ ياخشى ئادەت بار ئىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
baybalik دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدىن . بۇ بۇلاقلارنى خۇددى مەن تازىلاپ كەلگەندەك تولىمۇ خۇشال بولدۇم . ھەقىقەتەن مۇشۇنداق قىلىش بىزنىڭلا قولىمىزدىن كېلەمدىكىن دەيمەن . باشقىلار ئۇنى بۇلغاپ ئاۋارە . ھىلىمۇ مانا شۇنداق ئېسىل سۈپەتلىك خەلقىمىز بولۇپ قاپتىكەن . يەنە داۋاملىق تازىلايلى ، چۈنكى بۇ بۇلاقلارسىز بىزمۇ مەۋجۇت بولالمايمىز . بۇ بۇلاقلار - ۋەتىنىمىزنىڭ !.........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hawarkar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەكمۇ ياخشى ئادەت بار ئىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0902MALIKA دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | hmmhmhmhmhmhhhmmhmhmhbngntgnggnnnnngngngngbnfdbvcvbfgrtfgvfbgjhjhmnbmjkjmknmfgndfhndfgdfcvb
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
margan45 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇنداق ساقلىنىۋاتقان ئۆرپە ئاداتلەرمۇ كوپ ئەمەس رەخمەتسىزگە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xuar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | باي يېزىسىنى ھەقىقەتەن بىر كۆرۈپ كېلىشكە ئەرزىيدۇ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك ، مەنزىرىسى گۈزەل ، ئادەملىرى چىقىشقاق بىر يۇرت . تۇنجى سۆيگۈنۈم بايچى بولغاچقىلا بۇنداق دىگىنىم ئەمەس بۇ يۇرتنىڭ قىزلىرىمۇ بەك ھايالىق ھەم چىچەن كېلىدۇ ...
[ يوللىغانxuarتەرىپىدىن2008-06-24 21:31قايتا تەھرىرل ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yaxlik731 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يۇرتۇمىزنىڭ مەنزىرسى نىمە دىگەن گۈزەل.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
爱的知音 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | towa zazireni mu nahxa okup otkvzdikan hahahahahahaha
| ||||
---|---|---|---|---|---|
gulhenim دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆزەم بېرىپ قاتنىشىپ كەلگەندەكلا خوشال بولدۇم، ئەجرىڭىزگە رەخمەت،،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
deldax كامىلجان ناسىر(دىلداش) دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | كۇرۇپ كىلەرمىز ئاشۇ مۇقەددەس يۇرتلارنى ئاللا پۇرسەت بەرسە..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AQTASH199 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھەي بىرىپ كەلگۈدەك يەركەن ئەمەسمۇ ! يەنە بىر گەپ ، ئارا تۈرۈك مۇ ؟ ياكى ئارا تۈرك مۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AQTASH199 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مىنى كەچۈرۈڭلار مۇنبەرداشلار ، مىنىڭ قەستەن قۇسۇر تاپىدىغان نىيتىم يوق ، مەن پەقەت يۇقۇردىكى ئىككى سۆزنىڭ قايسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماقچى ئىدىم !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|