1999-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى تەبىئەت دۇنياسىدا كۈننىڭ تۇلۇق تۇتۇلىشىدىن ئىبارەتئاستىرنومىيەلىك ھادىسە يۈز بەردى . بۇ قېتىمقى كۈننىڭ تۇلۇق تۇتۇلۇش دائىرىسى 14مىڭ كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتا 110كىلومىتىر كەڭىرلىك دائىرىسىدە بولدى . بۇ ھادىسىنى ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، گېرمانىيە ئاۋىستىرىيە . ۋېنگىرىيە ، رومىنىيە ، بولغارىيە ، تۈركىيە ، ئېراق ، ئېران ، پاكىستان ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە كۈرۈشكە مۇمكىن بولدى .
بۇنداق كۈننىڭ تۇلۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسى مەملىكىتىمىزدىمۇ 1968-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 1980-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى يۈز بەرگەن ئىدى .
كۈن تۇتۇلۇش دائىم يۈز بىرىدىغان ھادىسە . ئەمما بىر ئۇرۇندا بىر قېتىم تۇلۇق تۇتۇلۇشنى كۈزىتىشكە 300يىلدا ئاران بىر قېتىم مۇيەسسەر بۇلالايمىز . 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى دىيارىمىزدا يۈزبىرىدىغان كۈننىڭ تۇلۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسى ئارا تۈرۈك ناھىيىسىدە ئەڭ روشەن كۈرۈنىدۇ . شۇڭا ئارا تۈرۈكتىكى كىشىلەر مۇشۇ 300يىل ئىچىدىكى ئەڭ تەلەيلىك كىشىلەر ھىساپلىنىدۇ . چۈنكى كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى ، دائىرىسى بىر قەدەر كىچىك ،ۋاقتىمۇ قىسقا ، دەۋرى ئۇزۇن بولغان تەبىئەت ھادىسىسى بولغاچقا ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر بۇنداق مەنزىرلەردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ . يىراق ئەللەردىن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئىقتىساد ئاجرىتىپ بۇنداق مەنزىرىلەرنى كۈرۈشكە كىلىدىغانلارمۇ بار . ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياش تاجىنى تەتقىق قىلىشتا كۈن تۇتۇلۇش ۋاقتى ئەڭ مۇۋاپىق ۋە قىممەتلىك پۇرسەت .
(1973-يىلى 6-ئاينىڭ 30كۈنى جەنۇبى ئاسىيا بىلەن ئافرىقىدا يۈز بەرگەن كۈننىڭ تۇلۇق تۇتۇلىشى 424سىكونت داۋاملاشقان ، بۇ 1200يىلدىن بۇيانقى تۇتۇلۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۈچۈنچى قېتىملىق تۇلۇق تۇتۇلۇش ھىساپلىنىدۇ . 1980-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن كۈننىڭ تۇلۇق تۇتۇلىشى پەقەت 60سىكونت ئەتراپىدىلا بولغان . شۇڭا ئارا تۈرۈك ناھىيىسىدىكى ئاممىنىڭ 2008يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خاسىيەتلىك كۈندە ئۇخلاپ قېلىپ ، نەچچە سىكونتلۇق قىممەتلىك پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز



)
بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ، ئىلاھى كۈچلەرگە باغلاپ ، ئاز كۈرۈلىدىغان ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ساراسىمگە چۈشىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت . كۈننىڭ تۇلۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسى ، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت جەريانىدىكى ، مەلۇم دەۋىرنى بىرلىك قىلىپ بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە يېقىنلىشىش ئارقىلىق بىر-بىرىنى تۇسۇش ھادىسىلىرىدىن بىرى . شۇڭا ھاۋا بوشلىقىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك قاراڭغۇلىشىشى ، مەلۇم ئاسمان جىسىمنىڭ قىسقا مۇددەت كۈرۈنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق .
[[ تارىختا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىش بولغان . 1492-يىلى ئامىركا قۇرۇقلىقىنى بايقىغان خىرىستوفۇر كولومبو ، ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلۇشىنى شۇ ۋاقىتلاردا ئالدىن ھىسابلاپ چىقالايتى . بىر كۈنى ئۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان . كولومبونىڭ كېمىلىرى توختىغان ئارالدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەسكى مۇئامىلە قىلىپ ئۇزۇق -تۈلۈك بەرمىگەن . كولومبۇ شۇ يەردە پات ئارىدا ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بىرىدىغانلىقىنى ھىسابلاپ چىقىپ يەرلىك ئاھالىگە ھىلە ئىشلەتكەن . ئاي تۇتۇلىدىغان كېچىسى كولومبو قەبىلە باشلىقىنى چاقىرىپ كىلىپ ؛ <<ئەگەر بىزگە ئۇزۇق-تۈلۈك بەرمىسەڭلار ئاينى يوقىتىۋېتىمەن >> دەپ تەھدىت سالغان . قەبىلە باشلىقى كولومبونىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەن . ئەمما ئاي كولومبونىڭ ھىسابلىغىنىدەك دەل ۋاقتىدا تۇتۇلۇشقا باشلىغان . ئارالدىكى كىشىلەرنى ۋەھىمە باسقان ۋە ئۇلار كولومبوغا دەرھال نۇرغۇن ئۇزۇق -تۈلۈك يەتكۈزۈپ بەرگەن . ھەمدە بىزگە رەھىم قىلغىن ، ئاينى يوقىتىۋەتمىگىن دەپ كولومبوغا يالۋۇرۇشقا باشلىغان . كولومبو كەلتۈرۈلگەن ئۇزۇق-تۈلۈكنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئاي ئاستا-ئاستا ئەسلى ھالىتىگە كەلگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ يەرلىك ئاھالە كولومبونى كائىناتنىڭ ئىگىسى دەپ قارىغان . ]]
قۇشۇمچە؛
كۈننىڭ تۇلۇق تۇتۇلىشى
كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلىشى
ئۈچ خىل شەكلى
