| |||||||
molla-zaidin ئالتىنجى سەزگۈ | {چوڭ موللا-زەيدىن} سەنمۇ ئىنسانمۇ ؟سەنمۇ ئىنسانمۇ ؟ ئاپتورى : چوڭ موللا-زەيدىن يېقىلدى ئالدىڭدا ئاقساقال بوۋاي، قوپۇشقا تىرىشتى قىينىلىپ بەكمۇ. كۆز سالماي ئۆتتىڭ سەن بوۋاينى يانداپ، تىلىڭغا كەلمىدى تەسەللىي گەپمۇ. ئاھ، شۇچاغ كەلمىدى ئېسىڭگە سېنىڭ، ئۆزۈڭنىڭ ياشانغان ئاجىز داداڭمۇ. مەن سوراي، جاۋاب بەر ۋىجدان ئالدىدا، ئويلىغىن ھەي دوستۇم سەنمۇ ئىنسانمۇ؟ [ يوللىغانmolla-zaidinتەرىپىدىن2008-06-21 19:17قايتا ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
TarimDadxah ت.ئابدۇلئەزىز دادخاھ | شۇ تاپتا يۈرىكىم «جىغ »قىلىپ ، پەلەك بىردىنلا شامالدۇرغۇچتەك تېز ئايلاندى ، چۈشتە يېگەنلىرىم بەئەينى ئوغىدەك جىسمىمنى بىئارام قىلدى ، «خەپ » دېدىم ، ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم ، قاچانلاردا مەنمۇ شۇنداق بىپەرۋا ئۆتۈپ كەتكەن بولغىيدىم ؟ دەپ ئۆكۈندۈم ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hunbari123 | ئويلىغىن ھەي دوستۇم سەنمۇ ئىنسانمۇ؟
بۇۋاينى يۇلىمەي تۇرغىنىڭ نىمە؟ شۇ قېرىش نوۋىتى ساڭىمۇ كىلەر، يۇلەيدۇ مېنى دەپ ئارتۇق غەم يىمە. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
suzuk881 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | يېقىلدى ئالدىڭدا ئاقساقال بوۋاي،
قوپۇشقا تىرىشتى قىينىلىپ بەكمۇ. كۆز سالدىڭ سەن بوۋاينى يانداپ، تىلىڭغا كەلمىدى تەسەللىي گەپمۇ. بەك ياخشى يېزىپسىز....... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TANHA204 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەخلاق ئادەم زىننىتىدۇر !!!
جەمىيتىمىزدە مۇشۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت !!! ياخشى يېزىپسىز دوستۇم !! | ||||
---|---|---|---|---|---|
BAHARGUL دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەجەپمۇ ياخشى يىزىپسىز. رەھمەت.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
zapar028 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاھ، شۇچاغ كەلمىدى ئېسىڭگە سېنىڭ،
ئۆزۈڭنىڭ ياشانغان ئاجىز داداڭمۇ. مەن سوراي، جاۋاب بەر ۋىجدان ئالدىدا، ئويلىغىن ھەي دوستۇم سەنمۇ ئىنسانمۇ؟ بولۇپمۇ مۇشۇ كوبلىتى يۇرەكنى تىترەتكىدەك،ئادەمنى قاتتىق ئويلاندۇرغىدەك چىقىپتۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | موللا زەيدىن ئەپەندى بۈگۈنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى كۆرگەن بولساممۇ ئىنكاس يېزىپ باھا بېرىشكە ئامالسىز قالدىم مۇنۇ شېىرىڭىز بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ ،مۇبارەك بولسۇن!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
otyak | .yahxi yizipsiz turnuxtiki mundak insanlarni hili jayida kalturupsiz.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
сталь دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شېئىر مىسرالىرىنىڭ بوغۇم سانى تەڭ ئەمەسكەن.
كۆز سالدىڭ سەن بوۋاينى يانداپ، دېگەن مىسرا 9 بوغۇم بولۇپ قېلىپتۇ، قالغانلىرى 11 بوغۇمدىن ئىكەن. ئەمدى گەپ، يېقىلغاننى يۆلىسە، يېقىلغان كىشى ئورنىدىن تۇرۇپلا يۆلەپ قويغاننى «سەن يېقىتىۋەتتىڭ» دەپ ئېسىلىۋالىدىغانلارمۇ پەيدا بولۇپ قالغاچقا، كىشىلەر ئۆزىگە ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشتىن قورققاندۇ، بولمىسا كىمنىڭ يېقىلغاننى يۆلىگىسى كەلمەيدۇ؟ ئويلاپ بېقىڭلار، ھازىر كىم كىشىنى ئەسكى تەرەپتىن ئويلىمايدۇ؟ بىرسى باشقىلارنىڭ ئازراق ياردىمىگە ئېرىشسە، بىرىنچى بولۇپ «ھازىر دۇنيادا ياخشى كىشىلەرمۇ باركەن» دېگەننى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ. «ھازىر دۇنيادا ياخشى كىشىلەر باركەن» دېگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ [ يوللىغانстальتەرىپىدىن2008-06-20 23:06قايتا تەھرىر ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tograh0997 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | شېرىڭىز ئاساسى جەھەتتىن ياخشى يېزىلىپتۇ، شېريەت يولىدا ھارمىغايسىز
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tirorqi748 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دىمىسمۇ راس ئەمەسمۇ بۇ جەمئىيەت تەرەققى قىلغانسىرى ئادەملەردە رەھىمدىللىك يوقالدى ئەمەسمۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ququl دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھۇ !!!!!!!!!!ھەققەتەن توغرا ئىكدن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MIRAS117 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | چوڭ موللا-زەيدىن يىقىندىن بۇيان تىمىلىرىڭىز ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ ....مەن سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن..
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nabiyar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىTarimDadxahنىڭ2008-06-20 15:12يوللىغان : | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulxat727 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھازىر ھەقىقىي ئادىمىيلىكى بار ئىنسانلار ئىنتايىن ئاز . ئۇنداقلارنى نىمە دىيىمشىمىز كىرەكلىكىمىزنىمۇ بىلمەيمىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
almira88 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەن بىر كېتىم ئالدىمدا كىتىپ بېرىپ ۋەلسىپىت بىلەن يىقىلىپ چۇشكەن بىر خەنزۇ قىزچاقنى موتودىن ئاتايىن چۇشۇپ يۆلەپ قويسام ئاپىسى كىلىپ <<قىزىمنى موتو بىلەن سوقۇۋېتىپسەن>>دەپ ئېسىلىپ قالغان...بۇنى نىمە دەيسىلەر ؟ ئاچچىقىمدا ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاس قالغان >>>
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hibibilla دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاھ، شۇچاغ كەلمىدى ئېسىڭگە سېنىڭ،
ئۆزۈڭنىڭ ياشانغان ئاجىز داداڭمۇ. مەن سوراي، جاۋاب بەر ۋىجدان ئالدىدا، ئويلىغىن ھەي دوستۇم سەنمۇ ئىنسانمۇ؟ ئىنسان تەبىيتىنى ھەقىيقى ئىچىپ بىرىپسىز رەخمەت سىزگە | ||||
---|---|---|---|---|---|