| |||||||
kenjibay دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇسابىقە ئۇقتۇرىشى شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسى بىلەن تىيەنجىن دۇڭلى كوماندىسى 6 -ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 3 دە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۇچىرىشىدۇ .
شىنجاڭ كوماندىسى ھازىرغا قەدەر 3 مەيدان تەڭلىشىپ ،1مەيدان ئۇتۇپ ، 1مەيدان ئۇتتۇرۇپ .6 نۇمۇرغا ئېرىشىپ ،5 -ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ .(1 مەيدان مۇسابىقىنى ئاز ئوينىغان ) ئەگەر كوماندىمىز بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلسا ،3 نۇمۇر قوشۇلۇپ ،ئالدىنقى 3 -ئورۇنغا ئۆتىدۇ . رەقىبىمىز تىيەنجىن دۇڭلى كوماندىسى بولسا، 1مەيدان تەڭلىشىش .5 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ئەھۋال ئاستىدا . نەتىجىسى ئەڭ كەينىدە . 6-ئاينىڭ 21-كۈنى .6-ئاينىڭ 28-كۈنى .7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى 3 مەيدان مۇسابىقە ،شنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكىزىلىدۇ. بۇ كوماندىمىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت .(ھەر شەنبە كۈنى .چۈشتىن كىيىن سائەت 3 دە ) ھۇررا سادالىرىمىز بىلەن ئۆز كوماندىمىز غا مەدەت بېرەيلى . ئورنى .شىنجاڭ تەنتەربىيە مەيدانى . 2-يول . 525 -يول ئاپتىبۇسىغا ئولتۇرۇپ ،ئەرگۇڭ بېكىتى . بېلەت باھاسى 20 يۈەن . ئەگەر سائەت 1:30 دا تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ ،ھۇررا كۇلۇبىدىكىلەر ياكى ھۇرراجان بىلەن كۆرۈشسەڭلار ،مەيدانغا ھەقسىز كىرەلىشىڭلار ياكى يېرىم باھادا كىرەلىشىڭلار مومكىن . ___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-20
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karwanoti | مەن بېرىپ كۆرەي ئەمىسە ، شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بېرەي .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
abdirim8589 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | كۆرۇشنىڭ ھىچ قانداق لەززىتى يوق ،بەرىبىر شىنجاڭ كاماندىسى يىڭىلىدۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mubaraktohti دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى خەۋەر ئىكەن رەخمەت
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Manzil-E دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ مۇسابىقىنى كۆرۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوق ، ئۈمۈت بولمىغان كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۇپ نىم قىلىدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyhan22 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەن ئۈرۇمچىدە بۇلسام چۇقۇم بىرىپ كۇرۇپ مەدەت بىرەر ئىدىم ، مەيلى ئۇلار يىڭىلسۇن ، پۇلىمىزنى ،ۋاقتىمىزنى باشقا قاملاشمىغان يەرلەرگىمۇ سەرىپ قىمىزغۇ؟ تېلېۋىزۇردىن كۆرگەنگە قارغاندا ياخشى قانغۇدەك ۋاقىرۋلالايسىز .،ئەپسۇس ، مەن تۇلىمۇ يىراقتا !!!!!!!!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
SUTUHBUGRA دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىلەت باھاسى 20يۇەنما؟؟نىمدا قىممەتچىلىك بۇ؟ب دەرىجىلىكلەرنڭى مۇسابىقىسىمى شۇنچە قىممەت بولامدۇ؟بىچارە ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەت باھاسىغا قاراپ قانچىلىك ئىچى سىقىلغاندۇ.مېنىڭچە ھىچكىم بارماي قويسۇن شۇچاغدا يەنە نەچچىگە چىقىرىشدىكى شۇ بېلەتنى.توۋا بىز شۇنداقلا بىر نەرسىگە قىزىقىپ ئۆملىشىپ بىريەرگە كېپلا قالساق ھەرخىل ئاماللار بىلەن زورلاپ تېپىپ چىققان توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپلا تۇرىمىزكەن.بىزدىن نىمئانچىلا قورقىدىغاندۇ بۇلار.يەنىلا ئىئانىنىڭ نامىدا بىزنى بىريەرگە كېلىشىمىزدىن توسىۋېتىپتۇ.ئەگەر بېلەت باھاسىغا پەرۋا قىلماي مۇسابىقە كورىۋەرسەك ئىزچىل شۇنداق قىلالايدىغانلا مېنىڭچە ساناقلىقلا.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ بىلەت باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرىۋېلىشىغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.ھەرگىز بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتسەك ھەرگىز بولمايدۇ.بۇلار نېمە ئويلاۋاتقىنىنى مەن بىلىمەن.2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن گىرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان پۇتبۇلچىلىرىغا تايىنىپ ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغان گىرمانىيە چۈشكۈن روھسىز ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ قايتىدىن ئۆزلىرىنى دۇنيادا بىر سانايدىغان يانماس روھىنى تېپىۋېلىشقان.بىزنىڭمۇ يوقاتقان شۇ نەرسىلىرىمىزنى تېپىۋېلىشىمىزدىن ئەنسىشە قىلىۋاتقان گەپ.بۇ يىل مۇسابىقە باشلىنىپ شەندوڭدىن پۇتبۇلچىلارنى كىرگۈگىنىنى ئاڭلاپلا بۇ يىلقى مۇسابىقىدىن رايىم قايتىپ بولغان،ئۆزىمىزدە شۇنچە .ئىقتىدارلىق باللا كوچىغا پاتماي يۈرسە ئاتايىتەن چوڭ دادىمىزغا خوشامەت قىلىش ئۈچۈن شۇ لارنى سېتىپ ئەپكەلگەندىلا ھەممە ئىش ئاشكارە بولغان.چۈنكى بۇكۇماندىدىكى ھەممىسىلا ئۇيغۇر بولۇپ كەتسە ئۇيغۇرلار بۇكۇماندىنى ھەقىقى ئۆزلىرىنىڭ كۇماندىسى دەپ بىلىپ كەتسە كىيىن بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرىنى يىغۇشتۇرىۋالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن گەپ.ئەمدى كۆرىمىز بۇكۇماندا ئاستا ئاستا خ توپچىلار يۇقىرى، باھادىكى بىلەت دىگەندەك خىلمۇخىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن بىزدىن ئاستا ئاستا قەدەممۇ قەدەم يىراقلىشىدۇ.پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۈمۈد ئارزۇلىرىنى بىغىشلىغان ،شۇئارقىلىق بولسىمۇ چۈشكۈنلەشكەن مەغلوبىيەت ئۈمۈدسىزلىك قاپلىغان قەلىبلىرى ئېرىشمەكچى بولغان كىچىككىنە غەلبە مەغرورلىق ھىسسىيادىمۇ يەنە يوق بولىدۇ.مانا بۇ مىنىڭ بۇيىلقى توپچىلىرىمىز كوماندىمىز يەرتەۋرەشنى باھانە قىلىپ ئۆستىرىۋالغان بېلەت باھاسى دېگەندەك باھانا سەۋەپلەر ئارقىلىق ئاستا ئاستا بىرمۇ بىر تارتىۋېلىنىۋاتقان يوقىتىۋاتقان كىچىككىنە خوشاللىقىقىمغا قىيماي قىلغان يېزىپ سالغان قۇرۇق گەپلىرىم.بولسا كۆپچىلىك شۇ بىلەت باھاسىنى بولسىمۇ تەڭشەش ئۈچۈن ھەركەت قىلىپ باقساق،قالغان ئىشلار قولىمىزدىن كەلمىسىمۇ.قىنى كىم قانساق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ؟
. | ||||
---|---|---|---|---|---|