Nijad+H دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى 
UID نۇمۇرى : 40153 نادىر تېما :
0
يازما سانى : 269
ئۇنۋان:4 دەرىجە
شۆھرەت: 159 نۇمۇر شەبنەم پۇلى: 634 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :40(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-08 ئاخىرقى :2008-06-30 | بۇغدا چوققىسىغا چىقىش مەنئىي قىلىندى
بۇغدا كۆلىنى باشقۇرۇش كومىتىتى بۈگۈندىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توختام ئىمزالىغان ساياھەت كوپىراتىپى ، ئەل ئىچى دالا ساياھىتى تەشكىلاتلىرىغا << بۇغدا چوقىسىغا پىيادە چىقىش پائالىيىتىنى تەشكىللەشنى مەنئى قىلىش توغۇرسىدا ئۇقتۇرۇش >> نى ئەۋەتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن مەملىكەتلىك 10 مۇنەۋۋەر دالىدا پىيادە يۈرۈش لىنىيسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بۇغدا چوقىسى لىنىيسى دالا ساياھىتى ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ . ئىگىللىنىشىچە ، بۇغدا چوقىسى دېڭىز يۈزىدىن 5445 مېتىر ئېگىز بولۇپ ، بۇغدا چوقىسى تەبىئيلىكى قوغدىلىدىغان رايون بۇغدا چوقىسى خەلىقئارا بىئوسفېرا قوغداش رايونىنىڭ مەركىزى رايونى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇغدا چوقىسىدىكى مۇزلۇق ئۈرۈمچى ، سانجى ، تۇرپاننىڭ سۇ مەنبەسى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتموسفېرا ۋە ئادەملەرنىڭ كۆپلەپ ھەركەت قىلىشى تەسىرىدە بۇ مۇزلۇق بىر يىلدا بەش مېتىر تارىيىپ ، ئېكىلوگىيلىك مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە يامانلاشقان . بەزى جانلىقلار تەدرىجىي ئازىيىپ يوقالغان . يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ رايوندىكى خەلىقنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن .
مەنبە:<< ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> دىن ئېلىندى .
<< ئالتۇن - كۈمۈش >> يولىدىكى يەر ئاستى سۇ تۇربىسى يېرىلىپ كەتتى شەھىرىمىزنىڭ << ئالتۇن - كۈمۈش ( جىڭيىن ) >> يولى بۆلىكىدىكى يەر ئاستى سۇ تۇربا لىنىيىسىدىن 17 - ئىيۇن سەھەردىن باشلاپ سۇ چىقىپ كېتىپ ، << ئاققۇۋۇق( نەنمىن ) >> تىكى << شىنتيەن >> خەلىقئارا قۇرۇلۇش ئورنىنى سۇ بېسىپ كەتكەن ، بۇنىڭ بىلەن <<ئالتۇن - كۈمۈش >> يولىدىكى خەۋەرلىشىش شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى 96 ئاھالىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچرىغان . تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، سۇ چىقىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى بۇ يەر ئاستى تۇربا لىنىيسىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىدىن بولغان . شۇ كۈنى كەچ سائەت 30 : 9 دىن باشلاپ شۇ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ سۈيى توختىغان . سۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن نۇركابېل ، ئالاقىلىشىش ، پوچتا ، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق بەش تارماق بۇ تۇربا لىنىيسىنى جىددىي رېمونت قىلغان . رېمونت قىلىش جەريانىدا ئەتراپتىكى ئاھالىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سۇ بىلەن تەمىنلىنىدىكەن .
مەنبە:<< ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> دىن ئېلىندى .
___ باشقۇرغۇچى : kisek تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-20 |