| |||||||
Uzer يۈكسەل دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | ئەلباش خۇ جىنتاۋ توردابۇ تىمىنى xabnam قۇلۇپلىدى(2008-06-20)
ئەلباش خۇ جىنتاۋ خەلق تورىدا تورداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى خۇ ئەلباش 6- ئاينىڭ 2- - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ( بۈگۈن ) خەلق تورى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى ( 强国论坛 ) ئارقىلىق تورداشلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى. ئۇ بۈگۈنكى سۆھبەتنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن باشلىدى: << تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، بۈگۈنكىدەك پۇرسەتتە تورداشلار بىلەن تور ئارقىلىق ئۈلپەتتە بولغۇنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن بەلكىم سىلەر بىلەن كۆپ ئەسرارلىشالماسلىقىم مۇمكىن. ئەمما ، مەن سىلەرنىڭ ماڭا يېزىپ قالدۇرغان يازما - تېماڭلارنى چوقۇم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىمەن، تەتقىق قىلىمەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەن تورداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن ! >> سۆھبەت جەريانىدا ئۇ يەنە << مەن دائىم تورغا چىقىپ تۇرىمەن. بىرى مەملىكەت ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن، ئىككىنچىدىن ، تور ئارقىلىق تور ئاممىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى چۈشىنىمەن، ئۈچىنچىدىن، تور ئاممىسىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قارىتا قانداق تەكلىپ - پىكىرلىرى بارلىقىنى ئىگىلەيمەن >> دېدى. گەرچە پۈتۈن سۆھبەت ۋاقتى تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ ، ئەمما دۆلەت ئاتىسى بولىمىش خۇ جىنتاۋنىڭ تور ئاممىسىنىڭ قەلب ساداسىغا زەڭ سالىدىغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەردى. بەلكىم بۇ بىز تورداشلارنىڭ بۇنىڭىدىن كېيىنكى تور پائالىيىتىگە تېخىمۇ زور ئىلھام بېغىشلىشى مۇمكىن. ئەگەر بارلىق سۆھبەت خاتىرىسىگە قىزىقسىڭىز << يۈكسەل بلوگى >> غا كىرىپ، ئوخشاش ماۋزۇلۇق تېمىدىن ئوقۇغايسىز ! | ||||
---|---|---|---|---|---|
Berdem دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يۈكسەل سىزنى شەبنەمدە كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، ئىسمىڭىزنى Uzer غا ئۆزگەرتسىڭىز تونۇماي قاپتىمەن . يەنىلا يۈكسەل دىگەن ئىسىمنى قوللانسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن ، ئىزدىنىش مۇنبىرى نورمالسىز بولغاندىن تارتىپ ، مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئىدىم. بۇ يەردە ئىزدىنىشتىكى تونۇشلارنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم.
| ||||
---|---|---|---|---|---|