| |||||||
dunyakara | ئاياللار ئەرلەر بىلەن دوست بولسا توغرىمۇ؟موھتەرەم شەبنەم ئەھلى :
ئائىلە قۇرۇپ بولغان (ئائىلىسى بار)ئاياللارنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن ياكى ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن ئادەتتىكىدەك دوستتىنلا ئىبارەت خالاس،دەپ تۇرۇپ قارشى تەرەپ بىلەن تېلىفوندا ھەر دائىم 30 مىنۇت ھەتتا 40 مىنۇت سۆزلىشىشى توغرىمۇ؟بۇنداق دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن گۇمانلىنىشقا بولامدۇ؟بۇنداق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى نورمال دىيىشكە بولامدۇ؟...مەن بىرى بىلەن مۇشۇ ئىشتا مۇنازىرلىشىپ قېلىپ بۇنداق قىلىش خاتا ،ئاخىرقى ھىساپتا ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ! دىسەم سەن مۇتەئەسسىپ ئىكەنسەن، كاللاڭ قاتمال ئىكەن ،گۇمانخور ئىكەنسەن ...دەپ بىرمۇنچە-تاپا تەنىگە قالدىم.بېشىم گاڭگىراپلا قالدى.شۇنىڭ بىلەن شەبنەم ئەھلىگە مۇراجەت قىلىشنى قارار تاپتىم.قېرىنداشلار بۇ مەسىلىدە زادى كىمنىڭ توغرا؟؟؟ ___ باشقۇرغۇچى : xabnam.com تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-20
| ||||
---|---|---|---|---|---|
bizakqi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە سىنىڭ ئويلىغىنىڭ توغرا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Sahrah دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە بۇ ئېنمىقلا خاتا كۆز قاراش.... نەدىمۇ ئائىلە قۇرۇپ بولغان ئادەملەر يات جىنىسلار بىلەن «بىز پەقەت دوست » دېگەننى باھانە قىلىپ 30،40مىنۇت تېلېفۇندا سۆزلىشىدىغان ئىش بار؟...بۇنىڭ ھەممىسى قىپقىزىل يالغانچىلىق... ئەگەر ئاشۇلارنىڭ بىر-بىرسىگە كۆڭلى بولمىسا ھەرگۈز ئۇنداق قىلمايدۇ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
сталь دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تېلېفوندا 30-40 مىنۇتقىچە دەپ بولغىلى بولمايدىغان، تۈگىمەيدىغان قانداق گەپكەن ئۇ؟ بۇنداق «دوستلۇق» گۇمانلىق.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BOOS دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئائېلىسى بار ئەر-ئاياللارنىڭ ئۇنداق ئۇزۇن كۇرىشىدىغان ئېشىبار !~!~!~
بۇنىڭ ھەممىسى قىپقىزىل يالغانچىلىق... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
abdirim8589 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | دوستۇم ،نەزىرىيە جەھەتتىن ئىيىتقاندا دوس بولسا بولىدۇ ،ئەمىلىيەتكە باقساڭ ئۇلار بەلكىم كۆڭلىدە بىز دوس بىرسى بىر سىمىزگە ھىچ قانداق غەيرى نىيىتىمىز يوق دەپ توغىرا چۇشىنىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ،بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن توغىرا (بەلكىم ھەقىقەتەن يامان نىيەتتە بولماسلىقى مۇمكىن ).لىكىن ئۇلار پاراڭلىشىش جەريانىدائۆينىڭ گىپىنى ،ئائىلىدىكى كۆڭىلسىزلىكلەرنى دىيىشكەندىن كىيىن بىر سى بىرسىگە كۆڭۇل قويىشىدۇ ،بارا-بارا ئارلىقتا مۇھاببەت شەكىللەنمىسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر كۆزگە سەت كۆرىنىدىغان ،ياراتمايدىغان ،ئائىلىدىن بىزارلىق شەكىللىنىپ دوستى بىلەن پاراڭلاشقىسى كىلىدىغان ،ئائىلە مەنىسىز بىلىىنىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىپ ئاخىردا ئائىلە بۇزىلىشى مۇمكىن ،بولسا يول قويماسلىق كىرەك .بۇ پەقەت مىنىڭ كۆز قارىشىم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
دىلئۇز دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئائىلسى بار كىشلەرنىڭ تىلغۇندا ئۇنداق ئۇزاق سۆزلىشىشى، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى دوسلارنىڭ پارىڭى ئەمەس . بىرەر ئىش توغۇرلۇق ئادەتتىكى دوسلار بىلەن سۆزلىشىشكە 5-10 منۇت يىتىپ ئاشىدۇ. چۇقۇم بىر مەسلە بار! ياكى سىزنىڭ ئۇ دوستىڭىزنىڭ كاللىسى بەك تەرەققى قىلىپ ،چەتئىلنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىگە يەتتىمۇ؟!....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jurat2002 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | نەدىمۇ ئائىلە قۇرۇپ بولغان ئادەملەر يات جىنىسلار بىلەن «بىز پەقەت دوست » دېگەننى باھانە قىلىپ 30،40مىنۇت تېلېفۇندا سۆزلىشىدىغان ئىش بار؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilpara0903 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | خۇتۇن ئالسا خۇتۇن ئىشەنچىلىك چىقمىسا ، ئەرگە تەگسە ئەر ئىشەنچىلىك چىقمىسا ، توي قىلمىغان تۈزۈكمۇ نىمە ~؟!
يەنىلا بويتاقچىلىق ياخشىكەن جۇما ، بويتاقچىلىقتا تېلفۇن قىپ قالساق ئېشىپ كەتسە 15 مىنۇت ، توي قىلىپ خېلى بىر ياشقا بارسىمۇ ئاشۇنداق يات جىنىستىكى تۇنۇشلىرى بىلەن شۇنداق ئۇزۇن پاراڭلاشسا مېنىڭچە قەتئىي نورمال ئەمەس ، يېنىدا ئېرى خوتۇنى سىردىشى تۇرسا خەق بىلەن يېرىم سائەتتىن ئۇشۇق پاراڭلاشسا 10نىڭ توققۇزى چۇقۇم گۇمانلىق ........ | ||||
---|---|---|---|---|---|
axik029 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | راس بۇ دوسلۇقتىن گۇمانلىنىشقا بولدۇ ~~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sanam34 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | توي قىلىپ بولغان ئەر - ئاياللار ئارىسىدا نەدىمۇ ساپلا دوستلۇق بولسۇن ؟
« بىز ئادەتتىكى دوست » دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن دىيىلگەن گەپ . بولۇپمۇ سىز دىگەندەك شۇنداق ئۇزۇن مۇڭدۇشىدىغانلار ... ئەجىبا ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئارىدا قارشى تەرەپنى ئۆز _ ئارا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ئىشلار بولماسمۇ ؟؟؟ ھەر قانداق ئائىلىسى بار ئەر _ ئاياللار يات جىنىسلىقلار بىلەن «دوست » بولىشى .... ياخشىلىقنىڭ ئىشارىتى ئەمەس ... ھەممە ئادەم دىققەت قىلغان ياخشى ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TarihQi دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەنىچە ئاياللار بىلەن باشقا ئەرلەربىلەن پاراڭلاشسا باشقا مۇناسۋەتتە بۇلمسا ئەڭ كۇپ بۇلغانىدىمۇ 10 مىنىۇت پاراڭلىشار ئانىدىن 2تەرەپنىنىڭ بىر-بىرسىدىن سۇرايىدىغان گەپ تۇگەيىدۇدە تىلفۇننى قۇيۇشقا ئالىدىرايىدۇ.
لىكىنىچۇ مۇھەببەت بىلەن پاراڭلاشقانىدچۇ ئۇباشقىچە بەلىكىم بىزدەك ياشلارغا 1ياكى2 سائەتمۇ يەتمەيىدۇ بىراق ئىرى بار ئاياللار ئۇچۇن چۇقۇم گۇمانلىنىشىقا ئەرزىيىدۇ دەپ قارايمەن بۇ مىنىڭ شەخسي پىكىرىم باشقا دۇسىتلار قانىداق قارايىدىكى بۇ ماڭا قاراڭىغۇ | ||||
---|---|---|---|---|---|
sanam34 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شۇڭا بۇنى نەزىرىيە ، ئەمىليەت دىيىش ئارتۇقچە ...
ئادەم دىگەن ئەمىليەتچان بولغان ياخشى . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Erdal دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، مەنمۇ سۆزلىشىىمەن، ئەمما تېلېفوندە ئەمەس، قىسقا ئۇچۇر يوللىشىپ، پاراڭلىىشىمىز ۋە ياكى چ چ دا دېگەندەك. ئارىمىزدا پەقەت دوستلۇق بار خالاس.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tangirkut دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇنداق قىلىش خاتا ، سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىز توغرا . توي قىلىپ بولغان ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرى بىلەن دوسىت بۇلۇشى ئەمەلىيەتتە خاتا ئىش . بۇ ئىسلام دىنغىمۇ ئەخلاققا زىت بولغان ئىش . توي قىلمىغان ئەر-ئاياللار دوسىت بولسا بۇ نۇرمال ئىش .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nafisa86 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭ نەزرىمدە ئەر -ئاياللار ئوتتۇرسدا ئۇنداق مۇتلەق دوسلۇق مەۋجۈت ئەمەس.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kirpik دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راسىت گەپنى قىلسام قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك دوست بولالىشىغا ئىشەنمەيمەن.چۇقۇم دوستلۇقنىڭ ئاخىرى مۇھاببەتكە بېرىپ تاقىشىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@DIL@ | مەن بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن لللا جاۋاپ بىرەي : ئايال كىشىنىڭ دوستى يوق ، ئەر كىشنىڭمۇ ھەم شۇنداق . ئايال كىشى دوس تۇتسا ئىرى ئۈچۈن تۇتۇپ بىرىدۇ . ھەر كىشىمۇ شۇنداق . مەسىلەن ئايالىڭىز ياكى ئىرىڭىز سىزنىڭ بىرەر ئىشىڭىزدىن خاپا بولسا ، سىزگە دوسلىرىڭىزنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى سۆزلەپ بىرىدۇ ، شۇمۇ ئىرىڭىز ۋە ئايالىڭىزنىڭ دوسلىرىڭىزغا دىققەت قىلغىنى ، ھىچ كىمنىڭ بەخىتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەيدۇ ، مۇھەببەت ئالدى بىلەن شەخسىيەتچى كىلىدۇ ، سىز ياخشى كۈن كۆرسىڭىز ، دوستىڭىزنىڭ ياخشى كۈن كۆرىشى ناتايىن !!!؟
نەدىمۇ ئەرلەرگە ئايال دوس ، ئاياللارغا ئەر دوس بولىدۇ ، جىنىس ئايرىمسى بار تۇرسا . دوسلۇق ئاخىرى بىرىپ مۇھەببەتكە ئايلىندۇ . ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزگە يارىغان بىرسى بىلەن دوسلۇشۇپ سىناپ بىقىڭ بولمىسا .؟؟؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kaxkariya ھارامدىن يىراق تۇر. | ئاياللار ئەرلەر بىلەن دوست بولسا توغرىمۇ؟
ج:خاتا،ئاخىرى بۇزۇقچىلىق ۋە ئائىلنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.دۇنيادا ئىشەنچىلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈلۈپ كەتمىگەندۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyhan22 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مىنىڭچە بۇ خاتا ، چۇنكى بۇنداق بۇلغاندا بارا - بارا قارشى تەرەپ بىلەن دۇسلۇققى قۇيۇقلىشىپ بارىدۇ ، بۇ چاغدا ئەر ئۈچىنچى سەخىس بۇلۇپ قالىدۇ ، بىشىدا ئادەتتىكىچە دۇسلۇق بۇلار ، ئائىلە دىگەندە ، ھەر قانداق ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ، دۇستدىكەن ياخشى يامان ئىشلارنى دەتلىىرىنى بىرگە تارتىشدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ ، ئىرى بىلەن ئەمەس باشقا بىرى بىلەن ئائىلىنىڭ ئىسىق سۇغۇقىنى بىرگە كۆتۇرۇش مۇمكىنمۇ بىللە كۆتۇركىلى بۇلسا ئەر نىمە قىلىدۇ ، ئائىلىدىكى ئىسىق سۇغۇقلاردا كىمنى ئىزدەيسىز ئىرىڭىزنىما ياكى دۇستىىڭىزنىما ، دۇستامنى ئىزدىمەيمەن دىسىڭىىز ئۇ دۇست بۇلماي قالدۇ ، ئائىلىدە سەن پەن دەيشىپ قىلىش بۇلۇپ تۇرىدۇ ، شۇنداق ۋاقىتلاردا باشقىلارنى ئىزدەش كالىڭىزغا كىلىدۇ، ئىچكىرلەردە بۇنداق ئىشلار كۆپ يۈز بىرىپ تۇردىكەن ، تېلىۋىزۇرلاردا ( كىنۇلاردىكى ئەمەس بەلكى ، پرۇگىراممىلاردا ) تۇلا كۆرسىتۋاتىدۇ ،
مىنىڭ ئادەتتىكچە دۇستىم دىيىش پەقەت ئىرىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، دۇست تۇتقۇڭۇز كىلىپ كەتسە ئىرىڭىزنى دۇست تۇتۇڭ ، ئۇنداق دۇستلار سىزنىڭ بىشىڭىزغا ئىسىق - سۇغاق كۈنلەر كەلگەندە ئەس قاتمايدۇ ، مەن تىخى تۇي قىلمىغان بۇلساممۇ جىق سۆزلەپ قۇيدۇم . ئەيىپكە بۇيرىماڭلار . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|