xabnam
بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ


سىز بۇ تېمىنىڭ 113ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: خىزمەت قىلىش ---ئۆگىنىشتىن باشقا مۇھىم ۋەزىپە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
xahzada329

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 39014
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :53(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-24
ئاخىرقى :2008-06-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 خىزمەت قىلىش ---ئۆگىنىشتىن باشقا مۇھىم ۋەزىپە




   
      مۇنداق بىر گەپ بار:پەقەت پۈتۈن سوممىىلىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ۋە ئۆزى تىرىشىپ ئوقۇش پۇلىنى تاپقان ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    ئوبىكتىپراق قىلىپ ئېيتساق،بۇ خىل قاراش بىر تەرەپلىمىلىك بۇلسىمۇ،لېكىن داۋلىسى يوق دىگىلى بۇلمايدۇ،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بېرى،لاياقەتلىك بۇلۇپ،چەتئەلدە ئوقۇش قىزغىنلىقى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى.ئەمىليەتتە ،ئەتراپىمىزدىكى چوڭ-كىچىك چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارايدىغان بۇلساق،زامان ئۆزگىرىشىنىڭ تىزلىكىنى ھىس قىلالايمىز.80-يىللاردا چەتئەلدە ئوقۇغان بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىش قارىشى بۇلمىسىمۇ،لېكىن ئائىلىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئىقتىدارى يوق ئىدى،بىر تال ئايرۇپىلان بېلىتى ياكى نەچچە ئاي،يېرىم يىللىق تۇرمۇش پۇلى دائىملا ئائىلىسىنى ھالسىرىتىپ قۇياتتى،ھازىرقى چەتئەلدە ئوقۇغۇچىلار بىر يىلدا  نەچچە ئون مىڭ ئىشلىتىپ بۇلسىمۇ،خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ،چۇنكى ئۇلاردا خەلقارالىق ئامانەت كارتىسى بار،چەتئەلدە خالىغانچە ئىشلىتىدۇ،ئاتا-ئانىسى تۇلۇقلاپ بېرىدۇ،شۇڭا خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت نەچچە ئون يىلدىن بېرى چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا خاس بۇلغان بۇ ئۇقۇم ،ھازىر ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەرگە باغلىنىۋاتىدۇ.

      ئەلۋەتتە،نەچچە ئون مىڭ چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىمۇ ياخشى ئەمەس،ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىشكە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ،چەتئەلدە ئوقۇش ئۆزىنىڭ غايىسى ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈمىدى،خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىدۇ،ئۆزىنى چېنىقتۇرىدۇ،شۇڭا ئۆگىنىشتىن باشقا مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.

      خىزمەت قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشتى
  كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆگىنىش ئورنىنى تاللىغاندا"ئىشلەش پۇرسىتى كۆپمۇ؟"،"ئۇڭاي ئىش تاپقىلى بۇلامدۇ؟" دىگەن مەسىلىگە كۆڭۇل بۆلىدۇ،ئەلۋەتتە بۇ كۆپ كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر.كەڭ كۆلەمدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش ،يەرلىكنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن زور تۆھپە،لېكىن بۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە يېڭى كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئېشىشى يەنە بىر جەھەتتىن ئىش تېپىش پۇرسىتىنى ئازايتىپ،ئىشلەش قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۋەتتى.شۇڭا كۆپلىگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ ئالدىغا دائىملىق ئادەم قۇبۇل قىلىش ئېلانى يېزىپ قۇيىدۇ ھەم مائاشى بەك تۆۋەن.

      بېسىم خىزمەت ئىزدەشتىكى ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ
  خىزمەتنى ئوڭاي تاپقىلى بۇلىدۇ دىسە يالغان بۇلىدۇ،بەزى دوستلار نەچچە ئايدىمۇ رازى بۇلغۇدەك خىزمەت تاپالمايدۇ ياكى نەچچە كۇن ئىشلەپلا خۇجايىنغا سەۋەپ كۆرسىتىپ،ئىستىپا بېرىدۇ،لېكىن خىزمەت تېپىش ھەقىقەتەن تەس دىيىشكە توغرا كەلسە،يەنىلا،ئادەم ئۆزىنىڭ قابىليىتىگە قاراش كېرەك.گەرچە ئادەتتىكى جىسمانىي ئەمگەك بۇلسۇن،ئوخشاش بۇلمىغان ياشاش قابىليىتىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ.ئاۋال ئىش قىلىشتىكى مەقسىدىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك،ئەگەر سىز ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىلا  ئويلىسىڭىز،خىزمەت ئۈنىمىڭىز بەك ئاز بۇلىدۇ،باشقىلارنى ئالداپ،بىكارغا ئىشلىگەندىن كۆرە ،ئۆيدە ئولتۇرغان تۈزۈك،چۇنكى سىزگە بېسىم يوق،تەبىئىلا يىتەرلىك ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ ۋە ئاكتىپلىقمۇ يوق،ئەكسىسچە بانكا كارتىڭىزدىكى سان بارغانچە ئازلاۋاتىدۇ،ئۆي پۇلى ياكى ئوقۇش پۇلى تاپشۇرىدىغان كۈن بارغانچە يېقىنلاۋاتىدۇ.ئۇنداقتا،مەن ئىشىنىمەنكى ،سىز چوقۇم بىر كىشىلىك خىزمەت تاپىسىز.

      كۆپ خىل ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ خىزمەت تېپىش 
خىزمەت ئىزدەشنىڭ يولى كۆپ ،ئېلان كۆرۈش،دوستلاردىن سوراش،ئىشىك ئالدىغا تەرجىمھالىنى قۇيۇپ قۇيۇش...ھەر بىر خىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار.چەتئەلدە ئۇچۇر ئايلىنىش بەك كەڭ ھەم تىز،ئېلان كۆپ،كۆپ خىل گېزىت ۋە تور ئادرسلىرى بار،ئەگەر ئىنگىلىزچە سەۋىيىڭىز ياخشى بۇلمىسا ياكى جۇڭگولۇق خۇجايىنلارنىڭ "شۇلىۋېلىش"نى خالىمىسىڭىز،ھەقسىز جۇڭگوچە گېزىتلاردىن پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ،ئۇلاردا نۇرغۇن خىزمەت ئۇچۇرلىرى بار،لېكىن بۇ ئەڭ ئاددىي،ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت،شۇڭا تەبئى رىقابەت بۇلسا ئازراق ياخشى،مائاشى تۆۋەن بۇلسىمۇ ھەيران قىلارلىق ئەمەس.ئۇندىن باشقا،يەرلىكنىڭ گېزىتىگە قاراش كېرەك،ئەمىليەتتە پۇرسەت كۆپ،تەمىناتمۇ نىسبەتەن ياخشى،لېكىن ئېلان قىلىنغان خىزمەتتە رىقابەت كۈچلۈك،شۇڭا ئىشىك ئالدىغا تەرجىمھالىنى تاشلاپ قۇيۇپ،خەۋەر ساقلىغانمۇ ياخشى،ئەگەر ۋاقىت ئۇزارسا،دوستلارمۇ كۆپىيىدۇ،دوستلار ئارقىلىق خىزمەت تېپىش بىر ئاز قۇلايراق.

    ئۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋىيىسىگە ئىشەنچ بۇلىشى كېرەك.
كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاشخانىسى ياكى تاللا بازارلىرىنى تاللاپ ،پۇرسەت چوڭراق دەپ قارايدۇ،لېكىن كۆپچىلىك مۇشۇنداق ئويلىسا،خىزمەت پۇرسىتى ئازلاپ كېتىدۇ.ئەكسىچە،يۈرەكلىك بۇلۇپ،ئۆزىگە ئىشەنچ بىلەن قارىغاندا،ئەمىليەتتە نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئوخشاش خىزمەت بۇلسىمۇ،جۇڭگولۇقلار باشقا دۆلەتلىكلەردىن ياخشى قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋىيىسىگە ئىشەنچ بۇلىشى كېرەك،ئەڭ بۇلمىغاندىمۇ،ئۆزىگە سىناپ بېقىش كېرەك.ئىنگىلىزچە مۇھىتتا ئىش قىلسا،چەتئەللىك خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئىشلەيدۇ،ئۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋىيىسىنى چېنىقتۇرۇشقا ياردىمى بۇلىدۇ،كۆپلىگەن دوستلار بىلەن تۇنۇشۇپ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىدۇ،مۇھىتقا سىڭىدۇ،بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك تۇتقانغا ئوخشاش ئىش ھەم كىرىمىمۇ خېلىلا يۇقىرى،يەنەچەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ قىلالايدىغان ئىش قاچا يۇيۇش،تەخسە توشۇش،ماشىنا يۇيۇش دەپ قاراشقا بۇلمايدۇ،ئەمىليەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قەيسەرلىك بىلەن سىناپ باقسىڭىزلا ئاندىن بىلەلەيسىز.

      پۇرسەت ھەمىشىلا قەيسەرلىك بىلەن سىناپ بېقىشقا ئۇرۇنغانلارغا كىلىدۇ.
چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئىچىدەتازلىق قىلىدىغانلار،بازار ئاچىدىغانلار،تىلىفۇندا زىيارەت قىلىدىغانلار،ئامبار باشقۇرىدىغانلار بار.يىغىپ ئېيتقاندا،پۇرسەت تەييارلىقى بارلار ۋە قەيسەرلىك بىلەن سىناپ بېقىشقا ئۇرۇنغانلارغا كىلىدۇكۆپ خىل خىزمەت شەكىللىرىنى سىناپ بېقىش كېرەك،ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىنى كۆپرەك تاشلاپ قۇيۇش ،ئىزا تارتماي،ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ماھىر بۇلۇش كېرەك،باشقىلار سىزگە ئىنتايىن دۇستانە مۇئامىلە قىلىدۇ،نۇرغۇن پۇرسەتلەر مۇشۇنداق كىلىدۇ،ئەگەر سىزدە جاپاغا چىدايدىغان روھ،ياخشى ئىقتىدار بۇلسا،بەلكىم خىزمەت جەريانىدا ئۆسىشىڭىز مۇمكىن،ئۇ چاغدا ئۆزىڭىز قۇل سېلىپ ئىشلىمەيسىز،بەلكى باشقىلارغا قانداق ئىش قىلىش توغرىسىدا يىتەكچىلىك قىلىسىز،شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىسىز ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىسىز،سىزنىڭ ئىىگىلىزچە سەۋېيىڭىزمۇ كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ،تېخىمۇ كۆپ دوستلارنى تاپالايسىز.



 

___ باشقۇرغۇچى : xabnam.com تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-20

 

تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-20 10:39 [باش يازما]
kepinek

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 44583
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :38(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-04
ئاخىرقى :2008-06-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تېخنىكا بىلسىڭىز ياكى بىرەر ھۈنەر -ماھارەت بىلسىڭىز ، گاچا بولسىڭىزمۇ سىزنىڭ خېرىدارىڭىز چىقىدۇ.!
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-20 11:46 1 -قەۋەت
Sahrah

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 41983
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-26
ئاخىرقى :2008-06-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەنمۇ شۇنىڭغا ئىشنىمەنكى مۇۋاپىقيەت يۈرەكلىك بىلەن ئالغا ئىنتلگەنلەرگە، تىرىشقانلارغا ھەرۋاقىت مەنسۈپ...
قايسى بىر كىتاپتا ئوقۇغۇنىمدەك، ھەرقانداق بىر ئىشىنى چوقۇم ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ... ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلقىڭىزنى شۇنداقلا كەمچىللىڭىزنى تولۇق چۈشنىڭ... شۇندىلا  ئۆزىڭىزنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىڭىزنى تونۇپ يىتىسىز....
خۇددى ئىنشتىيىن دېگەندەك: تالانىت بىلەن تىرشىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىدىن قىلچە ئىككىلەنمەستىن تىرشىشنى تاللايمەن، چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى بارلىق مۇۋاپىقيەتلەرنىڭ ئانىسى
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-20 12:16 2 -قەۋەت
jurat2002

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37663
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە45دانە
شۆھرەت: 46 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-08
ئاخىرقى :2008-06-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تېخنىكا بىلسىڭىز ياكى بىرەر ھۈنەر -ماھارەت بىلسىڭىز ، گاچا بولسىڭىزمۇ سىزنىڭ خېرىدارىڭىز چىقىدۇ.!
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-20 12:26 3 -قەۋەت


 

Time now is:06-21 01:06, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation