| |||||||
0999yurut ساغلام تەندە ساپ ئەقىل | ئىلى- ئۈرۈمچى يولىدا قاتناۋاتقان يولۇچىلار................توختىماڭ (ئىلى- ئۈرۈمچى يولىدا قاتناۋاتقان يولۇچىلارئاپتۇبۇس شوپۇرلىرىغا) توختىماڭ ، شوپۇر ئىنىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ ، شۈركۈنەر چۈنكى ، تېنىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . سىزغۇ ئىچكى ھوجىردا يەيسىز توخۇ گۆشى ، بېلىق ، بىزنى ھۆرمەتلىمەيدۇ كىم ؟ ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . بىر قاچا لەڭمەن دېسەڭ ، جايلاپتۇ ساپ كۆك لازىدا ، چىقمىدى ، شۇكرى جېنىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . تولغىدى شۇ ئان قورساق ، چاپتىم چىدىماي خالاغا ، يەشكۇچە بولغاندى شىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . چۆپنى تاشلايدۇ << سۇيۇقئاش >> دەپ ئۇلار مەنتەڭگىلا ، ئىچسىڭىز خۇددى شىلىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . پۇلنى ئالدى ، جاننى ئالغاندەك ئۇ ئەزرائىل بولۇپ ، غوڭشىىسام ، سىقتى گېلىمنى ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . بەردىڭىز تۇتقۇن قىلىپ بىزنى ئۇلارغا قانچە رەت ، ئويلىسام ئاغرار دىلىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . جىڭدىمۇ ، ۋۇتەيدىمۇ ، شىخۇدىمۇ ........ئاشخانە كۆپ ، تالدىغۇ سۆزلەپ تىلىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . ياندىكى ئاشخانىلارغا ماڭغىلى قويماس توسۇپ ، قالدى گاھ ئۆرلەپ قېنىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . سۆزلەپ داۋلى ئۇلارغا ، ئولىشىپ دومبالىدى ، نە ئامال تۇرماسقا جىم ؟ ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . ئەرلىرى كالتەكلىگەننى ئاز كۆرۈپ ، ساپلىق بىلەن ، سالدى ھەم ئاشپەز خېنىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . كۆرمىگەنلەر قالدى داغدا ، بىمالال قويدى ئۇلار ، بەش مىنۇت پۇلسىز فىلىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . بۇ ئەلەملەر يوق ئىدى چۈشسەم ساماليۇتقا ، ئىسىت ، چىڭ ئەمەس چۈنكى ، يېنىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . ئاپتۇبۇسقا ئاخىرى چىقتىم خاپا ، ئەسقاتتى ھەم ، سومكامدىكى قاتتىق نېنىم ، ساۋەندە ھەرگىز توختىماڭ . مۇھەممەتجان راشىدىن | ||||
---|---|---|---|---|---|
xopur_awara دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | توۋا..... ئۇنچىلا ئەمەستۇ؟. 2004 غۇلجىغا بارغاندا يولنى ياساۋاتاتتى ، ھازىر پۈتكەنمىدۇ؟ ئۆيدىكىلەرنى بىر ئاپارغىم بارتى شۇ گۈزەل ئىلىخوغا . ساۋەندە توختىماي ماڭسام بولغۇدەك.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xopur_awara دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن تېخى توخسۇندىكى كونا 888 ، بۇرۇنقى 555 دەيدىغان تاماقخانىلاردىن قاخشاپ يۈرۈپتىمەن......... تامىقى بۇزۇلمىغان بىزنىڭ قەشقەر قالغان ئوخشايدۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Erdal دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ ھەممە ئۆتەڭلەردىكى ئورتاقلىق.... پۇلنىلا تۇنۇيدىغان قىزىلكۆز، ئالدامچى ئاشپەزلەر، مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىمنىمۇ تۇنۇماي، تازا بىر ئىش قىپ قويۇپتۇ-دە؟ قاملاشمىغانلار!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
dunyakara | ھەقىقى كارتىنا دىگەن مۇشۇ.بۇ دىگەن ھەممىلا جايدا بولىدىغان ئىش.سىزگە ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى ھەم ئاشپۇزۇللار ناتونۇش بولغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ئۇلار بەك تونۇش. شوپۇرلار يولوچىلارنى قايسى ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تۆكىۋەتسە شۇ ئاشپۇزۇل شوپۇرنىڭ يەيدىغان،ئىچىدىغان،چېكىدىغانلىرىغىچە ھەقسىزكەن.......بولدىلا . شوپۇرنىڭ تارتىدىغان خېيىم-خەتەر، جاپا-مۇشەققىتىنى دىسىڭىز ئۆزىڭىز كېلىپ مېھمان قىلىپ قويغىڭىز كېلىدۇ. ئۇزۇن يول شوپۇرلىرى ھەقىقەتەن بەك جاپالىق ئىشلەيدۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kiroranyigit دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ساۋەندە ھەرگىز تۇختىمايمەن...................................!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
$LILLA$ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ساۋەندە نىمە بوپتۇ ئۇنچىۋالائەمەستۇ؟بىراق قاتناش ساقچىسى بەك ئەسكى مەنمۇ ساۋەنلىك بۇنى مەن ئىتراپ قىلىمەن.بىراق ھەممىسى ئۇنداق ئەسكى ئەمەس قېرىندىشىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
我做主 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ساۋەندە نىمە بوپتۇ ئۇنچىۋالائەمەستۇ؟بىراق قاتناش ساقچىسى بەك ئەسكى مەنمۇ ساۋەنلىك بۇنى مەن ئىتراپ قىلىمەن.بىراق ھەممىسى ئۇنداق ئەسكى ئەمەس قېرىندىشىم.
راس دەيسىز~~~~~~~~~~~~~!!!!!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NIZAM0999 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشې يېزلېپـتۇ راسلا شونداخ مەن مو مۇشۇنداخ بئزار بۇلفان كونلاردا
مەيدە ئاغرتقفان ئاش ئەمەس كۇڭۇئاغرتدغان دۇس ئەمەس دېـگەن تەمسل بار | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ap510 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەسسالام تېما ئىگىسى :
سىزنىڭ يازغان شېرىڭىزنىڭ قاپىيە -تۇراقلېرى جايىدا بولۇپتۇ ، ئەمما مەزمۇنى سەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىمۇ يوق؟ سىز ئاستىغا يوغان قىلىپ «مۇھەممەتجان راشىدىن» دەپ ئىمزا قويۇپسىز ، مەن سوراپ باقسام بۇ مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ قاچان قەيەردە يازغان شېرى؟ قايسىز كىتاپ(توپلام) دا ئېلان قىلىنغان؟ ئاساسسىز باشقىلار نامىدا يازماڭ! شېئېردا تەسۋىرلەنگەن ئەھۋالارنى مەنمۇ نەچچە يىللار ئىلگىرى توقسۇن ناھىيىسىدە ، بۈگۈر ناھىيىسىدە كۆپ ئۇچىراتقان . ئەمما ھازىر بۇ خىل ئەھۋاللا ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدۇ. دۆلەت يولى 312 ساۋەن ناھىيىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ ، 2000- يىلدىن ئىلگىرى « ئۈرۈمچى---كۈيتۈن» يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلاشتىن ئىلگىرى غۇلجا، بۆرىتالا غا ماڭغان ماشىنىلار ئاساسى جەھەتتىن ساۋەندە ( شاڭخەي ساھىلى) دىيىلىدىغان جايدا تاماققا توختايتى، بەلكىم سىز ئېيىتقان ئەھۋاللار ئاشۇ يەرلەردە بار بولۇشىمۇ مۇمكىن . ئەمما « ئۈرۈمچى---كۈيتۈن» يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان ئاپتوبۇس 2 سائەت ئىچىدىلا ساۋەندىن ئۆتىدۇ، شۇنداقلا يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭغاچقا ساۋەن ناھىيىسگە چۈشمەيدۇ (ماشىنا تولمىسا ئامال يوق) . سىز ھەر بىر تېمىنى يوللاشتىن ئاۋال ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئاساسى بار تېمىنى يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، ھېلى ئۇ يۇرتلۇقنى ئۇنداق ، ھېلى بۇ يۇرتلۇقنى مۇنداق دەپ، ئۆزىڭىز غۇلجىلىق بولغىنىڭىز بىلەنلا شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن نامىدا شېئىر يېزىۋەرمىگەيسىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
s.zunun دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راس يالغۇز ساۋەندىلا ئەمەس يول بۇيى ئادەم تۇختىمايدىغان ناچار ئاشخانىلاردا مەجبۇر تۇختايدۇ، ساۋەندىمۇ باشقا شەھەرلەردىمۇ ئېسىل ئاشخانىلار بار ئەمما ئۇ يەرگە ئاپارمايدۇ.خۇلاسە شۇ شوپۇرلارنىڭ ئاچ كۆزلىگىدىن بولغان ئىش.....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
fuslat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەڭ ياخشى چارە ئۆزىمىزنىڭ غىمىنى ئۆزىمىز قىلىپ يەيدىغاننى ئۆزىمىز ئىلىۋالايلى. نان ھىچ قانداق قىلمايدۇ. يولدا ھەمرا.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
XAMAL329 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راست گەپ!! مەن ھەر يىلى غۇلجىغا بارىمەن،مەيلى قەيەردە توختىمايلى تاماق تۈززۈك ئەمەس،قىممەت،تاماق يىمەيمەن دەپ ماشىنىدىن چۈشمىسەك ئاشپەزلەر ئۆزى چىقىپ مەجبۇرى ئەپ چۈشىدۇ. باشقا ئاشخانىلارغا بارغۇزمايدۇ.ھەممىسى تۇڭگانلارشۇ!!!ئۇلارنىڭ شۇيەردىكى ساقچىلار بىلەن گېپى بىر.بىرقىتىم جىڭ دىگەن يەردە ئاشپەزلەر بىرلىشىپ بىر يولۇچىنى تاماق يىمىدىڭ دەپ چەيدو-پىچاقلارنى كۆتۈرۈپ ئۇرۇپ كەتكەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | بۇ شېىرنى ھازىر شائىرنىڭ<<ۋاي،ئىسىت،ئون بەش چۈجەم>>ناملىق ساتىرىك شېىرلار توپلىمىدىنئوقۇپ ئولتۇرۇپ،2004-يىلىدىكى ساۋەن سەپىرىنى ئويلاپ ئولتۇراتتىم.
يوللاپ ياخشى قىپسىز...بىلىپ قويغۇلۇق... | ||||
---|---|---|---|---|---|
omar33 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ ئوكتەملەنى جازالايدىغان ئادەملەرمۇ چىقامۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
almira88 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇنداق ئىشلار ئۇزۇن يوللا ماڭسا ئۇچرايدۇ.. ئامال يوق ،،قوساق ئاچسا يەيمىز،، كەينىدىن ئاغرىيمىز<<تازلىق ياخشى بولمىغانكىن>>.......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | رەخمەت ئىسىل بىر شېئىر بىلەن يۈز كۆرۇشتۇرگىنىڭىزگە ،مۇنبەردە داۋاملىق تىمىللىرىڭىزنى كۆرۇپ تۇرسام دەيمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Berdem دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ شىئىرنى راستىنلا مۇھەممەتجان راشىدىن يازغانمىدۇ؟ دىگەندەك ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، ئەممازە ئۇسلۇبى ئوخشاپ تۇرىدۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Manzil-E دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | bop kalidikan buradar
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بايۋەتچە دەرىجىسى :تېما چولپىنى | مەن كۆرمەپتىمەن ــــــــــــــــــــــــــ ھە ...؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|