xabnam
بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ


سىز بۇ تېمىنىڭ 55ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ھەققىدە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
xjpsp

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 49495
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-17
ئاخىرقى :2008-06-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ھەققىدە

ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ھەققىدە


<<ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى >>نىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان مەخسۇس تېما

         ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خەزىنىسىدىكى ئەمدىلىكتە چوڭقۇرلاپ قېزىلىۋاتقان مەدەنىيەت تەتقىقات تۈرىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا مىللەتلىرى تائام مەدەنىيىتىدىكى كۆپ قۇتۇپلۇق، ارقىلىش دائىرىسى كەڭ، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، سىڭىشىش ۋە لايىقلىشىشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مەدەنىيەت قاتلىمى چوڭقۇر، مىللەتلەر تائام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر سىڭگەن ھەم خاسلىق، ھەم ئارىلاشمىلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن. ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇر تائاملىرى يوقلۇقتىن بارلىققاكەلگەن، تولۇقلانغان، تەرەققىي قىلغان، شۇنىڭدەك باشقا مىللەتلەرنىڭ تائاملىرىنىڭ غىدىقلىشىغا، تەسىر قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئاخىرى ئەسىردىن ئەسىرگە ئۇلانغان قېلىپلاشقان تائاملارغا ئايلىنىپ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇيغۇر تائاملىرى تەتقىقاتىغا ئائىت قەدىمدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ۋە بىرقەدەر مۇكەممەل يېزىلغان ئەسەرلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، موڭغۇل - يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تائام تەتقىقاتچىسى قۇسقۇينىڭ <<شىپالىق تائاملار دەستۇرى>> نى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. گەرچە ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلچىسى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ <<تۈركىي تىللار دىۋانى>> ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك مەلۇماتلار بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەسەر خاس ئۇيغۇر تىلى ۋە بۇ تىل ياراتقان مەدەنىيەتنى چىقىش قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تائاملىرى تەتقىقاتىدىكى مەلۇمات خاراكتېرلىك ئەسەر، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى، ئۇيغۇر تائاملىرى تەتقىقاتى ۋە بۇ تائاملارنى مەيلى ئېتىكىش ئۇسۇلى، مەيلى ئۇيغۇر تېبابىتى، تائاملارنىڭ شىپاسى ۋە كىشى مىزاجى تەتقىقاتىدىن بولسۇن، دېيەرلىك تەتقىقاتنىڭ قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. تارىخ تەرەققىي قىلىپ، 18 ~ 19 - ئەسىرلەرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا بۇرۇلۇش بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تائاملىرى مەدەنىيىتى تەتقىقاتى قەدىمكىدەك تائاملارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدىكى تەتقىقاتتىن بىراقلا سەكرەپ، ئۇيغۇر پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <<قۇتادغۇبىلىك>> ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىلگەن تائام يېيىشتىكى پەرھىزلەر ۋە مېھماندارچىلىق ئەدەپ - يوسۇنلىرى ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرى يولىدا تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ قىممىتى، تائام تەييارلاشتىكى كەسىپ ئەخلاقى، تائاملارنى يېيىش ۋە تەييارلاشتىكى بىرقىسىم يوسۇنلار، تائامنى ئاسراش، ھۆرمەت قىلىش، ئىسراپ قىلماسلىق، كەسپىي جەھەتتە شاگىرت يېتىشتۈرۈشتىكى پەزىلەت، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئائىت ۋەز - نەسىھەت، ھېكايەتلەرنى توپلاش، قىستۇرما بايان قىلىش قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق فولكلورلۇق تەتقىقات مۇھىتىغا كىردى. بۇ ئەسەرلەر ئاساسلىقى كەسپىي رىسالىلەر بويىچە ئايرىلغان بولۇپ، <<ناۋايلىق رىسالىسى>>، <<ئاشپەزلىك رىسالىسى>> قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. 1785 - يىلى ئۇيغۇر ئەخلاقشۇناسى مۇھەممەت سىددىق رەشىدى تەرىپىدىن يېزىلىشقا باشلىغان <<سىددىقنامە>> )<<قابۇسنامە>> نىڭ تولۇق نۇسخىسى( ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىدىكى فولكلورلۇق تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن ۋە بۇ ھەقتە ئۆزگىچە قاتلاملىق مەدەنىيەت ئۈلگىلىرىدىن نەمۇنە كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئەسەردىكى ئونىنچى باب <<تائام يېيىش تەرتىپىنىڭ بايانى>>، ئون بىرىنچى باب <<شاراب ئىچمەكنىڭ بايانى>>، ئون ئىككىنچى باب <<مېھمان بولماق ۋە مېھمان قىلماقنىڭ بايانى>> دىن ئىبارەت ئۇيغۇر تائاملىرى تەتقىقاتىدىكى مەزمۇنلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، سۆيۈندۈرىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ.ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى نامايەندىلەر 20 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىن سۇسلىشىپ كەتتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلىرىنى بار دەپ كۆرسىتىشكە تامامەن ھەقلىقمىز. بىراق ئىلگىرىكى تارىخىي دەۋرلەردىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا ئوخشاشلا تارىخىي سىناق ۋە ئاجايىپ - غارايىپ مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى باھانە - سەۋەبنىڭ ئەسلىدىنلا پۇت تىرەپ تۇرۇش قىممىتىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىمىز. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدەنگۈچىلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ يېڭىچە روھ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتتى. يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى 80 - يىللاردىن 90 - يىللارغىچە بولغان دەسلەپكى باسقۇچتىكى تەتقىقات؛ 1990- يىللاردىن 2000 - يىللارغىچە بولغان يۈكسىلىش باسقۇچىدىكى تەتقىقات؛ 2000 - يىللاردىن 2008 - يىللارغىچە بولغان گۈللىنىش ۋە كۆپ قۇتۇپلىشىش باسقۇچىدىكى تەتقىقات دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچتىكى تەتقىقاتتا توختى باقى ئەپەندىنىڭ 1984 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان <<ئۇيغۇر تائاملىرى>> ناملىق ئەسىرى ئۈلگىلىك رول ئوينىغان. بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتىكى تىراژىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس، بەلكى يېگانىلىقى بىلەنمۇ ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى يېڭى دەۋرنىڭ ئانا ئەسىرى بولۇپ قالغان ئىدى. نىمتۇللا ئەبەيدۇللا ئەپەندىنىڭ 1988 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان <<بىزنىڭ ئوزۇقلۇقلىرىمىز>> ناملىق ئەسىرىمۇ ئۆزىگە خاس ئەسەر. بۇ باسقۇچتىكى ئەسەرلەرگە يەنە ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندىنىڭ 1989 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان <<ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان>> ناملىق ئەسىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەك. بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر تائاملىرىغا تائام مەدەنىيىتى ۋە فولكلور نۇقتىسىدىن بىر باب (يەنى سەككىزىنچى باب) ئورۇن بېرىلگەن. يۈكسىلىش باسقۇچىدىكى تەتقىقاتقا رەخىمجان ئوشۇرۇۋ ئەپەندىنىڭ 1992 - يىلى قازاقىستان رايان، دېمېي نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان <<ئۇيغۇر تائاملىرى>> ناملىق ئەسىرىنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئەسەرنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىكى بار: ئۇنىڭ بىرى، بۇ ئەسەردە تونۇشتۇرۇلغىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تائاملىرى بولسىمۇ، رايون ۋە جۇغراپىيىلىك مۇھىت نۇقتىسىدىن، شۇنىڭدەك ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تائاملىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىرى، بۇ ئەسەرنىڭ رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقى. رۇس تىلىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ پۈتۈن روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتىگە، شۇنىڭدەك ياۋروپا جەمئىيىتىگە تونۇلۇشى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىپ، يەنە بىر نەچچە تىل باسقۇچىدىن كېيىن ئەلگە تونۇلۇشىغا قارىغاندا ئەلۋەتتە كۆپ ئىلغارلىق ئىدى. بۇ باسقۇچتىكى ئەسەرلەرگە ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ 1993 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان <<ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى>> ناملىق ئەسىرى بىلەن ئابدۇكېرىم راخمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شېرىپ خۇشتار ئەپەندىلەرنىڭ 1995 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان <<ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى>> ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. گۈللىنىش ۋە كۆپ قۇتۇپلىشىش باسقۇچىدىكى تەتقىقاتقا ياش تەتقىقاتچى ۋە پسىخىك دوختۇرى ئەخمەتجان ئىسمائىلنىڭ 2000 - يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان <<مىزاج ۋە يېمەك - ئىچمەك>> ناملىق ئەسىرى بىلەن تۇنىياز ئىمىرنىيازنىڭ <<ئۇيغۇر ئۇن تائاملىرى ۋە قورۇمىلىرىنى تەييارلاش تېخنىكىسى>>، شۇنىڭدەك ئەبەيدۇللا ئابدۇۋايىت، مەمەتجان ئابدۇللا، تۇرسۇن ھېكىم قاتارلىقلار تۈزگەن ۋە 2000 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش - تەھرىرلەش بۆلۈمى تەرىپىدىن باستۇرغان <<تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ بىر تۇتاش دەرسلىكى - ئاشپەزلىك ئاساسىي بىلىملىرى>>، تۇرسۇن يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ 2003 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان<<ئۇيغۇرلاردا ئاشپەزلىكنىڭ يېڭى رىسالىسى>>، يۇنۇس ھەمدۇللانىڭ شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان <<يېڭى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر قورۇمىلىرى>>، ئىسراپىل يۈسۈپ، ئەنۋەر قاسىم ئەپەندىلەرنىڭ 6002 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان <<غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيەت تارىخى>> ناملىق ئەسەرلەر ئۆزگىچە قىممەت ياراتقان ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ.بۇ ئەسەرلەردىن باشقا، يېڭى دەۋر روھىدا تاۋلانغان، ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ گۈللىنىش ۋە كۆپ قۇتۇپلىشىش باسقۇچىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغىنى، ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ ئەپەندى تۈزگەن ۋە شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 2007 - يىلى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان <<ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى>> دۇر. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تائاملىرى مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا يېڭى سەھىپە ۋە نەتىجە ياراتقان ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ ئەسەرنىڭ مۇھەررىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۆۋەندىكىدەك مۇنداق بىر نەچچە تونۇشقا ئىگە: بىرىنچىدىن، يېڭى دەۋردە نەشر قىلىنغان، قەدىم بىلەن بۈگۈننى ئۇلىغان ۋە ۋايىغا يەتكۈزگەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى. ئىككىنچىدىن، بۇ ئەسەرگە 1000 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئىچىملىكلىرى خۇرۇچى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلى شەكلىدە تەرتىپلىك بايان قىلىنغان. ئۈچىنچىدىن، بۇ ئەسەر خۇرۇچلار، قوشۇلمىلار، پىشۇرۇلغان سوغۇق سەيلەر، سوغۇق يېمەكلىكلەر، گۈلتاۋاقلار، شورپىلار، سۇيۇقئاشلار، چۆپ ئاشلار، نارىنلار، چۆچۈرىلەر، ئۇماچلار، لەڭمەنلەر، ئاممىباب لەڭمەنلەر، قورۇلمىلار، مانتىلار، خوشاڭلار، سامسىلار، پولۇلار، شويلىلار، كاۋاپلار، ئۆپكە - ھېسىپلار، گۆشنانلار، دۈملىمىلەر، گۆشگىردىلەر، ياپما ۋە قورداقلار، نانلار، كۆمەچلەر، ھۈممەللەر ۋە تالقانلار، ھالۋىلار، قاتلىمىلار، پۆرىلەر، قورۇلغان تائاملار، پېچىنە - پىرەنىكلەر، تورتلار، مۇراببالار قاتارلىق 50 كە يېقىن تۈر بويىچە ئۇيغۇر تائاملىرى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلغان ۋە بىر قىسىم تائام ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، مەنىسى، تارىخىي تەرەققىياتى قاتارلىقلارنىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇقلىغان. تۆتىنچىدىن، بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر تائاملىرى يەنە تائام مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر فولكلورى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابىتى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، <<ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى>>، <<خىلمۇخىل ئۇيغۇر تائاملىرى>>، <<ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە ئوزۇقلۇق قاراشلىرى>>، <<ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى>>، <<ھېيت - ئايەم ۋە توي -تۆكۈن يېمەكلىكلىرى>>، <<ئۇيغۇرلاردا نان مەدەنىيىتى>>، <<ئۇيغۇرلاردا چاي مەدەنىيىتى>>، <<ئائىلىدە تاماقلىنىش ئەدەپلىرى>>، <<ئۇيغۇرلاردا مېھماندارچىلىق ئەدەپلىرى>> قاتارلىق چوڭ - كىچىك توققۇز پارچە ماقالە يېتەكچى ئىدىيە قىلىنغان. بەشىنچىدىن، بۇ ئەسەردە تونۇشتۇرۇلغىنى ساپ قانلىق ئۇيغۇر تائاملىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن ئورۇن ئالغان تائاملار ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ جەۋھىرىدىن ئىبارەت.قىسقىسى، ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى مەدەنىيىتى تەتقىقاتى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات جەريانىدا گەرچە ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز قىممىتى ۋە ھىممىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى بېيىتىش ۋە تەتقىق قىلىشتا تېگىشلىك تۆھپە ياراتتى، دېيىشكە بولىدۇ. بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا يېڭى - يېڭى سەھىپە ۋە نەتىجىلەرنىڭ بىزنى بىتاقەت بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

(ئاپتور شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن)
http://www.xjpsp.com/dsweb/index.asp

 

___ باشقۇرغۇچى : muhterem تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-19

 

Tordax
| ۋاقتى : 2008-06-20 00:17 [باش يازما]


 

Time now is:06-21 01:04, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation