![]() |
| ||||||
gul-sanam
توغراق قىزى
|
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ئۇيغۇرئاي
Wake Up Uighur
| Re:مۇشائىرە باشلامدۇقكامالەت تاپىدۇ بىلىمەن ھامان
گۈللىنەر بىر كۈنى بۇ ئانا ماكان بىكارغا ئۆتكۈزمە ۋاقتىڭنى ئۇيغۇر بولمىغىن ئىلىمنىڭ بىغىدا پايخان ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
judun
| Re:مۇشائىرە باشلامدۇقكامالەت تاپىدۇ بىلىمەن ھامان ،
ئۈمۈدنىڭ چېھرىمۇ تاشلىدى سايە . زارىقىش ۋىسالدىن بولسىمۇ يامان ، تۇغ بۇلۇپ يانماقتا مەنزىلدە غايە . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
majnuntal666
| تۇغ بۇلۇپ يانماقتا مەنزىلدە غايە ،
ماڭىدۇ ئەگىشىپ غىۋا بىر سايە . تاشلايلى ئىناقسىز ئاشۇ سايىنى ، تېپىلار ئىزلىسەك ياخشى بىر چارە . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadakitim
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بولمىغىن ئىلىمنىڭ بىغىدا پايخان،
بىلىمسىز ناداننىڭ رەڭگىدۇر سامان. ئۆگەن بىلىم ھەر چاغ-ھەر زامان، بولاي دىسەڭ سەن خاتىرجەم-ئامان. | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
dilnor
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تۇغ بولۇپ يانماقتا مەنزىلدە غايە،
شۇ تاپتا سۆيگۈنى تۇغدۇرغان دۇنيا. قۇچاقلار ئىچىلدى باھاردەك ئاڭا، ئالتۇنرەڭ نورلارغا چۆمىدى بىر ھازا. | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
gul-sanam
توغراق قىزى
| تېپىلار ئىزلىسەك ياخشى بىر چارە ،
دىللارغا ئاراملىق بىرىپ بىر زامان . پۈكۈلمەس قەددىمىز تىيانشان كەبى ، ماڭىمىز بىر سەپتە ئالغا بىز ھامان. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
deldax
كامىلجان ناسىر(دىلداش)
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Re:مۇشائىرە باشلامدۇقكامالەت تاپىدۇ بىلىمەن ھامان ،
ئەقىدە تەر بىلەن بۇ ئانا ماكان . ئىرادە يار بولسا ئىنسانغا ھەردەم، كۈلىدۇ پەخىردە زاماندىن زامان . | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
musallas
مۇسەللەس
| تېپىلار ئىزلىسەك ياخشى بىر چارە،
غەيۋەت قىلار لىكىن بىرلىرى . دوقمۇشتىكى پىچىر پىچىرنىڭ ، ئېچىلماقتا ھەقىقى سىرى ..... | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
majnuntal666
| ماڭىمىز بىر سەپتە ئالغا بىز ھامان،
دۇشمەننىڭ ھەيۋىسى يوقۇلار تامان . دوسلار بىز قول تۇتۇپ ماڭساق مەنزىلگە ، شۇنداق ئۆتكەنتۇق بىزلەر بىر زامان . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-sanam
توغراق قىزى
| شۇنداق ئۆتكەنتۇق بىزلەر بىر زامان ،
دىللارغا ئارمانلار شۇنچە لىق تۇلۇپ . يىتىرقاش يۇقالسۇن دىلدىكى شۇ دەم ، ئۈتەيلى قەلىبلەر ئورتاق بىر بۇلۇپ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
musallas
مۇسەللەس
| شۇنداق ئۆتكەنتۇق بىزلەر بىر زامان .
ياشاپ كەلدم ئۇمۇت دەپلا ھەممىنى . ھاياتلىقتا مەۋجۇتلۇغۇم ھەق تۇرسا ، تېتىمامدىم بۇ تۇرمۇشنىڭ تەمىنى ... | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
kuxbeg526
| ماڭىمىز بىر سەپتە ئالغا بىز ھامان، قورقمايمىز ياۋلاردىن چۇنكى بىز ئىناق. يارىمىز ھەيۋەتتە دۈشمەن تۇپىنى، بولىدۇ ھەم بەربات قۇرسىمۇ توزاق. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
tulpar-yurti
| شۇنداق ئۆتكەنتۇق بىزلەر بىر زامان،
ئاقىلنى ئىززەتلەپ ،ھۆرمەتلەپ ھامان، ھازىرچۇ ئورنىنى ئالدى غاپىللىق ، ئىيتقىنا قىرىنداش ،بۇ قانداق زامان. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
sadakitim
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | شۇنداق ئۆتكەنتۇق بىزلەر بىر زامان ،
قىلغانتۇق دۇشمەننى يەربىلەن يەكسان. بۇ كۇندە نىم بولدى بىزلەرگە زادى، نىچۇن بولدى رەڭگىمىز سامان. | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
judun
| زاۋۇتتەك بۇلۇپ كېتىپ بارمىزغۇ تورداشلار .پىكىرگە ھۆرمەت قىلايلى . بارماق چقىرىپ ،قالقان تۇتۇپ،ئۇلاپلا مۇش چىقىرمىزمۇ يە ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
s.zunun
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شۇنداق ئۆتكەنتۇق بىزلەر بىر زامان،
ئىشىكلەر قۇلۇپسىز،باغلار غورۇسىز. ياتاتتى ئۇيقىدا ئالا تاپانمۇ، قوزىلار سەكرىشىپ ،سەبىلەر غەمسىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadakitim
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئىيتقىنا قىرىنداش ،بۇ قانداق زامان،
ئورىلار كولاشقا تەييار سەن ھامان. ئۇنتۇدۇڭمۇ سەن ئەسلى-ۋەسلىڭنى، سەنلا بولغاچ بولالمايدۇ بۇ ئىلىم ئامان. | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
dilnor
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شۇنداق ئۆتكەن ئىدۇق بىزلەر بىر زامان،
قەلبىمىزگە سىڭىشكەن چىن شىرىن سۆيگۈ. سەن بولغاچ يىنىمدا جۇرە بوپ ھامان، كۈنلىرىم ئۆتىدۇ مەنىلىك مەڭگۈ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
majnuntal666
| بولىدۇ ھەم بەربات قۇرسىمۇ توزاق،
ئۇنداقنىڭ بولمايدۇ ئۆمرىمۇ ئۇزاق . كىم قىلسا ئۆزىگە دىگەننى بىلگىن ، ئارىدىن نەپ ئېلىپ باقمىغىن قوساق . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|