xabnam
بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ


سىز بۇ تېمىنىڭ 140ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: باغدىكى قوش قەبرە(ئالاھىدە تەۋسىيە) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
نۇرلۇق

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 28846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-31
ئاخىرقى :2008-06-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 باغدىكى قوش قەبرە(ئالاھىدە تەۋسىيە)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! 
(ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ  بىر ئوقۇپ چىقىشىنى  تەۋسىيە قىلىمەن. ) 
  باغدىكى قوش قەبرە 

«يۈسۈف خاس ھاجىپ»رومانىدىن پارچە.
  قىزىل دەريا بويىدىكى بۇباغ كەڭ،ئازادە ئىدى.ئىگىزقوپۇرۇلغان تاملىرىنى بويلاپ ئۆسكەن جىگدە-چىلاننىڭ شاخلىرى خۇددى قاشادەك بىربىرىگەچىرمىشىپ تۇراتتى.يەربېغىرلاپ ماڭغان يىلاندەك باغنى ئايلىنىپ ئاققان ئېرىقتىكى سۇشاپتۇل، ئۆرۇكلەرنىڭ پىرىلداپ چۇشكەن غازاڭلىرىنى ئېقىتىپ،كۆلگە،گۈللەرگە،بېدىلىك،كوكتاتلىقلارغا قۇيۇلاتتى.جىنەستە،ئالۇچىلار،باغ ھويلىسى ۋەكۆركەم ياسالغان ئايۋان،ساراي،ھۇجرىلارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆستۇرۇلگەن ئىدى.باغنىڭ شەرقىگە سوزۇلغان ئۈزۈم تاللىرى ئېلىنغان بىدىش ئاستى خىلۋەت ئارامگاھ ئىدى.قوش قەبرىنىڭ چورىسى خىلمۇخل گۇل-گىياھلار،دەل-دەرەخلەربىلەن،باغ ئىچى قىزىل گۇلنىڭ خۇشبۇي ھىدى بىلەن قاپلانغان ئىدى ...
      يۇسۇپنىڭ نەزەرقۇشى باغنى بىرئايلىنىپ،قاناتلىرىنى كىرىگىنىچە قوش قەبرەئۇستىدە توختاپ قالدى... 
رەيھانىدىن ئويلىنىپ قالغان يۇسۇپكەكۆزسېلىپ،ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۇشەنگەندەك بولدى-دە،ئىبنى خەلەپتىن ئۆتۈندى.
_ئوغلۇمنىڭ ئەس-يادى ئاشۇ قەبرىلەردە بۇلۇپ قالدى،ئۇستاز.ئۇتوغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا.
_سۆزلەپ بەرسىلە،ئۇستاز،-مەھمۇت تىكىن(مەھمۇت تىكىن-مەھمۇت قەشقىرى)مۇ ئۆتۇندى ۋەيۈسۈپكە ھېسداشلىق قىلىپ قاراپ قويدى.
_سۆزلەپ بەرسىلە،ئۇستاز.بۇئىككى دانا پەرزەنتلىرى ياش تۇرۇپ نىمە سەۋەپتىن ۋاپات بولغان،نىمىشقا ئۇلارنى باغقا دەپنە قىلدىلا؟_يۇسۇپ ئۇستازىنىڭ جاۋابىغا ئىنتىزاربۇلۇپ تەلپۇندى.
_شاھزادىلەرگەسۆزلەپ بەرگەنىدىم.شۇنچە يىراق يەردىن كەلگەن بەگيۇسۇپنىڭ تەلىپىنى يەردە قويسام بولماس.ئاۋۋال بېغىمغاچىققىنىڭلارغا لايىق گەمىدە ساقلىغان قوغۇنۇمنىڭ  تەمىنى تېتىپ كۆرۇڭلار،ئاندىن سۆزلەپ بىرەي.قېنى مەرھەممەت.
ھۆسىيىن ئىبنى خەلەپنىڭ شاگىرىتلىرى بولسا كېرەك،يۈسۈپ بىلەن تەڭتۇش  بىرقانچە يىگىت گەمىدىن چىقىپ قوغۇن -تاۋۇز،ئالما،ئانا،ۈزۈملەرنى داستىخانغا توشتۇرىۋەتتى.قوغۇن شۇنچەتاتلىق ئىدىكى،رەيھانىدىن بىلەن يۈسۈپ ئىككى كاسا قوغۇننى يەۋەتكىنىنى بىلمەيلا قالدى.
      داستىخان يىغىلغاندىن كىيىن،ھەممەھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنىڭ ئاغزىغا تىكىلدى.ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ ئېغىر تىن ئېلىپ سۆ زىنى باشلىدى: 
_ماڭا تەڭرىم ئىككى پەرزەنىت بەرگەن ئىدى. چوڭنىڭ ئىسمىنى ئابدۇ جاپپار كىچىكىنىڭ، ئىسمىنى ئابدۇ غاپپار قويغان ئىدۇق،بىر-بىردىن ئىككى ياشلا پەرىقلىنەتتى. چوڭنىڭ ساۋادى يەتتە ياشتا،كىچىكىنىڭ ساۋادى بەش ياشتا چىققانىدى.
سىلەر كىچىك ئوغلۇمنىڭ شۇنچە زېرەكلىكىنى بۇنىڭ دىن بىلىۋالالايسىلەر. ئۇ يەتتە يېشىدا<<قۇرئان كەرىم>>نى تولۇق ياد قىلىپ بولدى ۋە <<بۇلبۇل قارىم >>دەپ ئاتالدى ئون يېشىدا قۇرئاننى تەپسىر قىلالايدىغان بولدى.ئۇنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە مەنمۇ ھەيران ئىدىم.ئەپلاتۇن، ئارىستوتىل،فارابى،ئىبنى سىنانىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقاباشلىغاندا،ئاكىسى ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى تېخى ئۆگۈنۈپ بولالمىغانىدى.ئۇ،ئۇئۇكىسىدەك زېرەك،ھازىر جاۋاپ بولمىسىمۇ ناھايىتى ئشچان ئىدى. ئۆگىنىشتىن
بىكار بولسىلا باغقا كىرىپ ئىشلەيىتتى.باھار، ياز كۈنلىرى گۈل-گىياھ،دەل- دەرەخلەرنى،كۆكتاتلارنى سۇغىراتتى،تۈۋىنى بوشىتاتتى، ئوغۇتلايىتتى.كۈز ئايلىرى مىۋىلىك دەرەىلەرنى ئۇلايىتتى، گۈ ل كۆچۈرەتتى،زىرائەت تېرىيىتتى.قىشتا قار سۈپۈرۈپ يول ئاچاتتى، ھاردىم-تالدىم دىمەيىتتى.چوڭ ئوغلۇمنىڭ بۇ باغقا كۆپ ئەجرى سىڭگەن.ئۇ تېرىغان گۈللەر نەچچە قېتىم تۇزۇپ نەچچە قېتىم كۆكلىدى.ئۇقويغان كۆچەتلەر چوڭ دەرەخ بولۇپ باراق سانلاپ كەتتى. ئۇنىڭ قەدەم ئىزلىرىدا يول پەيدا بولدى. ئۇ شۇنداق ئاجايىپ ئەمگەكچان ئىدى. چوڭ ئوغلۇمنى باغۋەن، كىچىك ئوغلۇمنى ئالىم بولىدۇ، دەپ قارايىتتىم. 
_ھەرئككى ئوغلۇمنى16ئالتە يېشىدا ئۆيلەپ قويدۇم.چوڭ ئوغلۇمغا،سىرداش دوستۇم بولغان بىر دېھقاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردىم.كىچىكىگە بولسا،ئۇنىڭ پاساھىتىگە قايىل بولغان ھازىرقى بۇغراقاراخانىمىزيۇسۇپ قادىرخان غازى پادىشاھ قىزىنى بەرگەن ئىدى. بۇئوغلۇمنىڭ تويى بۇلۇپ ئۇزۇن ئوتمەي ھىجرىيە378-يىلى(مىلادىيە988-يىلى)يازدا ئۇدۇننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلمىغان ئاكا-ئۇكاخانلىرى نۇقتى رىشىت،چوقتى رىشىتلارنۇرغۇن لەشكەربىلەن يېڭى ھىسارغا باستۇرۇپ كېلىپ  قالدى.ئۇچاغداسۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ قىزى نۇرئەلانۇرخېنىمنىڭ ئوغلى سىيت ئەلى ئارسىلانخان يېڭى ھىساردىيارىغا خان ئىدى.ئۇناھايىتى قەيسەر،باھادىربۇلۇپ،بوراندەك باستۇرۇپ كەلگەن خوتەن لەشكەرلىرىنى ئوردۇ كەنىت تەرەپكە ئوتكۇزمەي تۇسۇپ قالىدۇ.بىريىل شىددەتلىك جەڭ قىلىپمۇ يېڭى ھىسارنى ئالالمىغان ئاكا-ئۇكاخانلار قايتماقچى بۇلۇپتۇرغاندا،ئۇنىڭ سىپاھلىرى قېرى بىردەللىنى تۇتۇپ كەپتۇ.ئۇدەللەخانلارغا قاراپ:<<خانلىرىم،مەنمۇسىلەرگەئوخشاش بۇتقاچۇقۇنىمەن.ئېرىم پادىشاھ سۇباشىللىرىدىن بىرسى ئىدى.سۇللاغ دىيارىغايۇرۇش قىلغاندائىرىم مەن بىلەن ئككى ئوغلۇمنىمۇ ئېلىپ ماڭغان ئىدى.يېڭى ھىساردا بولغان جەڭدەئىككى ئوغلۇم بىلەن ئىرىم ئۆلدى،مەن ئەسىرچۇشۇپ قالدىم.يالغاندىن ئىمان ئېيتقان بۇلىۋېلىپ تاكى ھازىرغىچە جان ساقلاپ كەلدىم.ئېرىم باللىرىم ئۆلگەن بۇيۇرتتاقىساس ئۇتىدا پۇچىلىنىپ،سىلەرنىڭ كىلىشىڭلارغاقانچىلىك ئىنتىزاربولغانلىقىمنى بىلەمسىلەر؟شۇنچەكوپ لەشكەربىلەن كىلىپ نۇمۇس قىلماي يېنىپ كىتەمسىلەر؟>>دەپتۇ.دەللىنىڭ سوزىنى ئاڭلىغان نوقتى رىشىت لەشكەرلىرىنى توختىتىشقابۇيرۇپ:<<كۆردۈڭمۇ،لەشكەرلىرىم توختىدى بىز سىيت ئەلى ئارسىلان خاننى يېڭىشنىڭ ئامالىنى قىلالمىدۇق،سىنىڭ قانداق مەسلىھەتىڭ بار؟>>دەپ سوراپتۇ.قېرى دەللە:بۇيەردەتۇرغان ئون نەچچەيىلدىن بۇيان شۇنى چۇشەندىمكى ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم،ئۆزدىنىغا بولغان ئەقىدىسى بەك كۈچلۈك ئىكەن.بىزنىڭ بولسا ئۇنچىلىك كۇچلۇك ئەمەس>>دەپتۇ.نوقتى رىشىت ئاچچىقلاپ:<<.ۇنداق بولسانىمىشقايۇلىمىزنى توسۇيسەن؟>>دىگەنىكەن،دەللەخالتىلىشىپ كەتكەن كۆكسىنى ئېچىپتۇ.پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن بۇتنى كۆرۇپتۇ.<<بۇت بىزگەنىمەقىلىپ بىرەلەيدۇ؟>>دەپ چوقتى رىشىت لەشكەرلىرى بىلەن ماڭماقچى بۇلۇپتۇ،<<ئالىلىرى،توختىسىلا،_دەپتۇدەللەبۇتنى كۆكسىگەيۇشۇرۇپ،_مەندە چارە-ئامال بار >>.نوقتى رىشىت:<<ئېيت،قانداقچارە-ئامالىڭ بار؟>>دەپ سوراپتۇ.دەللە<<مۇسۇلمانلارنىڭ خانى سىيت ئەلى ئارسىلانخان ناھايىتى تەقۋادارپادىشاھ،بەش ۋاخ نامازنىزادى قازاقىلمايدۇ.ئۇنامازغاتۇرغاندا،سىپاھلىرىنىڭ يېرىمى ئۇنىڭغائىختىداقىلىپ نامازئوقۇيدۇ.دىمەكچى بولغۇنۇم ئۇلارنامازئوقۇۋاتقانداسىلەرھۇجۇم قىلساڭلار،ھەرگىزمەغلۇپ بولمايسىلەر.چۇنكى سىيت ئەلى ئارسىلانخان نامازغا تۇرغاندا،ئۆزىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ،ئۆزىنىڭ خۇداسى بولغان ئاللاغايۇزلىنىدىكەن.پۇتۇن ۋۇجۇدى ئېرىپ سۇدەك بۇلۇپ كىتىدىكەن،ھېچنىمىنى تۇيمايدىكەن.شۇچاغداقول سالساڭلار،بېشىنى تېنىدىن جۇداقىلىپ زەپەرقۇچىسىلەر>>دەپ،ئاكا-ئۇكاخانلارنى ھۇجۇم قىلىشقادەۋەت قىلىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن نوقتى رىشىت،چوقتى رىشىت ئاكا-ئۇكا خانلاربارلىق سىپاھلىرى بىلەن سىيت ئەلى ئارسىلانخان ئىمام بۇلۇپ بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇۋاتقانداھۇجۇم قىپتۇ.نامازئوقۇۋاتقانلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغان مۇسۇلمان سىپاھلارتۇيۇقسىز بۇھۇجۇمدىن گاڭگىراپ قالغان بولسىمۇ،جان تىكىپ ئېلىشىپتۇ.نەچچەھەسسەكوپ بولغان ئۇدۇن قوشۇنلىرى تەرەپ-تەرەپتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ،قىلىچتا چېپىپ،نەيزە بىلەن سانجىپ،ئۇمۇت بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۇرۇپ،نامازئوقۇۋاتقانلارسېپىگەبېسىپ كىرىپتۇ.ھېچقانداق قارشىلىققائۇچرىماي،پۇتۇن ئىخلاسى بىلەن ئاللاغابىرىلىپ نامازئوقۇۋاتقانلارنى سەپ بويىچە قەتلى قىلىپتۇ.سىيت ئەلى ئارسىلانخان سەجدىگەبارغاندا،نوقتى رىشىت ئۇنۇڭ بوينىغاقىلىچ ئۇرۇپ   
،تېنىدىن جۇدابولغان بېشىنى نەيزىگەسانجىپ كوتۈرۈۋاپتۇ.دەل شۇچاغدا،يۇزلىرىگەنىقاپ ئارتقان سىپاھلاريىتىپ كىلىپ مەغرۇرھالداگىدىيىپ كىتىۋاتقان نۇقتى رىشىتنى ئورىۋاپتۇ.ئۇلارئارسىدىكى دۇبۇلغىسىغائاتۇن تاج قادالغان بەستلىك بىرسى نۇقتى رىشىتقا قىلىچ  ئۇرۇپ،بىرقولىنى يەلكىسىدىن چېپىپ تاشلاپتۇ،سىيت ئەلى ئارسىلانخاننىڭ بېشىنى نەيزىدىن ئاجرىتىپ رومال بىلەن ئوراپتۇ،زار-زاريىغلاپ باغرىغا باسقىنىچەھەمراھلىرى بىلەن ئۇدۇن قۇشۇنلىرى ئارسىدىن شامالدەك تىزچىقىپ قەشقەرغەراۋان بۇلۇپتۇ.بۇنىقاپلىق سىپاھلار سىيت ئەلى ئارسىلانخاننىڭ رەپىقىسى تۇركەن خاتۇن بىبى مەريەم ۋە ئۇنىڭ كىنىزەكلىرى ئىكەن.
      خوشاللىقىداۋارقىرىشىپ-جارقىرىشىپ خۇدىنى يۇقىتىۋاتقان ئۇدۇن قۇشۇنلىرى،بىرچاغدادۇم ياتقۇزۇپ ئۇستىگەشاخ-شۇمبا تاشلاپ قويغان نوقتى رىشىتنىڭ جەسىدىنى كۇرۇپ قېلىشىپتۇ.قارىساسىيت ئەلى ئارسىلانخاننىڭ بېشىمۇ يوق ئىمىش.نامازئوقۇغان جايغاقاراپ ئۇنىڭ تېنىنىمۇتاپالماپتۇ.بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن چوقتى رىشىت<<سىيت ئەلى ئارسىلانخاننىڭ بېشىنى ئېلىپ كېلەلمىسەم،لات-مانات(بۇتنىڭ ئىسمى)ئالدىداقارايۇزبۇلۇپ كىتەي>>دەپ قەسەم ئىچىپتۇ.ئۇچ كۇن تەييارلىق قىلىپ،بارلىق قۇشۇنلىرى بىلەن ئۇردۇكەنىتكە يول ئاپتۇ. 
بۇچاغداقەشقەربۇغراخانى يۇسۇپ قادىرخان سەمەرقەنتتە،سىيت ئەلى ئارسىلانخاننىڭ ئوغۇللىرى ئەخمەت تۇغانخان،(ئەخمەت تۇغانخان-ئەخمەت ئارسىلانخان،ئۇبۇغراقاراخان بۇلۇپتۇغانخان ئەۋۋەل دەپ ئاتالغان)ناسىرئىلىكخان،مەنسۇرخانلار بالاساغۇندائىدى. 
      بىبى مەريەم تۇركەن خاتۇن سىيت ئەلى ئارسىلانخاننىڭ بېشىنى ئۇردۇكەنتكە ئېلىپ كىلىپ،دولەتۋاغ يېزىسىدىكى ئانىسى نۇئەلانۇرخېنىم مەقبەرىسى يېنىغا دەپنە قىلغاندا،مەنمۇ ئىككى ئوغلۇممۇ قاتناشقان  ئىدۇق ناھايىتى كاتتا مۇسىبەت بولغان ئىدى،-ھەسرەتلىك ئۇنى پەسەيگەن ھۇسىيىن ئىبنى خەلەپ،گۇل-چىمەنلەرگە پۇركەنگەن قوش قەبرىلەرگە بىرنەچچە دەقىقە قاراپتۇرۇپ ئاندىن سوزىنى داۋاملاشتۇردى،-بۇمۇناسىۋەت بىلەن بالاساغۇن،سەمەرقەنتلەرگەچاپارمەن ماڭدۇرۇلغانىدى،ئۇتەرەپلەردىن خەۋەربولغۇچە،چوقتى رىشىت ئۇردۇكەنت كە باستۇرۇپ كەلدى.بۇچاغدىكى قاراخانىلارخاقانى بولغان ھارۇن ھەسەن بۇغراقاراخان،دەرۋازىلارنى تاقاپ دۇشمەن لەشكەرلىرىنى شەھەرگە يېقىن كەلتۇرمەسلىك توغرىسىداپەرمان چۇشۇردى،دەرۋازىلارتاقالدى،خەندەكلەرگەسۇتوشقۇزۇلدى،پۇتۇن شەھەرخەلقى دۇشمەنلەرگەتاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن سىپاھلاربىلەن بىرلىكتەتەييارلىق قىلىۋاتقاندا،يائوقىغا يوگەپ ئېتىلغان خەت سىپىل ئۇستىگەچۇشۇپ ،بۇغراقاراخاندىن تارتىپ تا ئاۋامغىچىلىك ھەممەيلەننىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مۇشكۇل ئەھۋالنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:<<قاراخانىلارخاقانى ئاگاھ بولغىنكى، نەۋرە ئىنىڭ سىيت ئەلى ئار سىلانخاننىڭ تېنىدىن جۇداقىلىنغان باشنى ئەدەملىرىڭ ئېلىپ كىتىپتۇ.مەن ئاشۇ باش ئۇچۇن لەشكەرتارتىپ پايتەختىڭ گە كەلدىم.ئۇچ كۇنگىچە باشنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرسەڭ.قايتىپ كىتىمەن ئەگەرباشنى تاپشۇرۇپ بىرىشنى رەت قىلساڭ، ئاكامنىڭ قىساسى ئۈچۈن لەشكەر لىرىڭ بىلەن ئۇردۇكەنت ئاھالىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ پايتەختىڭنى تۈزلىۋىتىمەن. 
                                                                            ئۇدۇن پادىشاھى چوقتى رىشىت>> 
      ھارۇن بۇغراخان بۇخەتنىڭ مەزمۇنىنى لەشكەرلىرى بىلەن ئۇردۇكەنت ئەھلىگە ئاشكارلاپ،دۇشمەننىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇشقا تەييارتۇرۇشنى مۇراجەت قىلدى. 
  يەتمىش مىڭدىن ئۇشۇق ئۇدۇن قۇشۇنلىرى تۆت تەرەپتىن شەھەرنى قاتتىق قامال قىلىۋالغانىدى.پايتەخىتتە ئاران ئون مىڭ غايېقىن ياساۋۇل -نەۋكەلەربۇلۇپ، ئاساسلىق قۇشۇن يۇسۇپ قادىرخان باشچىلىقىدا سامانىلار ۋەغەزنەۋىلەر خانلىقىغا تاقابىل تۇرىۋاتاتتى .خەتەر ئىچىدە قالغان پايتەخىتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرتېپىپ يىتىپ كەلگىچە بىر -ئىككى ئاي ۋاقىت كىتەتتى بۇجەريانداجەرياندا سانى كۆپ دۇشمەلەرنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ پايتەخىتنى ساقلاپ قېلىش ناھايىتى قىيىن ئىدى.كۆپ قۇربان  بىرىشكە توغرا كېلەتتى قانداق قىلىش كىرەك؟قەشقەردىكى پۇتۇن لەشكەر ۋە ئاۋامنىڭ كاللىسىنى بۇسۇ ئال تاشتەك قاتۇرغانىدى.   
        مانا شۇنداق جىددى پەيىتتەساچىيە مەدرىسىدىكى  بارلىق مۇدەررىس ۋە تالىپلار يىغىلىپ،قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق.ئاتاقلىق مۇدەررىس مۇھەممەدبىننى ئەل كاشىغەر:<<قولىمىزغا قىلىچ ئېلىپ،دۇشمەن باتۇرۇپ كىرىشتىن ئىلگىرى،بۇغرا قاراخان سىپاھلىرى بىلەن  بىرگە ھۇجۇمغا ئۆتۇپ ئۇلارنى چىكىندۈرەيلى >>دەپ مۇراجىئەت قىلدى.مۇدەررىسلەر ۋەتالىپلارنىڭ بىرقىسمى قوللىدى.بىرقىسمى<< ھۇجۇم قىلىپ دەرۋازىدىن چىقىش قاراملىق بولىدۇ،سانى كۆپ،دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى كۇتۇپ تۇرغان دۇشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ پايتەخىتكەبېسىپ كىرسەقانداق قىلغۇلۇق؟ شۇڭاسېپىل ئۇستىگە چىقىپ يادىن ئوق ئۇزۇپ،يۇسۇپ قادىرخان غازى پادىشاھ كەلگۇچە دۇشمەنلەرنى پايتەخىتكە كىرگۇزمەسلىكىمىز ئەڭ ئاقىلانە چارە>>دىيىشتى.شۇچاغدائورنىدىن تۇرۇپ كوللىرىنى كۆكسىگە ئالغان ئوغلۇم ئابدۇجاپپار: <<پەقەت ئۈنۈملۈك بىرلا چارە بار>> دېدى.<<بۇ قانداق چارە؟>>دەپ ئاغزىغا قاراپ قالدۇق.<<قېنى،ئاللاھدىلىڭغا سالغان چارىنى بىزگە بىلدۈرئوغلۇم>> دىدىم مەن «پېقىر،سىيت ئەلى ئارسىلانخان ھەزرەتلىرىگە چىراي خەھەتتىن ناھايىتى ئوخشايمەن،شۇڭا تەۋەككۇل قىلىپ كاللامنى چوقتى رىشىت قاتاپشۇرۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن»دېمەسمۇ.«ھە!؟»دىگەن سادا،چوڭ-كىچىك نىڭ ئەجەپلەنگەن كۆڭلىدىن ئېتىلىپ چىقتى.ھاياجان بىلەن چاقنىغان كۆزلەرھەرتەرەپتىن ماڭا تىكىلدى.دەرھال جاۋاپ بىرىشىم زۆرۈر ئىدى.ئوغلۇمنىڭ چىراغدەك نەزىرىمۇ جاۋاب بىرىشىمنى تەلەپ قىلاتتى،قانىتىم،ئۈمۈدىم بولغان ئوغلۇمدىن ھەققانىيەت،ئەلنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ۋاز كىچىشىم كېرەكمۇياكى ئوغلۇمنى دەپ ھەققانىيەت ۋە ئەلنىڭ تىنچ-ئامانلىقى بىلەن كارىم بولماسلىقى كېرەكمۇ؟دەرمەھەل بىرقارارغا كەلمىسەم،پايتەختكە،ئەلگە تالاپەت يەتكۈزىدىغانلىقىم كۆڭلۈمگە ئايان بولغاچ ئىككىلىنىپ تۇرۇشقا ۋىجدانىم يول قويمىدى«ئويغۇرپەرزەنتىدەك گەپ قىلدىڭ بالام،يارايسەن مەن رازى!بۇتەلىپىڭنى شۇئان بۇغراقاراخانغايەتكۈزۈپ،ئىجازىتىنى ئېلىپ بىرەي يۈرگىن»دىدىم.كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى بىزگە ئەگەشتى.يۈرۈگۈم پىژ-پىژ قىلغان ھالدا ئوغلۇم بىلەن ئوردىغا باردىم.ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان ھارۇن بۇغراخان ئالتۇن تەخىتتەخىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغانىكەن.سالام بىرىپ ئوغلۇمنىڭ تەلىپىنى بىلدۈردۈم.«بۇقانداق مۇمكىن بولسۇن سىزقوشۇلدىڭىزمۇ؟»دەپ سورىدى.«ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىدىن ئۈمۈتلىنىپ قوشۇلدۇم،ئالىلىرى ئىجازەت قىلىپ دۇئابەرگەيلا»دېدىم.«بۇغراقاراخان تەسلىكتەقوشۇلدى ئوغلۇم بۇروھىڭىزگەئاپىرىن دىدى ۋەئەتە ئەتىگەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ سىزنى ئۇزۇتۇپ قويايلى»دەپ دۇئابەردى بۇغراخان.ئاندىن تەخىتتىن چۈشۈپ مىھرى بىلەن ئوغلۇمنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى ئوغلۇمنىڭ چېھرىدە سۈبھى قۇياشى چىققاندەك ئاجايىپ بىر خۇش تەبەسسۇم پەيدا بولدى.«دادا،مۇرادىمغا يىتىدىغان بولدۇم»دېدى ئۇ،ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق.ئانىسىدىن مىڭ تەسلىكتە رازىلىق ئالدۇق.ئۇخوتۇنى بىلەن ئۆزخانىسىدا كىچىنى ئۆتكۈزدى تاڭ ئېتىپ بۇغرا-كاناينىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندا،داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇردۇق.مەن ناننى چىلاپ قويغان قاچىغا ئانىسى سۈت قۇيۇپ ئوغلۇمغا بەردى.ئۇشۇنداق تىزيىدى ئانىسى بىلەن قۇچاغلىشىپ،رەپىقىسى بىلەن تەلمۈرۈپ خوشلاشتى،ئۇلار«شەھەردەرۋازىسىغىچەبىرگە چىقىمىز»دىيىشىۋىدى،«ئاتام ئۇزۇتۇپ قويىدۇ،ھەربىرىللىرى چىقىشمىسىلا.كۆزياشلىرىغا،نالە-پەريادلىرىغاچىدىماي تىلىگىمگە ئاسىلىق قىلغۇم يوق»دەپ گەپنى ئۈزىۋەتتى.ئانىسى پىشانىسىگە ئۈچمەرتتەم سۆيدى،خوتىنى بىلىگە بەلباغ باغلاپ قويدى.ئوغلۇم چىرايلىق توقۇلغان گۈل سېۋىتىنى ئېلىپ ماڭدى.ئۇكىسى ئىشىك ئالدىغىچە قۇچاقلاپ ئۇزىتىپ قالدى.
  ئوردائالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى.ئاق سەللىسىگە ئالتۇن تاج قادالغان ھارۇن بۇغراخان،ئاق بۇغرا تۆگىگە مىنىپ ئوردىدىن چىققانىكەن.ئۇبىزنى كۆرۈپ يەرگە چۈشتى:ھېلىھەم بولسىمۇ بۇنىيىتىڭىزدىن يېنىڭ،بىز ئامال قىلىمىز»دېدى كۆرۈشۈپ.ئوغلۇم بىرتىزىنى يەرگە قويۇپ:«خاقانىم،ھەرقانداق چارەپايتەختنى ۋەيران بۇلۇشتىن بىھۇدە قان تۆكۈلۈشتىن توسۇپ قالالمايدۇ.ئىجازەت بەرسىلە پېقىربۇيالغۇز بېشىمنى ئەلنىڭ سائادىتى ئۈچۈن ئاتىۋەتتىم»دەپ ئۈنلۈك جاۋاپ بىرىپ ماڭا قارىدى«ئەلنىڭ ئوغلى ئىكەنسەن،ئۇيغۇر بالىسىغا لايىق گەپ قىلدىڭ،ھىممىتىڭگە بارىكاللا!»دىگەن ئاۋامنىڭ ساداسىغارازىلىق بىرىپ قىلغان سۆزلۈرۈم قوشۇلۇپ كەتتى.يەرۇئاسمان لەرزىگە كەلگەندەك بولدى.بۇغرا قاراخان«ئىجازەت بەردىم،-ۋەئاۋامغا قاراپ،-ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئىستەپ،كىم بۇمەردنىڭ ئەزىز بېشىنى مۇبارەك تېىنىدىن جۇدا قىلىدۇ؟»دەپ نىدا قىلدى.دەسلەپ ئۈچ ئالىپ يىگىت قىلىچ يالىڭاچلاپ كەلدى، لىكىن قوللىرى تىترەپ چاپالمىدى.ئاندىن ئۈچ سەركەردە كەلدى،بىر-بىرلەپ قىلىچ كۆتۈرۈپ چاپالماي،قىلىچنى ئوغلۇمنىڭ ئايىقىغا تاشلاپ قايتىشتى.«ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن،ئوغلۇمنىڭ بېشىنى تېنىدىن مەن جۇداقىلاي»دەپ قىلىچنى قولومغائېلىپ چاپتىم.«تاراڭ...»قىلغان ئاۋازبىلەن تەڭ ئىككى پارەبولغان قېلىچ قولۇمدىن چۈشتى.جۇدالىق ھەسرىتىدىن يۇمۇلغان كۆزۈم ئېچىلىپ كۆردۈمكى ئوغلۇم ساق تۇرۇپتۇ.مەن ئۇنى چاپتىم دەپ،يېنىدا تۇرغان تاشقا ئۇرۇپتىمەن.
    «دادا،بېشىمنى تېنىمدىن جۇدا قىلىش سىلىنىڭ،ۋەقېرىنداشلىرىمنىڭ قولىدىن كەلمىدى.ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن،ئۆزۈمنىڭ بېشىنى ئۆزۈم كېسەي،-دېدى-دە،بېلىگە ئېسىقلىق خەنجىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ماڭاباقتى،-دادا،پېقىر ئوغۇللىرىنى كەچۇرسىلە.،ئاللاھۇ ئەكبەر»دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغىنىمدا كۆزۈمنى ئىختىيارسىزيۇمىۋالدىم.«يارەببىم!ئۆزىنى ئۆزى شېھىت قىلدى»دىگەن نىدانى ئاڭلاپ كۆزۈمنى ئاچسام،ئوغلۇم باشسىزقانغاغەرىق بولۇپ يېتىپتۇ،تېنىدىن جۇدا قىلىنغان بېشىنى باغرىغا بېسىۋاپتۇ...«جان پىدا غوجامغا بارىكاللا!جان پىدا غوجام جەننەتكە راۋان بولدى!»دىگەن ئاۋامنىڭ چۇقانى ماڭاكۈچ-چىدام بەخىش ئەتتى.پۈتۈن سەۋىر-تاقىتىم بىلەن ئۈزۈمنى چىڭ تۇتۇپ،ئوغلۇمنىڭ ئەزىزبېشىنى گۈل سېۋىتىگە ئالدىم،ئۇنىڭ چىرايلىق قارا كۆزلىرى ئالەمگەكۈلۈپ باققىنىچە قېتىپ قالغانىدى.قىڭغىيىپ قالغان سەللىسىنى ئوڭلاپ كىيدۈرۈپ،پەتلىسىنى تاشلاپ قويدۇم.
    ھارۇن بۇغراخان«ئاللاھۇ ئەكبەر!»دەپ كۆپچىللىك بىلەن بىرگەتەكبىرئېيتىپ بىزنى ئۇزاتتى.مەن ئوغلۇمنىڭ گۈل سېۋىتىگە قويۇلغان بېشىنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرگىنىمچە شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ،ئۇدۇن لەشكەرلىرىنىڭ بارىگاھىغاقاراپ ماڭدىم.نىمىنى كۆتۈرۈپ كىلىۋاتقانلىقىمنى بىلمىگەن سىپاھلار يۇپۇرلۇپ كىلىپ مىنى ئورىۋالدى-دە،سېۋەتكە بىر قاراپلا كەينىگەداجىشتى،بەزىللىرى قورققىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى چوقتى رىشىتنىڭ قارارگاھىغاكەلگىنىمدىلاتوختىدىم.بۇچىدىر-بارگاھنىڭ ئىشىكىگەبۆرە بېشىنى،يىلان مۈڭگۈزى ئېسىقلىق ئىدى بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن ئاق،قاراتۇغلارقاداپ قۇيۇلغانىدى.مەن ئالىيىپ قارىغان قاراۋۇلنى پىسەنتىمگە ئالماي بارگاھ ئىچىگە ئۈسسۈپ كىردىم.تەخىتتە ئولتۇرغان چوقتى رىشىت چۆچۈپ كەتتى.تاجىغا يىلان مۈڭگۈزىنى قاداپ،ئالتۇن زەنجىرگە بېكىتىلگەن بۇتنى بوينىغا ئېسىۋالغانىدى.ئۇماڭا چەكچىيىپ:«ئېلىپ كەلگىنىڭ نىمە؟»دەپ سورىدى.«سەن تەلەپ قىلغان سىيت ئەلى ئارسىلانخاننىڭ بېشى»دېدىم.«راستمۇ؟»دېدى ئىشەنمىگەندەك قىلىپ.«راست،قاراپ باق»دەپ ئالدىمغا بىر قەدەم باستىم،«كەلگىن،كۆرەي»دېدى.«تەخىتتىن چۈشۈپ تاپشۇرىۋال»دېدىم ئورنۇمدىن مىدىرلىمىدىم.ئۇتەخىتتىن چۈشۈپ سېۋەتكە ئېڭىشتى ۋەتاتىرىپ ئارقىغا داجىغىنىچەتىترەپ كەتتى.«مەيەدە قۇيۇپ قايتقىن»دېدى.«دەرھال چېكىنىپ كېتىشكەۋەدەبەرمىسەڭ،قايتمايمەن»دېدىم.«مەن ئۇدۇنلۇق بىرنى بىر دەيمەن،سۆزۈمدە تۇرىمەن»دەپ ۋەدە بەردى.مەن ئوغلۇم ئابدۇ جاپپارنىڭ ئەزىز بېشىنى يەردە ئەمەس،تەخىت ئۈستىگە قويۇپ ئارقامغا ياندىم.
    ئەتىسى سەھەر قارغۇي(قارغۇي-كۆزىتىش مۇنارى)غاچىقىپ قارىسام،شەھەرنى قورشىۋالغان ئۇدۇن لەشكەرلىرىنىڭ قارسىمۇ كۆرۈنمىدى.ئۇلار چىكىنىپ كەتكەنىدى.ئوغلۇمنىڭ بېشىنى ئېلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ،ئۇنىڭ«جان پىداغوجام» دىگەن نامى قالدى.ئانىسى ۋەخوتۇنىنىڭ تەلىپى بىلەن باغقا دەپنە قىلدىم.
          ھۈسەين ئىبنى خەلەپ ئېغىر بىر تىنىۋېلىپ يۈسۈپكە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
            -ئىككى ھەپتە ئۆتمەي،بەش تۈمەن لەشكەر بىلەن يۈسۈپ قادىرخان ھەم سىيت ئەلى ئارسىلانخاننىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىشتى.ئۈچ كۈنلا ئارام ئېلىۋېلىپ،ئۆزقۇشۇنىغائوردۇ كەنىتتىكى ئاھاللەردىن قوشۇلغان ئىككى تۈمەن پىدائىيلاربىلەن بىرگە ئاتلاندى.شۇماڭغانچە يېڭى ھىسار قەلئەسىنى بېسىپ ياتقان ئۇدۇن لەشكەرلىرىنى سۈر-توقاي قىلىپ قاغىلىققا يىتىپ بارىدۇ.جەڭ قىلا-قىلاقارىقاش دەرياسىدىن ئۆتىددۇ.ئوغلۇم ئابدۇ جاپپارنىڭ ئېغىر ئاياغ بۇلۇپ قالغان خوتۇنى يۈسۈپ قادىر خاننىڭ ئۇدۇننى ئالغانلىقى توغۇرلۇق خەۋەر كەلگەندەقوشكېزەك-بىر ئوغۇل،بىر قىز تۇغقانىدى.بالىلار دۇنياغاكۆزئېچىپلا يىتىم بۇلۇپ قالدى.خوش،چوقتى رىشىت دارغا ئېسىلىپ ئۇدۇن خەلقى ئىسلام-دىننى قوبۇل قىلدى.مۇسا بەگتاش زامانىدىن باشلىنىپ، قىرىق يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان خوتەن ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى...-ھۈسەين ئىبنى خەلەپ سۆزىنى توختاتتى.
مەنبە:يۈسۈپ خاس ھاجىپ(تارىخى رومان)
شىنجاڭ خەلق نەشىر ياتى.

 

___ باشقۇرغۇچى : muhterem تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-19

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+20(muhterem) ئەجىر
  • Tordax
    | ۋاقتى : 2008-06-19 22:41 [باش يازما]
    dunyakara

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39823
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 41
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
    شۆھرەت: 42 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 410 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :66(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-05
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئىسىل تېما ئىكەن ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-20 03:34 1 -قەۋەت
    1380

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 18295
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 120 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :95(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-01
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ھەقىىقى ئەركەك!! بۇتىمىنى ئۇقۇپ كۆزياشلىرىمنى مىڭ تەستە توختاتتىم !!ئەسلىدىكى ئۇيغۇر يىگىتلىردە!!ئەل ئۈچۈن جان دىگەن مۇشۇنداق كەتسە ئارمان يوقتە!!!
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-06-20 10:05 2 -قەۋەت


     

    Time now is:06-21 01:04, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation