| |||||||
deldax كامىلجان ناسىر(دىلداش) دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | قىسمەن ئۇيغۇر قىزلىرىغا خىتاپ(شېئىر) ئاپتۇر :كامىلجان ناسىىر (دىلداش )
پەزىلەتلىك ئۇماق ئۇيغۇر قىزلىرى ، مودا قوغلاپ ئۆزگۈرۈپلا كەتتىڭلار . ئەنئەنىگە ۋارىس بولماي غادىيىپ ، بوۋىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش ئەتتىڭلار . ئەسرا قىلار ئېدى سانسىز يۈرەكنى ، سىلەردىكى تال-تال ئۆرۈم گۈل چاچلار . ئۇچاڭلاردا ئۇزۇن كۆركەم كۆڭلەك يوق ، بوپ قالدىڭلار بۇ دەۋىردە «بەڭباشلار». سىياقىڭلار قىلىشمايدۇ ئەرلەردىن ، دوپپا ئەمەس باشتا ياغلىق كۈرۈنمەس . يۈزۈڭلاردا زاماسكىدىن داغ قالغان ، بۇ پوسۇندىن مىللەت نامى بىلىنمەس . پۇرسەت بولسا كۈندە ئۈچ ۋاخ ئېرىنمەي ، ئەينەكلەرگە كۆڭۈل قۇيۇپ قاراڭلار . نۇر چىھرىڭلار ئوخشاپ قالدى كىملەرگە ، كۈتەرمىدى بۇ پوسۇننى ئاناڭلار . ئاپتۇر :كامىلجان ناسىر(دىلداش ) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيىسىدىن شىپاگەر ___ باشقۇرغۇچى : saadat تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-19
| ||||
---|---|---|---|---|---|
wolf516 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | دانا ئوخشىتىش!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
wolf516 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | راسلا دانا ئوخشىتىش .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tograh0997 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئوخشىتىشنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنپسىز،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
mihriv دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قەلىمىڭىز بەركەت تاپقاي .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tukulgan-yax دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياشاپ كىتىڭ تۇرداش بۇ شىرىڭىز ماڭا بەك ياختى ،مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك نادىر تىمىلارنى يىزىپ يۇللاپ بەرگەن ئاشۇ قۇللىرىڭىز غا ئاللاھ ئىگەم دەت بەرمىسۇن ،مۇشۇنداق مەزمۇندىكى تىمىلارنى بەكمۇ ياختۇرىمەن ...............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rena3610 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت .مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش تىمىلارنى كۇپرەك يۇللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
deldax كامىلجان ناسىر(دىلداش) دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مۇنبەرداشلارنىڭ ئارزۇسى - مىنىڭ مۇققەددەس بۇرچۇم،مەن سىلەر كۈتكەن تىمىلارنى چۇقۇم يوللايمەن،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Ayberchin دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دىلداش ئەپەندىم ھەقىقەتەن ھازىر جاۋاپ بولۇپ كېتىپتۇ. ئاشىقلىقتىن چىقىپ، جەمئىيەتنى سۆككەن چوڭقۇر مەزموندىكى شېئىرلىرىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدىكەن. ئەمدى ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە دىگەن شېئىرلىرىڭىزنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ بولار دەپ ئويلايمەن!
ھەر ئىشىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن، تېمىڭىزغا تەشەككۈر! | ||||
---|---|---|---|---|---|
AbdulQuddus | بارىكاللا كامىلجان قېرىندىشىم !
ياشاپ كىتىڭ ! سۆزى كەم مەنىسى كۆركەم __ چۇڭقۇر مەنالىق شېئىرىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم ، رەھمەت سىزگە ! قەلەم تۇلپارىڭىز ھېرىپ قالمىغاي !!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
`qUt~Luq` دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ناخايىتى ياخشى ئوخشىتىلىپتۇ ..ياخشى ياخشى !!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ayguzal520 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەزى تورداشلا ئوخشىتىشنى ھەجەپ ئۈگۈنۇپتىكەن ،بىر قاراپلا تىپۋاپتۇ ئاينا؟؟؟؟ۋوجون!!!!!!!!!!!!!1
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tumaaris دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىياقىڭلار قىلىشمايدۇ ئەرلەردىن ،
دوپپا ئەمەس باشتا ياغلىق كۈرۈنمەس . يۈزۈڭلاردا زاماسكىدىن داغ قالغان ، بۇ پوسۇندىن مىللەت نامى بىلىنمەس . دىلداش ئەپەندى، ھازىرقى زامان بەزى ئويغۇر قىزلىرىنىڭ سىياقىنى ناھايىتى كۇچلۇك شىرى تىل ۋە چۇڭقۇر مەنا ئارقىلىق جانلىق كۆرسىتىپ بىرىپسىز، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، بۇ شىرىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى ئويلانماي تۇرالمايدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bagwankiz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت .مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش تىمىلارنى كۇپرەك يۇللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurluk1 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاڭلىسام بۇ شېئىرنى مەلۇم بىر باشقۇرغۇچى ئۆز ئالدىغا ئۇچۇرۋېتىپتۇ.بۇ يازغۇچىغا نىسبەتەن بىر ھۆرمەتسىزلىكمۇ قانداق؟بۇ شېئىرنى ياقتۇرمىغانلار ئويلىغىنىڭلارنى دەپ بېقىڭلار .مېنىڭچە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.مۇھەببەت شېئىرلىرىنى ئاڭلاۋېرسىمۇ قۇلاققا قاداق چۇشۇپ كەتمىسۇن يولداشلار....
| ||||
---|---|---|---|---|---|
0903arzu38 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.بەك ياخشى يېزىپسىز. داۋاملىق خەممىگە خۇشاللىق ئاتا قىلغايسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
akida0999 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راس دەيسىز، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىنى ئۇچراتماقمۇ تەس بوپ كەتتى.
شېىئىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ. داۋاملىق تېخىمۇ ياخشى نادىر ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى تىلەيمەن! | ||||
---|---|---|---|---|---|
deldax كامىلجان ناسىر(دىلداش) دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەنجىپ قاپتۇ مەندىن بەزىلەر ،
بۇ شىئېرنى يازسام مۇڭلۇنۇپ . كىمگە بولسا نەسىھەت كىرەك، ئۆزى چۇڭقۇر باقسۇن ئويلۇنۇپ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
nurlfn | دىلداش ئەپەندىمنىڭ قەلىمى كۈندىن -كۈنگە پىششىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى شېئىرلارنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|