| |||||||
@yurtum@ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يۈرىكىڭىزنى چېنىقتۇرىۋېلىڭيۈرىكىڭىزنى چېنىقتۇرىۋېلىڭ
دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە : دادام قوي بېقىۋاتسا (ھەيدەپ تاشلاپ قويغان ،ئوت - چۆپ ئۈسۈپ كەتكەن يەر ئىكەندۇق) چالمىلارنىڭ ئارىسىدىن تۇيۇقسز بىر ئۆچكە چىقىپ دادامنى ئۈسۈپ كەتكەن . شۇ ئارلىقتا دادام بېقىۋاتقان پادا ئارىسىدىكى بىر ئۆچكە چىقىپ دادامنى ئۈسكەن ئۆچكە بىلەن قاتتىق سۇقۇشۇپ كەتكەن .چالمىنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئۆچكە بەرداشلىق بېرەلمەي چالما ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولۇپ كەتكەن. دادام يالغان گەپ قىلمايدىغان ،يالغانچىغا ئۆچ ئادەم ئىدى... كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيدىكى مال چارۋىلارغا سامان ئالغىلى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە باردۇق.70 ياش ئەتراپىدىكى بىر بوۋاي مۇنداق ئىشنى سۆزلەپ بەردى<<جاڭگاللىقتىكى شاللىققا سۇ باشلاپ بولالماي قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى .ئۆي يىراق بولغاچقا شاللىق يېنىدىكى سۇگەت دەرىخى ئاستىغا ئوت قالاپ قۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. دەھشەت كېچىدە تۇيۇقسىز تىنىم شۇركۈنۈپ ، سۈر بېسىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم قارىسام بەدىنىنى يۇڭ باسقان پۇتلىرى ئاچا تۇياقلىق كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان قىياپىتى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىر مەخلۇق مېنى بېسىۋالدى. .شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەخلۇق بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ كەتتۇق.چېلىشىش جەريانىدا بەك تەرلەپ تىنىم .ئېغىرلىشىپ كەتتى شۇنداق بولسىمۇ بار كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنى يەرگە ئاتتىم .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوتقا ئايلىنىپ سۇگەت ئۈستىگە چىقىپ غايىپ بولدى.شۇندىن كېيىن قۇلىقىم سەل ئېغىرلىشىپ . گەپنى ئېنىق ئاڭلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇقسام مەن ئۇ مەخلۇقنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇپ ئوت قالىغان ئىكەنمەن.شۇ سەۋەپتىن ماڭا ئاچچىقى كېلىپ ئۇرۇشۇپتىكەن.ئەگەر مەن ئۇنى يەڭمىگەن بولسام مېنى ئۆلتۈرۈپ قوياتتىكەن.يېشى ھەم جۇغى سەل كىچىك بولغاچقا ئېتىۋالدىم.بولمىسا تەڭ كېلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى.>> دەپ ئېيتىپ بەرگەن. جىننىڭ ئەسلى قىياپىتى يوقارقىدا تەسۋىرلەنگەندەك بولارمىش ... شۇ كۈنى ساماننىى ھارۋىلارغا بېسىپ كەچقۇرۇن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق سەل- پەل قاراڭغۇ چۈشەي دېگەن مەزگىل ئىدى. ساماننى چۈشۈرۈپ بولۇپ چوڭلار ئۆيگە كىرىپ كەتتى .مەن تاھارەت سۇندۇرۇش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ قايتىپ كىرسەم يوقارقىغا ئوخشايدىغان بىر چۇپۇرلۇق مەخلۇق ھويلىدىكى ئۇجمىگە ياماشقىلى تۇرۇپتۇ .يۇرۇكۇم قارتلا قىلىپ قالدى .شۇنداق سەت توۋلىغانچە ئۈزەمنى ئۆيگە ئاتتىم.... .جىن....... ۋاي جىن ...... ھويلىدا جىن باركەن.... .ئۆيدىكىلەر ھالىتىمدىن چۈچۈپ كېتىشتى : << نىمە بولدى >> ...جىن....جىن ................ <<قېنى جىن..؟>>. ھويلىدا ...ھويلىدا..........ئۇجمىگە چىققىلىۋاتىدۇ... ئاكام سىرتقا چىقىپ كىرىپلا ئاچچىقى كېلىپ مېنى ئۇبدان تىللاپ قويدى: << ھۇ كالۋا .نەدىكى جىنكەن ئۇ . بىزنىڭ باققان ئوغلاق ئۈجمىگە يامىشىپ غازاڭ يەۋاتمامدۇ >>. ئۇ تېخىچە تىترەپ تۇرغان ئەپتىمگە سەت قاراپ قۇيۇپ ئاستا بېرىپ چىلەكتىن بىر نوگاي سۇ ئېلىپ ئېلىپ ئىچتى، ئاندىن قېشىمغا كېلىپ ئاغزىدىكى يۇتۇپ بولالمىغان سۇنى مەيدەمگە پۇركۈپ يۇرۇكۇمنى سەگىتىپ قويدى . بۇنى يېزىپ بولغىچە تىنىم شۈركۈنۈپ تۇرسىمۇ يۈرۈكۈمنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزەمنى مەجبۇرلاپ يېزىۋەتتىم. يوقارقىلارنىڭ ھەممىسى بولغان ئىشلار . دادام توغۇرلۇق قالايمىقان ئقنكاس يازماڭ ___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-19
| ||||
---|---|---|---|---|---|
termiler دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۆچكىنىڭ دەرەخكە يامىشىدىغانلىقىنى تۇنجى كۆرگەن ئىكەنسىزدە.........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zulkifil دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن راستىنلا قورقتۇم جۇمۇ بۇ جىندىن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
نەۋرۇز دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆچكە دەرەخكە يامىشامدا؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
دىلئۇز دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇرۇنقىلارنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلايدىغان بولسڭز بۇنداق قورقۇنۇچلۇق ھىكايىلەر دىگەن ناھايىتى كۆپ ، قارىغاندا سىز چۆچەك ئاڭلاشقا ئامراق ئوخشايسىز !....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
abdirim8589 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئىشەنسەڭلار بار ،ئىشەنمىسەڭلار يوق ،لىكىن دىنىمىزدا بار دەپ ئىتىراپ قىلغان ئىكەن ،شەك كەلتۇرمەڭلار ،چوقۇم بار ،باشقا مىللەتتىكىلەر قورقۇنۇشلۇق فىلىم دەپ جىننىڭ كىنوسىنى ئىشلەيدىغان تۇرسا .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@yurtum@ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇرۇنقىلارنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلايدىغان بولسڭز بۇنداق قورقۇنۇچلۇق ھىكايىلەر دىگەن ناھايىتى كۆپ ، قارىغاندا سىز چۆچەك ئاڭلاشقا ئامراق ئوخشايسىز !....
بۇ يەردە بىر جىن مېنىڭ ئامراق نەرسەمنى بىلىۋاپتۇ ...مەن چۆچەككە بەك ئامراق... | ||||
---|---|---|---|---|---|
Erdal دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇيغۇرلارمۇ كېلىشتۇۇپ شۇنداق قورقۇنۇشلۇق فىلىملەردىن ئىشلەپ باقسا بوپتىكەن،،، ھە دېسىلا، چەتنىڭكىنى جىق كۆرەپ كەتتۇق، بۇنىڭغا سىنارىيىنى كىم يازار تېخى،،،؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
شۈكرى دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇيغۇرلارمۇ بىر قېتىم ئىشلىگەن، ئاغىنەم ئىككىمىز قاقاقلاپ كۈلۈپ ئولتۇرپ كۆرگەن دەڭلا.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazakat29 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھەقىقەتەنمۇ جىن بار ......بوۋام جىننىڭ چىچىنى كېسىۋاپتىكەن ، جىن بوۋامدىن قورقۇپ چىقىلالماپتۇ ..ئارىدىن ۇزۇن يىل ئۆتۈپ بوۋام ۋاپات بولغان كېچىسى ،شۇ ئالۋاستى يېڭى بوشانغان چوڭ ئاپامنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ،قوساق يۇغىناپ ئۆلۈپ كېتىپتىكەن . بۇنى ئاپام دەپ بەرگەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
地狱的火 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما9قەۋەتتىكىnazakat29نىڭ2008-06-19 18:30يوللىغان : ۋاي ئانىمەي بۇچۆچەكمۇ ،ئەپسانىمۇ،نىمانداق قورقۇنۇچلۇق گەپلە بۇ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
x@Bnam.521 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | جىننىڭ كىنوسىنى كۆرۈۋېرىپ ئەمەس بۇ دوستلار ،
قاراڭلار بۇرۇنقىلارنىڭ باتۇرلۇقىغا ، ھازىرقىلارغا ، جىن راستلا مەۋجۇت | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
لاچن دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | قەدىمى يۇرۇتلاردا سىرلىق ئىشلار يۇز بىرىپ تۇرىدۇ . . مەنمۇ يۇرۇتتىكى ئۇرۇق تۇققانلاردىن ئاڭلاپ يۇرىمەن .
بۇ تېمىنى ئوقوپ ئازراق.............................. | ||||
---|---|---|---|---|---|
wolf516 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | جىن ئوتتىن پەيدا بولغان، شەك كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
miskin007 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ بىر يۈرىكىمنى چېنىقتۇرىۋالىدىغان بىر ياخشى پۇرسەت بولدى!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qqapplewill دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇشۇنداق كۈلگىنىمگە ئىشىنەمسىلەر ........... ئۆزۈممۇ ئىشەنمىدىم مىنىڭچە ئۇيغۇرلار قورقۇنۇچلۇق فىلىملارنى ئىشلىسە بەك قورقۇنۇچلۇق چىقىدۇ.....چوقۇم..... مەن كۆرگەندەك بولدۇم .... دوستۇم: كەينىڭىزدە بىرسى سىزگە قاراپ تۇرىدۇ...تېز قاراڭ ....بىر غەلىتە مەخلۇقكەن ... ھې ھې ھې ھې مەنمۇ قۇرقۇتۇپ قويايچۇ تازا .....بۇنى يېزىۋېتىپ ئوزۈممۇ سەل قورقۇپ قالدىم ````` ئاپا.................... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jihadin دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ۋاي بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىسىمگە بىر ئاغىنەمنىڭ ماڭا دىگەن گىپى ئىسىمگە كىلىپ قالدى ،ئۇ ئاغىنەم مۇنداق دەيدۇ ،ئاغىنە سەن بەزىدە تۇيۇقسىزلا ئارقاڭغا بىرسى چۇشۋالغاندەك ھىس قىلامسەن دىدى ،مەن بەزىدە شۇنداق بۇلىمەن دىسەم ، ئاغىنەم ھە دەل شۇ چاغدا ئارقاڭغا جىن چۈشۋالغىنى ئىكەن دىگەن سىلەرمۇ ىسىلەرمۇ شۇنداق بولغانمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hanjar110 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قانداق گەپ بۇ بۇبىر قانچە كۈندىن بېرى مۇشۇ جىن توغرىسىدىكى نەرسىلەرنى ئوقىۋېرىپ يالغۇز ئۆيدىمۇ ئولتۇرالمايۋاتىمەن ،جىنلىق بولۇپ قالدىڭلارمۇ ؟ بەك قورقۇپ كېتۋاتىمەن .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aktulpar138 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەن شەبنەمگە يېڭىدىن كىردىم شۇنداق بولسىمۇ بىلىمىمنىڭ چەكلىك بولۇشىغا قارىماي ئۆزۈمنىڭ بىلىدىغانلىرىمدىن سىلەرگە ئازراق سۆزلەپ بېرىشنى لايىق كۆردۈم ئاللاھ تائالا بۇ ئالەمدە ياراتقان مەخلۇقلارنىڭ بىزبىلىدىغانلىرى .ئىنسان .پەرىشتە.جىن ۋەھايۋانلاردىن ئىبارەت.خۇددى ئادەملەر مېڭىپ يۈرگەن بۇزېمىندا پەرىشتىلەرمۇ مېڭىپ يۈرگەندەكلا جىنلارمۇ بىر مەخلۇق سۇپىتىدە ياشايدۇ شۇڭا بەزى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارتۇقچە قورقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق .ئۇلار ھەرۋاقىت بىز بىلەن بىللە ئارىلىشىپ ياشايدۇ .لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئاللا ھ چۈشۈرگەن شەرىئەت قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىدىغانلاربار.شۇڭائۇلاربىز گە خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ.ھەم ئۇلار ئىنسانلاردىن ئاجىز يارىتىلغان. شۇڭا قورقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق .بىزنىڭ ھەقىقى قورقىدىغىنىمىز پەقەت يەككە-يىگانە تەڭداشسىز ئاللەھتۇر.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
seriknur دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تۆۋە خۇدايىم . بۇ جىن دېگەنلەر نېمە دەپ دائىم ئادەمىزات يوق ، چەت جايدا كۆرۈنىدىغاندۇ ، نېمە دەپ بىر ئادەم جىق چوڭ شەھەردە كۆرۈنمەيدىغانندۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|