| |||||||
Shahzade | تۇغۇلغان كۈن ۋە مىجەز خاراكتىر1.15 ~~2.14 كۈنىگىچە
بىرنەرسىلەرنى چۈشۈنىش قابىليىتى يۇقىرى، راستچىل ۋە قەيسەر تىپتىكىلەردۇر. گەرچە سىرتىدىن يۇۋاش، مۇلايىم كۆرۈنسىمۇ ، بىراق ئىچكى دۇنياسىدا بىرخىل زور كۆرۈنمەس قەيسەرلىك بۇلىدۇ. ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندە ، كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا غەلبىلىك يىتەلەيسىز. سىز ھەمىشە تېخىمۇ تىرىشىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىلەرگە يىتىشنى ئۇمىد قىلىسىز،سىزدە ئالغا ئلگىرلەش ئېڭى بەك كۈچلۈك بۇلۇپ، ۋاقتىڭىز، پۇللىرىڭىز مەيلى قانچىلىك كەتمىسۇن ، بەلگىلىگەن نىشانىڭىزغا يەتمەي قويمايسىز. ================================================================= 2.15~~3.14 كۈنىگىچە بۇنداقلار بىر ئاز ھېسياتچان بۇلۇپ بالدۇر يېتىلىدۇ. ئالاھىدە مىجەزگە ۋە يارىتىش قابىليىتىگە ئىگە. ئۆزگىچە تەھلىل قىلىش ئۇسلۇبىڭىز سىزنى ھەمىشە سىرلىق كۆرسىتىدۇ، باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايسىز، ئەدىبى-سەنئەت جەھەتتە تۇغما قابىليىتىڭىز بار بۇلۇپ ، ئويۇن ئىچىدىن كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئىزدەشنى ئۇمىد قىلسىز. ھەركەتسىمان ياشاش ئۇسۇلى بولسا سىزنىڭ ئارزۇ قىلدىغىنىڭىز ۋە خاس ئالاھىدىلىكىڭىز، شۇڭلاشقا ئەگەر بەلگىلىك بىر دائىرىگە باغلىنىپ قېلىشقا توغرا كەلسە ، سىز ئۆزىڭىزنى خۇددى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ================================================================= 3.15 ~~4.14 كۈنىگىچە بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ ھەمىشە باشقىلارغا ئىللىقلىق ۋە خوشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ. ساخاۋەت خارەكتىرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللۇنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەمىشە ئۆزىنى ئويلىماستىن باشقىلارنىڭ ئۆتۈنگەن ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ بىرىدۇ. بۇنداقلار چۇقۇم بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ توزىقىغا دەسسەپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلمىقى زۆرۈر. سىز بەلكىم ئۇنىڭلىق بىلەن بۇ مىجەزىڭىزنى ئۆزگەرتمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز بۇ تەجرىبە- ساۋاقلارنى ئوبدان تەھلىل قىلىپ قەيسەرلىكىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرسىز. ================================================================= 4.15 ~5.14 كۈنىگىچە بۇنداقلار بىر ئشتىن ياكى بىرنەرسىلەردىن ئاسان سوۋۇپ قالمايدۇ، مۇھاببەتلىشىشكە ئەرزىيدۇ. نەدىكى تۈكى يوق خىياللارغا پېتىپ قالمايدۇ، ئەستايىدىللىق بىلەن نىشانىغا يىتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىگە خاس قەيسەرلىك ۋە كەسكىنلىكىنى نامايان قىلالايدۇ.سۆزلەش قابىليىتى ياخشى، ئىنكاسى چاققان، ۋە ئەقىللىق بولۇپ رەھبەر بۇلۇشقا ماس كىلىدۇ. ================================================================= 5.15 ~~6.14 كۈنىگچە بۇنداقلار بىر خىل تۇغۇلما سىھرى كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئاسانلا كاللىسىدا بىرخىل زىددىيەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مىجەزگە ئىگە بولۇپ مۇلايىم ھەم قۇپال، ئۇماق ھەم ھەسەتخورراق، بەتخەج ھەم پىخسىق كىلىدۇ. زېرەك بۇلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ئارقىسىغا باشقىلار ئويلاپ يىتەلمەيدىغان بىر ھەقىقى تەرىپى يۇشۇرۇنغان بۇلىدۇ. بۇنداقلار ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مۇۋاپىق كىلدۇ. ================================================================= 6.15 ~~7.16 كۈنىگىچە بۇنداقلار قىزىقىشى كۈچلۈك، ئەقىللىق ۋە يۇمۇرلۇق كىلىدۇ . ئوي-پىكىرى ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ھەمىشە بىلىپ بىلمەي مۇھىم ئىشلار ئېغىزىدىن چىقىپ كېتىدۇ.كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ،كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئۇستا بولىدۇ. ئەگەر ئەقىللىقلىقىنى بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتمىسە ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بۇلالايدۇ. ================================================================= 7. 7.17 ~~8.16 كۈنىگىچە ئوڭايلا يالغۇزلۇق، زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ، بەك ئاسان تەسىرلىنىدۇ. باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۇشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارغا كۆيۈنىشكە ماھىر بولسىمۇ، ئەمما بەك ساددا بولىدۇ، مەڭگۈ چوڭ بولالمايدىغان كىچىك بالا. ئەمما ۋاقتى كەلگەندە باشقىلار ئويلاپمۇ باقمىغان پىشىپ يىتىلگەن تەرپىنى نامايەن قىلىدۇ. ================================================================= 8. 8.17 ~~9.16 مىجەزى ئوچۇق، مودا قوغلىشىشقا بەك ئامراق كىلىدۇ. مەڭگۈ باشقىلارنى قانداق جەلپ قىلىشنى ئويلايدۇ، ھەمىشە تەسەۋۇر دۇنياسىدا ياشايدۇ، باشقىلارغا چاقىرىق قىلىش قابىليىتى بولىدۇ، باشقىلار بۇنداقلارنىڭ سۆزىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلايدۇ. ئاجىزلىقى شۇكى پەقەت سۆزلەشكىلا ئەھمىيەت بىرىپ مەشىقنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەگەر بۇ جەھەتتە دىققەت قىلسا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارغا ئەگىشىشنى خالايدۇ. ================================================================= 9.17 ~~10.16 ئەقىللىق كىلىدۇ، ئىش قىلىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ، بەزى چاغلادا باشقىلارغا تەلەپنى بەك يۇقىرى قويۇۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاخىرىدا يالغۇز قېلىشى مومكىن. بەزىدە يۇقۇتۇپ قۇيۇشىتىن قورقۇپ ، قولغا كىلەي دەپ قالغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قېلىشى مومكىن. ================================================================= 10.17 ~~11.16 كۈلمىگەن چېغىدا ،بەلكىم باشقىلارغا مۇز چىراي كۆرىنىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى قىزغىنلىققا تولغان بولىدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆزىدىن چوڭلار بىلەن بىللە بولۇشى مومكىن، شۇنداقلا باشقا ياشتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ياقتۇرشىغا مايىل بولالايدۇ، بىراق نەزىرى ئۈستۈن بولغاچ كوپ ئويلاپ كېتىپ بەزىدە قارار چىقىرالماي قالىدۇ، ئۆچ كۆرىدىغان ئادىمىگە ئارام بەرمەيدۇ. تەڭشەلمىگەن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ. ================================================================= 11.17 ~~12.14 ئوڭايلا ھاياجان بىلەن ئىش قىلىدۇ، ئەمما شۇ ئىچكى دۇنياسىغا يۇشۇرۇنغان قىزغىنلىق ئۇلارنى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى مۇمكىن قىلىدىغان قىلالايدۇ. قيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنى يىڭەلەيدىغان غايىۋى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. باشقىلارغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. ================================================================= 12.15 ~~1.14 ئەركىنلىككە ئىنتىلدۇ، بىراق ئوڭايلا جاھىللىقى تۇتقاچقا بەزى پۇرسەتلەرنى كەتكۈزۈپ قۇيىدۇ، تۇغما قابىلىيەتكە ئىگە بولسىمۇ ، ئەمما بەك مەنمەنچى بولغاچ ئۇلارنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. مىجەزى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. قىزىقىشى كۆپ، ئويناشنى بىلىدۇ. باشقىلار ئويلىمىغان ئەستايىدىل تەرەپلىرى بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا جاھىل مىجەزىنى ئازراق ئۆزگەرتسە باشقىلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى چىقىشالايدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadakitim دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئەقىللىق كىلىدۇ، ئىش قىلىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ، بەزى چاغلادا باشقىلارغا تەلەپنى بەك يۇقىرى قويۇۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاخىرىدا يالغۇز قېلىشى مومكىن. بەزىدە يۇقۇتۇپ قۇيۇشىتىن قورقۇپ ، قولغا كىلەي دەپ قالغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قېلىشى مومكىن.
راستكەن ،جۇمۇ | ||||
---|---|---|---|---|---|
wolf516 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ۋاھ،مەن 1987.05.16 تۇغۇلغان
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ra~NA دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئوڭايلا ھاياجان بىلەن ئىش قىلىدۇ، ئەمما شۇ ئىچكى دۇنياسىغا يۇشۇرۇنغان قىزغىنلىق ئۇلارنى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى مۇمكىن قىلىدىغان قىلالايدۇ. قيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنى يىڭەلەيدىغان غايىۋى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. باشقىلارغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ.
نەقلا شۇنداق................... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
palgan098 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىلەر بۇنىڭغا ئىشىنەمسىلەر؟ ئەخمەقلەر
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xahla-koz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | جەزىملەشتۈرگىلى بولماس . شاھزادە يوقاپ كېتىپ ئەسلى تۇغۇلغان كۈن تۇغرىسىدا ئىزلىنىپ يۈرۈپتىكەنتۇق ھە !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | راستەك قىلىدۇ ، مەن 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇغۇلغان .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
دىلئۇز دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەن ئانچە بىلمىدىم جۇمۇ؟مەنغۇ 5- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇغۇلغان.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BOOS دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەقىللىق كىلىدۇ، ئىش قىلىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ، بەزى چاغلادا باشقىلارغا تەلەپنى بەك يۇقىرى قويۇۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاخىرىدا يالغۇز قېلىشى مومكىن. بەزىدە يۇقۇتۇپ قۇيۇشىتىن قورقۇپ ، قولغا كىلەي دەپ قالغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قېلىشى مومكىن.
راستكەن ،جۇمۇ !~!~!~ مەن 1991-10-2كۇنى تۇغۇلغان !~!~!~!~! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ORHUN731 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | 7. 7.17 ~~8.16 كۈنىگىچە
ئوڭايلا يالغۇزلۇق، زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ، بەك ئاسان تەسىرلىنىدۇ. باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۇشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارغا كۆيۈنىشكە ماھىر بولسىمۇ، ئەمما بەك ساددا بولىدۇ، مەڭگۈ چوڭ بولالمايدىغان كىچىك بالا. ئەمما ۋاقتى كەلگەندە باشقىلار ئويلاپمۇ باقمىغان پىشىپ يىتىلگەن تەرپىنى نامايەن قىلىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
T-MC دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | 1.15 ~~2.14 كۈنىگىچە
بىرنەرسىلەرنى چۈشۈنىش قابىليىتى يۇقىرى، راستچىل ۋە قەيسەر تىپتىكىلەردۇر. گەرچە سىرتىدىن يۇۋاش، مۇلايىم كۆرۈنسىمۇ ، بىراق ئىچكى دۇنياسىدا بىرخىل زور كۆرۈنمەس قەيسەرلىك بۇلىدۇ. ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندە ، كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا غەلبىلىك يىتەلەيسىز. سىز ھەمىشە تېخىمۇ تىرىشىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىلەرگە يىتىشنى ئۇمىد قىلىسىز،سىزدە ئالغا ئلگىرلەش ئېڭى بەك كۈچلۈك بۇلۇپ، ۋاقتىڭىز، پۇللىرىڭىز مەيلى قانچىلىك كەتمىسۇن ، بەلگىلىگەن نىشانىڭىزغا يەتمەي قويمايسىز. ================================================================= ما گەپ راستەك قىلىدۇ جۇما 1.27 | ||||
---|---|---|---|---|---|
mayli دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مېنىڭچە،تۇغۇلغان كۈننى ئۆزگەرتەلمىگەن بولسىمۇ ،لىكىن مىجەز خاراكتېرنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ،بۇ مەزمۇنلارنىڭ توغرابولۇش مۇمكىن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xopur_awara دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن رەھبەر بولسام مۇۋاپىق ئىكەن 5.12 . ھى ھى ھى ھى .... ئەمدى ئۇيغۇرجان ماڭا ئورنىنى ئاستا بو......................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Mu-allime نۇرلۇق شام | مىنىمۇ رەھبەر بولۇشقا مۇناسىپ دەپتۇ، دىمىسىمۇ باشلانغۇچتىن تارتىپ رەھبەر بولۇپ كىلىۋاتقان!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nigara616 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئىشىنىپمۇ كەتمىدىم ،
ئىشەنمەيمۇ تۇرالمىدىم .... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anargvl317 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | راستەكمۇ قىلىدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nadera517 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىۋىلەرنىڭ خىسلىتى ھەققىدە رىۋايەتبىر پەرىشتە خۇدادىن سورىغانمىش:
-ئى خۇدا ،مۇبادا سەن ئىنسانلارغا ئوخشاش ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ رىزقى-لوقما يەيدىغان بولساڭ، نېمە يەيتتىڭ؟ خۇدا دىگەنمىش: -ئەتتىگەنلىكىمگە شاپتۇل، چۈشلۈكۈمگە ئۈزۈم، كەچلىكىمگە ئەنجۈر. -كېسەل بولساڭ؟ -ئانار. -ھېرىپ چارچىساڭ؟ -قۇغۇن. -ئۇسساپ كەتسەڭ؟ -تاۋۇز. -ئۇيقۇڭ كەلسە؟ -جىگدە. -ئۇخلىيالمىساڭ؟ -چىلان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەربىر مىۋە، كۈكتات، مەلۇم كېسەلگە داۋامىش.(بۇلاق ژورنىلىدىن ) * * * * * بەلكىم بۇ تېمام ئانچە ياخشى ئەمەستۇ. شۇنداقتىمۇ دوسلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا ئەۋەتتىم. [ يوللىغانnadera517تەرىپىدىن2008-06-19 18:03قايتا تە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
abdirim8589 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،بىراق نەچچە مىلىيارد ئادەم ئاران ئون ئىككى خىل مىجەزلىك بولمايدۇدە .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
laili2 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن 2-ئاينىڭ 1-كۇنى تۇغۇلغان ،ماڭا خېلىلا ماس كىلىدىكەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xopur_awara دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما13قەۋەتتىكىMu-allimeنىڭ2008-06-19 16:18يوللىغان : ئانداقتا سىز ماڭا مۇئاۋىن بولۇڭ . بىز چوقۇم ياخشى ھەمكارلىشىپ كىتىمىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|