xabnam
بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ


سىز بۇ تېمىنىڭ 99ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: «قۇتادغۇ بىلىك» تىكى  'بايات' دېگە ئاتالغۇ ھەققىدە مۇلاھىزە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
teshekkur

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 29844
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-14
ئاخىرقى :2008-06-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 «قۇتادغۇ بىلىك» تىكى  'بايات' دېگە ئاتالغۇ ھەققىدە مۇلاھىزە

«قۇتادغۇ بىلىك» تىكى  'بايات' دېگە ئاتالغۇ ھەققىدە مۇلاھىزە
        بۇ ماقالە  1989 ‏-يىل  10‏- ئايدا قەشقەردە ئېچىلغان ئىككىنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك "قۇتادغۇ بىلىك" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان 
                                                              قۇربان ۋەلى

«قۇتادغۇ بىلىك»  تە (1)  ئەسلى تېكىست  D ،  كېيىن قوشۇلغان  نەسرىي مۇقەددىمە  A ،  نەزمىي مۇقەددىمە B  لەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا جەمئى  6774 قۇر بېيىت بار.  بۇ بېيىتلاردا  ئىلاھ  نامى 235 قېتىم تىلغان ئېلىنىدۇ (2) .    173 بېيىتتا  'بايات' دەپ ئاتىلىدۇ (3) .  26 بېتىتتا  'تەڭرى' دەپ ئاتىلىدۇ (4) .  21 بېيتتا  'ئىدى'  ياكى 'ئىزى'  مەنىسى: ئىگە  دەپ ئاتىلىدۇ (5).  6 بېيتتا 'ئىلاھ' دەپ ئاتىلىدۇ (6).  9 بېيتتا  'رەب'  دەپ ئاتىلىدۇ (7) . مەسىلەن:

            بايات ئاتى بىرلە سۆزۈگ باشلادىم،
            تۈرەلتكەن ئۇگىتكەن كەچۈرگەن ئىدىم.
مەنىسى: مىنى تۈرەلدۈرگەن، پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن، كەچۈرگەن ئىگەمنىڭ نامىنى بايات دەپ تىلغا ئېلىپ سۆزنى باشلىدىم.
            ) تېكىست D-1 گە قاراڭ( 

          ياغىر يەر، ياشىل كۆك، كۈن، ئاي بىرلە تۈن،
          تۆرۈتتى خەلايىق ئۆد ئۆدلەك بۇ كۈن.
          تىلەدى تۆرۈتتى بۇ بولمىش قامۇغ،
          بىر ئۆك بول تەدى بولدى قولمىش قامۇغ.
مەنىسى: ئۇ قوڭۇر  يەرنى، يېشىل ئاسماننى، كۈننى، ئاي بىلەن تۈننى،  ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى، زاماننى، ۋاقىتنى ۋە ئارزۇ قىلغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى  بول دەپلا بار قىلدى (8).
          )تېكىست D-3, 4- كە قاراڭ(

          ئوغان بىر بايات ئول قامۇغدا ئۇزار،
          ئۆكۈش ھەمدۇ ئۆگدى ئاڭار ئوق سەزا.
مەنىسى: ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى بىردىنبىر باياتتۇر،  سانسىز ماختاش-مەدھىيە ئۇنىڭغىلا مۇناسىپتۇر.
                      )تېكىست  B-1 گە قاراڭ(

          تەڭرى ئەززە ۋە جەللە ئۆگدىسىن ئايۇر،
مەنىسى: ھەممىدىن ئەزىر ۋە ئۇلۇغ بولغان تەڭرىنىڭ مەدھيىسى بايانى
            )تېكىست D نىڭ مەۋزۇسىغا قاراڭ(

          ھەمد- ۇ سىپاز-ۇ مىننەت ۋە ئۆكۈش ئۆگدى،
          تەڭرى ئەززە ۋە جەللەقا كىم ئۇلۇغلۇق ئىدىسى.
          تۈكەل قۇدرەتلىغ پادىشاھ تۇرۇر يەرلى كۆكلى،
          ياراتقان قامۇغ تىنلىقلارقا رۇزى بەرگەن،
          نەنى كىم تىلەدى ئەرسە قىلدى يەمە نەنى تىلەسە قىلۇر.
مەنىسى: ھەمدۇ-سان، مىننەت ۋە سانسىز مەدھىيىلەر ھەممىدىن ئەزىز  ۋە ئۇلۇغ بولغان مۇتلەق ئۇلۇغلۇق ئىگىسى تەڭرىگە بولسۇن. ئۇ يەر بىلەن ئاسماننى ئۆزى ياراتقان، ئۇنىڭدىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلارغا ئۇزۇقلۇق بەرگەن، نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا شۇنى ياراتقان ۋە نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇنى يارىتىدىغان قۇدرەتلىك پادىشاھتەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
            )تېكىست A-1, 5- كە قاراڭ(

        قىيامەتتە كۆركىت تۇلۇن تەگ يۈزىن،
        ئەلىگ تۇتتاچى ئىلاھى ئۆزىن.
مەنىسى: ئەي ئىلاھ، قىيامەت كۈنى ماڭا رەسۇلىللاھنىڭ تۇلۇن ئايدەك يۈزىنى كۆرۈشنى، ئۇنىڭ ئۆز قولىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى كىشى بولۇشنى نېسىپ قىلغىن!
          )تېكىست D-48 گە قاراڭ(

        يا رەب ئۈستە دەۋلەت تۈكەل قىل تىلەك،
        قامۇغ ئىشتە بولغىل سەن ئارقا يۆلەك.
مەنىسى: ئەي رەببىم، بۇ دۆلەت ئۈستىدە تۇرغان خاننىڭ بەخت دۆلىتىنى ھەممىدىن زىيادە قىلغىن، ئارزۇيىغا يەتكۈزگىن، ئۇنىڭغا ھەممە ئىشتا ئارقا تىرەك بولغىن!
          )تېكىست D-117 گە قاراڭ(

يۇقۇرىدىكى نەقىللەردىن مەلۇمكى، «قۇتادغۇ بىلىك» تە ئىلاھنىڭ نامى  'بايات' دەپ ئاتالغان.  شۇنداقلا 'بايات' دېگەن نامنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن ئىلاھىنىڭ نامى 'تەڭرى' دېگەن نام بىلەن ياكى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى 'ئىدى' ) ئىگە( دېگەن نام بىلەن ياكى ئۇيغۇرلار ئىسلام شارائىتىدە ئەرەبچىدىن يېڭىدا قوبۇل قىلغان 'ئىلاھ'، 'رەب' دېگەن نام بىلەن سۈپەتلەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن يەنە شۇنداق بىر تارىخىي پاكىت مەلۇم بولۇۋاتىدۇكى،  «قۇتادغۇ بىلىك» يېزىلغان زاماندا )ئىسلام دىنى ئىجات قىلىنغىلى ئاللىقاچان تۆت ئەسر بولغان ۋە قاراخانىيلار دائىرىسىگە تارقىلىپ كەلگىلىمۇ بىر ئەسردىن ئاشقان زاماندا( (9)  ،  ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ ئىلاھ نامىنى تېخىچە ئەرەبچە 'ئاللاھ' دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنمەي، بەلكى داۋاملىق تۈردە شۇ زاماننىڭ خاقانىيە تىلى بىلەن 'بايات' دەپ ئاتاۋەرگەن. ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىمۇ  'رەسۇللاھ' دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنمەي، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى تىلى بىلەن 'يالاۋاچ' مەنىسى: ئەلچى (11) ياكى 'ساۋچى' مەنىسى: سۆزلەپ بەرگۈچى (12) ياكى  'ئوقىچى'  مەنىسى: دەۋەت قىلغۇچى (13) دېگەن ناملار بىلەن ئاتاۋەرگەن.

بۇ ھېچبىر ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنمۇ باشقا دىنلارنى قوبۇل قىلغاندا، قوبۇل قىلماقچى بولغان دىننىڭ ئىلاھىنىڭ نامىنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن  ۋە ئاتاپ ئادەتلەنگەن ئىپتىدائى شامان دىنى ئىلاھىنىڭ نامى بولغان  'تەڭرى' بىلەن ئاتاپ، قوبۇل قىلماقچى بولغان دىننى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئېتىقاتىغا يېقىنلاشتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن بىرلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرغان.  مەسىلەن: زوراستى دىنىنىڭ ئىلاھىنىڭ نامىنى  'تەڭرى تەڭرىسى خورمۇزدا' دەپ ئاتىغان؛ بۇددا دىنىنىڭ ئىلاھىنىڭ نامىنى 'تەڭرى تەڭرىسى بۇرخان' دەپ ئاتىغان؛ مانى دىنىنىڭ ئىلاھىنىڭ نامىنى 'تەڭرى تەڭرىسى مانى بۇرخان' دەپ ئاتىغان.  ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم بىر دىننى تاشلىغاندا، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى  'تەڭرى' سىگە ئېتىقاد قىلىپ قېلىۋەرگەن. (14)  ۋاھالەنكى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ مۇشۇنداق شەكىلنى قوللانغان. لېكىن بۇنىڭ ئىلگىرىكى شەكىللەردىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى،  بۇ قېتىم  قوبۇل ئىسلام ئىلاھىنىڭ نامىنى 'تەڭرى' بىلەن قوشۇپ ئاتىماي، بەلكى بىۋاستە ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ نامى بىلەن 'بايات' دەپ قوبۇل قىلىپ، ئاندىن تەدرىجى ھالدا ئۆزلەشتۈرگەن.

'بايات' دېگەن نام ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىشتىن بۇرۇن قايسى بىر دەۋلەردە ئېتىقاد قىلغان باشقا دىننىڭ ئىلاھىنىڭ نامى ئەمەس،  بەلكى ئۇ  خۇددى  «تۈركىي تىللار دىۋانى«  دا چۈشەندۈرۈلگەندەك، يىگىرمە ئىككى ئۇرۇغدىن تەركىپ تاپقان ئۇغۇز قەبىلىلىرىنىڭ توققۇزىنچىسىنىڭ نامى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا،  شۇ قوۋمنى قۇرغان قەدىمقى بوۋىسىنىڭ نامى ئىدى  (15).  دېمەك، ئەينى زاماندا 'بايات' دېگەن نامنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئاڭلىق ھالدا تاللاپ ۋە خالاپ قوللانغان.  جۈملىدىن،  «قۇتادغۇ بىلىك»  بىزگە 'بايات' دېگەن نام ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چەتتىن قوبۇل قىلىدىغان ھەر قانداق بىر مەسلەكنى ياكى مەدەنىيەتنى ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسى ئاساسىدا قوبۇل قىلىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىرخىل  'ئۇيغۇر ئەنئەنىسى' نى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلىك ئىسپاتلاپ بەردى. 

قارا خانىيلار دەۋرىدىكى  'بايات' دېگەن  ئىلاھ نامى،  «قۇتادغۇ بىلىك»  تىن كېيىن يېزىلغان كىتابلاردىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن پارس ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىىدا ئۆز-ئارا ئۆگىنىدىغان بىر يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە، بەزىدە پارسچە 'خودا' دەپ ياكى بەزىدە ئەرەبچە  'ئىلاھ' ، رەب' دەپ ياكى يەنىلا تۈركىيچە 'تەڭرى' دەپ ئالماشتۇرۇپ قوللىنىلغان.

            بۇ ماقالە 'بۇلاق' ژۇرنىلىنىڭ 1989 ‏- يىل 2 ‏- سانىدا ئېلان قىلىنغان 


ئىزاھاتلار:
(1) مىللەتلەر نەشرىياتى 1984  ‏- يىل 5 ‏- ئاي نەشرى
(2)  نەزمىي نەشرىدە ئەسلىدىكى ئىلاھ ناملىرى 'خودا' ياكى 'رەب' دەپ ئۆزگەرتىپ قوللىنىلغان. بۇ مۇلاھىزە ئەسلى تېكىستتىكى ئىلاھ ناملىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلدى. 
(3)  تېكىست D دىكى 1‏، 36‏- 41، 42، 51، 90، 124، 151، 752، 753، 1021، 1030، 1084، 1250، 1251، 1253، 1267، 1269، 1272، 1279، 1329، 1342، 1343، 1348، 1430، 1451، 1479، 1507، 1520، 1520، 1525، 1531، 1561، 1686، 1740، 1761، 1782، 1797، 1799، 1801، 1818، 1873، 1877، 1922، 1933، 1940، 1978، 1980، 1983، 2007، 2158، 2163، 2227، 1560، 2755، 2856، 3066، 3117، 3120، 3122، 3188، 3189، 3190، 3196، 1884، 3250، 3251، 3256، 3262، 3294، 3316، 3349، 3353، 3354، 3358، 2598، 3464، 3520، 3524، 3526، 3592، 3657، 3662، 3663، 3696، 3715، 3200، 3716، 3741، 3747، 3749، 3762، 3764، 3794، 3897، 3919، 3921، 3928، 3404، 3452، 3470، 3472، 4416، 4689، 4712، 4777،  4854، 4858، 4872، 4880، 4957، 5119، 5120، 5130، 5165، 5191، 5193، 5194، 5239، 5306، 5373، 5278، 3987، 4236، 5402، 5437، 5611، 5613، 5644، 5647، 5667، 5722، 5761، 5832، 5880، 5888، 5895،  5900 ، 5934، 5947، 5952، 5988، 6066، 6093، 6136، 6156، 6182، 6190، 6193، 6246، 6250، 6251، 6261،  6290، 6306، 6311، 6373، 6386، 6395، 6408، 6409، 6411، 6500، 6520، 6540، 6541، 6637، 6631‏- بېيىتلەرگە قاراڭ.
(4)  تېكىست D دىكى 1022، 1555، 3249، 3332، 3684، 3697، 4202، 4494، 4526، 4868، 5020، 5131، 5195، 5489، 5598، 5855، 6046، 6176، 6239، 6287، 6307، 6416، 6475 ‏- ۋە  نەسرى مۇقەددىمىدىكى 1 ‏- بېيىتلەرگە قاراڭ. 
(5)  تېكىست D دىكى 1، 5، 24، 34، 61، 1262، 1271، 1364، 2228، 4764، 6247، 6377، 6510، 6511، 6516، 6558، 6563، 6564، 6574 ‏- ۋە تېكىست A دىكى 2 ‏- بېيىتلەرگە قاراڭ.
(6) تېكىست B دىكى 77 ‏- ۋە تېكىست D دىكى 47، 48، 3117، 6501، 6604 ‏-بېيىتلەرگە قاراڭ.
(7) تېكىست D دىكى 116، 3051، 3116، 3341، 5442، 5612، 6544، 6563، 6644 - بېيتلەرگە قاراڭ.
(8) «قۇتادغۇ بىلك» تىكى 'بار'  ۋە 'بول' دېگەن سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن پەلىسپىۋىي كۆز قاراش بىلەن قەدىمقى ئارىيانلار )ھىندى-ياۋروپا قوۋملىرى( نىڭ 'بار' دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان  'ئاس'  ۋە 'بول' دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان  'بۇۋ' دېگەن سۆز ئارقىلقى ئىپادىلەنگەن پەلىسەپىۋىي كۆز قاراش تامامەن ئوخشايدۇ. «قۇتادغۇ بىلك» تىكى  'تۆت تادۇ' يەنى ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت نىگىز ماددا نەزىرىيىسىمۇ قەدىمقى ھىندى-ياۋروپا قوۋملىرىدىن ئۇيغۇرلارغا مىراس قالغان.
(8) بۇنىڭدىكى 'بار' ۋە 'بول' دېگەن سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن پەلىسەپىۋىي كۆز قاراش قەدىمقى ئارىيانلار )ھىندى-ياۋروپالىق قوۋم( نىڭ 'ئاس' )مەنىسى: بار( ۋە  'بۇۋ' )مەنىسى بول( دېگەن سۆز ئارقىلقى ئىپادىلەنگەن پەلىسەپىۋىي كۆز قاراشقا تامامەن ئوخشايدۇ.  «قۇتادغۇ بىلىك» تە ئىپادىلەنگەن  'تۆت تادۇ' )ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت نىگىز ماددا ( نەزىرىيتىسىمۇ دەل شۇلاردىن ئۇيغۇرلاغا مىراس قالغان. 
(9) ئىسلام دىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 40 يېشىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن باشلاپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋاقىتقىچە بولغان )مىلادى 610‏- دىن 622‏- يىللار ( دا ئىجاد قىلىنغان دېگەن قارىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قاراخانىيلار دائىرىسىگە تارقىلىشى ساتۇق بۇغرا خان )مىلادى ؟ دىن 955 ‏- يىللار( زامانىسىدا يۈز بەرگەن دەپ قارىلىدۇ.  «قۇتادغۇ بىلىك» بولسا مىلادى 1069‏-1070‏- يىللاردا يېزىلىپ، شەرقىي قاراخانىيلار خانلىرىدىن مىلادى 1074‏- دا 1102‏- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان تاۋغاچ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلىنغان.
(10) 1981 ‏- يىل شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى نەشر قىلغان  'دىنلار لۇغىتى' نىڭ 'ئىسلام دىنى' غا بېرىلگەن تەبىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىسلام ئىلاھىنىڭ نامى 'لائىلاھە ئىللەللاھ' يەنى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگەن كەلىمىدىن  'ئەل-ئىلاھ' يەنى بىردىنبىر ئىلاھ مۇشۇ دېگەندىن قىسقارتىپ قوللىنىغان. ئادەتتە جانلىق تىلدا 'ئاللاھ' دەپ ئاتىلىدۇ. 
(11)  تېكىست D دىكى 52 ‏-بېيىتقا قاراڭ. 
(12) تېكىست D دىكى 34 ‏- بېيىتقا قاراڭ.
(13) تېكىست D دىكى 36  ‏- بېيىتقا قاراڭ.
(14) ئۈرۈمچى 'كەچلىك گېىزىتى' نىڭ 1986- يىل 3 ، 5، 6 ‏- دىكابىر سانلىرىدىكى  'ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى دىنىي ئېتىقاتلىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما مۇلاھىزە' دېگەن ماقالىغا قاراڭ.
(15) «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 ‏- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1‏‏- توم 78 ‏- بەتكە قاراڭ.
(16) «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 ‏- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1‏‏- توم  80 ‏- بەتكە قاراڭ.

 

___ باشقۇرغۇچى : qinmodan تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-19

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شەبنەم پۇلى:+20(matimatika)
  • izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-06-19 09:52 [باش يازما]
    matimatika

    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 11327
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1759
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1759دانە
    شۆھرەت: 8099 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11430 سوم
    تۆھپە: 300 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1005(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-20
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     Re:«قۇتادغۇ بىلىك» تىكى 'بايات' دېگە ئاتالغۇ ھەققىدە مۇلاھىزە

    دۇردانىلار يوشۇرۇلغان بۇيۇك ئەسەرنىڭ تەتقىقات مىۋېلىرى بولغان بۇ تېمىنى كۆرگۇنۇمگە خۇشال بولدۇم .
    « بايات » ھەققىدە تىخخمۇ چۇڭقۇر چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم ،

    ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    دۇنيانىڭ سىرىنى ئېچىش ئۇچۇن ماتېماتىكا ۋە تەبىئى پەن ئۆگىنەيلى
    | ۋاقتى : 2008-06-19 12:37 1 -قەۋەت


     

    Time now is:06-21 01:02, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation