xabnam
بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ


سىز بۇ تېمىنىڭ 671ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىش ھەقىقەتەن مۇھىممۇ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بانكىر

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 274
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە274دانە
شۆھرەت: 382 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-29
ئاخىرقى :2008-06-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىش ھەقىقەتەن مۇھىممۇ؟

بۇ تىمىنى muhterem : خەۋەر-ئۇچۇرلار دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-06-19)

 

ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىش ھەقىقەتەن مۇھىممۇ؟

قىرىنداشلار بىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى دۇنىياغا تونۇتماقچى بولۇپ قالدۇق؟ ئۇيغۇرلانىڭ ھاياتلىقى دۇنياغا تونۇلۇش ئۈچۈنمۇ؟ يىقىندىن بۇيان بىزدا شۇنداق بىر ئادەت شەكىللىنىپ قاپتۇ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتشتىن ئىبارەت بۇ خىل قاراش پۈتكۈل ئۇيغۇرجەمىيتىنى بىر ئاپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلىشى بىر ياخشى ئىش. لىكىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسىتىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كىرەك. چۈنكى ئۇيغۇردا ئويغۇرنىڭ روھىتى مۇجەسسەملەنمەي تۇرۇپ دۇنيا ئۇيغۇرنى تونىغان، ھەتتاكى 10 مىلىيۇن ئويغۇرنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى پەنلەردە دوكتۇر بولغان، دۇنيا ئۇيغۇرلارنى دوكتۇرلار مىللىتى دەپ ئىتراپ قىلغان تەقدىردىمۇ ئويغۇرنىڭ ئومومىي گەۋدىسىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ. 98 يىللىرى ئەتراپىدا ئويغۇرلارنى پۈتبول ئارقىلىق دۇنياغا تۇنۇتماقچى بولدۇق، يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك شۇ ۋاقىتلاردا پۇتبۇل قىزغىنلىقى ئەۋىج ئالدى. ئادىل ھوشۇر شەنسىيادىن ئۆتۈپ دارۋازلىقنىڭ يىڭى دەرۋازىنى ئاچقان ئىدى، قىل قالدۇق ھەممەيلەن دارۋاز بولغىلى، شۇنىڭدىن كىيىن دارۋازلىق مۇدا بولۇشقا باشلىدى. ئەسقەر خۇيۇيلاڭدىن باشلاپ بەرگەن خەنزۇچە ناخشا ئىيتىش قىزغىنلىقى ئويغۇرناخشىچىلىرىنى كۆپتىللىق ناخشا ئېيتىش ئىقىمىغا باشلاپ كىرىدى. دۇنىيادا قانداقلىقى ماڭا ئانچە ئىنىق ئەمەس، لىكىن جۇڭگۇدا شىنجاڭلىق ( ئۇيغۇر دىگەننى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ) نىڭ ناخشا - ئۇسۇل مىللىتى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، لىكىن ئۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئومومىي ھالىتىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈزش بولغىنى يوق، ھەم ئۆز گۈرۈش بولمايدۇ.
ئەلقىسە: ئۇيغۇرنى دۇنيا تونىشى بىر ياخشى ئىش، لىكىن ئۇ قانداقتۇر بىزنىڭ نىشانىمىز بولۇپ قالماسلىقى، ئىشلىرىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ قالماسلىقى كىرەك. چۈنكى بىزنىڭ ھاياتلىقىمىز باشقىلارنىڭ بىزنى تونۇشى، بىلىشى، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى نام - شۆھرەت، ئابروي قاتارلىقلار ئۈچۈن ئەمەس. مەن شۇنداق ئىيتالايمەنكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس روھىتى ھەربىر ئۇيغۇردا مۇجەسسەملەشكەندىلا ئۇيغۇر ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەمدە ئۇيغۇرنىڭ ئومومىي گەۋدىسىدە ئۆزۈل كىسىل يۈكسىلىش بارلىققا كىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونىتىمىز دەپ داۋراڭ سىلىشىمىزنىڭ ، ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا دۇنيا ئۆزلىكىدىنلا ئۇيغۇرنى تونىغان، ھەمدە ئۇنىڭغا قايىل بولغان بولىدۇ. بىز قاراپ باقىدىغان بولساق سىگانلارنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئومومىي ھالىتىدە قانداق ئۆزگۈرۈش بارلىققا كەلدى؟ ھەتتا پۈتىنى قويۇپ مۇقىم ياشايدىغان ئولتۇراق رايۇنغىمۇ ئىرىشكىنى يوق. ئەرەبلەرنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ ، لىكىن ئومومىي ھالىتىدە قانداق ئۆزگۈرۈش بولدى؟ ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولغىنى يوق. ئۇلار دۇنيا ئىنرگىيە مەنبەسىنى كۆپ قىسىمىنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بىلىم ئىگىلىرى دىسەك ئۇلاردا ھەرقايسى پەنلەردىن دوكتۇرلار ، ئىختىساسلىق بىلىم ئىگىلىرى يۇقمىدۇ؟ لىكىن ئۇلارنىڭ ئومومىي گەۋدىس يەنىلا چىچىلاڭغۇلۇقتىن قۇتۇلغىنى يوق. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنى بۇنىڭدىن 1400 يىل ئارقىلىق ئىمان ئەقىدە ئارقىلىق بىرلەشتۈرگەن ئىدى، ئۇلار مانا ھازىر دەل ئۆزىنىڭ 1400 يىل ئىلگىركى قەبىلە ۋازلىق، گوروھۋازلىق ، پىتنىگە تولغان جاھالەت دەۋرىگە يەنە قايتتى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى ئۇلار ئىچىدىكى شۇنچە دوكتۇرلار، شۇنچە ئىختىسا ئۇلارنىڭ ئومومىي ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمىگەنتى. پۈتۈن دۇنيانىڭ بىلىشى، ئىتراپ قىلىشى، ھەتتا ئۇلارنى ئىلىم پەننىڭ ئاساسىنى تىلكلەپ بەرگەن، دۇنيا تارىخدا شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان دەپ ماختاشلىرى ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدا قىلچىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىدى، ھەم ئۆزگەر تەلمەيتتى.
قىرىنداشلارغا ئاددى بىر ھىكايىنى ئېيتىپ بەرگۈم كىلىۋاتىدۇ. مىنىڭ باشلاغغۇچ ھەم تولۇقسىزدا بىرگە ئوقىغان بىرساۋاقدىشم بولىدىغان ئۇنىڭ ئاكىسى ياپۇنيەدە دوكتۇرلۇقتا ئوقىيتتى، ئۇنىڭ ئۆزى بولسا شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرستىتتا ئوقىيتتى. ئۇنىڭ بىر مۇئەللىمى ئۇنىڭ ئاكىسىغا دەپ ئۇنىڭ چەتئەلدا ئوقىش ئىشىنىغا ياردەم قىلىشنى ھىچ بولمىغاندا بىرەر يول كۆرستىشىنى سورىغان، لىكىن ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ جاۋابى بولسا ھەممە ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ، ھازىر بىز خەقكە ياردەم قىلساق كىيىن بىزگە كىم ياردەم قىلىدۇ دىگەن بولغان. بۇ دوكتۇر ئاكىمىز ياپۇنيەدە دوكتۇرلۇقنى، ئاندىن دوكتۇر ئاشتىلىقىنى ئۇقۇپ بولۇپ ھازىر شۇيەردە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. لىكىن بۇ ئۇيغۇر دوكتۇر شۇنى ئۇنتۇپ قالغانكى ئەينىۋاقىتتا بىر قىتىملىق پۇرسەتتە بىر ياپۇنيەلىك بىلەن تونۇشۇپ قالمىغان، ئۇنىڭغا ئىختىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلمىغان بولسا ئۇزىنىڭ ياپۇنيەدە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ پەقەت ئارزۇ پىتى قالىدىغانلقىنى. بىر ياپۇن يەنى يات مىللەت ئۇنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئىختىساد چىقارغانكى، ئۆز مىللىتىدىكى بىر قىرىندىشىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئۇچۇر بىلەن تەمىللەشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن. يەنە بىز ئۆتكەندە توردا ئىلانقىلىنغان بىر ماقالىدا چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ باللىرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرماق ئاسانكەن دەپ داۋۇت ئىسىمىنى دەيۋىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى، دىيارىمىزدا بولسا كۈن ئالماق ئاسانكەن دەپ باللىرىنى ئانا تىلدىن ئايرىلغان، ئۇيغۇر پىسخىكىسىدىن ئايرىلغان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش مودا بولۇپ قالغانلىقى ئىشقىلىپ ئەنە ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقى ھەممەيلەن خەۋەردار . مانا بۇلار بىزنىڭ دوكتۇرلىرىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ھالى. ئەلۋاتتە ئارىمىزدا ئەركىن سىدىق، قەيسەر مىجىت، دىلشات ھىۋىزۇۋۇللا قاتارلىق ئوت يۈرەك مىللەت سۆيەر ئالىملىرىمىزنىڭ بولۇشى بىزنى خۇشال قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئېيتىمەن بىزگە كىرىكى ئالدى بىلەن ئادىمىلىككە ئىگە بولغان، ئويغۇرلۇقىنى ( ئويغۇر روھىتى) ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان يىڭى بىر ئەۋلاد، ھەققى ئويغۇرلار كىرەك. ئۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ دوكتۇر، ئالىم، ئاسپىرانىت، يازغۇچى، پەيلاسوپ ۋە ياكى داڭلىق ناخشىچى، سەنئەتكار، تەنتەربىيەچى بولىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. پەقەت ئاددى ئىنسان بولسىمۇ ئاشۇ ئاددىلىقىغا ئويغۇرلۇق سىڭگەن بولىسىلا ئۇ ئۇيغۇر ئۈچۈ ن ئەڭ چوڭ تۆھپە ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا قىرىنداشلار ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلغاندا دۇنياغا تونىتالايمىز دىگەنگە باشقاتۇرماي، قانداق قىلغاندا ئويغۇر روھىتىنى ئۆزىمىزدە تەربىيەلىيەلەيمىز، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرۇمنىڭ يۈزىنى تۆكمەيدىغان بىر ئادەم بولالايمەن، قانداق قىلغاندا ئويغۇرۇم ئۈچۈن ئازغىنە بولسىمۇ بىر ئىشقىلىپ بىرەلەيمەن دىگەننى ئويلاشقىنىمىزدىلا ئويغۇردا ئۆمۈد نۇرى چاقنايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ روھى ئاللاھ ئىنسانىيەتكە بەرگەن توغرا نۇربىلەن يۇغۇرۇلغان سوتۇق بوغراخان روھى، خاس ھاجىپ روھى، مەھمۇد قەشقىرى روھى، ناۋايى روھى،ئابدۇقادىر داموللا روھى، ئابدۇخالىق ئويغۇرننىڭ روھى بىز ئەنە ئاشۇ روھنى ئۆزىمىزدە يىتىشتۈرەلەيدىكەنمىز ئۇيغۇرنىڭ ئومومىي ھالىتىدە چوقۇمكى ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن پۈتكۈل ئويغۇر دوكتۇر ، يازغۇچى، پەيلاسۇپ، سەنئەتكار بولۇپ دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرسۇن ئۇلارنىڭ ئومومىي ھالىتدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ. پەقەت شەخسىلەردىكى يۈكسىلىش بارلىققا كىلشى مومكىنكى؛ جامئەدىكى، ئومومىي قەۋىمدىكى يۈكسىلىش بارلىققا كەلمەيدۇ. شۇڭا ھەممىز ئۆزىمىزدە ئەنە شۇ روھلارنى تەربىيەلاشكە ئەھمىيەت بىرەيلى، ھەممەيلەن ھەربىر ئىشىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى، ئەڭ كىچىك بولسىمۇ . ئەگەر بىر ياخشى ئىشقىلالمايدىكەنمىز، بىر يامان ئىشىتىن ئۆزىمىزنى تارتايلى. مەن ئىچكىرگە دەسلەپتە كەلگەندە ياتاقداشلىرىم مىنى تاماكا، ھاراققا تەكلىپ قىلدى. مەن ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمانلىقىمنى ئىيتىپ ئۇلارنىڭ دىنىمىز ئىسلامدا چەكلەنگەنلىكىنى ئېيقىنىمدا ئۇلار ھەيرانلىقتىن بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن شىنجاڭلقلارنى كۆرگەن ئىدۇق، ئۇلار تاماكا چىكىدۇ، ھاراق ئىچدۇ، ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ دەپ سوراپ قالدى. مانا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار ئۇچراشقا ئاشۇ ئۇيغۇرلىرىم ئۇيغۇرنىڭ، ئومومىلىقتىن ئىسلامنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ بولغان ئىدى. بىر قەۋىم ئۆز ھالىنى پەقەت ئۆزىگە تاينىپلا ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس. بولۇپمۇ ئىبلىسىنىڭ ياردەمى بىلەن ئەمەس. ئىبلىسىنىڭ ساڭا ياردەم بەرگىنى ماھىيەتتە سىنى تويۇق يولغا باشلىغىنى چۈنكى ئىبلىس ھەرگىزمۇ ھەقىقەت ئۈچۈن ياردەم بەرمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ نەپسى ئۈچۈن ياردەم بىرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ھەر بىر ئويغۇر ئۆزگەرتىدۇ، قىنى قىرىنداشلار تىرىشايلى! ئاللاھ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنىمۇ ياخشىلايدۇ. 

 

___ باشقۇرغۇچى : muhterem تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-18

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+17(Ormanlik) بەك ياخشى يې ..
  • تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    پەقەت بوېاقلا ھەقىقى يىغلايدۇ،
    پەقەت اللالا ھەقىقى  كەچۇردۇ .
    | ۋاقتى : 2008-06-18 20:33 [باش يازما]
    oganqi

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 33116
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 72
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە72دانە
    شۆھرەت: 73 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 670 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :286(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-02-18
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مۇشۇ تېمىغا ئاۋاز قوشقان كىشىلەرنىڭ سانىدىنلا مۇشۇنداق ئويلىيالايدىغانلارنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.مىنىڭچە بۇتېمىنى نادىرلاپ قويۇش كېرەك.
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-06-19 09:53 1 -قەۋەت
    1212adiba

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36148
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 111
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە111دانە
    شۆھرەت: 112 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :192(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-21
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

      راستىنلا نادىرلاپ قويۇشقا تېگىشلىك 。ئسىل تېمىكەن  مەن ساقلىۋالدىم。يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن。
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-19 10:01 2 -قەۋەت
    kenji

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 17911
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 102 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 900 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-24
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    سىز <<ئۆزلۈك ۋە كىملىك >>ۋە<<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا>>دىكى قۇرلارنى خاتا يېزىلغان دېمەكچىمۇ ؟
    مەسلەن:نوپۇسى ئاران نەچچە مىڭ كىشى كېلىدىغان ئىسكىموسلارنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ،لېكىن نوپۇسى ئون مىليون كىشىلىك ئۇيغۇر مىللىتىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ .
    سىز بۇنىڭغا نىمە دەيسىز ؟
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-06-19 10:06 3 -قەۋەت
    zulmat0999

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26683
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 184
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە184دانە
    شۆھرەت: 185 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1640 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :362(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-30
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن kenji قىرىندىشىمنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن .  < بانكىر> ئەپەندى سىز چە بولغاندا بىز يىچقانداق ئىش قىلماي باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىشى ئۈچۈن ھەركەت قىلماي  ئۇخلاپلا يۈرسەك بولىدىكەندە .
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-06-19 11:04 4 -قەۋەت
    xopur_awara

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 44885
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 70
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
    شۆھرەت: 71 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 700 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :62(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-06-05
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    «بانكىر» ئەپەندى: مەن ئويلايمەنكى، مىللىتىمىزنى  دونياغا تونۇتۇش  ھەرگىزمۇ  بىر  خاتا ئىش ئەمەس.بىرەر  ئارتوقچىلىققا  ئەگىشىش، مەسلەن:پۇتبول، ناخشا، دوكتۇر، بوكسىيۇرلۇق.....قاتارلىق  ساھەلەردە مىللىتىمىزدىن  كۆپلەپ كىشىلەر  يىتىشىپ  چىقسا، باشقىلار ئۇلارغا ئەگىشىپ  تېخىمۇ ئېشىپ كىتىش ئۈچىن تىرىشسە، دۇنيادىكىلار  مۇشۇنداق بىر  مىللەتنىڭ  بارلىغىنى  بىلىپ قالسا نىمە  زىيىنى بار.  مىللىتىمىز  ھازىرقىدەك  مىڭىۋەرسە ، ئۆز تارىخىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ ئۆرۈپ  ئادەتلىرىمىزنى  كىيىنكىلەر  بىلمەي(ھازىر بىزمۇ  تايىنلىق)  بىر نەچچە يۈز  يىلغا بارمايلا  مىللىتىمىزنى دۇنياغا ئەمەس ،كىيىنكى  ئەۋلاتلىرىمىزغا  تونۇتۇشمۇ  تەسكە  توختايدۇ. سىز ئەجىبا  مۇشۇنداق بولىشىنى  خالامسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  مەن  شەبنەمگە كىرگەندە  ئوز_ئوزەمگە  ھىچ  كىم  بىلەن  ئارازلاشمايمەن  دەپ ۋەدە قىلغان. چۈنكى مىنىڭ بىلىم  سەۋىيەم  تايىنلىق. مەن بىر  ئاددى ئىشچى، شۇڭا  گىپىم  خاتا  بولسا كەچۈرۈڭلا!
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-06-19 11:40 5 -قەۋەت
    homa

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 721
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە721دانە
    شۆھرەت: 759 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 111 سوم
    تۆھپە: 88 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 166 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :432(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-19
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس روھىتى ھەربىر ئۇيغۇردا مۇجەسسەملەشكەندىلا ئۇيغۇر ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەمدە ئۇيغۇرنىڭ ئومومىي گەۋدىسىدە ئۆزۈل كىسىل يۈكسىلىش بارلىققا كىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونىتىمىز دەپ داۋراڭ سىلىشىمىزنىڭ ، ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا دۇنيا ئۆزلىكىدىنلا ئۇيغۇرنى تونىغان، ھەمدە ئۇنىڭغا قايىل بولغان بولىدۇ.
    _________________
    مۇشۇ قۇرلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ چۇڭقۇر ئويلىنىپ، تەپەككۇر قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. دىمىسىمۇ، ئۇيغۇرنى بىر ياكى بىر قانچە ئادەم دۇنياغا تونىتالمايدۇ. بىز ئارىمىزدىن چىقىۋاتقان دوكتۇر، سەنئەتچى، تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز، قەدىرلەيمىز. لىكىن پەقەت شۇلارنىڭلا بىزنى دۇنياغا تۇنۇتىشىنى تاما قىلىش بىزنى تىخىمۇ چۈشكۈنلۈككە باشلىشى مۇمكىن. «ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى» دەپ قارالغان ئۇيغۇر مىللىتى دۇنياغا قانچىلىك تونۇلدى؟ مەن ھازىر ئارىمىزدىن چىققان سەنئەتچىلەرنىڭ بىرەرسىنى دۇنياغا تونۇلغان چولپان دەپ ئىيتالمايمەن. («سىزگە قانداق قىپ بەرسە بولاتتى؟» دەپ قوپماڭلار) دىمىسىمۇ نۇرغۇن سەنئەتچىلىرىمىز چەتئەللەرگە چىقىپ ئويۇن قويدى، ماھارىتىنى نامايەن قىلدى. لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن «ئۇيغۇر» مىللىتىنى دۇنيا تىخى تونۇغىنى يوق. ئىشقىلىپ بىز قايسى بىر يەككە شەخس ئارقىلىق ئەمەس، بىر پۈتۈن مىللەت، پۈتۈن بىر گەۋدە سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلىشىمىز، تونۇلمىغاندىمۇ ھەممىمىز ئۆزىمىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تەربىيلىشىمىز كىرەك.
    رەھمەت تىما ئىگىسى، بۇ بىر ئويلىنىشقا ئەرزىگۈدەك تىما بوپتۇ. 
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-06-19 13:02 6 -قەۋەت
    qangkak

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 50205
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-06-19
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    تېمىڭىز ھەقىقىتەن نادىرلشقا تىگىشلىك تېمىكەن ، مەزمۇنى چۇڭقۇر ،ھەم چۇشۇنۇشلۇك ،
    بىراق ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىش ھەقىقەتەن مۇھىممۇ؟ دەپ تېمىنى قويۇپ سىز دىگەندەك بىراقلا ئۇنداق يەكۇن چىقىرىۋەتسەكمۇ تازا لايىقىدا بولماي قالامدۇ قانداق جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن ئىشلار ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بولىۋاتىدۇ .مۇشۇ تەقەززالىق مۇشۇ قىستاڭچىلىق ئىچىدە مىللەت ئىچىدە ئىختىيارسىز بىلىپ بىلمەي تېيىپ كىتىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس بۇمۇ بىر مەزگىللىك،  مىللەتنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدىسى ئۇچۇن ئېلىپ ئېيتقاندا ئويغۇنىۋاتقان  ھەقنى تۇنىۋاتقان  مەيلى سىز ئېيتقاندەك مىللەتنى تۇنۇتماقچى  بولىۋاتقان ، ۋە ياكى باشقا ساىەلەردە تۇنۇلۇپ تۇنۇتماقچى بولىۋاتقانلار ھازىر خېلى كوپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ ياخشى يۇزلۇنۇش ئەمەسمۇ .شۇڭا ھەر قايسى ئىدىيىدىكىلەر ئوز ئارا قوللاپ قۇۋۋەتلىشىپ بىر بىرىمىزنى ئېتراپ قىلىشىپ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولساقلا مىللىتىمىز روناق تاپقۇسى ھەم تۇنۇلخۇسى دەپ ئويلايمەن
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-06-19 13:08 7 -قەۋەت
    MILODIYA

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11521
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 800
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە800دانە
    شۆھرەت: 801 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7890 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :494(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-27
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    جوڭگۇلۇقلار ماختىنىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش 4 چوڭ كەشپىياتىنى باشقىلار ئىتراپ قىلمىغاندەك ئىش قىلساق بولغىدەكتە............ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ مورىنى ئېتىپ تاشلاپ تۈتۈننى خەققە كۆرسەتمەي مەڭگۈ بىكىنمە ھالەتتە  ياشىساق  نەسلىمىز قۇرىغاندا دۇنياغا تونۇلساق دىمەكچىمۇ يا......
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈت بار..................!
    | ۋاقتى : 2008-06-19 13:46 8 -قەۋەت
    Ormanlik

    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 27082
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 398
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە398دانە
    شۆھرەت: 399 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3985 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :464(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-06
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    تېما ئىگىسى مەقسىدىنى ئوچۇق يېزىپتۇ،  ئويغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشتا  نورمال، توغرا، ئۈنۈملۈك يول تۇتايلى دىمەكچىكەن.  يەنى << مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش >> كە ئوخشاش ئىش قىلمايلى، دېمەكچىدەك قىلىدۇ.
    ئۆزىمىزنى پايدىلىق تەرەپلەرگە ئۆزگەرتسەك دۇنيا تەبىيلا بىزنى تونۇيدۇ ...
    سۈپەتسىز مالنى ھارغۇچە ئېلان بىرىپ ماختىغانغا قارىغاندا، سۈپەتلىك مالنى ئېلانسىز سېتىش ئاخىرقى ھېسابتا ئەڭ توغرا ... 
    izlax.com
    يەر شارىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەقسىز بوشلۇق:
    بۇ يەردىن ئىلتىماس قىلىڭ:
    http://www.000webhost.com/41307.html
    | ۋاقتى : 2008-06-19 14:06 9 -قەۋەت
    alip123

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39606
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :142(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-02
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     yRe:ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىش ھەقىقەتەن مۇھىممۇ؟

    ياشاپ كەت !!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    مانا بۇ ھەققى تۇغرا تەپەكۇر يۇلى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-06-19 14:08 10 -قەۋەت
    uygurum007

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39262
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 63
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە63دانە
    شۆھرەت: 64 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 155 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :146(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-28
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بانكىر ئەپەندىم سىز تىمىڭىزدا  ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ گىپىنى قىپسىز .
    سىز ئۇيغۇرلارنى قايسى جەھەتتە ، ئىلىم پەندىمۇ  مەدەنىيەتتىمۇ  سەنئەتتىمۇ ياكى ...باشقا ئىشلاردىمۇ زادى قايسى جەھەتتە تونۇتۇشنىڭ گىپىنى قىلدىڭىز . ئىنىق جاۋاپ قايتۇرۇڭ . سىز رازى بولغىدەك جاۋاپ بىرىشكە تەييارمەن .
    Tordax
    ئاللاھۇ ئەكبەر
    | ۋاقتى : 2008-06-19 14:26 11 -قەۋەت
    tim-tas

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39738
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 20
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
    شۆھرەت: 21 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 200 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-03
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ھەقىقەتەن نادىر تېمىكەن 
    يۇللىغۇچىنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-06-19 14:48 12 -قەۋەت
    kenji

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 17911
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 102 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 900 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-24
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    چۈنكى ئۇيغۇردا ئويغۇرنىڭ روھىتى مۇجەسسەملەنمەي تۇرۇپ دۇنيا ئۇيغۇرنى تونىغان، ھەتتاكى 10 مىلىيۇن ئويغۇرنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى پەنلەردە دوكتۇر بولغان، دۇنيا ئۇيغۇرلارنى دوكتۇرلار مىللىتى دەپ ئىتراپ قىلغان تەقدىردىمۇ ئويغۇرنىڭ ئومومىي گەۋدىسىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ.
    _________________
    گېپىڭىزدە زىتلىق بار ،ئەگەر ئون مىليون ئۇيغۇر ھەممىسى دوكتۇر بولۇپ كەتسە ،ئەجبا يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ ئومومىي گەۋدىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماسما ؟سىز ئىچكىرىدە ئوقۇيدىكەنسىز،ئەجبا سىز ئوقۇشنى پۈتۈرسىڭىز ،ئىختىساسلىق ئادەم بولسىڭىز ،سىزدە يەنىلا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمامدۇ ؟
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-19 20:40 13 -قەۋەت
    kenji

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 17911
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 102 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 900 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-24
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    سۇفىزىمنىڭ جاھالىتى ئاستىدا نادانلىقتا ياشاپ ،ئۆزلىكىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان خەلقىمىز 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بىزكىم ؟ئۇلار كىم ؟دېگەن تېما ھەققىدە ئىستىخىيلىك ھالدا ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدى ،ھازىر ئۇيغۇرلار تور ،تېلىۋىزىيە ،ھەرخىل ئاخباراتلاردىن دائىم باشقا مىللەت ،رايون خەلق توغرىسىدىكى خەۋەرلەنى ئاڭلىدىيۇ ،كاللىسىدا بىزباشقا مىللەتلەرنى ئاڭلىدۇق ،باشقىلار بىز نى بىلىدىغاندىمۇ ؟دەپ ئويلايدىغان بولدى .بۇ يەردىكى ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش ھەرگىزمۇ ناچار قىلمىش -ئەتمىش بىلەن ئەمەس ،ئەڭ ئېسىل ئەخلاقىمىز بىلەن تونۇتۇش ،ئىختىساسلىق كىشى بولۇپ باشقىلارغا تونۇتۇش دېگەنلىك .
    مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆز ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت»تىن ئىبارەت.
    ئاپتور ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا ئېتنولوگىيىلىك مىللەت بولالايدىغانلىقى،سىياسىي مىللەت ۋە ئىجتىمائىي مىللەت بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .
    چۈنكى  ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» دېگەندە، ئومۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلىرى بويىچە ئۆلچىگەندە، مىللەتلىك شەرتلىرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز. ئۇيغۇرلار ئۆز تىل-يېزىقى، تارىخى، فولكلور بايلىقى، مائارىپ سىستېمىسى، مۇقام-مەشرەپ خەزىنىسى، كىلاسسىك ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتى، توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم يوسۇنلىرى، مىللىي مەدەنىيەت ئىرسىيىتى بولغان تىپىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز. ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىرقاتار ئىللەتلەر، دەل مۇشۇ مۇقامغا يەتكەنلىك، ئەمما ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپتۇر. كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئار-نومۇسىغا چېتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت ئىپادىلىسمۇ، ئۇنى ئاقىلانە تەھلىل قىلىش، راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ. مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە قارشى سۆز-چۆچەككە سېلىش مۇمكىن. مانا بۇ گۇماندا بولۇپ، ئىشەنچتە بولماسلىق، غەزەبتە بولۇپ ئەقىلدە بولماسلىقتۇر.

    «ئىجتىمائىي مىللەت» دېگەنلىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى «تەبىئىي مىللەت» دەپ قاراشقا سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن مىللەتتۇر. ئەگەر بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومۇمىي تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت دەپ قارىساق، ئىجتىمائىي مىللەتنى بۇنداق ئاڭ، بۇنداق ھەمدەملىككە ئېرىشكەن مىللەت دېيىشىمىز مۇمكىن. ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەنئ ئەنىۋىي مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە، ئىجتىمائىي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۈكلۈكلىرى، زەئىپلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئاللىقانداق ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇلار بىكارتەلەپ لايغەزەللىك، تەلۋىلەرچە ھەشىمەتخورلۇق، مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئېشىپ چۈشكەن يۇرتۋازلىق، ئۆز مەنپەئىتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئىتى ئۈچۈن مىللەت گەۋدىسىنى پېتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا چەتلەشكەن. بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا خەيرخاھلىق-تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائىمىي ئالامىتى.

    «سىياسىي مىللەت» دېگەن ئىبارە مىللەتلەرنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى، «ئىجتىمائىي مىللەت» كاتېگورىيىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى سىياسىي سەلتەنەت مەنىسىگە قارىتىمىغان. «سىياسىي مىللەت» ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى مىللىي-ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت، مىللىي ئاڭ ۋە بىرلىك ھەمدەملىككە، رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بىرقاتار ئۆزگىچە ئالامەتلىرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ.

    ئۇلار يالغۇز پەن-تېخنىكا، تاۋار ۋە سودىدا دۇنياۋىي تەسىر قوزغاپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇشنى تەشكىللەش، تۇرمۇش مەدەنىيىتى جەھەتتىنمۇ باشقا خەلقلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان.

    ئۇلار ئۆز مىللىي تۈركۈمىنى ئەۋزەللىك بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىغان. ئۆز مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي مىللەت، «تەبىئىي مىللەت» چاغلىرىدىكى غەيرىي ئىنسانپەرۋەر، غەيرىي مەدەنىي ئىللەتلىرىنى ئاشكارا، سىستېمىلىق تەنقىد-مەسخىرە قىلىشقا تۇتۇنئ غان. بۇ ھەقتە ئەسەرلەر نەشر قىلغان، كىنو-فىلىملەر ئىشلىگەن؛

    ئۇلار نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىدا، ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىزدىنىشىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. توپلىشىپ ياشايدىغان ياپونلار بىلەن تارقىلىپ ياشاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە. ياپونلار كىچىككىنە ئۈنۈمسىز، تاغلىق ئارالنى ماكان قىلغان، مەدەنىيەت تارىخىغا خېلىلا كېيىن قەدەم قويغان مىللەت. ئۇلاردىكى ياشاش رىقابەت كۈچى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكىگە شۇ قەدەر زىچ مەركەزلەشكەنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتىگە مىللىي نومۇس-ئىپتىخارىنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇلار خەلق ئىگىلىكى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق مۇمكىنلىكى ئۈستىگە ئۇيۇشتۇرغان.

    يەھۇدىيلارمۇ شۇنداق خەلق. ئۇلار تارىخىي ھادىسىلەر سەۋەبىدىن چەت ئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، نەدە تۇرمۇش پاراۋان بولسا شۇ يەرگە ئۆزىنى ئاتماي، يەنىلا كىچىككىنە بولسىمۇ، ئانا زېمىنى ئىسرائىلىيىگە تەخىرسىز توپلىنىپ، تېز ئارىدا كۈچلۈك رىقابەت قۇدرىتىگە ئېرىشتى.

    مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە قايرىلىپ قاراپ باقايلىچۇ!

    ئۇلۇغبېك پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىپ-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆرۈنگەن ئالەمشۇمۇل ئالىملار چىقمىدى، مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىنبىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتېگورىيىسىدىكى «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى»، «شېئىرىيەت مىللىتى» بولۇپ قېلىۋەردۇق. بوياقچىدىن ئارتۇقراق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇقراق فىزىكلىرىمىز بولمىدى…
    سەنئەتتە داڭق چىقارغان، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كېزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ، جەڭ-جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق.

    «شېئىر مىللىتى» دېگەن نام بىلەن «تالانتلىق»، «ئاتاقلىق» ئىبارىئىرىگە مەست بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىز نېمىشقا مىللىتىمىزنى «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»تىن ھېچبولمىغاندا «ئىجتىمائىي مىللەت»لىك مۇقامىغا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆردۇقمۇ؟

    -----------------------------------------------------------------------------------
    ئەمدى سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزغا جاۋابىم :خەلقىمىز نىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشقا ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئېتنولوگىيلىك مىللەتتىن ئىجتىمائىي مىللەتدەرىجىسىگەكۆتۈرۈش  ئۈچۈن  پەقەتلا ئىستىخىيلىك ھالدا ئىتىلغانلىقى خالاس!!!

    ئەسكەرتىش:بۇ يازمىنى يېزىشتا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ <ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت>دېگەن ئەسىرىدىن زور دەرىجىدە پايدىلاندىم . ۋاقىپ بولغايسىلەر!

    كەنجى ئەپەندى
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-06-19 21:27 14 -قەۋەت
    Otan-Saman

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 310 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :95(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-26
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

        مۇنازىرە قىلىش ياخشى ئادەت. ئۇ ئادەمنىڭ بىرەر مەسىلىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلىتىدۇ. چوڭقۇر ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ. خاتا خىياللار تۈزىتىلىدۇ. ئىلىمدىن چىقىرىلغان ئەقلىي خۇلاسىلەر سۆزلىندۇ. بۇ ھەقتە مەن مۇنازىرىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ شەخسكە ھۇجۇم قىلماسلىقىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
      ھۆرمەتلىك بانكىر: تېمىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. سىزنىڭ يەنىمۇ ئىزدىنىپ يەنىمۇ نادىر تېمىلارنى مۇزاكىرىگە تاشلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

      دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم. ھەم روھىڭىزدىكى ئويغاقلىققا قايىل بولدۇم. بۇ جەھەتتە پىكىر ئورتاقلىقىمىز باركەن.
      بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاز تولا سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن. (تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىلغاندا مۇنازىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇقۇملارنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئېنىقكى ئۇقۇم چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىسا پىكىردە ئېزىپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ.)
      بىز ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئۇقۇملار: (تۆۋەندە ئېنىقلىما بەرگەن ئۇقۇملار ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ خاتالىق بولسا ئورتاق تۈرەتسەك...)
      1.تۇنۇلۇش:  بۇنى بىز قىسقا قىلىپ <كىملىك> دېسەك مېنىڭچە خاتالاشمايمىز. 
      بۇدېگىنىمىز باشقىلار مىللەت ئىسمىمىزنى ئاتىغاندا بىرىنچى بولۇپ كاللىسىغا كېلىدىغان ئومۇمىي ئۇقۇمدۇر.
      2. مىللىي روھ : بۇنى بىز قىسقارتىپ <ئۆزلۈك> دېسەك خاتالاشماسمىز.
      بۇ دېگىنىمىز  بىز ئۆزىمىزگە مەن كىم؟ مەن قانداق ئادەم؟ دەپ سورئال قويغاندا راسچىللىق بىلەن بېرىلگەن ھەقىقىي جاۋاپدۇر.
      يۇقۇرىدىكى ماقالە ھېس قىلىشىمچە مۇشۇ ئىككى نوقتا ئارىسىدىكى پەرق ھەققىدە يېزىلىپتۇ. ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بەرگەن باھايىمىز ياكى ئۆزىمىزنى تونۇشىمىز ئىجابىي بولسا (بۇ يەردىكى باھا راستچىللىق بىلەن ئييتىلغان ھەقىقىي باھانى كۆرسىتىدۇ.) ھەمدە باشقىلارنىڭ بىزگە بەرگەن باھاسى بىلەن قانچىكى ئوخشاش بولسا بىز ھەقىقىي تونۇلۇش مەقسىدىگە يەتكەن بولىمىز.

      مىللىي روھنىڭ قانداق بولىشى تونۇلۇشنىڭ قانداق بولىشىنى بەلگىلەيدۇ.

        <مىللىي روھ> بىلەن <تونۇلۇش> ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەت بولۇپ بۇنى ھەرگىز ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇنداق بىرقانچە بۆلەككە بۆلۈش مۇمكىن.

      1. مىللىي روھتىن ئايرىلغان تونۇلۇش.
      بۇ بىر ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت.
        مىللىي روھى پۈچەكلەرنىڭ تونۇلۇشى باشقىلارغا نىسبەتەن ئىجابىي تەسىر بەرمەيدۇ، بۇ ئەلۋەتتە بىز ئۈمۈد قىلىدىغان ھال ئەمەس. ئۇنداقلارنى خەلقمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.
      مىسالەن: بىز ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش جەريانىدا تونۇلدۇق. بىر قىز مەشئەلنى قولىغا ئېلىپلا ئۇسۇل ئويناپ كېتىپتۇ. بەرھەق، ئۇ تونۇلدى. ئەمما قانداق تونۇلدى، خەلق ئۇنىڭغا قاندا باھا بەردى. ( ھەممە ئىشنى قىزغا ئارتىشقا بولمايدۇ، بەلكىم ئۇمۇ بەزى بېسىم تۈپەيلىدىن بولغاندۇ. بىز پەقەت چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسال ئالدۇق.)
      2. مىللىي روھقا تويۇنغان تونۇلۇش
        بۇ بىر خۇشاللىنارلىق غەلبە
    چوڭقۇر مىللىي روھقا تويۇنغانلارنىڭ تونۇلىشى باشقىلارغا ئۆزىمىزنى ئىجابىي تونۇتۇشتۇر. بۇ ئەلۋەتتە خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.
    تونۇلغۇچى مىللىي روھقا تويۇنغان بولسا يەنى مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان. مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جەمىئەتتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىيلار سۈپىتى بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان. ۋە تىگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى چىن دىلىدىن خالايدىغان كىشىلەر بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھەقىقەتە مىللىيەتنى بېيىتىشتىكى ھەممە قەدىرلەشكە تىگىشلىك گۆھەردۇر. ئۇلار كېچە-كۈندۈز مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىدۇ. ئۇلارنى ئويغىتىشنى مەقسەت نىشانى قىلىدۇ.
    مىسالەن:  ئەركىن سىدىق ئاكىمىز.  داڭلىق ئالىم بولۇپلا قالماي مىللەت ۋە مىللىيەت ھەققىدە ئويلىنىدىغان كىشى، يەنە شۆھرەت مۇتەللىپوفمۇ ئەنەشۇنداق  زەپەر قۇچقاندا يىلتىزىنى، ئانا يۇرتىنى، سۆيىدىغان مىللىي روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ئالىملاردۇر. (تىلغا ئېلىنمىغان چەت ئەلدىكى نۇرغۇن ئالىملىرىمىز ئېقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلىمىزمۇ بار...)ئۇلار يۈكسەك مۇھەببەت بىلەن مىللىتىگە مېھىر بېرەلەيدۇ.  بىر جەمىئەتتە ئەنە ئەشۇنداقلارنىڭ كۆپ بولۇشى شۇ مىلللەتكە تەۋە جەمىئەتنىڭ قانداق بولىشىنى بەلگىلەيدۇ.

    ئەلۋەتتە ھەر قانداق جەمىئەتتە، كۆچلۈك مىللىي روھقا ئىگە كىشىلەر، مۆتىدىللەر، خائىنلار ۋە ماڭقۇرۇت داشقاللار بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى سىز  ‹مەن ئۆز مىللىتىم ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قىلىپ بېرەلىدىم› دېگەن  سوئالنى سورىغاندا ئايرىيالايسىز.  ھەم  قايسى تۈرگە تەۋە بولۇشنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن تاللىيالايسىز.  مىللەت ئۈچۈن ئىش قىلىش يوغان-يوغان ئىش قىلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. مەسىلەن: ئۆز ئانا تىلىڭىزغا مۇھەببەت بېرىش ئامال بار خەنزۇچە سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكمۇ بىر مىللەت سۆيەرلىككە كىرىدۇ. دۇكانلاردىكى ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ ماللىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇلارنى قوللاشمۇ مىللىي روھقا كىرىدۇ. قىزلارنى بۇزىۋاتقان، ئىپپىتىنى ئېلىشنى شەرەپ دەپ ھېس قىلىپ سۆزلەيدىغان كىىشلەرگە ئىككى ئېغىز ھەق نەسىھەت قىلىشمۇ مىللىي روھقا كىرىدۇ. ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل قىلىپ ئۆزىڭىزنى بىلىملىك، تاكامۇل قىلىشقا تىرىشىشمۇ مىللىي روھقا كىرىدۇ. ئىشقىلىپ نۇرغۇن نۇرغۇن سىز قىلالايدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ بۇلارنى قىلىش قىلماسلىق، قانداق قىلىش ھەممىمىزنىڭ مىللىي روھىنىڭ قانچىلىك تاۋلانغانلىقى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك خالاس.
    ئەگەر ھەممىمىز  مىللىي روھىمىزنى تاۋلىماي تۇرۇپ تونۇلۇشقا ئالدىرىساق ھەقىقەتەن مايسىنى  تارتىپ ئۆستۈرگەن بولىمىز.  چۈنكى بىزنىڭ مىللىي روھىمىز يىتەرلىك بولمىغاندىن كېيىن بەزى ئەخمىقانە ئىش-ھادىسىلەرنى سادىر قىلىپ قويىمىز.
      مىسالەن: تېما ئىگىسىنىڭ ئېيتقىنىدەك ئالىم بولۇپ چەتكە چىقىپ كەتكەن ئادەم ئۆز تۇپرىقى، مىللىتى بىلەن چاتىقى بولمىسا، شۇ يەردە ئىشلەپ قېلىپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلا ئويلىسا ئۇنىڭ مەۋجۈتلىقىنىڭ مىللەتكە ھېچ قانچە پايدىسى يوق. شۇڭا دېھقان، ئىشچى بولسىمۇ مىللەتنى ئويلايدىغان بولسا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپتىخارىمىز بولىسىلەر.
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-20 11:42 15 -قەۋەت
    suba

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 47731
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-06-13
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    سىلەر ئىيتڭىپ بىقىڭلار ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى دوكتۇر  ھەممىسى ناخشىچى ،پۇتبولچى ۋە يەنە قانداق چى بولۇپ كەتسۇن پۇتۇن دۇنيا تونۇپ كەتسۇن ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى بار ناچار ئىللەتلىرىنى تۈزەتمەيدىكەن ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ئۇنىڭغا بەلگىلىك `پايدىسى بار ئۆزگىرىش بولىشى ناتايىن شۇڭا ئۇ مۇشۇ ھالەتتە ئۆزىنى دۇنياغا قانداق تونىتىش ئۈستىدە ئەمەس ئۆزىدىكى ياخشىلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ يامان ناچار ئىللەتلىرىنى تۈزىتىش ھەققىدە ئىزدىنىشى كىرەك 
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-06-20 12:35 16 -قەۋەت
    dilpara0903

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 1272
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 133
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە133دانە
    شۆھرەت: 133 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1312 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-02-02
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئۇزۇندىن ئۇزۇن بايان بولىشىدۇ لېكىن تىرىشچانلىق ۋە ھەركەت قېنى ؟دىدارىنى كۆرشكە ئىنتىزارمىز .....

    قۇلاق ياداپ  كەتتى ئاڭلاۋېرىپ شۇئارسىمان گەپلەرنى ،،،ئۆزەمگە چۈشلۇق ئادەم بولۇشقا تىرىشسام ھەم ھەركەت قىلسام بولدى !!!!    
    izlax.com
    دىلپارە...
    ھەممىمىز ياۋا كەپتەر....
    | ۋاقتى : 2008-06-20 12:41 17 -قەۋەت
    zulhomar

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 42960
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-30
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ماقۇل  ئويغۇرنى  تۇنۇتمايلى    ،،،
    شىسەندىكى    تاغنىڭ    ئارقىسىغا    كۇمۇپ    يوق  قىلايلى
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-20 12:57 18 -قەۋەت
    Otan-Saman

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 310 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :95(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-26
    ئاخىرقى :2008-06-20

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

       
    بۇ يەردە بىز كۈچۈپ مىللىي روھ يىتىلدۈرۈشنى تەكىتلەۋاتىمىز. 

    مەن كۆپچىلىكنىڭ مۇنۇ تېمىنىمۇ بىر ئوقۇپ قويىشىنى سورايمەن.

      مېنىڭ بۇ يوللاپ بولغان تېمىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىشىم ھەرگىزمۇ تېما تەكرارلىقى پەيدا قىلغىنىم ئەمەس، ئوقۇپ بولۇپ مېنى تەنقىد قىلسىڭىزمۇ، تىللىسىڭىزمۇ ئاغرىنمايمەن. پەقەتلا سىلەرگە ئازراق بىرنېمە يۇقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
                                           ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى


      ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا يېزىلغان ئوت يۈرۈك شائېرىمىز «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» نىڭ :
    باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق،
    مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
    دېگەن شېئېر يىتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭغا يەنە 60 يىللىق بۇزغۇنچىلىق قوشۇلدى. قالغىنىنى دىيارىمىز قىسمەتلىرىنىڭ بەدەلچىلىرى بولغان ھەر بىرىمىز ئوبدان بىلىمىز.
      قايسى بىر توردىشىمىزنىڭ ئوخشاتقىنىدەك ئۇيغۇر ھازىر بەئەينى يۈرىكى ئۆپكىسى جىگىرى بۆرىكى قاتارلىق ھەممە ئەزالىرى ئاغرىپ نىمجان بولۇپ ياتقان بىمارغا ئوخشايدۇ.
      خوش، كېسەلنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلدۇق. ئەمما ئۇنى چوڭ جەھەتتىن ئوپىراتسىيە قىلىدىغان يۇقىرىدىكىلىرىمىز ۋە باشلىقلىرىمىز ئۆزىنى بىزگە شۇ دەرىجىدە تونۇتۇپ بولدىكى ئۇلارغا ھەممىمىز باھا بېرەلەيمىز.
      ئۇنداقتا بىز ھەقىقەتەن ئۆلۈپ كېتەمدۇق؟ بۇنىڭغا جاۋاپ شۇكى: ئۆلدۇق دەپ بەل قويىۋەتتۇقما ئېنىق ئۆلىمىز. بىر كېسەلنىڭ ھاياتقا ئىشەنچى قالىمىسا ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلۈم ئېغىزىغا تۇتۇپ بېرىدۇ.
    بۇ كېسەلدىن ساقىيىشنىڭ دورىسى پەقەت ئۆزىمىزدىلاكى بۇ ھەقىقەتەنمۇ قۇدرەتلىك دورىدۇر.
      تۆۋەندە مەن ئۆزۈم تىزىپ چىققان دورىلار ئۈستىدە توختىلاي. (ئەلۋەتتە ھەممە مۇكەممەل بولمىغىنىدەك مېنىڭ بايقىشىمدىمۇ خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن ئەگەر راست شۇنداق بولسا بىرلىكتە ئىزدەنسەك ۋە تۈزەتسەك…)
    بىز ھازىر جىددىي مۇئامىلىدە بىر چوڭ ۋاكسىنا ۋە بەش چوڭ دورىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
    (بىز ئەلمىساقتىن ئېتقاتلىق بولۇپ كەلگەن. ئېتىقادتىن ئايرىلغان ھەركەت ھەر-زامان ھەر-ماكان غەلبىلىك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋال ئاللاھ تىن ئۆزىمىزگە پاناھلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، ئىشلىرىمىزغا مەدەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ ، ئاندىن بىسمىللا دەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھەركەتكە تۇتۇنىشىمىز كېرەك.)
    ۋاكسىنا : بىخۇتلۇقنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىمىز. جىددىي تۈردە روھىمىزنى پالاپ، جەمىئەتتىكى جىددىي مەسىلىلەرگە جىددىي مۇئامىلىدە بولىشىمىز كېرەك.
      بىر كېسەل ئۆزىدىكى كېسەلگە ‹ساقىيىپ كېتەر› ياكى ‹بىر گەپ بولار› دەپ سەل قارىسا ئۇ ئېنىق ئېغىرلىشىدۇ.
      قانداق جىددىي پوزىتسىيەدە بولىمىز؟ ئەلۋەتتە قاراملىق قىلمايمىز. ئىشنى يوللۇق قىلىمىز. قىلماقچى بولغان چوڭ-چوڭ ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلايمىز. مەسىلەن:
      مېنىڭ مۇشۇ ماقالىنى تورداشلارغا سۇنىشىممۇ چوڭ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كىچىك ئىشىم. بۇ تېمىنى يەنىمۇ كۆپ ئادەمگە تەۋىسىيە قىلىش سىزنىڭ قىلالايدىغان كىچىك ئىشىڭىز. ئەنە شۇنداق <كىچىك>لەر يىغىلىپ غايەت زور كۆچ ھاسىل قىلالايدىغىنىغا مەن چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
      ۋاكسىنىنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم. ئەمدى بەش دورىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى دورىنى جايى جايىدا ئىچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. 5 چوڭ دورىمۇ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچىسى: روھى دورا . ئىككىنچىسى: جىسمانىي دورا
      بىز بىرىنچى باسقۇچتا روھى دورىنى يىيىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئادەم روھىنى ساقايتمىسا جىسمىنى ساقايتىش خام خىيال بولۇپ قالىدۇ.
    1. دورا- ئۆزىنى سۆيۈش : (روھى دورا)
      ئۆزىدىن بىزار بولۇش چۈشكۈنلۈشۈش خىيالىدا ھەرگىز بولماسلىق.
      چۈنكى: چۈشكۈنلىشىش ئېغىرلاشقانسىرى ئىشەنچ يوقىلىشقا باشلايدۇ ئاخىر ئادەم ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.(شۇنچە ۋاقىت باشقىلار بىلەن تەڭ-يېتىپ تەڭ قوپۇپ ئۇلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىپ باشقىلار داغدام يولدا ماڭسا بىز سىم تاناپنىڭ مىخنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ تۇرۇپ بۈگۈنگە ئۇلىشالىدۇق. ئاللاھ بۇيرىسا ئېرادە قىلساقلا قىيامەتكىچىمۇ ئۇلىشالايمىز.)بولۇپمۇ چۈشكۈنلۈك تەسىراتلىرىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلماسلىق. بىلسىڭىز بۇ بىر چوڭ جىنايەت. كېسىلىڭىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ ئۇلارنىمۇ كېسەل قىلىسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ. «بىز ئۇنداق بولۇپ كەتتۇق. مۇنداق بولۇپ كەتتۇق.» باش تېمىسىدىكى يازمىلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
    2. ئۆزىنى قەدىرلەش :
      مەدەنىيەت ۋە تىل يېزىق مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش ئۆزىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلىيالىغانلىقىمىز بىلەن باراۋەر. ئۆزىنى ساقلاش مەسىلىسىدە بىلىدىغانلىرىمىز بىلمەيدىغانلىرىمىزنى يىتەكلىشىمىز. ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئۇلارغا تەسىر قىلىشىمىز كېرەك.
      ئەگەر ھەممىمىز «مودا»غا كەتكەن كاللىمىزنى «مەدەنىيەت»كە ئاتىغان بولساق بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ئىدۇق. سىزنىڭ مۇدىغا چاپلاشقان ۋە مەدەنىيىتىمىزگە مۇناسىپ بولمىغان ھەر بىر ئېغىز گېپىڭىز ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەدەنىيەتنى بۇزۇشنى تەشۋىق قىلىغىنىڭىز بولۇپ بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز بىلىپ بىلمەي پۈتۈن مىللەتنىڭ ئاسىيسىغا ئايلىنسىز.
    3. ئۈمۈدۋار بولۇش :
      كەلگۈسىگە يۈكسەك ئۈمۈد بىلەن قارىشىمىز كېرەككى ھەرگىز بەل قويۇشقا بولمايدۇ. سىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئۈمۈد ئۈزدىڭىز دېمەك ئۇنى يەنە قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ۋە بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
    «ھاياتلىق گوياكى ئەينەك، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ» دېگەن ماقال تەمسىل بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ.
    ئېسىمىزدە بولسۇنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ غەلبىلەر ئاخىرقى تىنىقىغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەرگە مەنسۈپ بولغان.
    ئىككىنچى باسقۇچلۇق دورا جىسمانىي دورا.
    4. قاتتىق تىرىشىش :
      پۈتۈن كۈچ بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە ئاتلىنىش كېرەككى بۇ جەھەتتە ھەرقانداق بانا سەۋەپنىڭ كۆتىگە تىپىۋېتىشىمىز كېرەك. بىلىمسىزلىك قانچە ئېغىر بولسا بوزەك بولۇش شۇنچە ئېغىرلايدۇ.
    بىلىملىك كىشىلەر كۆپ بولسا ئومۇمىي گەۋدە كۈچىيىدۇ. بۇ نوقتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئالىملىرىمىز بىزگە بۇنى توختىماي تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنى چۈشىنىپ يىتىش كېرەككى بىزنىڭ يەنە ئەزمىمىزنىڭ ئىزىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ يۈرۈشكە يولىمىز قالمىدى.
    5. ئۆز-ئارا يىتەكلەش :
      مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايۋاتقانلارنى، تېرىشىۋاتقانلار تېرىشمايۋاتقانلارنى يىتەكلەش ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش. ئۆزىنىڭ غەلبە قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىش.
    بىزنىڭ جەمىيىتىمىز كاپىتالىستىك جەمىيەتكە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار تەرەققىي قىلىپ بولغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ يوقىلىشىدىن ئەنسىرمەيدۇ. ئۇلار «ساغلام» كىشى ھېساپلىنىدۇ. بىز ئومۇمىي گەۋدىنى كۈچلەندۈرۈشكە ھەسسە قوشىشىمىز كېرەككى بېخىللىق بىلەن تەجرىبە ساۋاق ئىلىمىمىزنى باشقىلاردىن ئاياشقا بولمايدۇ. ئېقتىسادى قىممەت يارىتشنىڭلا كويىدا بولۇپ كەتسەك ئەپلەشمەس.
    ئومۇمەن ئالدىدىكىلەر ئارقىدىكىلەرنى، ئارقىدىكىلەر يەنىمۇ ئارقىدىكىلەرنى يىتەكلەپ ماڭسا بىرلىكتە ئىلگىرلىسە چوقۇم بىزدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كېلىدۇ.

    يۇقىرقى ئىشلار ھەممىسى بىر ئىنسان بولغۇچى قىلالايدىغان ئىشلار. ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ھەممىمىز چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى بىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق. يەنى ئارتۇق ئەمەس ئۆزىمىزنىلا قۇتقۇزساق. ئەگەر راستىنلا ھەممىمىز شۇنداق قىلساق ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەختكە ئېرىشىشىمىزدە ئۈمۈد زور. بىراق بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ھەممىمىزنىڭ بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ كېتەلىشىمىزدە. ئەلۋەتتە ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىز تىرشچانلىقىمىز بىلەن بۇ ساننى كۆپەيتەلەيمىز. قانۇنلۇق يول بىلەن توغرا يولدا كەڭ تەشۋىق قىلىش. ئۆزلەشتۈرگەنلىرىمىز ئەتراپتىكىلەرگە ھەركىتىمىز ئارقىلىق تەسىر قىلىش ئارقىلىقمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. شۇڭا ئۈمۈدۈم ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى !
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-20 15:46 19 -قەۋەت
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )


     

    Time now is:06-21 01:01, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation