| |||||||
irpan3 | سىرىق تىما يوللىغانلىقىم ئۇچۇن ئەپۇ سورايمەنئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش دوسلار،ھۆرمەتلىك شەبنەم ئەھلى،بەلىكم سىلەرھەممىڭلار بىلسەڭلار كىرەك مەن تۇنۇگۇن كەچتە‹‹توردا ئايالىنىڭ يالىڭاچ بولىشىنى تەلەپ قىلىش››تىمىسىدا بىر سۇئال جاۋاپلىق ماقالە ئىلان قىلغان ئىدىم،قارىسام بۇ تىمىنى كۆرگەن خىلى كۆپ تورداش بەكلا نۇمۇسچان،يۇزى تۆۋەن ئىكەن(ئەمىلىيتىينىڭ قانداقلىقىنى پەقەت بىر ئاللا بىلىدۇ)تىمىغا يازغان ئىنكاسلىرىدا مىنىڭ قىلىنلىقىم،شەبنەمگە بۇنداق بىر سىرىق تىمىنى يوللىماسلىقىم كىرەكلىك توغىرسىدا گەپلەرنى قىلىپ كىتىپتۇ،ھەتتا بەزىلەرنىڭ دىگەن گەپلىرىنى تىلغا ئالغىلى بولمايدۇمەن بۇ تىمىنى قانداقتۇ بىكا قىلىپ،ياكى بىرقىسىملار دىگەندەك سىرىققا خۇمار بولۇپ قىلىپ يوللىغىنىم يوق ئىدى بەلكى بۇ تىمىدا دىيىلگەن ئىش ۋە شۇنىڭغا ئوىشاش ئىشلار بۇگۇنكى تور دۇنياسىدا كەڭ تىپىلىدىغان ئىشلار بولغاچقا ئالدىغا ئۇچىرغانلارغا ياكى،بۇندىن كىيىن ئۇچرايدىغانلارغا بىر كۆرسەتمە بولۇپ قارلار دىگەن نىيەتتە،بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى تورداش دوسلىرىمىزنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىغا ئۇچىرغان چوڭ كىچىك بارلىق ئىشلىرىنى بۇ ئىشقا ئاللا نىمە دەيدۇ،پەيغەمبەر نىمە دەيدۇ؟مەن مۇسۇلمان بولغاندىن كىين بۇ ئىشنى قانداق قىلىشىم كىرەك دەپ سوراشقا ئادەتلەنگەن ياىشى ئەخلاقىدىن ئازراق بولسىمۇ تەسىرلىنىپ، بىلمىگەن مەسىلىلىرىنى ئالىملاردىن سوراپ قىلىدىغان ياخشى بىر ئادەتنى يىتىلدۇرۇشكە پايدىسى بولارمىكى دەپ يوللاپ ساپتىمەن،كەچۇرۇڭلار مەن بەزى تورداشلارنىڭ بۇنچىلىك نىپىز ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەي،بۇ تىمىنى مەن تىخى پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئىناۋىتى چوڭ،داڭلىق توربىكەتلەردىن بولغان ئەرەبچىسىنىڭ باش مەركىزى قاتارغا جايلاشقان ۋە دۇنياغا داڭلىق ئالىملاردىن دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى يۇسۇپ قەرەداۋى،ۋە ئەزھەر ئۇنۋىرستىتىنىڭ ھەرساھەدىكى يىتىشكەن ئالىملىرى مەسئۇل بولغان ئىنگىلىزچىسىغىمۇ شىمالى ئامرىكا پەتىۋا كومىتىتى ۋە ياۋرۇپا پەتىۋا كومىتىتىنىڭ ئەھمەت كۇتى،دوكتۇر مۇزەممىل سىددىقتەك داڭلىق ئالىملار يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئىسلام لىنىيسى تورىدىن تەرجىمەقىلىپ يوللىغان ئىدىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ تورغا كىرگەن مۇسۇلمانلار تىخى بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە بەزى ئىشلارنىمۇ سوراپتىكەن،ھەرنىمە بولسا خۇدايىم ساقلاپ شۇلارنى يوللاپ سالماپتىمەن بولمىسا شەبنەمدە بۇنداق ئەخلاقلىق،ھايالىق،نىپىز كىشىلەر توپلاشقان جايدا كۆرىدىغان كۇنۇم باركەنمۇ دەيمەن قارىغاندا باشقىلار بىز ئۇيغۇرلاردەك ئۇنداق ھايالىق،نىپىز ئەمەس ئوخشايدۇ،مىللىتىمنى قايتا چۇشەنگەندەك بولدۇم،دۆتلىكىمنى كەچۇرۇڭلار بۇندىن كىيىن قاتتق دىققەت قىلاي،جىنايىتىمنىڭ ئالاھىدە ئىغىرلىقىنى ۋە بۇنى شۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس يىزىش شەكلى بىلەن يۇغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ تىما يوللاش شەكلى بىلەن ئالاھىدە ئەپۇ سورىدىم،كەچۇرگەيسىلەر.
يوللىغان تىمام مانا بۇ راستىنلا سىرىق تىمىمىكەن ياكى ئۇنداق ئەمەسمىكەن ئادىل باھا بىرىپ باقساڭلاربولىدۇ؛ ئايالىنىڭ توردا يالىڭاچ بولۇشىنى تەلەپ قىلىش سۇئال،مەن ئايالىم تۇرغان شەھەردىن باشقا بىر شەھەردەتۇرىمەن،بىز داۋاملىق تور ئارقىلىق پاراڭلىشىمىز،بەزى ۋاقىتتا مەن ئۆزۇمنىڭ زىيادە قوزغىلىپ كەتكەن جىنسى ھىسياتىمىنى بىسىۋالالماي،ئۇنى يالىڭاچ پىتى كۆرۇشنى خالايدىغانلىقىمنى شۇڭلاشقا كىيىمىنى سىلىۋىتىپ ماڭا بەدىنىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسام،ئۇ بۇنى رەت قىلدى،مەن ئۇنىڭغا بۇنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا ھالال،يوللۇق ئىش ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرسەممۇ ئۇ يەنىلا قەتئى رەت قىلىپ تۇرىۋالدى،ماڭا بۇ ئىشتا بىر كۆرسەتمە بەرسىڭىز،بىزنى باشقا ھىچكىم كۆرمەيدىغان تۇرسىمۇ،مەن قىلماقچى بولغان ئىش ھارام،خاتا ئىش ھىسابلىنامدۇ؟سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا رەھمەت، جاۋاب؛‹جاۋاب بەرگۇچىلەر ئىسلام تەتقىقات گۇرپىسى›؛ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق مەدھىيە ئاللاغا خاس،ئاللانىڭ ئەلچىسىگە رەھمەت ۋە سالام بولسۇن،قىرىندىشىم،ئەر ئۆزىنىڭ ئايالى بىلەن تىلىفۇن ياكى تور ئارقىلىق مۇڭداشسا تامامەن بولىدۇ، بۇنىڭدا چاتاق يوق،ئەمدى سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ تور كامىراسى ئالدىدا يالىڭاچلىنىشىغا كەلسەك،بۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىلىدىغان بۇزۇقچىلىقلار سەۋەبىدىن ھارام،چەكلەنگەن ئىش بولىدۇ،سىزنى ئاگاھلاندۇرىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى،سىلەر ئىككىڭلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق جىنسى شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرالمايسىلەر بەلكى بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئۇنى تىخىمۇ قوزغاپ قويىسىلەر،بۇ ئەر ئايال ئىككەيلەننىڭ شەھۋىتىنىڭ تىخىمۇ قۇتىرشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دە ئىككىڭلار بىر يەردە بولمىغاندىن كىيىن ئۇنى تەبىئى يولدىن قاندۇرالماي،بۇ ئەر ئايال ئىككەيلەننىڭ ياكى بىرەيلەننىڭ گۇناھقا چۇشۇپ قىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەر ياكى ئايالنىڭ تور ئالدىدا يالىڭاچلىنىشى دۇرۇس ئەمەس،ھايا ۋە ئادىمىلكمۇ بۇنىڭغا قەتئى يول قويمايدۇ، سۇئال سورىغۇچى قىرىندىشىم سىز ئايالىڭىزنىڭ يالىڭاچ سۇرىتىنىڭ تور قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىش ياكى ئوغۇرلانماسلىقىنى قانداق بىلىسىز؟ئەگەر ئۇ ئوغۇرلانسا ئايالىڭىزنىڭ يالىڭاچ سۇرئىتى تور دۇنياسىدكى سىرىق،يالىڭاچ توربەتلەرنىڭ باشقىلارنىڭ جىنسى شەھۋىتىنى قوزغايدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالدى دىگەن گەپ. جاسۇسلۇق،ئالدامچىلىق توردىن ئىبارەت بۇ يىڭى تىخنىكىدا كەڭرى تىپىلىدىغان تۇرسا،باشقىلارنى ئىككىڭلارنى ماراپ،جاسۇسلۇق قىلمايدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ؟سىز سىزنىڭ ئايالىڭىز بىلەن تور ئارقىلىق مۇئامىلە قىلغاندا مانا موشۇ ئىھتىماللىقلارنى تولۇق نەزەرگە ئىلىشىڭىز لازىم.سۇئال سورىغۇچى ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم،ئەسلىدە قىلىشقا روخسەت قىلىنغان بەزى بىر ئىشلارنىڭ شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن قىلىشقا بولمايدىغان ھارام ئىشقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ئۇنۇتماڭ،ئايالنىڭ كامىرا ئالدىدا يالىڭاچلىنىشى ھارامنىڭ يولىنى توسۇش،بۇزۇقچىلىقنىڭ ئىشىكىنى ئىتىش ئۇچۇن ھارام.ئايالىڭىزنىڭ تەبىئى ھاياسى ئۇنى بۇ يالىڭاچلىق ۋە نۇمۇسسىزلىقتىن،بىردەملىك خۇشاللىقنى دەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ مەخپى ئەۋرەتلىرىنى ئاشكارلاشتىن توسۇپ قاپتۇ،ئەگەر ئۇ بۇنداق قىلمىغان بولسا بەلكىم بۇنىڭغا سىلەر ھەرئىككىڭلارغا قاتتىق پۇشايمان ۋە نادامەت ياما بىر ئاقىۋەت ئەگىشىپ كىلىشى مومكىن ئىدى،ھۆرمەتلىك سۇئال سورىغۇچى،سىزشەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى چىڭ تۇتۇڭ،ئايالىڭز بىلەن تور ئارقىلىق سۆزلىشىڭ،لىكىن گەپ سۆزدە چەكتىن ئىشىشتىن ساقلىنىڭ،ئايالىڭىزدىن كامىرا ئالدىدا يالىڭاچلىنىشنى تەلەپ قىلماڭ،ئىنتىرنىت تورى كىشىلەردىن خالى بىر ئورۇن ئەمەس،بەلكى كىشىلەر بىربىرىنى كۆرۇپ تۇرىدىغان چوڭ بىر مەيدان،كىشىلەر توپلاشقان بىر ئاممىۋى سورۇندا ئايالىڭىزنىڭ ئەڭ مەخپى ئەۋرەتلىرىنى ئىچىشىنى تەلەپ قلسىڭىز بۇ قانداق بولىدۇ؟بۇ ئەلۋەتتە ھىچقانداق ئەھۋالدا توغرا،دۇرۇس ئىش ئەمەس. خولاسە؛ئىنتىرنىت تورى كوچا ۋە كىشىلەر توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنغا ئوخشايدۇ،يولدا قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىش،توردىمۇ رۇخسەت قىلىنغان ئىش بولىدۇ،يولدا قىلىش ھارام بولغان ئىش،توردا ئۇنىڭدىن بەكراق ھارام بولىدۇ،ئىش يۇز بىرىپ بولغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلىپ يىغلاپ قالماسلىقىمىز ئۇچۇن سىلەرنى يەنە بىر قىتىم تور ئالدامچىلىقى،تور قاراقچىلىقدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمىز.ئاللا ھەممىنى بىلگۇچىدۇر. ئەرەبچە ئىسلام ئەۋىنلايىن تورىنىڭ‹ئادەم ۋە ھاۋا›پىروگىراممىسىدىن تەرجىمە قىلىندى. ماقالىنىڭ ئەسلى ئەرەبچە نۇسخىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشتىن كىرىڭ؛ http://www.islamonline.net/servlet/Satellite?pagename=IslamOnline-Arabic-Ask_Scholar/FatwaA/FatwaA&cid=1122528622964 [ يوللىغانirpan3تەرىپىدىن2008-06-20 19:10قايتا تەھرى ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
Albeni دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قېرىندىشىم ،بۇ تېمىغا ھەرگىز قارشى ئەمەس مەن .....شەبنەمگە ئوخشىمىغان ياشدىكىلەر چىقىدۇ...شۇڭا بەزى نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ شەبنەمگە چوڭلارلا كۆرىدىغان سەھىپە ئېچىپ قويساق بولامدۇ....ناۋادا مەن ئۇ تېمىڭىزنى كۆرسەم،سىزگە ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەيمەن،،چۈنكى مەن ئەمدە ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بىر بالا،،،،،،لېكىن سىزنىڭ تېمىڭىزگە ھەرگىز قارشى چىقمايمەن....بۇسوئالنى ئۇقىدىغانلاردىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ...
[ يوللىغانAlbeniتەرىپىدىن1990-01-28 15:54قايتا تەھرى ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mutaham دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سېرىق تىما قانداق بولىدۇ،،،،چۇشەنچە بەرسەڭلار
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sak دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | قۇرئان كەرىمدە مۆئمىنلەرنىڭ مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورىقمايدىغانلىقى توغۇرلۇق بىر ئايەت بار .
مىھرىبان اللە سىزگە قىلغان ياخشى ئەمىلىڭىز ۋە نىيىتىڭىزگە قاراپ ياخشى ئەجىر بىرىپ بولدى . ئىنشا اللە . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
200888maxal | تاپقىنى گۈل كەلتۈرۈر تاپالمىغىنى بىر باش پىياز
تاپقىنى تۆگە ئۆلتۈرەرتاپالمىغىنى چۆجە خۇراز | ||||
---|---|---|---|---|---|
بايۋەتچە دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ۋۇججۇن نەدىكى گەپنى قىلىپ .................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nazakat29 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | پاھ! ئاجايىپ كىنايە ، ئاجايىپ كەچۈرۈم !
قىلچە تەن بەرمەي كەچۈرۈم سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى بارمىدى ؟؟!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hujaabdulla دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كەچۈرۈمنى مۇشۇنداق سورامدا ئۇكا، قويە تاپە تانەڭنى. مەن سېنى كەچۈرمىدىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
adila33 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇمۇ يېڭى مەدەنىيەت دەڭە
نىمە دىمەكچى؟ يېڭى مەدىنىيەتنى قانداق چۈشىنىسىز؟مەدىنىيەت دىگەن نىمە ؟ مۇتتەسىپلىك قاتمال دىگەن نىمە؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mihriv دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەسلىدە ئەپۇ سوراشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ، < نادانغا سۆزلىگەن ئىسىت سۆزۈم ، ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت كۆزۈم ، دىگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز ، مەن ئۇ تىمىغا يىزىلغان بەزى ئىنكاسلارغا قاراپ ئىسىت دەپ قالغان ئىدىم >
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mamatjan315 | ئوغرىنىڭ كۆزىگە سىزمۇ ، مەنمۇ ، ئۇمۇ ئىشقىلىپ ھەممىمىز ئوغرى كۆرۈنىمىز ، ئەسەرنى ئوقۇش دىگەنلىك ئوقۇشلا ئەمەس ، ئەكىس ئەتتۈرۈلمەكچى ، ئىلگىرى سۈرۈلمەكچى بولغان ئىدىيىنى چۈشۈنۈش دىگەنلىك ، ئۇنداق بولمىغاندا ھەر قانچە ياخشى يېزىلغان ئەدىبى ئەسەرمۇ ، سىزگە ھىچقانچە بەدىئى زوق بېرەلمەيدۇ ، سىز يوللىغان ئۇ تېمىدىن مەن ھىچقانداق بىر سېرىق پۇراقنى پۇرىمايلا قالماستىن يېشىل مەھسۇلاتتەك ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھىس قىلدىم ، دېمىسىمۇ بۇ مەۋھۇم تور دۇنياسىدا بولۇۋاتقان بىھايا ئىشلارنىڭ ئالدىدا ، ئۇ تېمىدىكى ئەرنىڭ سورىغان ئەھۋال ھىچ قانچە ئىش ئەمەس دىيىش مۇمكىن ، بۇ خىلدىكى تېمىنى يوللاشتىن ئېرىشىلدىغان پايدىنىڭ كېلىپ چىقىدىغان زىياندىن مىڭ ھەسسىلەپ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ، سىزنىڭ خىيالىڭىزدا نېمىلەر بار ، سىز قايسى مەيداندا تۇرۇپ ئوقۇدىڭىز بۇ دەل سىزنىڭ ئەسەرگە بەرگەن باھايىڭىزدۇر .
تېما ئىگىسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى كىشلەرنى توغرا يولغا باشلاشتا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولغان تېمىلارنى داۋاملىق يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئېسىڭىزدە بولسۇن تارىختىن بۇيان كارۋانلىرىمىز ئىتىنىڭ قاۋىشىغا توختاپ قالغان ئەمەس . | ||||
---|---|---|---|---|---|
0999yurut ساغلام تەندە ساپ ئەقىل | مەن بۇ تىمىنى سىرىق تىما دەپ قارىمايمەن ........بىلگەنلەر بىلمىگەنلەرگە بىلدۇرۇش مەجبۇريىتى بار شۇڭا irpan3ئەپەندىنىڭ بۇ تىمىنى يوللاشتىكى مەخسىتىنى ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى .توردا بۇنداق ئىشنى يوق دەپ سىز ئىيتالامسىز .؟ تۆت ئەتراپىڭىزغا ئوبدان قاراپ بىقىڭ .؟
قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا ئاسمانغا قاراپ << ئاسمان دىگەن مۇشۇنچىلىككەندە >> دەيدىكەن .شۇڭا سىزنىڭ قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك بولۇپ قالماسلىقىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن | ||||
---|---|---|---|---|---|
~Juxkun~ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كەچۈرۈم سورشىڭىز ھاجەتسىز كېرىندىشىم، بۇ نى ھەرگىزمۇ سېرىك تىما دىگىلى بولمايدۇ.
مۇشۇنداك شەرمى ھايانى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئەھمىيتى زور تىمىكەن. رەخمەت سىزگە، ئاللا رەخمەت كىلسۇن، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sarang0998 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۆپكىڭىز نى بېسىۋىلىڭ ~ ئەجرىڭىزنى اللاھ بېرەر ~ بۇ تىمىڭىزنى كۆرگەن ئادەم سىزنىڭ قورسىقىڭىز كۆپكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالىدۇ ، يەنە بىر مەيدان ئاق قارا تاغلىقلار مۇنازىرىسى ئېلىپ باراي دەمسىز يە ؟
مۇھىمى نىيىتىڭىز خالىس ئىكەن ،شۇ بولسىلا بولدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەممۇ سىزگە قارشى چىققىنى يوق ~!!! مەن سىزنىڭ ئۈن -تىنسىز تۆھپە قوشۇشىڭىزنى بەكمۇ خالايمەن ~ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى خۇدايىم بېرەر ~~~~ ھاياجانلانماڭ ~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
1949 دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | ئالامەت بالىلار باردە شەبنەمدە، ئا ئىنكاسلارنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇيلارنى تونۇغاندەك بولدۇم، كۈلۈپ يىقىلىپ قالاي دىدىم مەن
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aspiranit دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ ئەتتىگەن بۇ تېمىنى كورۇپ،تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم بولغاچقا قوبۇل قىلالماي قالغان.كېيېن ئويلاپ بۇ تېمىنىڭ يوللانغانلىغىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم.قانداقلا بولمىسۇن بىزگە نىمىنىڭ توغرا،نىمىنىڭ توغرا ئەمەسلىگىنى كورسىتىپ بەرگىنى بۇ بىر ساۋاپ ئىش.بەزىدە ئادەمنىڭ ياخشى ئىش قىلىمەن دەپ،يامان بولۇپ قالىدىغان ۋاقلىرى بولىدۇirpan3. ئەپەندىم كۆڭلىڭىزگە ئېلېپ كەتمەڭ.بۇ يەردە سىز كەچۇرۇم سورىغىدەك ھېچقانداق ئىش يوق دەپ ئويلايمەن.خوشاللىق سىزگە يار بولسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aramga دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راس ئالامەت ئۇرغۇيلار باركەن~~ ئۆزىچە خىجىلچان بولاپ كېتىدىكەن ، ئاستىرتتىن نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
layli0317 مۇناپىقتىن نېرى يۈر | تېمىڭىز نورمال تېما، سېرىق تېما دېگىلى بولماس. ئەمما بۇ تېمىڭىزنىڭ ماۋزۇسىنى مۇنبەرگە سېرىق تېما يوللىغانلىقىم ئۈچۈن دەپ قويۇپ چېكىلىش قېتىم سانىنى بىراقلا ئاشۇرۇپسىز. بۇمۇ بىر سىناقتۇ بەلكىم!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
umedlik2008 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت ،سىزگە ئەجىرلەر بولسۇن ،نادانلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن
| ||||
---|---|---|---|---|---|
manan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئىشىتلار قاۋاۋېرىدۇ ، كارۋانلار مېڭىۋېرىدۇ ............
| ||||
---|---|---|---|---|---|