ئېغىز پۇراشنى داۋالاش ئۇسۇلى
1. سامساق ، غولپىياز ، كۈدە قاتارلىقلارنى كۆپ يېيىشتىن كېلىپ چىققان ئېغىز پۇراشقا ئازراق قارا چاينى چاينىۋەتسىڭىز ئېغىىزدىكى پۇراق يوقايدۇ .
2. ئېغىز يارلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىز پۇراشقا پىننىدىن ئون گىرام ، ئارپىدىن ئۈچ گىرام ، تۆگە قۇلاقتىن ئۈچ گىرام ، چۈچۈكبۈيىدىن تۆت گىرامنى قاينىتىپ ئىچىۋەتسىڭىز ئېغىزدىكى پۇراق يوقايدۇ .
3. چىش ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان ئېغىز پۇراشقا تاۋۇز شىرنىسىنى ئىشىشىغان جايغا تېمىتىۋەتسىڭىز ئېغىز پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
4. ئاشقازان ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان ئېغىز پۇراشقا ، 2-3 تال رىندان مېغىزىنى چاينىۋەتسىڭىزلا ئېغىزىڭىزدىكى پۇراقلار ناھايىتى ئاسانلا يوقايدۇ.
5. ئادەت خارەكتېرلىك ئېغىز پۇراشقا جۇڭيى دورىسى سانادىن ئالتە گىرام ، چۈچۈكبۈيىدىن بەش گرامنى 200مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ ، ئېغىزىڭىزدا بىر مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ، يۇتۇۋەتسىڭىز ئېغىزىڭىزدىكى پۇراقلارنى يوقىتالايسىز بۇ خىل ئۇسۇلنى ھامىلدار ئاياللار ۋە ھەيىز كۆرۈۋاتقان ئاياللار قوللىنىشقا بولمايدۇ .
6. 50 گىرام قۇمۇش يىلتىزىنى پاكىز يۇيۇپ سۇدا قايناتقاندىن كېيىن ، چۆكۈندىلىرىنى ئېلىۋىتىپ ، چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىندۇ .ئېغىزى پۇرايدىغانلار دائىم ئىستېمال قىلسا بولىدۇ .
ماتىريالدىن