| |||||||
uyghurjan مۇنبەردە يوق؟؟؟ دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | ئۈرۈمچىدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئاخىرلاشتىئۈرۈمچىدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى بۈگۈن (17 – ئىيۇن) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە ، ئەڭ ئاخىرقى مەشئىل يەتكۈزگۈچى ۋاڭ يەنخۇڭ شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ غەربىي مەيدانىدا مۇقەددەس چوغدانغا ئوت تۇتاشتۇردى ، بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۈرۈمچىدىكى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى . ئۈرۈمچى —بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى شىنجاڭدا كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشتىكى تۇنجى بېكەت بولۇپ ، مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدىن باشلىنىپ ، شەرق شامىلى يولى ، تىنچلىق شىمالىي يولى ، خەلق يولى ، شىنخۇا شىمالىي يولى ، غەربىي چوڭ كۆۋرۈك ، دوستلۇق جەنۇبىي يولى ، دوستلۇق شىمالىي يولى ، بېيجىڭ جەنۇبىي يولى ، بېيجىڭ ئوتتۇرا يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتۈپ ، ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاياقلاشتى . يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى ئومۇمىي مۇساپە 12.48 كىلومېتىر بولۇپ ، 208 نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى . بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋەن سىچۈەن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلىتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى لى شىنگۇاڭ ، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىن ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشتى . ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى . ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش ھەيئەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ئاخىرلىشىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى . ئۇ مۇنداق دېدى :بۈگۈن(17 – ئىيۇن) ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى باتۇرلۇق ، ئىتتىپاقلىق ، دوستلۇقنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلدى . مۇقەددەس ئوت بارغانلىكى يەردە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئولىمپىك قىزغىنلىقى ۋە ئولىمپىك ساداسى ئەكىس ئەتتى . يەنە 52 كۈندىن كېيىن ، 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ . بىز چوقۇم دوستلۇق ، ئىتتىپاقلىق ، باراۋەر بولغان ئولىمپىك روھىنى ياڭرىتىپ ، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ تەڭ ياردەم بېرىش ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ، ئاپەتكە قارشى تۇرۇشتەك ئالىيجاناپ روھنى جارىي قىلدۇرۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم . بىز رايونىمىزدىكى تەنھەرىكەتچى ئوغلانلارنىڭ مۇسابىقىدە تىنچلىق ، دوستلۇق ، ئىتتىپاقلىق ، ئىلگىرلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي پىرىنسىپقا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرلەپ ، دۆلىتىمىزنىڭ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شان– شەرىپى ئۈچۈن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئاخىرلىشىش مۇراسىمىدا ، ۋەن سىچۈەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مەشئەل يەتكۈزۈلگەن شەھەر ئۈرۈمچىگە مەشئەل ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى . ۋەن سىچۈەن ، نۇر بەكرى ، جارۇللا ھېسامىدىنلار بىرلىكتە ئوت تۇتاشتۇرۇش چىرىقىنى ئاممىغا كۆرسەتتى بۈگۈن كەچ ، ئولىمپىك مەشئىلى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ، ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ . ئولىمپىك‹‹ئىناقلىق سەپىرى›› ئەتە قەشقەردە باشلىنىدۇ . تەڭرىتاغ تورى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|