| |||||||
mukhsin_ist دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نىىمىلا بومىسۇن مىللىتى ئۈچۈن جەڭلەرنى قىلىپ تۈركىيە نىڭ ھازىرقىدەك بولشىغا سەۋەب بولدى !!
ئاما بىز نىڭ چۇ ؟!؟!؟!؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
dostak دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مۇستافا كامال ئىسلام ئالىملىرى ئەمەس....چەلپەكچى موللا ئىشانلارنى يوقاتقاندەك قىلاتتى....ئەمدى بۇ
يەردە مۇسۇلمان ئالىملىرى دەپ دېيلىپتۇ.....ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخ دېگەن بىرلا ئادەمنىڭ قولىدىن چىقمايدۇ... سىزنىڭ دېگەنلىرڭىز ھەقىيقەتەن شۇ يەردە بولغان بولسىڭىز راس دېسەك بولاتتى....لېكىن سىزمۇ ئاڭلىغان كۆرگەن نېمىنى سۆزلىدىڭىز..... بۇنىڭغا تالىشىپ-ئۇرۇشۇپ كەتكىدەك نېمىسى بار................. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyhur330 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ يەردە مۇستاپا كامالنى تللىغۇچىلار بىر بولسا قپقىزىل لەقۋا ساراڭ ياكى ئاپپاق غوجىنىڭ ئەۋلادى،ئەينى چاغدىكى ۋەقەنى بىلمەي قالايمىقان سوزلىمەيلى،ئەگەر مۇستاپا كامال بولمىسا تۇرۇكلەرئەمەس، ئەرەپلەرمۇ ھازىرغىچە قۇلۇقتا ياشايتى،ئاشۇ مۇسۇلمان دۇنياسنى دۇنياغا تۇنۇتقا يەنلا تۇرۇكلەر،<قۇرئان>رەتلەپ كىتاپ قىلىپ چىققانمۇ ئوسمانىيە ئمپىرىيسى،ئەينى چاغدا مۇستاپا كامال نەچچە مىڭلىغان مۇتەسسپ موللارنى يىغپ <قۇرئانى>دەسسەشكە بۇيرۇپ ئىماننى سىنغاندا 90پىرسەنت كوپىرەكى جننى ساقلاپ قىلش ئۇچۇن <قۇرئانى>دەسسگەن ئاز بىر قسمى دەسمىگەن ،مۇستاپا كامال شۇچاغدا بۇيرۇق بىرىپ <قۇرئانى>دەسسگەن موللارنى شۇزامات دىڭىزغا غەرق قىلۋەتكەن،دەسمىگەنلەرنى ۋاقتىنچە تۇرمگە تاشلىغان.مۇستاپا كامالنى يەھۇدى دىگۇچىلەرنىڭ ئاللا جاجىسنى بەرسۇن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aragon دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىشقىلىپ دىننى ئاجىزلاشتۇرۇپ مۇسۇلمان دۇنياسىغا باش بولالايدىغان خەلىپىلىكنى ئاغدۇرۋەتتى. ئىسلام دۇنياسى ھازىرغىچە بىشى يوق يىلانغا ئوخشاش يولىنى تاپالماي يۈرمەكتە. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاجىزلىقنى
ئسلام تۈزۈمىنى ئاغدۇرۋىتىش بىلەن ئەمەس بەلكى تىخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئسلام قانۇنى بولغان قۇرئاننى دۆلەت قانۇنى قىلىش ئارقىلىق ئاخرلاشتۇرۇش كىرەك.ئىنسانىيەتكە بۇنىڭدىن باشقا نىجاتلىق يولى تىپىلمايدۇ. يەنە بىر گەپ، بىز مۇسۇلمانلار ئاخىرەتتە مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلغان ئىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ، دىنىمىز ئۈچۈن قىلغان ئىشىمىزغا ھىساپ بىرىمىز.... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Erktekin دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىشقىلىپ دىننى ئاجىزلاشتۇرۇپ مۇسۇلمان دۇنياسىغا باش بولالايدىغان خەلىپىلىكنى ئاغدۇرۋەتتى
------------------------------------------------------------------------------- ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىلا تەل-تۆكۈس ھالاك بولۇشقا يۈز تۇتقان ئەپەندى ، ئەگەر مۇستافا كامال بولمىسا تۈركىيە ھازىرقى زىمىنىنىڭ يېرىمىنىمۇ ساقلاپ قالالمىغان بولاتتى . سىز دەۋاتقان ئاتالمىش « ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھامىسى »بولمىش ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ ھالاك بولىشىنىڭ سەۋەبىنى توغرىسىدا ئوبدان ئىزدەپ بېقىڭ . [ يوللىغانErktekinتەرىپىدىن2008-06-19 12:31قايتا تەھ ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TarimDadxah تارىم دادخاھ ئۈرۈمچىگە ماڭدى ! | ئوغۇزخان II !
مۇشۇنداق تەبىر بەرسەك بولار ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
knights622 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىلەر بۇ يەردە نىمانچە كۆپ دەتالاش قىلىپ كەتتىڭلار ، ھەر كىشى ئۇز قلمىشى ئۇستىدە ئۇزى جاۋابكار .مۇستافا كامالغا كىلىدىغان بولساق ئۇ كىشى تۇرۇك مىلىتى ھورلۇكى ئۇچۇن مەيلى قانچىلىك كۆرەشلەرنى قىلغان بولسۇن ،بۇ كىشىنىڭ خەلىپىلكنى يوق قىلىشى ،ئسلامدىن تۇرۇك مىلتىنى ئۇستۇن كورۇپ مۇسۇلىمانلار ئامىسنى پارچلىشى ،ئسلام قانۇنىنى ئورۇپ غەرىپ سىياستىنى تىكلىشى بۇ كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى .
چۇنكى بۇ دۇنيانىڭ بىردىن بىر پادىشاھى ،ھەمىمىدىن ئادىل ،ھەمىمىدىن ھىساب ئالغۇچى زات ___ ئاللاھ ھەممىدىن بويۇكتۇر.............. | ||||
---|---|---|---|---|---|
yurtum007 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما42قەۋەتتىكىuyhur330نىڭ2008-06-19 12:00يوللىغان : دىنىمىزنىڭ قايسى بىر ئەھكاملىرىدا باشقىلارنى <قۇرئاننى دەسسىتىپ سىناڭ> دېگەن گەپ بار قېرىندىشىم، ئۆزىڭىز ئېتىراپ قىلغان ئاشۇ ۋەقەدىنمۇ يەنە مۇستاپا كامالغا ياخشى باھا بېرىۋاتامسىز؟ سىز بىلەن بىزنى ئۇلۇغ ئاللاھ ياراتقان ، ئاۋۋال ئاللاھ نىڭ دىنى ئاندىن كىيىن مىللەت مۇھىم، مەن بۇ يەردە ھەرگىز مىللەت مۇھىم ئەمەس دېمەكچى ئەمەس، ھازىر بىز مۇستاپا كامالغا باھا بەرگەندە ئۇنىڭ دىنىمىزغا كەلتۈرگەن غايەت زور زىيىنى ھەققىدە توختىلىپ ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىۋاتىمىز. ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشرىسىنى يۇقۇرىدا بىر قىرىندىشىمىز ئەمەلىي ئسپاتلار بىلەن ئېچىپ تاشلاپتۇغۇ. <مەمتىلى ئەپەندى> ناملىق كىتاپتىمۇ بۇ توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇماتلار بار، سىلەر ئۇنداق ئەمەس دېسەڭلار بۇيەردە قۇرۇق گەپ سېتىپ مىللەتچىلىكنى بانا قىلىپ ئۇنى سەۋەپسىز ماختىماي ئىسپات كەلتۇرۇپ سۆزلەڭلار. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
T-MC دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇنداق قىززىق قانلىق قىپكەتسەك بولماس ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدكى رولى ،ئورنىنى ھەممىمىز بىلىمىز ،مۇستاپا كامالنىڭ تۈرۈكلەرنى دىندن يىراقلاشتۇرغىنىمۇ راس ،مۇشۇنداق بولغاچقا تۈركىيەدىكى ئوڭچىل ،سولچىل كۈچلەر ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن گەپ قىلىدۇدە،بىز بۇيەردە ئەھۋالنى چۈشەنمەي ئاشۇ 3ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ نىمىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالماي تۇرۇپ ،كېتىپ بولغان كىشىنىڭ كەينىدىن سۆزلەپ يۈرسەك ياخشى بولماس ھەممىنى پاكىت بىلەن سۆزلەيلى ،بەزەنلە ئېيتقانغۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغاننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقوقى يوق،مۇشۇيەردە گۇنا غا شىرىك بولۇپ پاكىتسىز سۆزلىگىچە ئۆزلىكىمىز ئۈستىدەئويلانساق تېخىمۇ ياخشى بولا ر.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
BILAK دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇسۇلمان بۇلۇش قانداقتۇر بۇ دۇنيادا بەخىت -سائادەتكە ئېرىششنى مەقسەد قىلمايدۇ...بەلكى بارلىق رەزىللىكدىن پاكلىنىپ يامان ئىش يامان ھەركەتلەردىن ساقلىنىپ راستچىلىق قېرىنداشلىق ئۇيۇشۇش ياخشىلىق قىلىش مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىش ،ئاجىزلارنى يۆلەش ، رەسۇللا يولىدا مۇستەھكەم مېڭىش قاتارلىق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەد قىلىدۇ...
زاماننىڭ ئاخىرلىششى مۇقەررەر لىكىن قاچانلىقى سىر شۇڭا ئىنسانلارنىڭ يامانلىقدىن قول ئۈزۈپ ئۇلۇغ ئاللاھ -تائالانىڭ دەرگاھىغا بارغاندا بېرىلدىغان ھېساپ-كىتابدا تىل تۇتۇلۇپ قىلشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۆئمىن مۇسۇلمان بۇلغانمىز... شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلار تەشەببۇس قىلغان بەخىت-سائادەتكە بەك بېرىلىپ كەتمىسەك دىگەن ئۈمىددىمەن!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
parlak61 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | PolatAlimdar نىڭ قىلغان گەپلىرى 153نىڭ بىر يەرلىرىگە تىگىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ 153 بۇنداق قالاپ تۇرۇپ ئادەم ھاقارەت قىلماڭ ، PolatAlimdar مۇنۇ ئادەمنىڭ سىز قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى نىمە بىلىسىز ، بىلىملىك كىشىكەنغۇ بۇ ، بىر كىشى ئىنكاس يېزىڭ دىمىگەندىكىن يازمسىڭىزمۇ بولىدۇ . سىزگە روخسەت قىلدۇق
| ||||
---|---|---|---|---|---|
1949 دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | Quote:بۇ يازما37قەۋەتتىكىkukbaxنىڭ2008-06-18 02:57يوللىغان : يوۋ مۇشۇنى بىلىدىغانلارمۇ باركەن ھە، مۇستاپا كامالنى تىللاۋاتقان قارا قورساقلار ئاۋال ئامېرىكىلىقلار ئىشلىگەن « ئەرەپلەرنىڭ لاۋرېنىسى » دىگەن كىنونى كۆزۈڭدىكى چاپاقلارنى ئېيتىۋېتىپ ئوبدان كۆرۈپ ئاندىن مۇستاپا كامالغا باھا بېرىش، پەلەستىنگە غەرپلىكلەرنى باشلاپ كەلگىنى مۇستاپا كامالمىكەن ياكى سەنلەر قوڭىغا سۆيگىدەك بولۇشۇپ كەتكەن ئەرەپلەرمىكەن ياكى مۇستاپا كامالمىكەن. ئەرەپ ئاقسۆڭەكلىرى تۈركلەرنىڭ ئىسلامى ھۆۆۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ ئۆزلىرىنىڭ شەخسى ھالاۋىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى مىڭ يىللارچە غەرپنىڭ تاجاۋۇزىدىن قوغدىغان تۈركلەرنى غەرپلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ تۈركلەرنى ئاغدۇردى، شۇنىڭ بىلەن غەرپلىكلەر ئوتتۇرا شەرققە پۇت تىقىۋالدى. يۇقۇرىدا بەزى تورداشلار دىگەندەك مۇستاپا كامالنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى مۇھەممەت س ئە ۋ دىن كېيىن باشلانغان خەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خەلىپىنى دارغا ئاستى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قىلغىنىنى خاتا دىسەكمۇ، لېكىن بۇ چاغدىكى خەلىپە پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا چىرىكلىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان ئىدى، شۇڭا ئۇنى يوقىتىش كېرەك ئىدى، ئەمما يەنە بىر دىنى بىلىمى توشقان كىشىنى خەلىپىلىككە كۆتۈرسىمۇ بولاتتى، ئەمما مۇستاپا كامال ئۇنداق قىلمىدى. ئاۋۇ ئۆزىگە پولات ئالەمدار دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئاداش يوللىغان ماقالە بولسا ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال تىكلىگەن پۈتكۈل تۈرك خەلقى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولغان تۈركىيىگە قارا چاپلاپ ئاجىزلىتىش ئۈچۈن يەھۇدىلارنىڭ چىقارغان پىتنە - پاساتلىرى، شۇنى بىلمەي يەنە باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغىلى تۇرغىنىنى كۆرۈڭ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
Erdal دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يائاللا، مۇشۇ توردىكى بەزىلىرىمىزنى مەن بىرەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلىقئارالىق مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغان ستۇدېنتلارمىكىن دېگۈم كېلىدۇ، مۇستافا ئاتاتۈركنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تۈركىيە تۈركلىرى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، بۇنداق باش -ئۇچى يوق تېمىلارغا ئاۋەرە بوپ يۈرمەي، ئەتە مەن ئۆزۈم ئۈچۈن نېمە قىلىمەن، ئائىلەم ئۈچۈن نېمە قىلاي دېگەننى سۆزلىشىلى بولامدۇ؟؟ بەرىبىر كىم ئۇتسۇن، ياكى يېڭىلسۇن، تۈركىيەگە زىيارەت قىلىپ كېلىش بېلىتىنى ھېچكىم بەرمەيدۇ، بىزگە... ياكى تۈركىيەلىك تارىىخچىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ ھەقىقى ئەھۋالنى شۇ ياقتىن ئاڭلايلى، قېنى كىم شۇنداق تارىخچىنى مۇنبەرگە سۆھبەتكە چاقىرالايدىكىن؟؟؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|