Quote:
بۇ يازما51قەۋەتتىكىturanshah11نىڭ2008-06-15 14:12يوللىغان :
يامان ئەمەس سۆھبەت بوپتۇ ئەمما بەك ياخشى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ..سۇئاللار تۇللۇق قانائەتلەندۇرۇلمىگەن ..رېجسور شىرزات ياقۇپنى تىللىغان كىم ؟ ئۇنداق دەپ كەتمەڭ ..ئۇئادەمنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى باردۇ ..
شىرزات ئەپەندىنى تىللىغان مەن. ئەمەلىيەتتە بۇ تىللاش ئەمەس بەلكى ئۇ ئادەمدىن ئۈمۈدسىزلىنىش كەيپىياتىمنى دەپ قويدۇم خالاس. سىزچە ئەمدى بولغاندا شىرزات ئەپەندى نىمىنى ئويلىغاندۇ؟ بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن بولغان مىللىي خاسلىقنى يوقىتىپ، ئۇنى باشقا مىللەتنىڭ ئاڭ فۇرماتسىيسى بويىچە تەپەككۈر قىلىدىغان ھالەتتىكى كىنو - فىلىملەرنى پۈتۈن خەلقىئارالىق سەھنىگە سۆرەپ چىققان رېژىسسۇر يەنە نىمنى ئويلىماقچىدى؟ بەلىكىم سىز ۋە شىرزات ئەپەندى دىيشى مۇمكىن، بۇ خىزمەت، يەنە كىلىپ ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت دەپ ئەمما مەن ئويلايمەن. ئاقىۋىتنى ئويلاپ بىقىپ، ئاندىن خىزمەت قىلىش كىرەك، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھالاكىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىر مىللەتنى ئوتقا ئىتتەرسە مىنىڭچە بۇ ياخشى ئىش ئەمەس. شىرزات ئەپەندى بۇ فىلىملەرگە رېژىسسۇرلۇق قىلىشتىن ۋاز كەچسە بەلكىم، خىزمتىدىن قۇرۇق قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ فىلىملەرگە رېژىسسۇرلۇق قىلىپ، خەلقىئارلىق سەھىنلەرگە ئىلىپ چىقسا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن، مىللىي مەدەنىيلىك، ھەم مىللىي ئۆزلىكىمىزنى يوقۇتۇشقا توھپە قوشقان بولىدۇ. خەنزۇلار ئىچىدىن چىققان بىر نەچچە رېژىسسۇرلار بار ئۇلارمۇ بۇنداق فىلىملەرنى ياخشى ئىشلىيەلەيدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزى رېژىسسۇرلۇق قىلىپ بۇنداق فىلىملەرنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، يەنىلا شۇ گەپ بىز يەنە نەچچە يىلىدىن بۈيۈك < 12 مۇقام> نى خەنزۇچە تىل بىلەن ئېيتىشقا دۇچار بولۇپ قالىمىز. بولدىلا مەن جىق گەپ قىلماي، بىكار قايناپ كىتىدىغاندەك قىلىمەن. يەنە بىر گەپ مىنىڭ شىرزات ئەپەندىنى ھەرگىزمۇ تىللاش ئويۇم يوق، پەقەت كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن قالغان يەرلىرىنى دىدىم. مىنىڭ باشقىلارنى بىكاردىن تىللاش ھوقوقۇم يوق. بۇ تىللاش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۈمۈتىسزلىنىش كەيىپياتى خالاس!!!!! مەنلا ئەمەس، بەلكى پۇتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۇنىڭدىن ئۈمۈتسىزلىنىۋاتىدۇ.