| |||||||
باغۋەن | ئاپتۇبۇستىكى مۇھەببەت ھىكايسى ( باغۋەن )بۇ تىمىنى دۇنيا نادىرلىدى(2008-06-08)
خىزمەتكە بېرىش ئۈچۈن مەيلى قىش مەيلى يازنىڭ سەراتان ئىسسىقلىرى ، قىشنىڭ جۇت سوغۇقلىرى بولسىمۇ ئوخشاشلا شۇ يىزىنىڭ سەھەردە ماڭىدىغان ماشىنىسىغا ئۈلگۈرىشىم كېرەك . خىزمەتكە چىققىنىمغا ئىككى يىل بولاي دېگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇ ماشىنىغا چىقىدىغان بولۇپ قالغىنىنى سەزدىم .مەن ھەر قېتىم بۇ ئەبجەق ماشىنىغا چىققىنىمدا ئۇنىڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇندۇقتا ماڭا مىيىقىدا كۆزگە ئىلمىغاندەك قاراپ قويدىغانلىقى جېنىمدىن ئۆتسىمۇ ئەمما ھەر كۈنى مېنى قارشى ئالىدىغىنى دەل ئاشۇ چىراي ئىدى. قايسى بىر ئىنسان قەلبى گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىكەن . بارا - بارا ئۇنىڭ كۆزىگە دادىللىق بىلەن تىكىلەلەيدىغان بولدۇم، ھەر كۈنى ئابتوبۇسقا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىدىغان ئاشۇ نەچچە سىكۇنتلۇق جەريان مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئاستا بىر خىل ئىللىق ئېقىمنى ئېلىپ كىرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى سۆزلەيتى. مېنىڭ پۈتۈن قەلبىم سۆزلەيتى. - خەيرىلىك سەھەر ، دەيتى ئاشۇ خىيالىمدىن چىقماس بولۇپ قالغان كۆزلەر . - ياخشىمۇسىز ، پاھ شارپىڭىز ئەجەپ يارىشىپتۇ ، مەن كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورايتىم. - رەھمەت . خىيالىمدا ئۇ يەرگە قاراپ ۋىللىدە قىزىراتتى . ئاھ . . . ھەر كۈنى ئابتوبۇسنى سەھەررەك كېلىپ ساقلايدىغان بولدۇم، ئاشۇ جاڭ جاڭ سوغۇق تەنلىرىمنى قىززىتىپ تۇراتتى ، ئاپتۇبۇس كېلەتتى ، ياق مەن ئۈچۈن ئاشۇ شەرىق تەرەپتىن يىڭى بىر قۇياش كېلەتتى، پەقەت نەچچە سىكۇنىتلا ئۇچرىشىدىغان كۆزلەر يەنە ئۆز تىلىدا سۆزلەيتى، - كۆزلىرىڭىز ئولتۇرشۇپ قاپتىغۇ ؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە ؟ - ياقەي ، كېچىدىن سىزنى ئويلاپ قاراڭ ... - يالغانچى .... - ئىشەنمىسىڭىز يۈرىكىمنى ۋاچچىدە يېرىپ بى كۆرسەتمايما .. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خاتىرجەملىك پارلىغاندەك بولاتتى . مەن ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن قاراپ ئولتۇراتتىم، ئۇنىڭ چىرايلىق بانتىلانغان چېچىغا قىستۇرۇلغان كۆزلۈك چازىسى تۈمەن مىڭ خىل نۇرلارنى چېچىپ تۇراتتى .« ئۇنىڭ ئاۋازى قانداقتۇ ؟ چوقۇم يېقىملىق ، تاغ سۈيىگە ئوخشاش ، قانداق قىلسام ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلارمەن » . ئۇ خىيالىمدىن كەتمەيتى، مەن ئۈچۈن بۇنداق سېزىم تۇنجى قېتىم بولمىسمۇ ئەمما كۆڭلۈمدە ئاجايىپ بىر ئىشەنچ ، توقلۇق بار . لېكىن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتەك تۇيغۇ لەززىتى بارمۇ جاھاندا ؟! ئاپتۇبۇستىكى ناتونۇش قىز ، قالدۇرۇپ قويدۇڭ قەلبىمگە ئىز . ھاۋا شۇنچە سوغۇق ، ھەتتاكى ئىشخانىدىكى مەش خورازنىڭ تاجىسىدەك قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ھىچ ئىسسىقى چىقمايۋاتقاندەك ئىدى، مەن تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۋىلىپ ئۇنى خىيال قىلىۋاتىمەن . توۋا ئادەمنىڭ قەلبى گۈزەللككە تولسا ھەممە نەرسە گۈزەل كۆرىنىدىكنا ... مۇشۇ تاماكىنىڭ زەھەرلىك ئىسىنىڭ لەرزان يۇقىرىغا ئۆرلىشىمۇ مېنى ھاياجانغا سېلىۋاتاتتى . ۋاقىت شۇنداق تېز ئۆتمەكتە ، كۈتۈش بىلەن سۆيۈش ، بەخىت بىلەن تۇيغۇ ئىچىدە مەن تاتلىق ئەللەيلەنمەكتە ئېدىم، شەھەر ئاق جەندىسىنى سېلىپ تاشلاپ پاكلىك ئىچىدە ئۈنگەن يىشىل تونلىرىنى كەيدى، گۈزەل بىر ياز ، لېۋەن بىر شەھەر قايتا تۇغۇلماقچى بولغاندەك ھىستا ئىدىم . باھار كەلدى. سالام گۈزەل سەھەر ، تۇمانغا تولغان بىھۇش مۇدھىش شەھەر ، ئەتىگەندە كۆڭلۈمدە بىر خىل قورقۇنچ تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قالدى، ئاپتۇبۇس كېلىۋاتاتتى، قېنى بۇرۇنقى يۈرۈكىمنىڭ تىپىچەكلەشلىرى ، نەچچە يۈز مىتىر ئارىلىقتىكى ئاپتوبۇس خۇددى نەچچە مىڭ نۇر يىلىنى بىسىپ كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇشلىرىچۇ ؟ ئۇ قېنى ؟ ئۇنىڭ ئورنى بوش ئىدى، يەنە شۇ تونۇش چىرايلار ، مەن ئەندىكىپ كەتتىمدە ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچىگە بويۇنداپ قاراشقا باشلىدىم ئۇ يوق . ئاھ خۇدا ، نىمىش بولغاندۇ ؟ ئولتۇرالمايلا قالدىم. شوپۇردىن سوراپ باقايمۇ يا ، ياق توختا ئۇ نىمە بىلىدۇ ، بۈگۈن ھىچ ئىشىم ئەپلەشمىدى، يۇقىرىغا يوللايدىغان ھۈججەتنىڭ يىل ئاي كۈنىنى خاتا يېزىپ بېرىپتىمەن، باشلىقنى باش ئىدارىدىن باش كۆتۈرگۈسىز قىلىۋەتكەنلىك خەۋىرى ماڭا باشقىلار ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى، ۋايجان ، نىمە بولسا بولمامدۇ . شۇ چىرايىنى ئۆڭدۈرۈپ كېلىپ مايمۇننىڭ بىر يىرىدەك قىزراتىپ كۆزلىرىنى بىردەم تىللىۋالىدۇ ، ئاندىن يەنە ئىشلار جايىدا ، ئۇنى يەنە خىيال قىلىپ تىپىچەكلەپ كېتىپ باراتتىم، قانداق قىلىش كېرەك ؟ تويى بولغانمىدۇ، ئاغىرىپ قالغاندۇ ، تويى بولغان ئادەم تۇنۈگۈن بار ئىدىغۇ، ياق ، ئەمدى ساقلىماي ... بۈگۈن رۇخسەت سورىدىم ، ئۇنى بىلەن بۈگۈن چوقۇم پاراڭلىشىشىم كېرەك . كېچىدىن بېرى يىغىۋاتقان سىم - سىم يامغۇر ھاۋانى خىلىلا سوۋۇتىۋەتكەن ئىدى، يوللاردىكى ماشنىلارنىڭ يامغۇر سۇلىرىنى شار - شار قىلىپ چاچرىتىپ مىڭىشىنى ھىسابقا ئالمىغاندا سەھەرنىڭ قاينام تاشقىنلىقى بۈگۈن پەسكويغا چۈشۈپ قاپتۇ، يامغۇر ھىلھەممۇ بىلىنەر بىلىنمەس يىغىپ شەھەرنى نەمدەپ تۇراتتى، مەجنۇنتاللارنىڭ ئۇچىدىكى رەڭسىز قەترىلەرنىڭ تىمىشى ، چىلان رەڭگىگە كىرگەن نەم تۇپراق كۈنلۈك كۆتۈرۈپ ئالدىراپ ئىشقا ماڭغانلار ، بالىلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ ماڭغان ئاتا - ئاتا ئانىلارمۇ سۈكۈتتە كېتىپ باراتتى. ئاپتۇبۇس كەلدى ، ئۇھ . . . ئۇ بار ئىكەن . كۆز ئارقىلىق سۆزلىشىشلەر يەنە باشلاندى ئ - كەلمىدىڭىزغۇ تۈنۈگۈن ؟ - ئازراق ئىشىم چىقىپ قېلىپ . . . توڭۇپ كېتىپسىز ھە ؟ - ياقەي ، سىزدىن بەكلا ئەنسىرىدىم . - سىزنى مەنمۇ ئەنسىرىدىمىكى دەپ ... بۈگۈن سىزنى دەپلا كەلدىم. مەن ئاشۇنداق ئويلايتىم . ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلىشپ ئۆتىۋاتقىلى بەش ئاي بولغىلى تۇرۇپتۇ . كۈندە كۆزلىرىمىز شۇنداق تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشاتتى، خىزمەت ئورنۇمدىن ئۆتۈپ كەتتۇق، ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇراتتىم. ئۇ كەينىگە ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن شۇنداق بىر قاراپ قويۇپ ئىتتىكلا كەينىگە قارىدىيۇ مېنى كۆرۈپ شاققىدا ئالدىغا قارىۋالدى، [ - چۈشمىدىڭىزغۇ ؟ - مىنىڭ مۇشۇ يەردە چۈشىدىغىنىمنى بىلەمتىڭىز ؟ كۆزلەر يەرگە قارىۋالدى بۇرۇنقىدەك . - سىز بىلەن بۈگۈن پاراڭلىشاي دەيمەن . - ھۇ ئەسكى ، ئەمدىما .... - بولمامتى ،،، كېرىلىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن، شۇنداق مەغرۇر ... ئۇ چوقۇم سەزدى بولغاي دەپ ئويلىدىم. ماشىنا شەھەر سىرتدىكى سەھرا يولىدا ئاستا كېتىپ باراتتى، ئۇنىڭ ماشىنىدىن چۈشكىنىنى كۆرۈپ ئالدىراپلا چۈشىۋالدىم .شوپۇر كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى دە گەپ قىلماي يۈرۈپ كەتتى، ئاپلا كىرانىڭ پۇلى ... ئۇ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا كۈنلىكىنى چىقىرىپ يولنى كېسىپ ئۆتۈپ كەتتى. تېڭىرقاپلا قالدىم . - ھەي ... ياخشىمۇسىز ... ئاۋازىم تىترەپرەك چىقىپ كەتتى ... - ھە ... ئۇنىڭ ئىتىبارسىزلا مىڭىشىدىن لەسسىدە بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. - خاتا چۈشۈپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟ - مەنما ... ئۇ كۈلۈپ كەتتى ، « كىلىڭە تىترەپ تۇرماي ماۋۇ كۈنلۈك ئاستىغا ... » يامغۇر كۈچىيىپ ، بىر دەمدىلا چاچلىرىمدىن سىرغىپ يۈزلىرىنى يۇيۇپ بولدى .. - تۈنۈگۈن كەلمىدىڭىزغۇ ؟ ئۇ گەپ قىلماي يەرگ قاراپ ماڭدى، ھې ھې ھې .. نىمىدىگەن پەيزى . چوڭ بولۇپ بىرسى بىلەن كۈنلۈك ئاستىدا مىڭىپ باقماپتىكەنمەن ،... - تۈنۈگۈن شەھەردە ئىش بىجىرىپ ئۇدۇللا ئۆيگە كەتكەن ئىدىم، ئۇقۇپ قاپسىز ھە ... - سىزنى ئاغرىپ قالدىمىكى دەپ ئەنسىرىدىم. يا قولۇم ئىشقا بارمىسا ... - ۋاي شۇنداقمۇ ؟ ئۇنداق ئەنسرەيدىغىنىڭىزنى بىلگەن بولسام كىلەكەنمەن ھاھاھا .. ھەممە خەقتىن ئەنسىرەپ قانداق جان توشايدۇ سىزگە،،، ما قىز بالا نىماندا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغاندۇ .،،، - سىزدىن ئەنسىرىدىم شۇ ،،، ئىسمىڭىزنى بىلسەم بولامدۇ ؟ - سىزنىڭ ئىسمىڭىز كامىران ، يىزىلىق دوختۇرخانىدا ئىشلەيسىز ... تىببىي ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چۈشكىلى بىر يىلدىن ئاشتى، يەنە دەپ بىرەيمۇ ... قىيىپ كەتتىم . ئۇنىڭ بىلەن يانمۇيان مىڭىۋاتقانلىقمغا ئىشەنمەي چۈشۈممىدۇ ئوڭۇممىدۇ دەپ مىڭىۋاتىمەن، يامغۇر يىغىۋاتىدۇ، يوللارغا چۈشىۋاتقان يامغۇر تامچىللىرى زىنىمدىن تۆكۈلگەن مەرۋايىتلەردەك سەكرىشىپ مېنى تەبرىكلەۋاتقاندەك قىلاتتى، كۈنلۈكنىڭ گىرۋىكىدىن تۆكۈلىۋاتقان سۇلار ماڭا ئەركىلەۋتقاندەك يۈرەكلىرىم قېپىدىن چىكىتىدىغاندەك سوقاتتى، - سىزن نەدىن بىلدىڭىز بۇلارنى ... - دادىڭىز ئوقۇتقۇچى ، ئاپىڭىز ئايرىدۇرۇم تەرەپتىكى بىر ئىدارىدا ئىشلەيدۇ ، يەنە دەيمۇ يا ، - ھە .. - سىز بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان ... - ۋاي توختىڭە ... كىم دەيدۇ توي قىلىپ ئاجراشقان دەپ ... - ھاھاھا، ئۇنىڭ كۈلكىسى قوڭغۇراقتەك ئاۋازى بەك يىقىملىق ۋە تاتلىك ئىدى. - چاخچاق قىلدىم ھوي بالا، بۈگۈن ئىشلىمەمسىز .. - ياق سىز بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ رۇخسەت سورىدىم . . . ئۇ شاققىدە توختاپ ماڭا قارىدى ، ئۇنىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم بۇنچە يىقىندىن تىكىلىپ قارىشى بولغاچقا مەن ھودۇقۇپ كەتتىم، - ئەرزىمدىمەن ... ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ بولۇپ كەڭرى كەتكەن ئىتىزلىپ تەرەپكە قاراپ تۇرىشى جىنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. - مېنى ئەرزىمەيسەن دىمەكچىمۇ سىز ‹. شۇنداق سىلىدەك چىرايلىق خانقىزلارنىڭ ئارقىدىن پالاخشىيدىغانلار ئازمىدى،،، ئەمما بۈگۈنكىدەك يامغۇرلۇق كۈندە بىرسى بىلەن مىڭىشىم تۇنجى قېتىم ئىدى، ئۇ مىنۇتلار مەڭگۈ ئىسىمدە تۇرىدۇ ، بەك ئاۋارە قىلغان بولسام ئىنىق دەڭ ... - ما ئۇششۇقنى ، چوڭ بولدىڭىز بالا ئەمدى ... گەپنى تۈز چۈشىنىڭە ... - ئىسمىڭىزنى دەپ بىرىڭە ئەمىسە ... - ئۆزىڭىز تىپىڭە سۈرۈشتە قىلىپ ... بىزمۇ سىزدىن سورىماي بىلگەن... ما جىننى ، گېپىنىڭ ئۇرامىدىن ئۇنىڭ قىيدىغانلىقى چىقى تۇراتتى، - سىزنى سۈرۈشتۈرىمەن دەپ قايسى قىزلار يالۋۇرۇپ يۈرەي، ماقۇل ئەمىسە يانفۇن نۇمىرىڭىزنىغۇ دەپ بىرەسىز ... ئەمدى مانا پاراڭلىرىمىز ئاۋۇپ كەتتى، ئۇنىمۇ خىزمەتتىن قويدۇم، ئالۋاسىتى نىمە بوپتۇ بىرەر كۈنلۈك خىزمىتىگە مىنى دەپ تاشلىسا ... بىز بىر دەرەخنىڭ دالىسدا توختىدۇق . ئۇ كۈنلۇكنى بىر سلكىۋىتىپ ئاندىن گەپ باشلىدى. - كىچىكىمدىن باشلاپ يامغۇر ياغسا دەرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يىراقلارغا نەزەر تاشلاشقا ئامراق ئىدىم. بۈگۈن مىنىڭمۇ تۇنجى قېتىم يامغۇردا بىرسى بىلەن سەيلە قىپ بېقىشىم، ھەي ناخشا ئوقىڭە ... مۇڭلۇق ناخشىلار ... - گىتتار بولمىسا يا ،،، ئەمىسە بىللە ئوقۇيلى ... - ھە ،،،، كەچتە ئۇيقۇم كەلمەيدۇ ، گېتتارىمنى چالمىسام . كۆڭلۈم چۈشكەن شۇ يارغا ، مۇڭلۇق ناخشا ئىيىتمىسام .. مىنىڭ ئېغىر تۆۋەن ئاۋازىم بىلەن ئۇنى زىل ئاۋازى يىراقلارغا تاراپ كېتىۋاتاتتى. مەن بەك ھاياجانلىنىپ كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش تولۇپ قالدى . ھەتتا مۇشۇ دەقىلىق مىنۇتلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۇنچە ئاسانمۇ ؟ پەقەت رومانتىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا يىزىلغان ئەسەرلەردىلا كۆرگىلى بولىدىغان بۇ تەسۋىرلەرنى مەن بىشىمدىن ئۆتكۈزىۋاتاتتىم . كۆرسەم سېنى ھەر دائىم ، كۈلۈمسىرەپ يۈرىسەن . سېلىپ قويۇپ بۇ ئوتنى . قەيەرلەردە يۈرىسەن . - ناخشىنى ياخشى ئوقۇيدىكەنسىز ھە .. - تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇسام ئازراق بوپ قالىدۇ، ھەر ھالدا سىزنى ئالدىڭىزدا چانمايمەندە.. بىز ئارقىمىزغا ياندۇق . ئاشۇ يولنى بويلاپ شەھەرگە قاراپ ماڭدۇق. ئۇ ئەسلى يىزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىكەن. شۇ چىققان كۈنىلا ماڭا يولۇققان كۈنى ئىكەن، - دىمەك شۇ 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شۇ يەرگە ئىشقا چۈشۈپتىكەنسىزدە ... - قانداق بىلدىڭىز ھەي ھىلىگەر ،،، - دەل شۇ كۈنى سىز ماڭا ئۇچىرىغان ، مەن شۇ كۈندىن تارتىپ سىزگە دىققەت قىلغان ئەمەسمۇ ... سەن بىشىدا تاش ئاتتىڭ ، تاش كەينىدىن قاش ئاتتىڭ . ۋىسالىڭغا يەتكۈزمەي . يۈرىكىمدىن ياش ئالدىڭ . قايسى كىتابتىن يادلىۋالغان شېئىرنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەرگەن ... - يوۋ پانا ... كۈندە كۆزۈمگە ئوغرى مۇشۈكتەك قارىغىنىڭىز بىكار ئەمەسكەندە... - ئوغرى مۈشۈككە ئوخشامدىكەن خان كۆزلىرىم.، مەندەك كۆزلىرىڭىز بولسا بانكىغا قويۇپ ئۆسۈمىنى خەجلەيتىڭىز ... كۈلكە چاخچاق ئىچىدە كېتىپ بارىمىز . ئۇنىڭ مەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ گەپ بەرمىگەن چىرايى شۇنداق ئوماق ئىدى، لەپ لەپ قىلىپ قاراشلىرى يۈركىمگىلا تىگەتتى ، ئاسمان بارا - بارا سۈزۈلۈپ شامال چىقىشقا باشلىدى، ھەي ئىسىت دىدىممەن ئىچىمدە، يامغۇر توختىماي يىغىۋەرسە مۇشۇ يول تۈگىمىسە ياق ياق، ۋاقىت مۇشۇ ھالىتىدە توختاپ قالسا ... - قورساق ئاچتىمۇ ھەي بالا ... - ھە ئاچتى ئۆيگە ئەكىتىپ تاماق ئىتىپ بېرەي دېگەنما ... - ھە ئېتىپ بىرەي دېگەن، مەن ئەتكەن تاماقنى يەپ قالسىڭىز ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىماي قالاسىزمىكى يىگىت .. - چىقمىسام ئاتا ئانىڭىزغا ئوغۇل بولۇپ تۇرۇپ قالامەن ... - ۋاي ما قېلىننى ... سىزدەكتىن بىرەر تېرىمنى بېقىپ باقماي دەپ قويۇپ ... - ياخشىراق بىر يەرنى تىپىپ تاماق يەپ ئولتۇرايلى ... ئۇ كۆزۈمنى ئىچىگە قاراپ : - ئۇ بۇ ئۇچراپ قالسا چاچلىرىم بۈدرە بوپ كېتەمىكى ... ئاستا ئۆيۈمگە كىتىۋالاي .. - ئا .................... يوق گەپنى قىلماي ،،، نەگە بارىمىز ...[ - باشلىڭە ئۆزىڭىز ئوغۇل بالا بولغانكىن ،،، ....................... ........................................ بۈگۈنكى كۈن ئۆمۈرۈمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولۇپ قالدى . سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى خىيال قىلغاچ ناشتا قىلىۋاتاتتىم. يانفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلدى . - قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ مېنى ئەسلەۋاتامسىز كالۋا .... خۇشلۇقۇم ئىچىمگە پاتماي ھاھا دەپ توۋلاپ سالدىم، ئاپام ھەيران بولۇپ قاراپ قالدى . ئۇچۇر قايتۇرۇشقا كىرىشتىم . ئەمدى كۆزلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى ئادا بولدى، ئاپتۇبۇسقا چىقسام يۈرەكلىك ھالدا ئۇنىڭغا گەپ قىلالايمەن . ئاپتۇبۇس كەلدى . ئۇنىڭ ئورنى يەنە بوش تۇراتتى، ئاسماندىن يەرگە تاشلىۋىتىلگەندەك ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە كونا ئورنۇمغا قاراپ ماڭدىم، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى، مەن داۋاملىق ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا سومكىسى قويۇلغان، ئۇ مىنى كۆرۈپ سومكىسىنى ئىلىۋىلىپ دەرىزە تەرەپكە قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى ، بۇ خۇشاللىقىمنى ئىيتىشقا تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ . * * * * * * * * * * * * * * گۈزەل ۋە سېخى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىز توي قىلدۇق . ئاشۇ ۋاقىتنى ئەسلىشپ قالساق گېپىمىز تۈگىمەيدۇ ... ھىلىقى شوپۇر ئۇستامغا ئەمدى ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ، چۈنكى مەنمۇ شوپۇر بولدۇم، خىزمەتكە بىللە بىرىپ كىلىمىز . ئۇنى مەن ئاپىرىپ ئەكىلمەن، يامغۇر ياغسا يەنە ماشىنىنى تاشلاپ قويۇپ بىللە ناخشا ئوقۇغاچ بىر يەرلەرگىچە مىڭىپ كېتىمىز. چۈنكى بىز مەڭگۈ بىر ماشىنىغا چىققان يولۇچى . مەڭگۈ يامغۇردا قالغان ھەمراھلارمىز ... 27 - ماي . قەشقەر ___ باشقۇرغۇچى : فىكرەت تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-06
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
koktax دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى يېزىپسىز، سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | سېلەر ئۈچۈن قۇتلۇق كۈن 1-ئاينىڭ 18-كۈنىنى قۇتلۇقلايمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
باغۋەن | 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئەمەس، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سەنەمجان
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nuri0996 باشئەگىم قىزى | ئەجەپمۇ تەبىئي ، يىنىك يېزىلغان ھېكايىكەن. سەنەم ھەدەمنىڭ كۆزىگە نىمە بولدىكىن ؟ قۇتلۇق كۈننى ئالدىغاراق سۈرسىغۇ ياخشىتى، كىچىكتۇرۋەتكىنى نىمىسى ئەمدى؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
باغۋەن | مېنىڭچە سەنەم ئۆزىنىڭ قۇتلۇق كۈنىنى دەۋالغان ئوخشايدۇ، سىلىنىڭ 2008 ئەمەس بولغىيدى سەنەم قىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
KAKKUK2008 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىلەرگە بەكلا مەسلىگم كەلدى ، نىمە دىگەن تاتلىق كەچۈرمىشلەر.بۇنداق تەقدىر ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ .سىزلەرگە بەخىت تىلەيمەن...................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
barna0998 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەجەپ ھەۋىسىم كەلدى سىلەرگە!!مەڭگۈ بەختىتلىك بولۇڭلار!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
گۈليار دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | نىمىدىگەن رومانتىك ، شۇنداق ياخشى يىزىلىپتۇ ...............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@DIL@ | مۇھەببەت بىر دىڭىز ، ئادەم بولسا كىمە . دىڭىزدا قوۋاقنى مەڭگۈ ياخشى باشقۇرالامسىز ؟
ھەممە نەرسىنىڭ دەۋرى بولىدۇ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىلچىن دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پاھ سىلەر نىمىدىگەن رومانتىك ، لىكىن بۇنداق رومانتىكلىقنى بەك قوغلىشىپ كەتمەڭلار !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Mu-allime نۇرلۇق شام | راستەكلا يېزىۋىتىپسىزغۇ؟ بەك ياخشى چىقىپتۇھىكايىڭىز جۇمۇ بەك ياقتۇردۇم! مەن مۇشۇنداق تاسادىبىيلىق ئۇچرىشىپ توي قىلىشقا ئانچە ئىشىنپ كەتمەيتىم!چۈنكى مەن ناتونۇشقا گەپ قىلغۇم كەلمەيدۇ،ھەم ماڭا گەپ قىلسىمۇ بەك ئاچىغىم كىلىدۇ! سىز بەك يۈرەكلىككەنسىز جۇمۇ؟ تەلىيىڭىزگە ئۇ قىزمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەن! بولمىسا سىز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا سىز كىم؟ مەن سىزنى تونۇمايمەن، قانداق بالا بۇ؟ دەپ كىتىپ قالغان بولسا قانداقمۇ قىلار ئىدىڭىز-ھە! بىچەرە يۈرىكىڭىز پۇچلىنىپ كىتەتتى-دە!
يەنە بىر گەپ ئىچكى ھىسياتىڭىزنى بەك ياخشى تەسۋىرلەپسىز جۇمۇ؟ شۇنڭغا قاراپ سىزنى ئەمدى مۇھابەتلىشىپتۇ دەپ قالدىم! بۇنداق ھىسياتنى ئادەم بۇنچىلىك ئۇچۇق ئىسىدە تۇتۇش بەك تەس، يېزىش ئۇنڭدىن تەس! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
atuxboy526 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇ مۇھەببەت ھىكايسى ماڭا بەكمۇ ياردى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tiwixsiz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەجەپ رومانتىك ~
باغۋەن ئەپەندىم سىز ئوتكەن يىلى ھېلىقى «ئايالىمنى ئولتۇرىۋىتىمەن » نى يازغان باغۋەن بولامسىز ؟؟؟ شۇ ھېكايىڭىز مېنى بەكلا جەلىپ قىلغان ئىدى سىزنىڭ ئۇ ھېكايىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىنى مەن مەمتىمىن ھوشورنىڭكىەە ئوخشۇتۇپ تېخى دەسلەپتە شۇ كىشىمىكىن دەپ قالغانىدىم ~ بۇ ھېكايىڭىزمۇ شۇنچىلىك ياخشى يېزىلىپتۇ ......ھېلىقى ھېسياتلار .... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
momiya1989 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پاھ ،نىمىدىگەن رومانتىك ھە! ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن مەسىتلىكىنې كەلتۇرىدىكەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|