|      hotanboy       	  دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى 		        
               
           
           
           UID نۇمۇرى : 21745      نادىر تېما :
     
     0     
           يازما سانى : 145           
     ئۇنۋان:3 دەرىجە       
                شۆھرەت: 161 نۇمۇر      شەبنەم پۇلى: 1270 سوم      
     تۆھپە: 0 نۇمۇر      
     ياخشى باھا: 10 نۇمۇر      
     توردىكى ۋاقتى :91(سائەت)      
     تىزىملاتقان :2007-09-08      ئاخىرقى :2008-10-24  	   		 | 				 			  ئۈچ جۈپ ئاتا - بالا			
  		A,B,C  ئۈچ ئائىلە قوشنا ئىدى ، بىر ئائىلىدە بىر دىن بالا بولۇپ ئۇلارنىڭ يېشى ئاساسەن پەرىقلەنمەيتتى .
  A ئائىلىدىكى ئاتا --- بىر زىيالىي ، ئۇيىڭى بىناغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بالىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ، بالنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى ، ۋەزىپىسى ، دەم ئېلىش كۈنى ، بايرام - تەتىل كۈنى ، تەتىلدە پىئانىنو ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلىرىنى بەلگىلەپ  بەردى ، ئادەتتە بالىنى ئۆيدىكى ئۇششاق ئىشلارغا قول تىققۇزمىدى.  دەسلەپتە بالىنىڭ ئۆگىنىشى يامان ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇ  كۈنبويى ئۆگىنىشتىن زېرىكتى ، بارا-بارا ئۈگىنىش قىزغىنلىقى يوقالدى ، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كەتتى ، تولۇقسىز ئوتتۇرغا كۆچكەندە دەرىسلەر كۆپەيدى ، ئىمتىھاندا ئۇ يېرىمدىن كۆپرەك پەنلەردە ئۆتەلمىدى ، ئاتا بەكمۇ بىئارام بولدى ،غەزەپلەندى، بالىنى ھەمىشە ئورۇپ - تىللاپ تەنقىدلىدى، بالا نەچچە قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ، ئاتا نەچچە قېتىم ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ كەلدى،  ئەمدى يەنە ئۇنى ئوقۇشقا، پىئانىنو ئۆگىنىشكە زورلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى . كۈنلەرنى ھەسرەت چېكىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى . بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئائىلىدە خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇردى .
  B ئائىلىدىكى ئاتا ------ ئاددىي تىجارەتچى ، ئۇ يىڭى ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىن ئاددىي بىر دوكان ئاچتى ، تىجارىتى بەك ئالدىراش ئىدى، ھەتتا يىتىشىپ بولالماي بالىنى چاقىرىپ كىلىپ مال ئېلىش ، سېتىش ، ھىساب قىلىش ئىشلىرىغا ياردەملەشكۈزدى ، بالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ ، بىراق ئاتىسىدىن ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىنى ئۆگىنىۋالغان بولغاچقا تىجارەت قىلالىدى، كېيىنچە ئىككىنچى خوجايىن بولۇپ قالدى .
  C ئائىلىدىكى ئەر -خوتۇن  ----- «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»  مەزگىلىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ، كېيىن ئىشچى بولغان ، زاۋۇت سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئىشسىز قېلىپ، ھەركۈنى تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ ئىش تېپىپ قىلىپ جان باقىدىغانلاردىن ئىدى. ئۇلار ئىشقا ئۇرۇنلىشىش رىقابىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنەتتى ، بىلمىگەنلىرىنى بالىسىدىن سورايتتى ، بالىسى بىلگەنلىرىگە ئۇدۇللۇق جاۋاب بەرسە، بىلمىگەنلىرىگە كىتابلاردىن جاۋاب ئىزدەيتتى ، ئاتا - بالا بىرلىكتە ئۆگىنەتتى ، تەتقىق قىلاتتى ، ئۇلار بارغانسىرى ئالغا باستى، ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقى ئېشىپلا قالماي ، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈلدى، يەنە ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچەيدى ، بالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، نوقتىلىق داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى . 
  بىر كۈنى بۇ ئۈچ كونا قوشنا ئۇچرىشىپ قالدى، باللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەشتى : 
    A ئاتا  :---  مەن بالىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويۇپتىمەن .   B  ئاتا :--- مەن بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .   C  ئاتا :--- مەن تەبئىيلا مۇۋاپىقىيەت قازاندىم .
  شۇ كۈنى يەنە بۇ ئۈچ بالىمۇ ئۇچرىشىپ قالدى، ئايرىلغاندىن كېيىنكى كۈنلەرنى ئەسلەپ  سۆزلەشتى : 
  A  بالا  : -----  كىچىكمدە ئاتامنىڭ قۇماندانلىقىدا قارغۇلاچە ئۆگىنىدىغان «ماشىنا»ئىدىم . B  بالا  : ----- كىچىكمدە ئاتامغا ۋاقىتلىق ياردەملەشكەن «ئىشچى» ئىدىم . C  بالا  : ----- كىچىكمدە مەن ئاۋۋال ئاتام بىلەن «ساۋاقداش» ئىدىم ، كىيىن ئۇنىڭغا «مۇئەللىم» بولغان ئىدىم .
  بۇ ئۈچ ئاتىنىڭ ئۈچ خىل تەربىيلەش ئۇسۇلى ، ئۈچ بالىنىڭ ئۈچ خىل تەسىراتى ئىدى . بىز بونىڭدىن ئۈچ بالىنىڭ ئۈچ خىل تەرەققىيات يۈنلىنىشىنى بىلىۋېلىشىمىز تەس ئەمەس .
 
  مەنبەسى :  «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىللىرىنى تەربىيلەش دەرىسلىكى دىن تەرجىمە قىلىندى.       
      ___ باشقۇرغۇچى : فىكرەت تەرىپىدىن تەستىقلاندى . 		تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-06    		 |