| |||||||
zennet دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياشلار ئۈچۈن 101 نەسىھەتنىڭ داۋامىئىككىنچى نەسىھەت
بىر ئادەم بار بولۇپ ،قوشنىسى بىلەن دائىم جىدەللىشىپلا ئۆتىدىكەن،ئۇنى ئىچ ئىچىدىن ئۆز كۆرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ كالىسى يوقاپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوشنىسىدىن گۇمان قىپتۇ. ئويلىغانسىرى شۇنچە گۇمانى كۈچىيىپتۇ.بىر نەچچە كۈندىن كىيىن، كالا ئۆزلىگىدىنلا پەيدا بولۇپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا خوشنىسى ئوغرى ئەمەستەك كۆرۈنۈپتۇ. سەن بەلكىم كالا يۈتتۈرۈپ ياكى كالا ئوغرۇلاپ باقمىغان بولغۇيتتىڭ.ئەمما،بى ھىكايە ساڭا مۇھىم ئىككى ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىرىنچىسى،ئادەم ھەرگىز ئاداۋەت ساقلىماسلىقى كىرەك.سەن بىراۋنى كالا ئوغرىلىدى دەپ پەرەز قىلساڭ، ئۇ كۆزۈڭگە راستىنلا ئوغرىدەك كۆرىنىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كالا قايتىپ كەلسە ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىڭ ئاندىن يوقايدۇ. ئىككىنچىسى،شۇنسى يامانكى،بىز ھاياتىمىزدا ھەمىشە باشقىلار تەرىپىدىن «كالا ئوغرىلىغان » دەپ خاتا ئەيىپلىنىپ قالىمىز، ئەگەر كالا ئۆزلىكىدىن قايتىپ كەلمىسە، بىز بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كالا ئوغرىسى بولۇپ قېلىشىمىز مۈمكىن. شۇڭا ،ھەرقانداق ئادەمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولىشى كىرەك. سەن كالا ئوغرىلىمىغان بولساڭ، لېكىن باشقىلار يەنىلا سېنى كالا ئوغرىلىدى دەپ تۇرىۋالسا،ئېسىڭدە بولسۇنكى،بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۈڭنىڭ دۇنياغا بولغان تۇنۇشۇڭغا نۇقسان يەتكۈزىۋالما. (داۋامى بار) ئۈچىنچى نەسىھەت ئىككى ئادەم تاغ ئارىسىغا كىرىپ دالدىدا تۈنەپ قاپتۇ ،ئۇلارنىڭ بىرسى رومانتىك ،يەنە بىرسى ئەمەليەتچىل ئادەم ئىكەن.كىچتە ئۇخلىغان چاغدا،ئەمەليەتچىل رومانتىك ئادەمدىن:«نىمىنى كۆردۈڭ » دەپ سوراپتۇ، رومانتىك ئادەم:«ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆتۈپ،ئالەمنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىنى،ياراتقان ئىگەمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى،ھاياتىمىزنىڭ نەقەدەر قىسقا ئەكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن ..... سەنچۇ ، سەن نىمىنى كۆردۈڭ » دەپتۇ. ئەمەلىيەتچىل ئادەم «مەن بىرسىنىڭ چېدىرىمىزنى ئوغرۇلاپ ماڭغىنىنى كۆردۈم» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. سەن ئېھتىمال«بۇ ئىككەيلەننىڭ قارشىىنىڭ قايسىسى توغرا» دەپ سورىشىڭ مۈمكىن. جاۋابىم شۇكى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ توغرا.سەن ھاياتىڭدا نۇرغۇن ئەھۋاللارغا،بولۇپمۇ،نۇرغۇن مۈشكىلاتلارغا دۇچ كىلىسەن،شۇنداق چاغدا چوقۇم يىراق بىلەن يېقىن ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇشنى ئوبدان ئويلان. ناۋادا بىز يىراقتىنلا كۆزلەپ،چوڭ-كىچىك ھىكمەتلەرگىلا ئېسىلىۋېلىپ ،كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا زۆزۈر بولغان ئۇتۇن،گۈرۈچ،ماي،تۇز،مۇراببا،ئاچچىقسۇ،،چاي دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالساق،كۆڭلىمىزنى بىردەملىك خوش قىلىۋالغىنىمىز بىلەن،رىيال مۇھىت تەرىپىدىن ئېغىر زەربىگە ئۇچىرىشىمىز،ھەتتا ئاچلىقتىن ئۈلۈپ كىتىشىمىز مۈمكىن. ناۋادا ئادەم كۆز ئادىدىكى ئەمەلىيەتنىلا كۆزلەپ،قۇرساق بېقىشتىن باشقا يەنە بەزى ئابىستىراكىت نەرسىلەر ئارقىلىق ئۆز قىزىقىشىنى قاندۇرۇش كىرەكلىكىگە سەل قارىسا ،بۇنداق تۇرمۇشنىڭ يەنە نىمە لەززىتى بولسۇن!غايە ۋە خام خىيال بولمىغان تۇرمۇش ھاياتقا بولغان بىر خىل ئىسراپخورلۇقتۇ. سەن بەلكىمتاقەتسىزلەنگەن ھالدا«زادى قانداق قىلىش كىرەك » دەپ سورىشىڭ مۈمكىن. دەيدىغىنىم شۇكى، يىراق ھەم يېقىندىكى ئېھتىياجنى تەڭشىيەلمىگەن ئادەم،تەسەۋۋۇر بوشلىقى بولمىغان ئادەم بەختىيار ئادەم سانالمايدۇ، شۇڭا، سەن رىيال تۇرمۇشقا ئېتىبار بىلەن قارا،ئۆزەڭگە مەنسۇپ خوشاللىقتىنمۇ تۇلۇق بەھرى ئال. (داۋامى بار) [ يوللىغانzennetتەرىپىدىن2008-06-04 12:40قايتا تەھرى ] ___ باشقۇرغۇچى : molla pok-pok تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-03
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bodi دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئاداۋەت ساقلىغان ئادەم دوستىن كۆرە دۈشمەننى كۆپەيتىدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BALWAG دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كارامەت.......يىزىلىپتۇبۇ.....................
بۇخىل ئەسەر يىزىش ئۇسۇلىماڭا بەكياختى......................... بۇنداق ئېسىل ..نى .................... كارامات......... | ||||
---|---|---|---|---|---|
tax~na دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | دا ۋا مىنى قا چان يوللايسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulxan214 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى ھىكمەتلەركەن . قايسى كىتاپتىن ئالدىڭىز ؟ كىتاپ ئىسىم< ياشلار ئۈچۈن بىر يۈز بىر ھىكمەت > دىگەن شۇمۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|