| |||||||
azap986532 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | (ئازاپ)مۇنداق قىزلارمۇ بارتوپ بولۇپ شەھەر ئىچىدە،
ئـۇخـلىماستىن كـېـچىدە، ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ، ئوينايدىغان قىزلارمۇ بار. ئۆزى گۈلدەك قىز تۇرۇپ، يېشى كىچىك قىز تۇرۇپ، پۇل ئۈچۈن نامەرت بىلەن، ئوينايدىغان قىزلارمۇ بار. دىبا بولدى قونغىنى، لۈكچەك بولدى تاپقىنى، تاياقنى يەپ دۈم يېتىپ، يىغلايدىغان قىزلارمۇ بار. ناخشا ئېيىتسا بىر كىشى، شان-شەرەپ تاپسا بىرى، چولپانلارنى ماز قىلىپ، يەكلەيدىغان قىزلارمۇ بار. مەنبە:ئەسقەر مۇختەرنىڭ<ئاشىق ھەسرىتى> پىلاستىنكىسى ___ باشقۇرغۇچى : Juda تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-27
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | يامان ئەمەسكەنغۇ.بۇلۇپمۇ ھازىرقى زامان قۇغلىشىۋاتقان بەزىبىر قىزلاغا ماسكەلگۆدەك قىزلارنىڭ ھەممىسنى بۇنداق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەخلاقلىق ، غۇرۇرلۇق قىزلارمۇ بار. مەن قىزلارنى كەمسىتىدىغان بەزى شىئىرلارغا بەك ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nilupar0999 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەلۋەتتە بۇنداق قىزلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ. بەزىبىر ئاز ساندىكى مۇشۇنداق قىزلارنىڭ كاساپىتىدىن ھەممە قىزلار بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كىتىۋاتىدۇ . ھەقىقەتەن ئەخلاقلىق ، غورۇرلۇق قىزلارمۇ ئاز ئەمەس .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turhun69 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ماۋۇ ياش ناخشىچىلار ،ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئۆزىمىز يازىمىز دەپ تولا كۈچەپ كەتمەي،بولسا قەلىمى پىشقانلارنىڭ تېكىستىنى ئىشلەتسە دەيمەن .(ئۇلارمۇ بىر نىمە دىمەس.)
نۇرغۇن-نۇرغۇن ناخشىلار بار ،ئادەم بىر قېتىم ئاڭلاپ قويۇشقىمۇ ئېرىنىدىغان. شۇ ناخشىلارغا بىچەرە بالىلارنىڭ نەچچىلىك ۋاختى نەچچىلىك پۇلى كەتكەن بولغاي-ھە؟ بىلگۈدەك بولسام ،گىرىك تىلى دەمدۇ،نېمىس تىلى دەمدۇ...دىگەندەك تىللار نوچى ئىمىش. مەن دەيمەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتى ئالدىدا خېلا كۆپ تىللار نېنىنى يىسۇن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Mu-allime نۇرلۇق شام | مەن ھەرۋاقىت مۇشۇنداق شىئىرنى كۆرگەندە ئۆزۈم شىنجاڭدا بولمىغاندىكىن، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ قىزلىرىگە نىمە بولغاندۇ، دەپ قالىمەن، چۈنكى بۇ يەردىكى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم قوزىدەك ياۋاش ئوقۇغۇچىلار! شۇڭا بەزىدە سېلىشتۇرۇپمۇ قالىمەن. يە بىز مەدىنيەتنى بەك تىز قوبۇل قىلامدۇق بىلمىدىم! لىكىن كىينچە ئىنكاسلارنى ئوقۇپ بۇنداقلارنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىكەنلىكنى بىلدىم، لىكىن مۇشۇنداق تەشۋىق قىلىنىۋەرسە كۆرمىگەن ئادەملەر راسىت مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ قالىدىكەن، شۇڭا مىىنڭچە مۇشۇنداق ئۆزىمىزنى چىتىقا يايىدىغان <تەشۋىقاتلار> ئازراق قىلىنسۇمىكىن دەيمەن. بىز ئۆزىمىزنى ماختىمىساق كىم كىلىپ بىزنى ماختايدۇ. باشقىلار بىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىمىزنىمۇ چۈشەنسۇن. ھەممە ئادەم ماختىغان تىمىلارنى كۆرگەندىكىن،ئۆزىگە ئۆلگە قىلىپ مىللەتنى تېخمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇنبەردە بەزى ئالىملار تونۇشتۇرۇلسا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئىرادىسىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى دىگەن مەنلا ئەمەس باشقىلاردىمۇ مۇشۇنداق تۇيغۇ بولىدىغۇ،دەيمەن. بۇنداق ئادەملەر باشقا مىللەتلەردىمۇ بار، لىكىن مەخسۇس ئېلىپ چىقىپ تەنقىد قىلىمايدۇ.
بۇنڭمۇ ئاساسى بار ئەلۋەتتە! چۈنكى ئىچكى سەۋەپ ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، بەلكىم دوستلىرىمۇ نەسىيەت قىلغان بولغىيتى، بىز بۇ يەدىكى ناتونۇشلار، بىر ئىككى ئېغىزدىن تىللاپ قويغانغا ئوڭشىلىپ كىتىغان بولسا، بۇ چاققىچە بۇنداقلارمۇ ئازىيىپ قالغان بولاتتى.ھەم بۇنداقلارنىڭ مۇنبەرگە چىقىشقا قانداقمۇ ۋاقتى بولسۇن. بۇنى تېخى ناخشا قىلىپ ئوقۇپتىمۇ؟ ھەي! سەل ئىسىمىزگە كىلەيلى! ئۆتكەندە مۇشۇ توغۇرلىق بىر تىما يوللانغان ئىدى، ئادرىسىنى تاپالمىدىم. تاپقاندا قوشۇپ قويىمەن! شەبنەم ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تىللايدىغان مۇنبەر بولماي، ئۆزىمىزنى دۇنياغا تونىتىدىغان مۇنبەر بولسا نىمىدىگەن ياخشى! | ||||
---|---|---|---|---|---|
xohkiz0997 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | لىكىن بىزدە شۇنداق قزلارنى توسقىدەك يىگىتلىرىمىز بارمىدۇ ، ئەپسۇس بەزىلەر ئۇنداق قىزلارغا ماسلىشىپ بىرىشىدۇ.
مەنچە بىز قىزلار يەنىلا يىگىتلەرنىڭ بىزنى قوغدىشىغا مۈۇھتاج . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MARGINA218 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ......، قىزلار ..... دەيدىغان تېمىلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەمنىڭ كاللىسى ئېلىشىپ كەتكىلى تۇردى. تېخى ھەممىسىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش قىزلار ئۆزگىرىپ كەتتى دىگەن مەزمۇندا. بەش قول تەڭ ئەمەس، ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ھەممە قىزلار يامان بولمىغىنىدەك، ھەممىسىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن. تورداشلىرىمىزنىڭ قىزلارنىڭ ئەخلاقىغا، مىللىتىمىز ئانىلرىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگىنى ناھايىتى ياخشى ئىش. لىكىن بۇ توغرىسىدىكى تېمىلارمۇ ئاز، ساز بولغىنى ياخشى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yurtumm دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇنداق قىزلارمۇ با دىگۈچە،بارغىلى قويماڭ ،چېقىۋېتىڭ شۇ دىبامۇ نىمۇ؟ شۇنداق يەرلەرنى ...........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mihreay دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بولدى قىلساڭلارقانداق!!!!!!!!!!!!!!11 ھازىر مۇنبەردە مۇشۇنداق تىما جىق بوپ كەتتى ........بەش قول تەڭ بولمىغاندەك ھەممە قىزلار ئۇنداق ئەمەسقۇ ؟ھەم سىلەر شۇنداق قىزلارنى سوكىۋەرگىچە شۇلارغا ياردەم قىلساڭلارچۇ؟ھەم ئۇ قىزلار بۇلارنى كورەمــتى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nilupar0999 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما15قەۋەتتىكىmihreayنىڭ2008-05-28 18:49يوللىغان : راسىت دەيسىز . ئاشۇ تىمىلاردا تىلغا ئىلىنغان ئۇنداق قىزلار نىڭ ھەرگىز بۇ يەرگە كىرىپ كۆرىدىغان ۋاقتى يوق . بىز بۇ يەردە بۇنى كۆرۈپ ئۇلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ كەتكىنىمىز بىلەن ، بۇنى ئۇلار ھەرگىز بىلمەيدۇ . شۇڭا بۇنداق تىمىلارنى يوللاپ ئىبرەت بولسۇن دىيىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق . بىز پەقەت ئۆزىمىز نى چىڭ تۇتۇپ ، يىگىتلىرىمىز ئەتراپىمىزدىكى ئاچا-سىڭىللىرىمىز نى چىڭ تۇتۇپ ، يەنە شۇنداقلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق بولدى . قانداق دىدىم ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manan دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | «شېئىرى» دا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مۇددىھا ياخشىكەن ،بىراق بۇنى مىسرالارغا بۆلۈپ يۇرمەي ئۇدۇللا گەپ ئورنىدا دىسىمۇ بوپتىكەن ، شېئىر دىگەننى خىجىل قىلىپ ........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ISiL0990 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇلار ..قانداق قىزلار دىسەك ،،
چەتئەلنىڭ كىنۇسىنى بەك كۇرىۋەتكەنلەر ،، چەتئەلنىڭ شاش قىزلىرىنى ئۇزىگە تەڭ قىلۋالغان قىزلار ،،، زاباي قىزلار ..سىلەر ئۇلاردەك بۇلالمايسىلەر ،،سىلەردە ئۇلارچىلىق شارائىتمۇ يوق ..قىسقىسى پۇلۇڭلار يوق ،، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hanjar0909 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىز ۋە مەندەكلەر شۇلانى قوغدىغان ۋە ئاسىرغان بولساق ،بۇ ئشلارمۇ بولمىغان بولاتتى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qogluk3.8 | مەزمۇنى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ،مۇشۇنداق ئەھۋالنى ئويلىساملا ئىچىم تولىمۇ ئاچىچىق بولىدۇ ،خۇدايىم ھەر كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
azap986532 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەخلاقلىق ئىكەنلىكىدە گەپ يوق،بۇ تىمىنى يوللىشىمدىكى مەقسەت،شۇ ياخشى قزلار بار يەردە ئانچە -مۇنچە ئاشۇنداق قىزلارمۇ بار دىمەكچى خالاس. بۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق دىگەنلىك ئەمەس......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zhawlan123 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مۇشۇ قىزلىرىمىزنى سۆكىدىغان تىما بولسا ھارماي ئىنكاس يازىدىغان ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
،ئەمما قىزلارغا توغرا يولنى كۈرسىتەيلى بىزنىڭمۇ مەسئۇلىيتىمىز بار دەيدىغان تىمىلار بولسا ئىنكاس يوق ،بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ بولسا دىققەتنى قىزلارغىلا قاراتماي ،ئۇلارنى مۇشۇ يولغا سىلىۋاتقان بىر قىسىم ۋىجدانسىز ئوغۇللىرىمىز ئۈستىدىمۇ مۇلاھىزە ئىلىپ بارايلى تورداشلار!!!!!!!!!! مۇنبەر سىسىپ مەزىسى قالماي قالمىسۇن!!!!!!!!1 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabidil دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كۆرۈم بۇگۇن شىئېرنى
يۇرەك تولدى تەشۋىشكە پەزىلەتسىز نىجىسلار ئەمەس لازىم دىيىشكە ئىللىتىڭنى تۈزەتمەي مىللەت ئەسلا تۈزەلمەس تۇتۇشساقلا قولغا - قول دۈشمەن ئۇنى ئۈزەلمەس ئۇنداق قەبى ئىپلاشلار تۆت شىئېرغا تۈزەلمەس تۈزەلسىمۇ نىجىستۇر يۈز كۆتۈرۈپ يۇرەلمەس | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
9alma دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئويگە ئوغرى كىرسەبىر بىرگە ئىتتەگەندەك ئىش بوپتۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yulum==xu دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىھرىئاي
بولدى قىلساڭلارقانداق!!!!!!!!!!!!!!11 ھازىر مۇنبەردە مۇشۇنداق تىما جىق بوپ كەتتى ........بەش قول تەڭ بولمىغاندەك ھەممە قىزلار ئۇنداق ئەمەسقۇ ؟ھەم سىلەر شۇنداق قىزلارنى سوكىۋەرگىچە شۇلارغا ياردەم قىلساڭلارچۇ؟ھەم ئۇ قىزلار بۇلارنى كورەمــتى بۇ سۇ زى ڭىزنى مەنكوللايمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
مەنزىل دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياراتقان ئىگەم قىزلىرىمىزغا ئىمان ،شەرمى_ھايا، يىگىتلىرىمىزگە ئىنساپ، ئەرلىك غورور ئاتا قىلغاي!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|