بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ


سىز بۇ تېمىنىڭ 1601ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: دادىنىڭ بالىسى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى نىمە؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
irpan3

دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 30823
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 171
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە171دانە
شۆھرەت: 194 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1660 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :102(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-26
ئاخىرقى :2008-06-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 دادىنىڭ بالىسى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى نىمە؟

بۇ تىمىنى irpan3 چوققىدىن قالدۇردى(2008-06-05)

 



سۇئال ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم مىنىڭ ئىرىم ئىسلامنىڭ بالىمىزغا قارىتا ئۇنىڭغا يۇكلىگەن مەجبۇرىيتىنىڭ پەقەت ئۇنى يىمەك ئىچمەك بىلەنلا تەمىنلەش ئىكەنلىكىدە ناھايتى چىڭ تۇرىدۇ،ئۇنىڭچە ئۇنىڭ بالىنى تەربىيلەش ۋە كۇندىلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسئۇلىيتى يوقكەن،مەن ئىسلامنىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن،ماڭا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن ۋە سەھى ھەدىسلەردىن دادىنىڭ بالىغا قارىتا تەربىيلەش مەسئۇلىيتىنىڭ ۋە رولىنىڭ بارلىقى توغىرسىدىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىىڭىز،ئاللا سىزگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن؛
جاۋاپ؛ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق ماختاش ۋە مەدھىيەلەش ئاللاغا خاس،ئاللانىڭ ئەلچىسىگە بەخىت ۋە خاتىرجەملىك يار بولسۇن،
ھۆرمەتلىك سىڭلىم بىز سىزنىڭ بىزگە بولغان يۇكسەك ئىشەنچىڭىزگە رەھمەت ئىيتىمىز،ۋە ئۇلۇغ ئاللانىڭ بىزگە ئۆزىگە بەندىچىلىك قىلىشقا ياردەم بىرىشىنى،ۋە بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنى ئۆزىنىڭ رىزالىقى ئۇچۇن قىلىپ بىرىشىنى تىلەيمىز،ئاللا سىزنىڭ دىنىڭىز ئىسلامنى ئۇگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىڭىزغا كاتتا مۇكاپات بەرسۇن،
ئىسلام شەرىئىتىگە ئاساسلانغاندا بىر مۇسۇلمان ئاتىنىڭ ياكى ئەرنىڭ رولى ۋە ۋەزىپىسى ئۇنىڭ ئائلىسىنى پەقەت ماددى تەمىنات بىلەنلا تەمىنلەش دائىرسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئائىلىسىنى مۇھەببەت ۋە تىنىچلىققا تولغان ئىللىق مۇھىت بىلەن تەمىن ئىتىش ۋە ئۇلارنى ئاللانى تونۇشقا،ئاللانى ياخشى كۆرۇشكە ۋە توغرا يولدىكى ھاياتتا خۇشاللىق ۋە مۇۋەپپىقيەت بىلەن ياشاشقا يىتەكلەشتىن ئىبارت،ئۇنىڭ ئۆزى ئەمىلى ئۇلگە بولۇش ئارقىلىق ۋە ئىسلام بىلەن ياشاپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ياخشى كىشىلەرنى ئۇلگە قىلىش ئارقىلىق باللىرىنى ياخشى تەربىيلەش ۋە ئۇلارغا دىنى ۋە پەننى بىلىملەرنى ئۇگىتىش مەجبۇرىيتى بار، سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىزغا قارىتا كانادا تورۇنتۇ ئىسلام ئىنىستىتۇتىدىكى ئىسلام ئالىمى،يۇقرى دەرىجىلىك خەتىپ ئۇستاز ئەھمەد كۇتى مۇنداق دەپ جاۋاب بىرىدۇ؛
سىزنىڭ ئىرىڭىز بىر دادىنىڭ بالىلىرىغا قارىتا قانداق مەجبۇرىيتى بارلىقى مەسىلىسىدە خاتالىشىپ قاپتۇ،دادىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھاياتىدىكى رولى پەقەت ئۇلارنى ماددى كاپالەتلەر بىلەن تەمىنلەش دائىرسىدىلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى ئۇلارنى روھى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىيلەش ساھەلىرىگىچە كىڭىيىدۇ،بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشەنچىلىك ھەدىسلىرى ئاساسىدا چىقىرىلغان كەسكىن ھۆكۇم،ئۇلۇغ ئاللا بۇ توغىردا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئى مۇئمىنلەر ئۆزۇڭلارنى ۋە بالا چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يىقىلغۇ بولىدىغان،رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دەۋزەختىن ساقلاڭلار،ئۇ پەرىشتىلەر ئاللانىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ،نىمىگە بۇيرىسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ،››(سۇرە تەھرىم 6-ئايەت)بۇ توغىردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ھەرقانداق ئاتا ئانا بالىلىرىغا ئۇلارنى گۇزەل ئەخلاق بىلەن تەربىيلەشتىنمۇ ياخشىراق سوۋغا ئاتا قىلالمايدۇ،›› ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ؛‹‹سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار قول ئاستىڭلاردىكىلەرگە مەسئۇل بولۇشتا ۋە كۆڭۇل بۆلۇشتە پادىچىغا ئوخشايسىلەر،ئەر بىر پادىچى ئۇ ئائىلىسىنىڭ بەختىگە مەسئۇل،ئايالمۇ بىر پادىچى ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغامەسئۇل،››
يۇقارقى پاكىتلار ئاساسىدا ئالىملار ئاتائانىنىڭ مەسئۇلىيتىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلىغان؛
1،باللىرىنىڭ ئەخلاقى ۋە ئەقلى جەھەتتىن ئومومىيۇزلۇك ساغلام تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق بولغان تىنىچ،ئىللىق،مۇھەببەتلىك بىر ئائىلە مۇھىتى تەييارلاپ بىرىش،
2،ئاتا ئانا ئۆزىدە مىھرى مۇھەببەت،كۆيۇمچانلىق،ھىسداشلىقتەك ئىنسانى خىسلەتلەرنى تولۇق قىلىش بىلەن ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق بالىلىرىغا توغرا دىنى ئاڭنى ۋە يۇكسەك ئەخلاقى قىممەتلەرنى سىڭدۇرۇش،
3،ئۇلارغا ئاللانى ۋە ئاللانىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۇش ئىڭىنى سىڭدۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئاللانى تونۇشقا ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىنى ھىس قىلىشقا يىتەكلەش،
4،ئۇلارنىڭ قەلبىگە جەميەتكە قارىتا مەسئۇلىيەت ۋە ھىسداشلىق ئۇرۇقلىرىنى چىچىش،
5،ئۇلارغا بىر ئائىلىنى قانداق تۇتۇشنى ۋە ئۇنڭغا قانداق مەسئۇل بولۇشنى ئۇگىتىش،
ئاخىرىدا مەن سىزگە بۇيۇك خەلىپە ئۆمەر(ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ دەۋرىدە يۇز بەرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي؛بىر ئادەم ئۆمەرنىڭ قىشىغا كىلىپ ئوغىلىنىڭ ئۆزىگە قارىتا ئەخلاقسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان،سەۋەبىنى سۇرۇشتە قىلىش ئاقىلىق ئۆمەر ھىلىقى ئادەمنىڭ بىر دادا بولۇش سۇپىتى بىلەن ئوغلىغا ھىچقانداق دىنى ۋە ئەخلاقى تەربىيە ئىلىپ بارمىغانلىقىنى بايقىغان ۋە‹‹قايتىپ كىتىڭ،سىزنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئەىلاقسىزلىقى توغۇرلۇق شىكايەت قىلىش ھوقوقىڭىز يوقكەن،››دىگەن،ئۆمەرنىڭ دىمەكچى بولىغىنى ئىنىقكى بۇ دادا ئۆزىنىڭ ئوغلى ئالدىدىكى مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشقا سەل قارىغان ئىكەن،ئۇ ئوغلىدىن ھەرقانداق ياخشىلىقنى كۇتمىسىمۇ بولىدۇ دىگەندىن ئىبارەت،شۇڭلاشقا  ئاتا ئانا ئۆزىنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە باشقىلارغا كۆيۇنىدىغان،ياخشى مۇسۇلمان پەرزەنىتلەرنى تەربىيلەشكە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كىرەك.

مەنبە؛ئىنگىلىزچە ئىسلام لىنىيسى تورى. 

 

___ باشقۇرغۇچى : layli0317 تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-27

 

izlax.com
| ۋاقتى : 2008-05-26 20:12 [باش يازما]
CDC

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 35184
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە63دانە
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى :2008-06-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

سىز گە كۈپتن كۈپ رەخمەت،
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-06-05 11:40 1 -قەۋەت


 

Time now is:06-06 06:16, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation