![]() |
| ||||||
sabiha
bbs.xabnam
|
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
sabiha
bbs.xabnam
| مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ‹‹ قۇياش نۇرى›› ئولتۇراق رايونىدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆيلەر پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز: تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى، فوتۇسى : -‹‹ بۇ ئۆي ناھايىتى چىرايلىق سېلىنىپتۇ ، سىز قانچە پۇل خەجلەپ بۇ ئۆينى سېتىۋالدىڭىز؟ - مەن پەقەت 10مىڭ يۈەن خەجلەپلا مۇشۇ تۆت ئېغىز يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە ئېرىشتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆينىڭ ئىچىنىمۇ ئومۇميۈزلۈك سىمۇنىتتا سۇۋاپ ، ئاقارتىپ بەردى ، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت، بىزگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش ئۆلچىمى بويىچە ئازادە، يورۇق ئۆي سېلىپ بەرگەن جوڭگو ئاممىباپ پەن- تېخنىكا گورۇھى (شىركىتى)گە كۆپ رەھمەت! مانا بۇ جوڭگو ئاممىباپ پەن- تېخنىكا گورۇھى(شىركىتى) نىڭ باش بوغالتىرى جاڭ شىن بىلەن مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئاۋات بازىرى ئەللىك كەتمەن8-كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ‹‹ ئۈچ پىشقەدەم›› ئاۋۇت ئابباس ئىككەيلەن كۆرۈشكەندىكى دىئالوگى . 5-ئاينىڭ21-كۈنى جوڭگو ئاممىباپ پەن-تېخنىكا گورۇھى (شىركىتى) نىڭ باش بوغالتىرى جاڭ شىن قاتارلىقلار قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى تۆمۈر مۇھەممەت ، خەلق قۇرۇلتىيى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، مارالبېشى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىيۇ كاشىڭ قاتارلىق ۋىلايەت ، ناھىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئاۋات بازىرى ئەللىك كەتمەن كەنتىدە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش ئۆلچىمى بويىچە ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىنغان ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى پۈتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاۋات بازارلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى جوڭگو ئاممىباپ پەن- تېخنىكا گورۇھى(شىركىتى)نىڭ بازاردىكى خەلق ئاممىسىغا قىلغان ئەمەلىي يارىدىمىگە رەھمەت ئېيتىش ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىر ئۆمۈر ياد ئېتىپ تۇرىشى ئۈچۈن بۇ ئولتۇراق رايونىغا ‹‹ "قۇياش نۇرى" ئولتۇراق رايونى›› دەپ نام بېرىپ ، ئابىدە تىكلىگەن بۇ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ‹‹ قوياش نۇرى›› ئولتۇراق رايونى قۇرۇلۇشىغا مارالبېشى ناھىيىسىنى ساھەلەر بويىچە يۆلەيدىغان جوڭگو ئاممىباپ پەن- تېخنىكا گورۇھى(شىركىتى) بىر مىليون 500مىڭ يۈەن مەبلەغ يارىدەم قىلغان ، بۇ قۇرۇلۇشتا 91 ئائىلىلىككە ، سەككىز بال يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 63 كۇۋادىرات مېتىر ئولتۇراق ئۆي سېلىنغان . ھەر بىر ئائىلىگە كېتەرلىك مەبلەغنى غەملەشتە ، ھەر بىر ئائىلىگە جوڭگو ئاممىباپ پەن- تېخنىكا گورۇھى(شىركىتى) 10مىڭ يۈەن، دېھقانلار ئۆزى 10مىڭ يۈەن چىقىرىش، ناھىيىلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆي ئىشخانىسى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن 2000يۈەن تولۇقلىما يارىدەم بېرىش، بازارلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى بازار مالىيىسىدىن 1000يۈەن تولۇقلىما يارىدەم بېرىش بەلگىلەنگەن . ئۆيلەرنىڭ لايىھەلىنىشى، ئىشىك دېرىزە، دەرۋازىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىردەك بولۇپ ، يېڭى زامانغا لايىقلاشتۇرۇلغان. بۇ ‹‹ قوياش نۇرى›› ئولتۇراق رايونى ‹‹ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان ، تۇرمۇش باياشاد ، يېزا قىياپىتى مەدەنىي، كەنت قىياپىتى پاكىزە، رەتلىك، باشقۇرۇش دېموكراتتىك بولۇش›› تەلىۋىگە ئاساسەن مۇۋاپىق پىلانلاش ئارقىلىق قۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ ئولتۇراق رايونىنى تىرىشىپ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنتكە ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان . بۇ ‹‹ قوياش نۇرى›› ئولتۇراق رايونىغا ئاساسلىق قىلىپ، بازار تەۋەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار نامرات پارتىيە ئەزالىرى، ‹‹ ئۈچ پىشقەدەم›› لەر، نامرات ئائىلىلەر ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئولتۇراق رايون ئىچىدە ‹‹ قوش تىل›› بالىلار باغچىسى، سۇ، توك، يول، ئالاقە قاتارلىق ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. ھازىر زامانغا لايىقلاشتۇرۇلغان كۆپ ئىقتىدارلىق پائالىيەت مەركىزى، ۋاسكىتبۇل مەيدانى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلار پۈتسە ھويلا- ئاراملىرى گۈزەل، تۇرمۇش مۇھىتى ياخشى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى تولۇق بولغان ئىناق ئولتۇراق كىچىك رايون قۇرۇش ئەمەلگە ئاشىدۇ. جوڭگو ئاممىباپ پەن- تېخنىكا گورۇھى(شىركىتى) نىڭ باش بوغالتىرى جاڭ شىن نامرات ئائىلە ئالىم ياسىننىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ باشقا ئۆيلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى،凹شەكىللىك سېلىنغان ئۆينىڭ ئىككى بېشىغا تۈۋرۈك قويۇپ، تۈۋرۈكلەرنى تام بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، كارىدۇر شەكىللەندۈرۈپ، ئۆينىڭ ئالدىدىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى، تېخى ھويلىسىغا ئۈزۈم، چىلان تىكىپ، گۈل- گىياھ تېرىغانلىقىنى كۆرۈپ ، خوشال بولغان ھالدا، ئالىم ياسىننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:- سىز ھويلىڭىزغا تىككەن بۇ مېۋىلىك كۆچەتلەرنى ئوبدان پەرۋىش قىلىڭ ، پۇرسەت بولسىلا مەن چوقۇم يەنە مارالبېشىغا، بولۇپمۇ ‹‹ قۇياش نۇرى›› ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ ، سىزنىڭ مېۋىلىرىڭىزگە ئېغىز تېگىمەن،- دېدى. ئالىم ياسىن خوشال بولغان ھالدا:- مەن چوقۇم مېۋىلىك كۆچەتلىرىمنى ئوبدان پەرۋىش قىلىپ ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىمەن، سىلەرنىڭ مول- ھوسۇلغا تولغان ئالتۇن كۈز پەسلىدە يەنە بىر قېتىم يۇرتىمىزغا كېلىپ كېتىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، ھازىر بۇ ئولتۇراق رايونغا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار نامرات پارتىيە ئەزالىرى، ‹‹ ئۈچ پىشقەدەم›› لەر، نامرات ئائىلىلەر ئارقا- ئارقىدىن كۆچۈپ كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئائىلىدىكى يېڭى پىلانلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىمەكتە. ![]() سۈرەتتە: جوڭگو ئاممىباپ پەن- تېخنىكا گورۇھى(شىركىتى) نىڭ باش بوغالتىرى جاڭ شىن خەلق قۇرۇلتىيى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىيۇ كاشىڭ بىلەن بىللە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش بويىچە ئۈلگىلىك قۇرۇلۇش‹‹ قوياش نۇرى ›› ئولتۇراق رايونى قۇرۇلۇشى پۈتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن يوپۇق ئاچماقتا ![]() سۈرەتتە : جوڭگو ئاممىباپ پەن- تېخنىكا گورۇھى(شىركىتى) نىڭ باش بوغالتىرى جاڭ شىن،ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى تۆمۈر مۇھەممەت، خەلق قۇرۇلتىيى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مارالبېشى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىيۇ كاشىڭ قاتارلىق ۋىلايەت ، ناھىيە رەھبەرلىرى ئولتۇراق رايونغا ماكانلاشقان دېھقانلارغا ئۆينىڭ ‹‹ ئالتۇن ئاچقۇچ›› ىنى تارقىتىپ بەرمەكتە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
musapir0991
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تۇيۇقسىز كەلگەن ئاپەت ۋە بالا -قازادىن ئاللاھتىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز.........امىن!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
iRuSaLiM
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت سىز گە ناھايتى ياخشى خەۋەركەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
AtTiLA
تەڭرى قامچىسى ئاتتىلا
| بۇ پۇلارغا بىرەر ئارال سىتىۋالسىمۇ يىتىپ ئىشىپ قالار
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kaldi_katti
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بېيىپ كىتىدىغان بولدى-دە ئۇلار....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
روفىنە
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇيەردىمۇ كۆندىلىك يىڭى ئۇچۇر بار كەن سىزمۇ كىرىپ كۆرۇپ بىقىڭ سىزمۇ پايدىنىلىۋىرىڭ : www.uqur.la
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
abdirim8589
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بىزنىڭ ئۇيغۇر ناخشىچىلىرىمىز مۇ خىلى كوپ پۇل ئىئانە قىلدى،لىكىن يىراق يىزىدىكى دىھقانلارغا ھەرگىز ھەقسىز ئويۇن قويۇپ بەرمەيدۇئۇلار .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
بانكىر
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | زامانىۋى تىلەمچىلەر .. .. .. .. .. . .. .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
tulpar1
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاپەتتىن تېزراق قۇتۇلغاي
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
PACO
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئىشقىلىپ ئۇلار ئۇ پۇللارنى ھەرگىز تولۇق تاپشۇرمايدۇ~!~!~!~!~!~!~!~!!~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |