بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ


سىز بۇ تېمىنىڭ 474ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسىغا نېمە ئۈچۈن ئېتىبار بېرىلمەيدۇ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
...yasir

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 31302
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە71دانە
شۆھرەت: 117 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 758 سوم
تۆھپە: 18 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-31
ئاخىرقى :2008-06-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسىغا نېمە ئۈچۈن ئېتىبار بېرىلمەيدۇ؟

ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسىغا نېمە ئۈچۈن ئېتىبار بېرىلمەيدۇ؟


‹‹ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسىدىكى بەلگىلىمىدە ئېتىبار بېرىش ئېنىق يېزىلغان تۇرسا، نىمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئورۇن بۇنى ئىجرا قىلمايدۇ؟›› ئۈرۈمچى شەھىرى كازىۋەن 5 – بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىركىتىدىن پېنسىيىگە چىققان ئىشچى يې ئۇستام بىلەن يەنە بىر ياشانغان ئۇستام 11 – ئاپرېل گېزىتخانىمىزنىڭ قىزىق لېنىيە قوبۇلخانىسىغا كېلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلدى.

ئەسلىدە بۇ ئىككى ياشانغان كىشى 11 – ئاپرېل ۋوگزالدا ئىشىنى بېجىرىپ بولۇپ، ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولغان. ئىككىيلەن ئۈچ- تۆت ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرىپ، ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسىنى كۆرسەتسىمۇ ئېتىبارغا ئېرىشەلمىگەن، ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ھەق ئېلىش ئورنىدىكى كىشى ئېنىق قىلىپ: ‹‹سىلەردىن ھەق ئالمىسام، مېنىڭدىن ئېلىنىدىغان تۈرلۈك ھەقلەرنى قانداق تاپشۇرىمەن؟›› دېگەن. يې ئۇستام:
—‹‹ھۆكۈمەت«ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسى» بولسا ھەقسىز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان تۇرسا، بىز بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىساق قانداق بولىدۇ؟››، ‹‹ئەسلىدە ھاجەتخانىغا تۆلەيدىغان نەچچە موچەن پۇلنى يېنىمىزدىن چىقارساقمۇ بولاتتى، لېكىن بۇ دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەت ياشانغانلارغا بەرگەن ئېتىبار، نىمە ئۈچۈن بىز بۇ ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىمىز دېسەك، باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايمىز؟›› –دېدى ئىككىيلەن ئاچچىقلىنىپ. يەنە بىر لى فامىلىلىك ياشانغان كىشى 11 – ئاپرېل تېلېفون قىلىپ، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرسا، شوپۇرنىڭ يىراقتىن ئۇنى كۆرۈپ توختىماي كېتىپ قالغانلىقى، ئۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتىگە ئەرز قىلسا، شوپۇرنىڭ ئۇنى كۆرمىگەنگە سېلىپ تېنىۋالغانلىقى، ئەتراپىدىكى باشقا ياشانغانلارنىڭمۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بەزى ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ شوپۇرلىرى بېكەتتە ياشانغانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسە، ئاپتوبۇسنى يىراققا ئاپىرىپ توختىتىدىغانلىقى، ياشانغانلار ئاپتوبۇسنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلگىچە ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ كېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

‹‹كېبېي›› مەھەللىسىدىكى دۈەن مۇئەللىم زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسىنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا بېجىرگەنىدىم، لېكىن ئۇنىڭدىكى ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالمىدىم ياكى ئىشلىتەي دېسەم باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدىم››. لى بوۋاي مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسىنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا ئىشلىتىلىش نىسبىتى بىر قەدەر كۆپ بولۇۋاتىدۇ. بەزى شوپۇرلار ياشانغانلارنى كۆرسە ئاپتوبۇسىنى توختاتمايدۇ››. ‹‹قىزىل ئۆكتەبىر›› ئولتۇراق رايونىدىكى ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: ‹‹مەن ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسىنى ئېلىپ دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىشكە بارغانىدىم، دوختۇرخانا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادەتتىكى نومۇر ئېلىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلمىدى، ئۇلار ھەتتا كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە مەخسۇس مۇلازىمەت ئەسلىھەسىمۇ ئورناتماپتۇ››.


مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ 2010 – يىلىغا بارغاندا ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويىدىكەن. ھازىر شىنجاڭ بويىچە 60 ياشتىن ئاشقانلار 1 مىليون 870 مىڭ 600 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %9.16 ىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ ھەر ئون كىشىنىڭ ئىچىدە بىر 60 ياشلىق كىشى بار دېگەنلىك. ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ھوقۇق – مەنپەئەت قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شاۋ باۋجېن مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 124 – نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن، ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسى بارلار ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئاممىۋى قاتناش، مەدەنىيەت – تەنھەرىكەت، داۋالىنىش – ساقلىق ساقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ. شەھەر قۇرۇلۇشى تارماقلىرى ئاممىۋى ھاجەتخانىلار ھۆددىگەرلىرىدىن جەزمەن بەلگىلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى، شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، جەزمەن شەھەر قۇرۇلۇشى تارماقلىرىغا ئەرز قىلىش كېرەك. ئاممىۋى قاتناش شىركەتلىرىمۇ بەلگىلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئايرىم شوپۇرلار يولۇچىلارنى توشۇشنى رەت قىلسا، ئۇلارنى ئاممىۋى قاتناش تارماقلىرىغا ئەرز قىلىش كېرەك››.

ياشانغانلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر توغرىسىدا شاۋ باۋچېن مۇنداق دېدى: ‹‹پۈتۈن جەمئىيەتتە ياشانغانلارغا ھۆرمەت قىلىش، ياشانغانلارنى قەدىرلەش ئەنئەنىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ياشانغانلارغا ياشانغانلار ئېتىبار كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېتىبار سىياسىتىنى تۈزدى، جامائەت پاراۋانلىق مۇلازىمىتى، داۋالىنىش مۇلازىمىتى، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ياشانغانلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى ۋە ئېتىبار قىلدى. بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، بۇ سىياسەتنىڭ ياشانغانلارغا نەپ بېرىدىغان سىياسەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى. ۋەھالەنكى جەمئىيەتتە ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ياشانغانلارنىڭ ئېتىبار كىنىشكىسى ئارقىلىق ئېتىبارغا ئېرىشىشىدىن نارازى بولدى، بۇ پاسسىپ تەسىرنى تۈگىتىشتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش، بولۇپمۇ مۇلازىمەت كەسپىدىكىلەر ياشانغانلارغا ئېتىبار قىلىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ياشانغانلار ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس قىلىشى ياكى يەرلىك ياشانغانلار خىزمىتى تارمىقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەك.››

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

 

___ باشقۇرغۇچى : xabnam تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-21

 

izlax.com
| ۋاقتى : 2008-05-21 11:47 [باش يازما]
~~KAQUR~~

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 31073
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 908
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە908دانە
شۆھرەت: 909 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 799 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :206(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-29
ئاخىرقى :2008-06-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاچۆزلۇكتىن بولغان ئىش  شۇ
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-05-21 14:51 1 -قەۋەت
lirih

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36495
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 91
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
شۆھرەت: 92 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 910 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :152(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-24
ئاخىرقى :2008-05-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ ياشانغانلارمۇ بەك ھەددىدىن ئىشىپ كەتتى . نەدە بىرمو ئەزان بولسا پۈتۈن مەھەللىدىكى ياشانغانلار بىرلىشىپ بىكارلىق ماشىنغا چىقسا شوپۇرنى كىم باقىدۇ ؟ ياشانغانلارنىڭ دەردىنى ياشلار نىمىشقا كۆتۈرگىدەك
بۇلار بۇرۇن زاغرىغا زار بولغان بولسا نىمە بوپتۇ ؟ ھازىر ياشلار نىڭ يۈكى يەڭگىلمۇ ؟ ماشىنغا زار ، بىنا ئۆيگەزار
، مۇقۇم خىزمەتكە زار  ، ھەممە نەرسىگە زارغۇ  . بىزنىڭ ئۇيغۇر بوۋا مومىلىرمىز ئەجەپ كارتا بىجىرمەيدىكەن يا ؟ بۇلار ھۆكىمەتنىڭ بۇ سىياسىتىنى چۈشەنمىگىدەك شۇنچە دۆتمۇ ؟ ياق ياق دۆت ئەمەس بىزنىڭ قەدىرلىك بوۋا مومىلىرىمىز جاھاننىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ رەھىمسىز بولۇپ كىتىۋاتقانلىغىنى ھىسقىلغان شۇڭا ئۇلار ھەقسىز دىن نۇمۇس قىلدۇ ، كىشنىڭ ھەققىدىن قورقىدۇ ، 2 موچەن ئەرزان بولسا تۇخۇم ئالمەن دەپ ئۇنداق ئۆچرەتتە تۇرۋالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار ھالال يەپ قىرغان ھەقىقى ياشانغانلار .
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-05-21 18:52 2 -قەۋەت


 

Time now is:06-06 06:49, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation