>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
2008 Tilek tilaymen  
XabnamBBS -> قانۇندىن ساۋات -> جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 356 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
rewayat0903

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 386
شۆھرەت: 387 نۇمۇر
پۇل: 3860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:52(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى

كىملىك قانۇنى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى

2003 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2003 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ
4- نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)


1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش، قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي پائالىيىتىگە قولايلىق يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق، يېشى 16 گە توشقان جۇڭگو پۇقرالىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ 16 ياشقا توشمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
3- ماددا كىملىكتە مۇنۇلار بولىدۇ: ئىسىم - فامىلىسى، جىنسى، مىللىتى، تۇغۇلغان ۋاقتى، دائىملىق نوپۇسى بار جايدىكى ئادرېسى، پۇقرانىڭ كىملىك نومۇرى، سۈرىتى، كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە بەرگۈچى ئورگان.
پۇقرالارنىڭ كىملىك نومۇرى شۇ پۇقراغىلا خاس بولغان، ئۆمۈرۋايەت ئۆزگەرمەيدىغان سالاھىيەت نومۇرى، ئۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇقرا كىملىك نومۇرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىدۇ.
4 - ماددا كىملىكتە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقى ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان رەقەم، بەلگە قوللىنىلىدۇ.
مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ئاپتونوم ئورگانلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كىملىكتە خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلىدىغان مەزمۇننى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ يېزىقىدىمۇ يېزىشنى ياكى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان يېزىقنى تاللاپ يېزىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
5- ماددا16 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالارنىڭ كىملىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىللىق، 20 يىللىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ. 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغانلارغا 10 يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ؛ 26 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغانلارغا 20 يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ؛ 46 ياشتىن يۇقىرىلارغا ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ.
16 ياشقا توشمىغان پۇقرالاردىن كىملىك ئېلىشنى ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلغانلىرىغا بەش يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ.
6- ماددا كىملىك نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بېكىتىدۇ. كىملىكنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ، بېرىدۇ.
كىملىكنىڭ ئادەم ئوقۇيدىغان ۋە كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان ئالاھىدىلىكى بار، ئادەم ئوقۇيدىغان، كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان مەزمۇن بۇ قانۇننىڭ 3 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تۈرلەر بىلەن چەكلىنىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە خەلق ساقچىلىرى كىملىكنى تەييارلاش، بېرىش، تەكشۈرۈش، تۇتۇپ قېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىپ قالغان پۇقرانىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

2- باب ئىلتىماس قىلىش ۋە بېرىش

7- ماددا پۇقرا كىملىك ئېلىشنى 16 ياشقا توشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
16 ياشقا توشمىغان پۇقراغا كىملىك ئېلىشنى ۋەسىيىسى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدۇ.
8- ماددا كىملىكنى ئاھالىلەر دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بېرىدۇ.

9- ماددا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن ئىچكى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلاشقانلىرى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقانلىرى، شۇنىڭدەك چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلاردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىگە ئۆتۈشى ياكى تەۋەلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى تەستىقلانغانلىرى دائىملىق نوپۇسقا ئالدۇرۇشتا، كىملىك ئېلىشنى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
10- ماددا كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، «كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى تولدۇرۇش، نوپۇس دەپتىرىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
11- ماددا كىملىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقانلار، ئىسىم - فامىلىسىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى كىملىكى كاردىن چىققان پۇقرالار يېڭى كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ كىملىكتىكى تۈرلەر خاتا بولۇپ قالسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، يېڭىسىنى بېرىشى كېرەك. يېڭىسىنى ئالغاندا كونىسىنى قايتۇرۇش شەرت. كىملىكىنى يىتتۈرۈپ قويغانلار قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
16 ياشقا توشمىغان پۇقرالاردىن كىملىكىدە ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بولغانلىرى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ياكى قايتا بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
پۇقرالار دائىملىق نوپۇسىنى يۆتكىگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كىملىكتىكى كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان تۈرگە پۇقرانىڭ دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ئادرېسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇشى ھەمدە شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
12- ماددا پۇقرالار كىملىكنى ئېلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇقرالار «كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە كىملىك بېرىشى كېرەك؛ قاتناش قولايسىز جايلاردا بېجىرىش ۋاقتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، ئەمما ئۇزارتىلغان ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
پۇقرالاردىن كىملىك ئېلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش مەزگىلىدە كىملىككە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىرى ۋاقىتلىق كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

3- باب ئىشلىتىش ۋە تەكشۈرۈش

13 - ماددا پۇقرالاردىن ئالاقىدار پائالىيەتتە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كەلگەنلىرى سالاھىيىتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلاشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
14 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە پۇقرالار سالاھىيىتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلىشى كېرەك:
(1) دائىملىق نوپۇس تىزىمىنى ئۆزگەرتىش؛
(2) ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش؛
(3) نىكاھ تىزىملىتىش، بېقىۋېلىشنى تىزىملىتىش؛
(4) چېگرىدىن چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛
(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سالاھىيىتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلاش زۆرۈرلۈكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كىملىك ئالمىغان پۇقرالاردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى سالاھىيىتىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باشقا يول بىلەن ئىسپاتلىسا بولىدۇ.
15 - ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇققانلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، كىملىك تەكشۈرسە بولىدۇ:
(1) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛
(2) نەق مەيداننى قانۇن بويىچە قامال قىلغاندا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛
(3) جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە نەق مەيداندىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛
(4) قانۇندا سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش زۆرۈر دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالى پەرقلەندۈرۈلۈپ، تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ كىملىكىنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» بويىچە، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىدىغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.
4- باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

16- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:
(1) كىملىكنى يالغان ئىسپات ماتېرىيال بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛
(2) كىملىكنى ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەن، ئۆتۈنگەنلەر؛
(3) باشقىلارنىڭ كىملىكىنى قانۇنسىز تۇتۇپ قالغانلار.
17 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ياكى 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:
(1) باشقىلارنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىۋالغانلار ياكى ئالداپ ئېلىۋالغان كىملىكنى ئىشلەتكەنلەر؛
(2) ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان كىملىكنى سېتىۋالغان، ساتقان، ئىشلەتكەنلەر؛
ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان كىملىك ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان كىملىكنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىۋالىدۇ.
18- ماددا كىملىكنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
بۇ قانۇننىڭ 16 -، 17 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
19 - ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) كىملىك تەييارلاش، بېرىش، تەكشۈرۈش قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل - مال ئۈندۈرۈۋالغان ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛
(2) كىملىك نومۇرىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتكەن ياكى كىملىككە بۇ قانۇننىڭ 3 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تۈردىن باشقا ئۇچۇرنى كىرگۈزگەن ياكى يالغان ئۇچۇرنى قەستەن كىرگۈزگەنلەر؛
(3) كىملىكنى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بەرمىگەنلەر؛
(4) كىملىكنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈپ، تۇتۇپ قېلىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلار؛
(5) كىملىكنى تەييارلاش، بېرىش، تەكشۈرۈش، تۇتۇپ قېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىپ قالغان پۇقرالار شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلار.

5- باب قوشۇمچە پرىنسىپ
20- ماددا پۇقرالار كىملىكنى ئېلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كىملىك ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. كىملىك ھەققى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان ئاھالە، يېزىلاردىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاھالە كىملىكىنى تۇنجى قېتىم ئالغان ۋە ئالماشتۇرغاندا، كىملىك ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار باشقا ئاھالە كىملىكنى تۇنجى قېتىم ئالغان ۋە ئالماشتۇرغاندا، كىملىك ھەققى كېمەيتىپ ئېلىنسا بولىدۇ. كىملىك ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باھا تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالغان كىملىك ھەققى خەزىنىگە تولۇق تاپشۇرۇلىدۇ.
21- ماددا مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىكى ھەربىيلەر، خەلق قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك ئېلىش ۋە بېرىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
22- ماددا بۇ قانۇن 2004 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى نىزامى» غا ئاساسەن ئالغان كىملىك بۇ قانۇن بويىچە ئالماشتۇرۇلغۇچە كۈچكە ئىگە مۇددىتىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كىملىك ئالماشتۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

__ بۇ يازما چىن مودەن تەرىپىدىن تەستىقلاندى.


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

http://www.tf168.cn/p/u/pursat/lmpicture/515661.jpg
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-07 12:48 چوققىغا قايتىش
BOMBAJAN

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 269
شۆھرەت: 270 نۇمۇر
پۇل: 2690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:64(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قانۇندىن تولا نەرسە يوققۇ بىزنىڭ دۆلىتمىزدە.....يىڭى قانۇن چىقسىمۇ كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ ،،.،.،.،.،.،.،.،


ززز
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-07 14:49 چوققىغا قايتىش
hadis



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قانۇن دىگەن پىچاققا ئوخشايدۇ   پىچاق ئوزسىپىنى كەسمەيدۇ ھەقىقەت

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 21:34 چوققىغا قايتىش
karayvz

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ قانۇننى ساقچىخانا خادىملىرى( نۇپۇس بۈلۈمىدىكى) بىر قېتىم ئۇقۇپ قويسا بولغىدەك

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 23:20 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-31 10:10, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije