| |||||||
otyak | ﻣﯧﮭﺮﻯ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎﻡ(ئوتياق)ﻣﯧﮭﺮﻯ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎﻡ ( ﭼﺎﭼﻤﺎ ﺷﯧﺌﯩﺮ) ئﺎﻧﺎﻡ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻧﺎﻡ! ﻣﯧﮭﺮﻯ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎﻡ. ﭘﻪﭘﯩﻠﻪﻳﺪﯗ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﺗﺎﻝ ﻛﻪﻣﭙﯘﺕ ﺗﺎﭘﺴﯩﻤﯘ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺑﯧﺮﻩﺭ دىﻠﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ،ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺷﯩﻜﻪﺭ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎﻡ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ: << ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﻻﻡ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺑﺎﻻﻡ...>> ﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ، ﺑﻪﺯﻩﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ. ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺟﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﻧﭽﯘﻧﻼ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﺋﯧﺘﻪﺭ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، << ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎﻡ، ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺑﺎﻻﻡ>> ﭼﯘﺷﻤﻪﺱ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ << ﺋﯚﮔﻪﻱ >> ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﯩﺪﯨﻦ! ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻯ:يۇسۇپجان سابىر ئوتياق | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Abdiweli1 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى شېئىر ئىكەن ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | شۇنداق ئۆگەي نامى ئۆچمەس تا ئەبەت تىلىمىزدىن ،دىلىمىزدىن .بۇ شۇنداق بىر ھەقىقەت بولۇپ كەتكەن خۇددى مورى باسقاندەك .ئامما شۇ ھەممىسى ئانا ئوخشاش .بالا قەلبىدە ئۆچمەيدىكەن ئۆگەي دىگەن بۇ ئىسىم .رەخمەت ئەجەپ ياخشى يورۇتۇپسىز ئۆگەي نامىنى ئەينەن .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kumush دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۈگۈن جاھاندا تەڭدىشى يوق بىر ئۆگەي ئانىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدىم....
| ||||
---|---|---|---|---|---|
intizar21 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما3قەۋەتتىكىkumushنىڭ2008-05-11 01:02يوللىغان : شۇنداق پەرىشتە سۈپەت مۇشۇنداق ئۆگەي ئانىلار جەميەتتە شۇنچە كۆپ بولسىمۇ يەنىلا ئۆگەيلىك نامىدىن قۇتۇلالمايدىكەن .رەخمەت مەنمۇ شۇنداق تاتلىق بىر ھىكايە ئاڭلىغاندەك بولىۋاتىمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
azap725 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆگەي ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمايدۇ .كۆڭلى ئاق مۇشۇنداق ئۆگەي ئانىلارنىمۇ خۇدا بىلىپ تۇرىدىغاندۇ بەلكىم .رەخمەت سىزگە ئوتياق ياخشى بىر ھىكايە سۆزلەپ بىرىپسىز .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
guzalmkal دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەي..... سىلەر چۇشەنمەيسىلەر بۇنداق ياخشى كۈيۇمچان ئۈگەي ئانىلار 1000ئىچىدىن 1سى چىقىدۇ ..مىنىڭمۇ ئۈگەي ئانام بار ..مىنى كورسىلا چىرايىدىن مۇز ياغىدۇ .. دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئىچى سىسىق ئايال ..ماڭا ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەندە ئا شۇ ھەممە ئىشنى يوق قىلدى ~ مەن ئۇنىڭدىن بىر ئۈمۇر نەپرەتلىنىمەن ..كىيىن چۇقۇم ئۇنىڭغا ئوزەمنى بىر كورسىتىپ قويمىسام ~~ خەپ!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
razwiqik دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىAbdiweli1نىڭ2008-05-11 00:19يوللىغان : | ||||
---|---|---|---|---|---|
HISLAT | شېئىر ىي تىل ئارقىلىق ئۆگەي ئانىنىڭ نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىرىنى تەرىپلەپ ، قېرىنداشلار ئېيتقاندەك بىزنى تەسىرلىك بىر ھېكايە بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپسىز . سىزگە كۆپ تەشەككۈر . پەرىشتە سۈپەت ئۆگەي ئانىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazakat29 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بارلىق ئانىلارلا ئەمەس ،بارلىق ئۆگەي ئانىلارنىڭمۇ بايرىمىغا مۇبارەك!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | ئاش بەرسە سۇيۇق بەردى،
نان بەرسە كۈيۈك بەردى . ئەجەپمۇ يامان ئىكەن ، ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى. بۇ شېىر يۇقۇرقى قوشاققا نېمە دېگەن رۇشەن سېلىشتۇرما-ھە؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
aizizi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆگەي دىيىلگىنى بىلەن ئۆگەي ئانىنىڭمۇ ياخشىسى بولىدۇ؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
گۈليار دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۆز باللىرىغا كۆيۈنگەندىنمۇ بەك كۆيىنىدىغان ئۆگەي ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس ...................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|