ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورى بېكىتىمىز قۇرالغاندىن بۇيان، توردشلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئىھتىياجىنى قامداشنى مەقسەت قىلىپ، بىر قىسىم تور بەت سىستېمىلىرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تارقىتىپ كىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇر تورداشلارنى ھازىر دۇنيا مىقىياسىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىۋاتقان ۋە مۇدا بولىۋاتقان PHP لىق بەت تۈزۈشكە قىزىقتۇرۇش، ئۇلارنى يىتەكلەش، تەربىيلەش، مۇشۇ ئارقىلىق قوشۇن ھاسىل قىلىش ئىدى. ھازىر بۇ مەقسىدىمىز ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز شۇنداقلا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈردۇق.
يېڭى بىكەتلەرنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولدۇق، PHP لىق بەتكە كۆچۈشتە تۈرتكە بولدۇق. نۇرغۇن تورداشلار بىز ھەقسىز تارقاتقان مۇنبەر سىستېمىسى (Discuz5.5) ۋە باش بەت سىستېمىسى (DIY_Page4.0) ئىشلىتىپ يېڭى مەزمۇندىكى، يېڭى ئۇسلۇبتىكى سەر خىل بېكەتلەرنى قۇرۇپ چىقتى، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى قوشۇنىنى زورايتتى، سالمىقىنى ئاشۇردى. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق، مەقسىدىمىزگە يەتكەندەك بولدۇق، ھاردۇقىمىزمۇ چىقتى. ئۇلارمۇ بىزنى داۋاملىق قوللاپ تۇردى، رىغبەتلەندۈردى. تور يۈزىدە ئوچۇق ئاشكارە ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق رەھمىتىنى ئىيتىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى. بىر قىسىم قوللىغۇچىلىرىمىز بىز ھەقسىز تارقاتقان مۇنبەر سىستېمىسىدىن ئىجابىي پايدىلىنىپ، ئەڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلەتتى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىدى. بۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ يېڭى نەشىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە تەڭشەش جەريانىدا بىز ھەقسىز تارقاتقان مۇنبەر سىستېمىسىدىن بەلگىلىك ئۇسۇلدا پايدىلانغانلىقىنى ئىيتىشىپ، بىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىيتىپ ئۈلگۈردى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلارغا رەھمىتىمىزنى، ئالىي ئىھتىرامىمىزنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە DIY_Pager5.1.0 نى تەرجىمە قىلىپ، تەڭشەپ، سىناق قىلىپ چىقتۇق ۋە بۈگۈندىن باشلاپ ھەقسىز تارقىتىشنى قارار قىلدۇق.
تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بىكىتمىزگە تەنقىدى ۋە ئىلھامىي پىكىرلەرنى بىرىشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
بىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىدىمىز يەنىلا بۇ تەرجىمە يۇمشاق دېتاللىرنى تەھلىل قىلىش، پروگرامما رامكىسىنى تەتقىق قىلىش، ياساش ئۇسلۇبىنى ئىگەللەش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە خاس بولغان، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى ئىپادىلەنگەن باش بەت باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈزۈپ چىقىش. DiyPager باش بەت سىستېمىسى 2005- يىلى 2- ئايدا، مۇشۇ باش بەت سىستېمىسى تۈزگۈچىسىنىڭ، ئۆز تور بېكىتىنىڭ باش بېتىنى تۈزۈش ئېھتىياجى بىلەن ياسالغان بولۇپ، ھازىرغىچە تالاي قېتىملىق ئۆزگەرتىش، ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، نەشىر نۇمۇرى 1.0 دىن باشلىنىپ، ھازىر 5.1.1 گە كەلدى.(DIY_Pager5.1.1 بولسا مۇشۇ يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلىندى)
DiyPager باش بەت سىستېمىسى PHP لىق باش بەت سىستېمىسى بولۇپ، ئاساسلىقى Discuz مۇنبىرى، PHPWind مۇنبىرى قاتارلىق PHP دە تۈزۈلگەن مۇنبەر سىستېمىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدىغان، ئىقتىدارى نىسبەتەن مۇكەممەل، XML قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، مۇنبەر تېمىلىرى ۋە قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان باش بەت سىستېمىسى (يەنى سىز Discuz ۋە PHPWind دىكى خالىغان مەزمۇننى بېكەت باش بېتىدە كۆرسىتەلەيسىز).
بىز بۇ قېتىم يەنە تورداشلارنىڭ EOT ياساشتا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ EOT نىڭ مۇناسىۋەتلىك كودلىرىنى قوشۇپ قويدۇق، سىز پەقەت شۇ كوددىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ نۇسخىسىغا
10 خىل ئۇسلۇب قوشۇلغان بولۇپ، ئىلگىرىكى نۇسخىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆركەم ۋە تېخىمۇ قۇلايلىق.
تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ.
چۈشۈرۈڭ.DIY_Pager توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى يازمىلاردا بولسۇن:
DiY-Page نى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىDIY_Pager4.0 نىڭ ھۆججەتلىرىنى يىشپ چۈشەندۈرۈش 1DIY_Pager4.0 نىڭ ھۆججەتلىرىنى يىشپ چۈشەندۈرۈش 2DIY_Pager4.0 نىڭ ھۆججەتلىرىنى يىشپ چۈشەندۈرۈش 3Discuz ھەققىدە ئومۇمىي بايانDiscuz سالونىPHP دۇنياسى