| |||||||
shakira | مQنىڭ غەيرى رەسمى تەرجىمھالىتورداشلارنىڭ بۇ ئەسىرىمنى كۆرگەندىن كىيىن لۈشۈننىڭ «ئاQ نىڭ غەيرى رەسمى تەرجىمھالى»بىلەن سېلىشتۇرۇپ باھا بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مQ ئورنىدىن تۇرغاندا ئاللىقاچان چۈش بولۇپ بولغان ئىدى.ئۇنىڭ قورسىقى ئاچمىغان بولسا بەلكىم ئويغانماس ئىدى.ئۇ يوتقاندىن چىقىپلا يۈزىنىمۇ يۇيماستىن داستىخان ئىچىدىن بىر پارچە قاتتىق ناننى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى.بىردەم خىيال سۈرۈپ تۇرىۋېتىپ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدى.قۇپقۇرۇق قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ قاراپ،تۇۋاقنى زەردە بىلەن يەرگە ئاتتى.ئاشخانا ئۆيدە خېلىغىچە تىمىسقىلاپ يۈرۈپ يىگۈدەك بىر نەرسە تاپالماي ئىشىكنى جالداقشىتىپ يېپىپ ھويلىغا چىقتى.ئۇ خۇددى بىرىنى ئۇرىۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا چىقىپ ،باغ ئىشىكى ئالدىدا ئۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرغان دادىسىنى كۆرۈپ ياۋاشلاپ قالدى.ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كىرىپ داستىخان قېتىدىن چوڭ بىر پارچە ناننى ئېلىپ،چېلەكتىكى سۇغا تىقىپ ئېلىپلا يىيىشكە باشلىدى.قورسىغى تويغاندىن كىيىن ئۇ نىمە قىلىش توغرىسىدا بىر ئاز ئويلىنىۋېتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.ئۇ كىتىۋېتىپ يىراقتىن قېتىق-قايماقلىرىنى سېتىپ بولۇپ قاچا-قۇچىلىرىنى كۆتۈرۈپ، ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ مېڭىپ كىلىۋاتقان ئانىسىنى كۆرۈپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.ئالدىراپ مېڭىپ ئانىسىنىڭ يېنىغا كىلىپ قولىدىكى قاچىلارنى تارتىپ ئالدى. -پۇل بەر. -پۇل يوق. -ماۋۇلارنى بىكارغا ساتمىغانسەن؟تىز بول ،بولمىسا ماۋۇ قاچىلىرىڭنى پارە-پارە قىلىۋىتىمەن. ئانا ئامالسىز يېنىدىن يىگىرمە يۈەنلىكتىن بىرنى چىقىرىپ تۇتقۇزدى.ئۇ قاچىلارنى يەرگە قويۇپ پۇلنى ئېلىپ ھىجايغىنىچە يولىغا راۋان بولدى.ئانا ئوغلىنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى. ئۇ تىزلا بازارغا كىلىپ بولدى،سامسىخانىغا كىلىپ سامسىدىن ئوننى بۇيرۇتۇپ ،جوزىنىڭ بىر بۇرجىكىگە كىلىپ ئولتۇرۇپ ،مۇلازىم قويۇپ بەرگەن قىززىق چاينى پۈۋلەپ-پۈۋلەپ ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشكە باشلىدى.مۇلازىم تەخسىدە سامسىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن خۇددى بىرى ئۇنىڭدىن سامسا تالىشىدىغاندەك پۈۋلەپمۇ قويماستىن مالاچلىتىپ يىيىشكە باشلىدى.ئۇ ھەممە سامسىنى يەپ بولۇپ كارتتىدە بىرنى كىكىرۋېتىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۆزى ھەر كۈنى زىرىكمەي بارىدىغان مەدىكارلار بازىرىغا قاراپ ماڭدى.مەدىكارلار بازىرى نۇرغۇن ئىشسىز ئەرلەر توپلانغان بىر دوقمۇش بۇلۇپ،ئۇلار ھەر كۈنى شۇ يەردە ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ ياللىشىنى كۈتۈشۈپ ئولتۇراتتى.كۈندە تاپقان پۇلى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قورسىقىغا ئارانلا يىتەتتى .ئىش بولمىسا بىر توپ بىرتوپتىن بولۇشۇپ قارتا ئوينىشاتتى ياكى جاھاننىڭ تۈگىمەس غەيۋەتلىرىگە چۈشۈپ كىتەتتى.ئۇنىڭ مەدىكارلار بازىرىغا بېرىشتىكى مەقسىدى پاراڭ سېلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش بولۇپ بىرەر قېتىممۇ ئىشلەپ ئۆيىگە بىرەر موچەن كۆتۈرۈپ كىرىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ مەدىكارلار بازىرىغا بارغاندا چۈشتىن كىيىن بولۇپ قالغاچقا ياللىنالىغانلىرى قېلىپ قالغان يىگىرمە نەچچە ئادەم يۇمىلاق بولۇپ كونا ئادىتى بويىچە تۈگىمەس پاراڭغا چۈشۈپ كىتىشكەن ئىدى.ئۇ كىلىشىگە تەرەپ-تەرەپتىن ئۇنىڭغا چاقچاقلار يېغىپ كەتتى. -ئەمدى چىقتىڭلىما يوتقاندىن؟ھېلىمۇ بويتاق،خوتۇنۇڭلا بولغان بولسا ئىش باركەنتۇق سىلىگە. -خوتۇنى بولغان بولسا خوراز چىللىماستىلا كۆتىگە تىپەر ئىدى «چىقىپ پۇل تاپ دەپ». -ئەمدى سەت تۇرىدۇ جۇمۇ،تۈزۈك ئىش قىلىڭلا تۈزۈك.ئوتتۇزغا كىردىڭلار،يەنە مۇشۇنداق يۈرسەڭلار سىلىگە تەگكۈدەك خوتۇن چىقمايدۇ جۇمۇ. -خوتۇن چىقمايدۇ؟كىم دەيدۇ؟مەن ئالاي دىسەم تىگەر شۇ خوتۇنمۇ.ماڭا يارىغۇدەك خوتۇن يوق تۇرسا تېخى. -پاھ-پاھ،تەلىۋىڭلار قاتتىق يۇقىرىمۇ نىمە،سادامنىڭ قىزىنى ئالاي دىگەنمۇ يە؟ -سادامنىڭ قىزى يوق دەۋاتسا شۇ. گۈررىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. -مەن ئالسام بارغۇ،داشۆسىڭ،بەش ۋاق نامازدىن قالمايدىغان،پۇلى جېق،خىزمىتى بار،ھىچبولمىسا دادىسى باشلىق خوتۇن ئالىمەن.ھەر قايسىڭغا ئوخشاش بىكار تەلەت خوتۇن ئالمايمەن مەن. -ئۆزەڭلا ئىسمىڭلىنىمۇ يازالمايسىلە تېخى داشۆسىڭدىن چۈشىسىلەر،ھېيىت نامىزىدىمۇ كۆرمەيمىز سىلىنى تېخى بەش ۋاق ناماز ئۆتەيدىغىنىدىن چۈشىسىلەر،قولۇڭلىدىن پوق كەلمەيدۇ،خىزمىتى بارنى ئالىسىلەر.سىلىگە بارغۇ تىگىدىغانغا بىر ساراڭ خوتۇن چىقسىمۇ شۈكرى دەڭلا.چوپچوڭ ئەر كىشى تۇرۇپ تېخىچە ئاتا-ئاناڭلا باقسا نومۇس قىلمامسىلە؟ -ئىششىڭنى قىلە قەلەندەر،سىنىڭ ماڭا كاپشىيدىغانغا نىمە سالايىتىڭ بار؟ئۆزەڭ قانچىلىك نىمىتىڭ؟بىر يارىماس مەدىكار.ئاتا-ئانام باققانغا رازى،ساڭا نىمە دو كەتتى؟ -مەن مەدىكار ئەمما سەندەك يارىماس ئەمەس.ھىچبولمىسا كۈچۈمگە تاينىپ چوڭلارنى ،خوتۇن-باللىنى باقىمەن.سەنچۇ؟ھۇ نۇمۇس قىلمايدىغان.سەندەك ئاتا-ئانىسى باشقۇرالمىغان نىمىنىڭ بىر ئەدىپىنى بېرىپ قويايلى. بىر نەچچە مەدىكار گۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇشقا باشلىدى.بىر نەچچەيلەن ئاجىرتىۋالدى.ئۇ ئىنجىقلاپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ«ھۇ قەلەندەرلەر،قاراپ تۇرۇش،ھامان بىر كۈنى ھەممىڭنىڭ ئەدىپىنى بېرىمەن»دىگىنىچە كىتىپ قالدى.ئۇ ماڭغىچە ئىچىدە غوتۇلدايتى؛«ھۇ قەلەندەرلەر،تېخى مىنى ئۇ بۇ دىيىشىپ كەتكىنىنى ،ئۆزىنىڭ ئەپتىگە قارىماي.بولدى،بۇنداق قەلەندەرلەر بىلەن تەڭ بولغىچە بېرىپ ھارىقىمنى ئىچەي.خەپ بۇيەرگە ئىككىنجى دەسسىمەسمىنا.قاراپ تۇرۇش،ھاكىمنىڭ قىزىنى ئېلىپ ھەر قايسىڭنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام».ئۇ بىر پۇتىنى سۆرىگىنىچە يول بويىدىكى قاۋاققا كىرىپ كەتتى. ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-10
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
PARUKJIAN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى يېزىپسىز`````
``` | ||||
---|---|---|---|---|---|
bakaqi720 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ۋاي `~~~~~~~~~~ ھازىرقى جەمىيتىمىز نىڭ ئۆزىكەنغۈ!!!!!!!!!!!!!!11
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
razwiqik دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | ۋاي `~~~~~~~~~~ ھازىرقى جەمىيتىمىز نىڭ ئۆزىكەنغۈ!!!!!!!!!!!!!!11
| ||||
---|---|---|---|---|---|
bityon | ھورۇنلارغا تاياق بۇپتۇ بۇ يازمىڭىز . ....................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
XAMXAR598 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى يېزىپسىز`````````````````
| ||||
---|---|---|---|---|---|
DINURAY دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى
| ||||
---|---|---|---|---|---|