| |||||||
naprat517 ئۇيغۇر ئوغلى | (نەپرەت517) بىزدىن قاچماڭ،تىللىماڭ.بۇ تىمىنى بىر توردۇشۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ............مۇنبەرگە يوللىدىم...............!!!!!!!!
ماڭا ئوخشاش ئەيدىس ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان دوستلارغا ھىسداشلىغىمنى بۈلدۈرىمەن. ئاللاغا مىڭ شۈكرى،ھازىرغىچە تىنىمدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولماي سالامەت تۇرۇپتىمەن.يۇقۇملانغانلىق ئۇختۇرۇش قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ،قاچان بىرەر يىرىمدىن مەرەز تىشىپ چىقاركىن دەپ قورقۇپلا يۈرۈۋاتىمەن.باشقىلارغا يۇختۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن توي قىلىش تۈگۈل باشقىلار بىلەن يېقىن ئارلىقتا پاراڭلىشىشقىمۇ جۈرەت يوق.تىلەمچىلەرنىڭ قىيىنچىلىغى بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ قېنى شۇنچىلىك پاك،بىراق مىنىڭچۇ؟.. بىر قىسىم تورداشلانىڭ مۇنبەردە يۇقۇملانغۇچىلارنى ئەڭ سەت تىللار بىلەن تىللاشلىرى،،،بۇلارنى ئويلىسام ياشاشتىن ئۈمۈدۈم ئۈزلۈدۇ.بىراق نىمىلا بولمىسۇن مەن ئاز تۇلا ئۇقۇغان ئادەم،بۇ كىسەللىككە قارتا ئاشكارە پايدىلنىش ماتىريالى ئىزلىگىلى بولماسلىق،باشقىلارغا ئۇچۇق چۈشەندۈرگىلى بولماسلىق،داۋالىناي دىسە بىر كۇمۇلاچ دورا تاپقىلى بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئۈزەمنى نابۇت قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىگىنى بىلىمەن.شۇڭا مۇشۇ تىمام ئارقىلىق ماڭا ئوخشاشتىكى دوستلار بىلەن بۇ كىسەللىككە قارتا روھى بېسىمغا قانداق بەرداشلىق بىرىش،قانداق كۈتۈنۈش،قانداق ياشاش،بىر بىرىمىزگە تەسەللى بىرىش توغرىسىدا ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. يۇقۇملانغۇچى دوستلۇرۇمنىڭ ئۈزىنى تۈگەشتۈرىۋالماستىن ساغلام روھى ھالىتىنى ساقلاپ ،ياخشى ئۇزۇقلىنىش بىلەن چېنىقىشنى ماسلاشتۇرۇپ زىيانلىق بۇيۇملاردىن تاماكا،ھاراقنى ئىستىمال قىلماي خۇداغا ئىبادەت قىلىپ،ناماز ئۇقۇپ،ھاياتلىققا ئۈمۈت بىلەن قارىشىنى،ساغلام دوستلارنىڭمۇ ئۆزىگە پۇختا بۇلۇپ يۇقۇملۇنۇپ قالماسلىغىنى ،بىزدەكلەرنى كەمسىتمەسلىگىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مۇنبەر يۈزىدە دوستلۇشۇشنى ،پاراڭلىشىشنى ئەپسىز كۆرگەنلەرنىڭ ئۇچۇر يولىشىنى قارشى ئالىمەن.تىمامنى باشقا مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويساڭلا پىكرىم يوق.ھۆرمەت بىلەن:نەيھاسىن ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-10
| ||||
---|---|---|---|---|---|
yigana2 ئاجايىپ | رەھمەت..بۇنى بىزگە يەتكۈزگىنڭىزگە...
بىز بۇلارغا ھىسداشلىق قىلىمىز.... ھەرگىز قاچمايمىز..كەمسىتمەيمىز... بۇلارغا دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىنى بىلدۈرمىز.... بۇرۇنمۇ مۇشۇ بۇنبەردە بىر سى بولىدىغان ئەيدىس بولۇپ قېلىپ بۇ كىسەل توغرالىق مەسلەھەت بېرىدسىغان بۇ خانىممۇ يوقاپ كەتتى..ئۇچراتساڭلار دەپ قويۇڭلار ئۆزىنى كۆپرەك ئاسىرىسۇن..ئۆزىنى تاشلىۋەتمىسۇن... | ||||
---|---|---|---|---|---|
suwadan | بولۇپمۇ ياخشى يىرى ، بۇ دوستىڭىز كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى قانداق كۈتۈشنى، قانداق روھىي ھالەتنى ساقلاشنى بىلىدىكەن، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئەڭ شىپالىق دورا.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Naikon.x | توغرا يولدا ماڭسا ، مېنىڭچە بۇ كېسەل بىزدىن يىراق ( تاسادىبىلىقنى ھېساپقا ئالمىغاندا )
ھەمىمىزنىڭ ئامانلىغىنى تىلەيمەن ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئاللاھ تاللادىن ھەمىمىزنىڭ ئامانلىغىنى تىلەيمەن
| ||||
---|---|---|---|---|---|
imran1979 ئىمران1979 | توۋەندىكىسى يۇقىرىقى ماقالىنى دىيارىمغا يازغۇچىنىڭ يەنە بىر يازمىسىكەن،كورۇپ قويۇڭلار:
ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار،مەن ئۈزى ساق ئەمما نۇرغۇن ھۈجەيرىلىرى ئاستا ئاستا ئۈلۈشكە باشلىغان،پات يېقىندا تەلتۈكۈس ئۈلۈدىغان دوستۇڭلا karleg315 بۇلىمەن. مەن مۇنبەرگە <<بىزدىن قاچماڭ،تىللىماڭ>>ماۋزۇسىدا تىما يوللىغاندىن كىيىن،نۇرغۇن ساغلام دوستلارنىڭ سەمىمى ھىسداشلىقىغا،مەن بىلەن ئوخشاشتىكى ۋە باشقا ئېغىر ساقايماس كىسەلگە مۇپتىلا بولغان تورداشلارنىڭ دوستلۇقىغا ئىرىشتىم. شۇنۇڭغا ھەيران بولدۇمكى،بارلىق بىمار دوستلار تۇلۇمۇ غەمكىن،چۈشكۈن بۇلۇپ بالدۇر ئۈلۈپ كىتىشىدىن بەكمۇ قورقىۋىتىپتۇ.يەنە بەزىسى ئۆزىنى ئىتراپ قىلماي،روھى جەھەتتە سىقىلىپ،بەكمۇ جىدىلىشىپ ياشاپ كىلىۋىتىپتۇ. مىنىڭچە بۇنداق ئارتۇقچە غەم ئەندىشە ئىچىدە ياشاش بىزنى تېخىمۇ بالدۇر تۈگەشتۈرىۋىتىدۇ،دەپ قارايمەن.شۇڭا مەزكۈر تىمام ئارقىلىق ئۈزۈمىزگە مەلۇم تەسەللى تېپىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بىز مەيلى قايسى يولدىن يۇقۇملانغان بۇلايلى،بىز بەرەبىر يۇقۇملۇنۇپ بولدۇق.بۇنۇڭغا تەن بىرەيلى،رىاللىقنى قۇبۇل قىلايلى.بىز ساق بولغان تەقدىردىمۇ،جەمىيىتىمىزگە،يۇرتۇمىزغا،مىللىتىمىزگە نىمە ئىشلارنى قىلىپ بىرەلىگەن،ئەمدى يۇقۇملاندۇق تېخىمۇ قىلىپ بىرەلمەيمىز.پەقەت مىللىتىمىزگە يۈك بۇلۇپ قالىمىز خالاس.نىمىشقا دەمسىز،چۈنكى بىز چوڭ ئىشلاردىن ھىچقايسىسىنى قىلالمايمىز.سىز ساقىيىمەن ،قىلالايمەن دەمسىز؟ئۇنداقتا قۇلاق سېلىڭ. بىر يىللىق داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن تۆت بەش يۈزمىڭ يۈەن تەييارلىيالامسىز؟ئەجىبا باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ داۋاملىق يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالامسىز؟ساۋاپلىق تېپىش ئۈچۈن بىرەر ئەزايىڭىزنى باشقا بىمارلاغا ھەدىيە قىلالامسىز؟ياق،سىز بىزنىڭ بارلىق ئەزايىمىز كارغا كەلمەيدۇ.ئۇنداقتا خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى مىللى كارخانا شىركەتلىرىمىزنى قولاپ،ھۈكۈمەت مالىيىسىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ ،تەرەققى قىلدۇرۇپ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالامسىز؟ ئاچا سىڭىللىرىمىزنى يات ئۆلكىگە پۇل تېپىپ كىلىشكە يولغا سالماي،نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرالامسىز؟ رايۇنىمىزدىكى بىر لىتىر تەبىى گازنىڭ باھاسى 2.56يۈەننى ،يۆتكەپ كىتىلگەن رايۇنلاردىكى سېتىلىش باھاسى 2.50يۈەنگە چۈشۈرەلەمسىز؟ تەكلىماكان چۆللىكىمىزدە بۇندىن كىيىن يادرو سىنىقى ئەپ بېرىلماسلىقىغا،خەلىقاراغا داڭلىق قەۋرىستانلىقىغا ئايلانماسلىقىغا،قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆپكە زىققا كىسىلى ...بىلەن ئۈلۈپ تۈگۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالامسىز؟ بارلىق ئىشسىزلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان قىلدۇرالامسىز؟ : پۇل تېپىپ كىراكەشلىك قىلىمەن دىگەنلەرگە،نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ رەسمىيەت ھەققىنى تۈۋەنلىتىپ بىرەلەمسىز؟ قاشتېشى سېتىپ بېيىغان ئەزىمەتلىرىمىز،مەسچىت سېلىپ بىرەيلى دىسە،شەرتسىز رەسمىيەت بىجىرىپ بىرەلەمسىز؟بىرەر تەنتەربىيە تۈرىدە تاللىنىپ ئولۇمپىكقا قاتنىشىپ،مىللىتىمىزنى تۇنۇتالامسىز؟ بىرەر قانۇن ماقۇللاپ،شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارخانا،مەيخانا،ئىشرەتخانىلارنى تاقاتتۇرۋىتەلەمسىز؟ قارماي نىفىتچىلىگىدىكى سىرتتىن كىلىپ ئون، يىگىرمە مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئېلىپ ئىشلىگەنلەرنىمۇ يول سۈپۈرۈپ بېقىشقا،رايۇنىمىزدىكى نىفىت خىمىيە ساناەت مەكتەپلىرىنى ئۇقۇپ ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قۇيالامسىز؟ . ئامرىكا،ياپۇنيە....قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەنجىتمەي،سىلىق سىپايە سۆزلەپ قايىل قىلپ،تەيۋەننى بىر پاي ئوق چىقارماي دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بىرەلەمسىز؟ دالايلاما بىلەن رابىيە قادىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ،ئىككىڭلا ئىككى مىللەت،ئىككى خىل دىندىكىلەر تۇرساڭلا،نىمە دەپ بىرگە رەسىمگە چۈشۈپ ،خەلىقارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ ،قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماقچى بۇلىسىلەر،بۇنداق قىلساڭلا بولغۇلۇق يەنىلا بىزلەرگە بۇلۇدۇ دەپ تۇسۇيالايسىلەر؟ يۇقاردىكىلەر بىز قىلاممايدىغان قىلىشقا ساقلامۇ جۇرەت قىلاممايدىغان ئىشلار. ئۇنداقتا بىز نىمىنى قىلالايمىز؟بىز پەقەت ھالال كۈچۈمىزگە تايىنىپ نان تېپىپ يەپ قۇسۇغىمىزنى تويغۇزالايمىز.ئاكا مىللەت ياچىيكا ،پارتىكۇم شۇجىلىرىنىڭ قول ئاستىدا تنىمسىز ،مىھنەتلىك ئىشلەپ،بىر بىرىمىزنى ئورىغا ئىتتىرىشىپ ...ياشىيالايمىز.يەنە بىز يايلاق تاغلاردا چارۋا باقالايمىز.دىھقانچىلىق قىلالايمىز،بىر ئايدا ئىككى قېتىم مەشرەپ ئويناپ كۆڭلىمىزنى خوش ئىتەلەيمىز،.......لىكىن مەڭگۈ،مەڭگۈ ساقىيالمايمىز.بۇنداق ئاددى زىرىكىشلىك،جاپالىق، ئىشلارنى قىلغۇچە،چوڭ ئىشلارنى قىلالمىغاندىن دەپ،باشقىلارنى قەستەن يۇقۇملاندۇرساق بولماس. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك،قەپ قالغان ئۆمرۈمىزنى خۇداغا ئىبادەت قىلىپ،ئۈزۈمىزنى خۇشال تۇتۇپ،كۈننىڭ سېرىقىنى كۈرەلىگىنىمىزگە شۈكرى قىلىپ،بېشىمىزغا ئۈلۈم كەلگەندە قۇبۇل قىلىشىمىز كىرەك.شۇڭا دەيمەنكى مىللىتىمنىڭ كىيىنكى زارىنى كۆرمەي بالدۇر ئۆلمەكچى بولغۇنۇمدىن خۇشالمەن. ھۆرمەت بىلەن:karleg315 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
umak77 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە سىز روھى-ھالىتىڭىزنى ىخۇشال تۇتسىڭىز ،ئۆزىىڭىزنىڭ بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغىنڭىزنى ئۇنتۇپ خۇشال يۈرسىڭىزلا كىسىلىڭىزنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمۈت بار~~~~~
| ||||
---|---|---|---|---|---|
homa دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك،قەپ قالغان ئۆمرۈمىزنى خۇداغا ئىبادەت قىلىپ،ئۈزۈمىزنى خۇشال تۇتۇپ،كۈننىڭ سېرىقىنى كۈرەلىگىنىمىزگە شۈكرى قىلىپ،بېشىمىزغا ئۈلۈم كەلگەندە قۇبۇل قىلىشىمىز كىرەك.شۇڭا دەيمەنكى مىللىتىمنىڭ كىيىنكى زارىنى كۆرمەي بالدۇر ئۆلمەكچى بولغۇنۇمدىن خۇشالمەن. ھۆرمەت بىلەن:karleg315
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ، باشقىچە بىر نەرسىنى ھىس قىلدىم.....يۈرىكىم ئاغرىشقا باشلىدى..... | ||||
---|---|---|---|---|---|
razwiqik دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | رەھمەت..بۇنى بىزگە يەتكۈزگىنڭىزگە...
بىز بۇلارغا ھىسداشلىق قىلىمىز.... ھەرگىز قاچمايمىز..كەمسىتمەيمىز... بۇلارغا دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىنى بىلدۈرمىز.... بۇرۇنمۇ مۇشۇ بۇنبەردە بىر سى بولىدىغان ئەيدىس بولۇپ قېلىپ بۇ كىسەل توغرالىق مەسلەھەت بېرىدسىغان بۇ خانىممۇ | ||||
---|---|---|---|---|---|
bilal502 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەرگىز قاچمايمىز...............كەمسىتمەيمىز.........................
ياخشى روھى ھالەت يىتىلدۈرۈپ ، كىسەلدىن غالىپ كىلىڭلار ........... خۇدايىم كىسىلىڭلارغا شىپالىق بەرسۇن ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|