سىز بۇ تېمىنىڭ 176ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئانىلار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
estighpar

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 410 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :72(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-09
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئانىلار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ؟

                                                          ئانىلار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ؟


    مەن دەۋاتقان راھەت كۆرۈش_ پۇلنى بۇزۇپ-چېچىپ بەتخەجلىك قىلىش ئەمەس،تۇرمۇشنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشمۇ ئەمەس،يەپ-ئىچىشتە بەسلىشىشمۇ ئەمەس،ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەكەببۇرلۇق قىلشمۇ ئەمەس......
    مەن دەۋاتقان راھەت كۆرۈش_ مال-دۇنيادىن غەم قىلمايدىغان ئېسىلزادىلەرچە دۆلەتمەنلىك ئەمەس،تاۋار-دۇردۇنلارغا پۈركەنگەن گۈزەل لاتاپەتمۇ ئەمەس،پۈتۈن دۇنيانى ساياھەت قىلالايدىغان ئەركىن-ئازادىلىكمۇ ئەمەس،ئېسىل نەغمە-ناۋالارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشمۇ ئەمەس......
    مەن دەۋاتقان راھەت كۆرۈش_پەقەتلا ئاشخانىدا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىنى ئۆز ئالدىغا قورۇپ يېيىش.سودا سارايدا مەخسۇس ئۆزى ياقتۇرغان كىيىمىدىن بىر قۇر سېتىۋېلىش.باغچىدا،بالىلىق دەۋرىدىكى يېقىن دوستى بىلەن ھېچقانداق غەم-ئەندىشە قىلماي،توختىماستىن سائىتىگە قاراپ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كەچلىك تامىقى ۋە يېيىپ قويغان كىر-قاتلارنى تېخى ئۆيگە ئەكىرىۋەتمىگەنلىكىنى ئويلىماي،ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش.كىنوخانىدا ھېچقانداق ئىشنى خىيال قىلماي،خاتىرجەم ئولتۇرۇپ،ئۆزى ياقتۇرغان كىنونى كۆرۈش........
    مەن دەۋاتقان ئانىلارنىڭ راھەت كۆرۈشى_پەقەت نورمال ئادەملەرگە مەنسۇپ بولغان ئاڭ ئەقەللىي تۇرمۇش خۇشاللىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش،خالاس.بۇنى نۇرغۇن ئانىلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئاللىقاچان ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنتۇپ كەتكەنلا يېرى بار.
    ئانىلار راھەت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلمامدىغاندۇ؟
    بالىسى يېڭى تۇغۇلغاندا،ئۇلار بالىسىنى بېقىش،سۈتىنى تەييارلاش،كىر-قاتلىرىنى يۇيۇش بىلەن بىكار بولالمايدۇ،بۇنداق چاغدا،ئۇلار ماغزاپ بولۇپ كەتكەن قولىدا پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ:«ھازىر بالام تېخى كىچىك،چوڭ بولغاندىن كېيىن راھەت كۆرۈۋالساممۇ بولىدۇ...»دېيىشىدۇ.
    بالىسى ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇپ،يەسلىگە كىرگۈدەك بولىدۇ.ئانىلار بالىسىنى يېتىلەپ چىقىپ،كۆكتات سېتىۋېلىپ تاماق ئېتىدۇ،يەنە تېخى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىسە بولمايدۇ،شۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ-تىرمىشىدۇ.«ھېچقىسى يوق،بالام مەكتەپكە كىرگەندە،قولۇم بوشايدۇ،شۇ چاغدا راھەت كۆرۈۋالارمەن...»ئانىلار ئۆزىگە شۇنداق تەسەللىي بېرىدۇ،بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يۈزىگە بىلىنەر-بىلىنمەس قورۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ.
    بالىسى ئاخىر مەكتەپكىمۇ كىرىدۇ،ئانىلار ئەكسىچە تېخىمۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.«بالامنى چوقۇم ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلىشىم كېرەك...»ئانىلار شۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە،ئىدارە،ئۆي،مەكتەپ،بازار ۋە ھەرخىل-ھەرياڭزا تەربىيلەش سىنىپلىرىنىڭ ئارىلىقىدا باپكارنىڭ موكىسىدەك يورغىلاپ يۈرىدۇ...
    بالا ۋە ئەر غايەت چوڭ سامانيولى سىستېمىسى،ئانىلار بولسا تۇرغۇن يۇلتۇز!
    يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئانىلارنىڭ تارتقان جاپالىرى ئۇلارنىڭ چېچى ۋە پېشانىلىرىگە ئۆز ئىزناسىنى قالدۇرىدۇ.«مەن قاچانمۇ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ راھەت كۆرەرمەن؟»ئايسىز كېچىدە،ئانىلار سىرقىراپ ئاغرىغان بېلىنى رۇسلاپ ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق سوئال قويىدۇ.«ھىم،چىدىشىم كېرەك،چىدىساملا ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ.بالام چوڭ بولۇپ،ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ياكى خىزمەتكە چىقسا،ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.شۇ چاغدا ياخشىراق راھەت كۆرۈۋالارمەن...»ئانىلار ئۆزىگە مانا مۇشۇنداق ۋەدە قىلىدۇ.
    ۋاقىت ئانىلارنىڭ ھۆسنى ۋە كۈچىنى خورىتىپ،قورۇق ۋە ھارغىنلىقنى ھەدىيە قىلىدۇ.
    بالىسى چوڭ بولۇپ،يىراق-يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ.ئىلگىرىكى تاتلىق ئەسلىمە ۋە خاتىرىلەرلا ئانىغا ھەمراھ بولۇپ قالىدۇ.
    ئانىلار ئېغىر ئۇھ تارتىدۇ،مانا ئەمدى،ئۇلار ئاخىر راھەت كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولدى.ئەپسۇس،ئۇلارنىڭ چىشى بوشاپ كەتكەن،قاتتىق نەرسىلەرنى چاينىيالمايدۇ.كۆزى خىرەلەشكەن،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلالمايدۇ.قۇلىقى ئېغىرلاشقان،يېقىملىق مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ...
    چىقىپ كەتكەن بالىسى يەنە قايتىپ كېلىدۇ،ئۇ ئۆزىدىن تېخىمۇ كىچىك بالىسىنى ئېلىپ كەلگەنىدى.شۇنىڭ بىلەن،ئانىلار توساتتىن ۋاقىت كەينىگە قايتقاندەك ھېس قىلىپ،يەنە ئىلگىرىكىدەك ئايىغى چىقماس ئالدىراشلىققا مەھكۇم بولىدۇ...
    ھېلىقى ھەممىدىن كىچىك بالىنىڭمۇ ئاستا-ئاستا تىلى چىقىدۇ،بىراق  ئۇ«ئاپا»دېمەي،«موما»دەيدۇ...ئانىلار مانا مۇشۇنداق قېرىپ مۈكچىيىدۇ،ئاخىر بىر كۈنى،ئۇلارغا راھەت كۆرۈشنىڭ ئورنى قالمايدۇ.
    ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە،ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالىدۇ_باھارنىڭ ئىللىق كۈنلىرىدە،قىزىل گاز ياغلىقنى چىگىپ،دالىدىكى ياپيېشىل چىملىقتا نەغمىچى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىغاچ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاپتاپ سۇنسام...ئۇ ھەقىقەتەن بىر خىل راھەت كۆرۈش-دە!
    ئانىلار شۇ گەپلەرنى قىلغاچ،مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كېتىدۇ.
    مېنىڭ يۇقىرىقىدەك قايغۇلۇق ۋە ئېچىنىشلىق شەكىل ئارقىلىق ئانىلارنىڭ راھەت كۆرۈش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەرگىنىمنى كەچۈرۈڭلار.
    چۈنكى،مېنىڭچە سانسىزلىغان ئانىلار كىشىلىك دۇنياغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاجايىپ سېخىيلىق بىلەن بەخش ئەتكەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر ئادەمگە تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلىدىكەن_ئۇ،دەل ئۇلارنىڭ ئۆزى...
    ئانىلار،ئۆزۈڭلارنىڭ راھەت كۆرۈشۈڭلارغىمۇ ۋاقىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ قويۇڭلار،ھەرگىز مانا-ئەنە دەپ،ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋەتمەڭلار...


        ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن!!!.............«ئىستىغپار»
     

 

___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-10

 

Uyghurx.com
كەينىڭگە قاراپ باق...
| ۋاقتى : 2008-05-10 21:10 [باش يازما]
anjurguli

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 22927
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 398
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە398دانە
شۆھرەت: 411 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4680 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :38(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-30
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئانىلار ئاسماندىكى ئاي . ئائىلە ئانىلار ئارقىلىق ئاسانلىشىدۇ . ئالىملار ، ئاسپىرانتلار، ئايرۇپىلانلار ئانىلار ئارقىلىق ئاينىيدۇ .  ئالەمنىڭ  ئاچقۇچى - ئانىلاردا . ئانىلار ئادەمنى ئاقىل ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ . ئانىلارغا ئاقسالىق ، ئاقنانلىق ، ئالىقاپلىق ، ئاخماقلىق ئاقمايدۇ . ئانىلار ئادالەتنى ئاقلايدۇ ، ئاداۋەتتە ئاقسايدۇ . ئانىلار ئاقلىغىڭلارنى ئاقلاڭلار ! ئانىلار ئاغرىسا ئاسان ئاجىزلايدۇ . ئاياللارنىڭ ئارتۇقچىلىغى ئارتۇق . ئاياللار  ئازاتلىغىنى ئادالايلى !  ئانىلارنى  ئاسرايلى !!!!!!
ئانىلارغا ئاپىرىن !    اللاھ ، ئانىلارغا  ئامانلىق ، ئاسانلىقنى ئايىمىغايسەن .  ئامىن!!!!!!!!!!!
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-10 21:25 1 -قەۋەت
kaltis0995

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 25972
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 68
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە68دانە
شۆھرەت: 69 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 680 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-21
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاڭ  ھارمىغايسىز كۆپ تەشەككۇر  
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-10 21:31 2 -قەۋەت
@urkax

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 9930
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-21
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

جەننەت ئانىلار نىڭ تاپىنى ئاسىتىدا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!11
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-05-10 22:00 3 -قەۋەت
DINURAY

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 40240
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 330 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-09
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  كۆپ تەشەككۇر !~~ ئانىلارغا ئاپىرىن !
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-05-10 22:04 4 -قەۋەت
majboriyat

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 31482
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-03
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدىم. رەھمەت.
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-05-11 01:57 5 -قەۋەت
aizizi

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 35638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە51دانە
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-16
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

راستىمنى دىسەم مەنمۇ كۆز يېشى قىلغىلى تاس قالدىم ،بۈ ەگۈن ئانىلار بايرىمى مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈندە مۇشۇنداق تەسىرلىك ەسەرنى يازغانلىقىڭىزغا كۆپ ئاپرىن.

نان  بەرگەن تۇز بەرگەن قوينىغا ئالغان،
قەدىردان ئېلىڭنى ئاسراەي پالۋان.
سۈت بەرگەن باغرىغا بېسىپ ئۆستۈرگەن،
ۋاپادار ئاناڭغا ۋاپا قىل ئوغلان .
Uyghurx.com
 
| ۋاقتى : 2008-05-11 08:19 6 -قەۋەت


 

Time now is:05-11 18:29, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation