| |||||||
REYAT51 | توردىكى<رىيات>دىن<< nazakat29>>گە يىزىلغا خەت...... << مەن توردا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەر>>نى
كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم ئالدى بىلەن< دېمىسىمۇ، بۇ ھىكايەدە تەسۋىرلەنگەن مەۋھۇم دۇنيادىكى مۇھاببەت ۋەقەلىكى، نۆۋەتتە ئۇچۇر دەۋرىدە تۇرىۋاتقان، ئىنسانلارنىڭ رىئال تۇرمۇشىدا ئاچە -مۇنچە يۈز بىرىپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ ھەممىمىزگە ئايان. لىكىن، ئۇيغۇر جەمئىيىمىزدە ،مىللىتىمىزنىڭ ئەر-ئايال،قىز-يىگىتلەر ئوتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋىي ئەدەپ-ئەخلاق، ھەم ئۆزىمىزگە خاس شەرمىي-ھايا ۋە دىننىي ئەقىدىلىرىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، غەرىپنىڭ ئەركىن مۇھاببەت نۇقتىينەزىرى بويىچە، چەكلىمىگە ئۇچىرىمايدىغان، ھەم ئاقىۋەتتە پاك مۇھاببىتىگە سادىق بولغان ھالدا ياشاۋاتقان، ۋىژدانلىق ئەر-ئاياللارنىڭ قەلبىنى چىرىكلەشتۈرپ خۇپىيانە ئاشنا دارچىلىققا ئىلىپ بارىدىغان، بۇنداق ئىنسانىي پەزىلىتىنى يوقاتقان، ساختا مۇھاببەت ئېقىمىنىڭ، بىزگە سىڭىپ كىرىپ، خاتىرجەم-بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى ھەممىمىز خالىمايمىز ئەلبەتتە. خوش؛ ئەمدى، نۆۋەتتىكى گىپىمىزگە كەلسەك، يوقارقى ھىكايە ئاپتۇرىنىڭ، يىزىقچىلىق جەھەتتىكى ماھارىتى خىلىلا پىشىپ يىتىلگەنئكەن، بۇنىڭغا قايىلمەن . ئەمما ئانچە-مۇنچە خام يەرلىرىمۇ باردەك تۇرىدۇ. بۇ تەرىپىنى ھەممىمىز چۈشۈنۈپ يىتىشىمىز كىرەككىي، ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر، ھەممىمىز چېن مەسئۇللىيەت تۇيغىمىز بېلەن، بۇ ھىكايە ئۈستىدە ئەستايىدىل، ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزسەك، شۇ تەرىپى ئىنىقكى، ھىكايىدىكى (مەۋھۇم دۇنيادېكى مۇھاببەت)ۋەقەلىكى، قانداقدۇر بېزگە ھەقىقىي چېن سۆيگۈ ئۈستىگە قۇرۇلغان پاك مۇھاببەت ئۈلگىسىنى يارىتىپ بەرمەستىن، ئەكسىنچە، ئۈژمە كۆڭەللىك بىلەن ئېلىپ بىرىلىدىغان، ھەممە ئادەم نەپرەتلىنىدىغان، ئاشنادارچىلىق مۇناسىۋىتىگە يىتەكلەش رولىغا ئىگە، ناپاك ئىددىيە تەرغىپ قىلىنغان. قىنې، ئۇنداقتا، بىز، مەزكۇر ھىكايىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ، مەۋھۇم دۇنيادىكى مۇھاببەت ۋەقەلىكىنىڭ تەرەقىييات جەريانىنى ئەسلەپ كۆرەيلى؛- ھىكايىدىكى ئايال، ۋە ياكىي<قىز>، باشتا توردىكى رىيات بىلەن تونۇشۇپ ھەم كامىرا ئارقىلىق بىر-بىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بۇلۇپ، پاك مۇھاببىتىنى ئەنە شۇ رىياتقا بىغىشلىغان ئىدى. گەرچە <ئۇ ئەر بىر قىتىم توي قىلىپ ئاجراشقان بولسىمۇ>. ئەمما، كىيىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇجەرياندا، ئۇ ئايال رىياتنىڭ ئىشقىدا كۆيۈك ئازابىنى يەتكۈچە تارتتى. ھەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەخمىقانە ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلغانمۇ بولدى. لىكىن توردىكى مەغلۇپ بولغان مۇھاببەتنىڭ ئاچچىق تەمىنى تىتىغان بۇ بىچارە ئەخماق ئايال، ئەقلىنى تاپماستىن، قانداقدۇر بىر تاساددىبىي پۇرسەتتە يەنىلا شۇ تور ئارقىڭىق تايىر بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى. ئۇئايال ئەمدى، تايىرنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمەي تۇرۇپ، بەلكى ئۇنىڭ تور ئارقىلىق ئېۋەتكەن ئاشۇ شىرىن مۇھاببەت سۆيگۈ ئىزھار قىلىنغان ئۇچۇرلىرىغا ئىشىنىپ، باشتا رىياتقا ئاتىۋەتكەن پاك مۇھاببىتىنى ئۈژمە كۆڭەللىك بىلەن ئۇنىڭغا بىغىشلىدى. ھەتتا چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئەنە شۇ تايىر، ئۇنىڭ رىيات ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان ئىشىق ئوتلىرىنېمۇ ئاستا-ئاستا ئۆچرۈپ تاشلىدى.تىخى ئۇنىڭدا تايىر بېلەن تىزرەك كۆرۈشۈش ئشتىياقى قوزغۇلۇپ، ئۇنى قاتتىق ئازاپلىماقتا ئىدى. ئاخىرقى ھىسابدا ئۇ، يەنىلا توردا كامېرا ئارقىلىق تايىر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.شۇنداق، ئۇ، ئۆزىگە قاراپ ئاچچىق مەسخىرە ئارلاش كۈلۈپ تۇرغان تايىرنى ئەمەس، ئەكسىنچە با شتا ئۆزىنىڭ پاك مۇھاببىتىنى ئاتىۋەتكەن رىياتنىڭ نەق ئۆزىنى كۆكردى. ئەپسۇس، ئۇ قەلبىدىكى پاك مۇھاببەت ئىشقىنىڭ توغرا بولماسلىق سەۋەبلىك بىر زامان باشقا-باشقا ئىكىكى ئەرنىڭ نامىنى قوللانغان بىر ئەرگە ئىككى خىل ھىسياتتا مۇھاببىتىنى بىغىشلاپ ئاقىۋەتتە پاك مۇھاببەتنىڭ قاتتىق سىناقلىرىدىن ئۆتەلمەي، مەسخىرىلىك ھالدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئۇنىڭ (تايىر ھەم رىيات)، ئاخىرقى قىتىم ئېۋەتكەن :«بىلىقىز سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ ،سىزنىڭ ئازاپلىرىڭىز مىنىڭ بەخىتسىزلىكىم بىلەن قۇشۇلسا بەخىتلىك بۇلۇپ قالارمىز دىگەن خىيال بىلەن سىزنى سىناپ باقماقچى بولغان ئىدىم ،ئەمما سىز......» دىگەن سۆزىنى تەستە ئوقۇپ تۈگۈتۈپ ،ئاچچىق ئىزتىراپ ۋە نۇمۇس ئىچىدە توردىن چۈشدى. خوش؛ يوقارقى ھىكايىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە قارىساق بىزگە خۇددى ناھايىتىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغاندەك تۇيغا ئاتا قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ ھىكايىگە يىزىلغان ئىنكاسلاردا كۆپلىگەن تورداشلار ئۆز ھىسياتى بويىچە ياخشى باھالارنى بەرگەن. بۇ تەرىپىنى چۈشۈنىشگە بولۇدۇ، چۈنكىي، ھەر ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغىنىدەك. ئەمما، بۇ پەقەتلا بىر تەرەپلىمىلىك ئاددىي كۆز قاراش خالاس. مېنىڭچە توردىكى بۇنداق شاللاق ساختا مۇھاببەت تەسۋىرلەنگەن ھىكايىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئەنە شۇندا ق ساختا مۇھاببەت ئويۇنلىرىنى ئويناۋاتقان ھەم ئۆز ئەقىدىسىگە خىلاپ ھالدا شۇ پەسكەش ئىشلارغا ئىنتىلىۋاتقان بىر قىسىم ئەر-ئاياللارنى قاتتىق چوچۇتۇپ ئۆز ھوشۇنى تىپىۋىلىشقا ئۈندەيدىغان قاباھەتلىك ئاچىق مۇھاببەت تىراگىدىيىسى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا تولۇمۇ مۇۋاپىقىيەتلىق چىققان بولار ئىدى. ئەپسۇس، ئاپتۇر، مەسىلىنىڭ تولىمۇ مۇھىم بولغان مانا بۇ تەرەپلىرىگە سەل قارىغان. شۇڭا، مەن، مەزكۈر ھىكايىنىڭ ئاپتۇرى ھەم يىزىقچىلىق ساھەسىدە تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا ئۆز كۆز قارىشىمنى دىمەكچىمەنكى، بىز مۇشۇ تەرىقىدىكى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغىنىمىزدا چوقۇم بۇ ئەسەرنىڭ جەمئىيىتىمىزگە ئېلىپ كىلىدىغان پايدىلىق ھەم زىيانلىق تەرەپلىرىنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ كۆرۈشىمىز كىرەك. چۈنكىي ھەرقانداق بىر مۇباھاببەت تۈسىنى ئالغان ئەسەرنىڭ سەلبىي تەرىپى گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرسا، ئۇ مۇقەرەر ھالادا جەمئىيەتتىكى بىرقىسىم ئىرادىسىز كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ئىشقىي مۇھاببەتنىڭ ئىزىتقۇ كۇچىلىرىدا گاڭگىراپ يۈرگەن ياشلارغا نىسبەتەن ياخشى تەسىر پەيدا قىلمايدۇ. شۇڭا بىز مۇھاببەت تېمىلىرىنى مۇنبەرگە يوللىشىمىز كىرەك، لىكن، يوللىغاندىمۇ تارىخىمىزدا ئۆتكەن، غىرىپ-سەنەم، پەرھاد-شىرىن ھەم تاھىر-زۆھرەلەردەك، چىن مۇھاببەت سۆيگۈسىنىڭ سىمولى بولغان سۆيگۈ قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ يىزىلغان نادىر ئەسەر لەرنى يارىتىپ يوللىشىمىزكىرەك.ئەنە شۇندىلا ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن، مۇستەھكەم ئرادىلىك بولغان پاك چېن مۇھاببەت تۇيغۇسىنى ئاتا قىلغان بولىمىز. مانا بۇ خەلىق ئالدىدىكى ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلغان مەسئۇللىيەتچان يازغۇچىنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىك خىسلىتىدۇر. ئاخىرىدا بارلىق تورداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم، بىز ، مەيلى مۇشۇ مەزمۇندىكى تېمىلار بولسۇن ۋە ياكىي ھەر- قانداق بىر غەيرى مەزمۇندىكى تېما بولسۇن شۇ تېما ئۈستىدە سوغۇق قانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئىنكاس يازساق، يازغاندىمۇ ( ياخشى يىزىپسىز، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت!)ۋە ياكىي( بۇنىڭدىن كىيىن مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى كۆپرەك يولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن!)دېگەنگە ئوخشاش، داۋاملىق تۈردە تەكرارلىنىۋاتقان بىمەنە سۆزلەر بىلەن مۇنبەر نىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاجىز لاشتۇرۇپ قويمىساق. بىز، ئەنە شۇ ئەھمىيەتلىك دېگەن تېمىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى زادى قايەردە مانا بۇتەرەپلىرىنى تولۇق تونۇپ يەتكەندىنكىيىن ئاندىن ئىنكاسىمىزنى يازساق، بۇنىڭ، مۇنداق ئۈچ تەرەپدىن پايدىسى بار دەپ قارايمەن: 1- ئۆزىمىزنىڭ نەزەر دائىرىمىز كەڭىيىپ، مەسىلىلەرگە قارىتا كۆز قارىشىمىز ئايدىڭلىشىپ ئاڭ-سەۋىيەرىمىز يوقۇرى كۆتۈرىلىدۇ.2- ئەنە شۇ مەزكۇر تېمىنىڭ ئاپتۇرىغا نىسبەتەن رىغبەتلەندۈرۈش رولى زور بولۇپ ،ئۇنىڭ مۇنبەرگە تىخمۇ كۆپ ئەھمىيىتى زور بولغان تېمىلارنى يوللىشىغا تۈرتكۈلىك رول ئوينايدۇ.3- مۇنبەرنىڭ رەڭدارلىقى ئىشىپ، جەلىپ قىلىش كۇچى زورۇيۇپ بارىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى تىزلىشىپ ئابۇنېتلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ نوقتىلارغا ھەممىمىزنىڭ ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارىشىمىز تولۇمۇ زۆرۈر. تورداشلارغا رەھمەت!!! ماقالەمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا، يوقارقى ھىكايىنىڭ تىرىشچان ئىژداھاتلىق ئاپتورى < ھۆرمەتلىك توردىشىم، نازاكەت، بۇندىن كىيىنكى يىزىقچىلىق جەھەتتىكى تەرەققىيياتىڭىزغا زۆر ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! رەھمەت سىزگە.ئامان بولۇڭ!!! ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-10
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
axik029 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھازىر بۇنداق ئىشلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ ~ مەن كۆپ ئاڭلاپمۇ كەتتىم ~ ھەتتا مىنىڭ ياتغىمدىمۇ بار ~ ئۇلار ھازىر مۇ ئارلىشىپ مۇھەببەتلىشىپ ئۆتىۋاتىدۇ ~
ھېكاينىڭ ئاخىرىدا ئۇ ئايال ئۆزى نۇمۇسقا قالدىغۇ ~~ راس ئاپتۇر بۇنى يېزىش ئارىقىلىق نىمە دىمەكچى ؟ شۇ ئاشۇنداقلارغا رەددىيە بەرمەكچىغۇ شۇ ~~~ | ||||
---|---|---|---|---|---|
axik029 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | سىزنىڭ دىگىنىڭىزمۇ توغرا ئەۋەتسە ئاشۇنداق تارىخىمىزدا ئۆتكەن، غىرىپ-سەنەم، پەرھاد-شىرىن ھەم تاھىر-زۆھرەلەردەك، چىن مۇھاببەت سۆيگۈسىنىڭ سىمولى بولغان سۆيگۈ قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ يىزىلغان نادىر ئەسەر لەرنى يارىتىپ يوللىشىمىزكىرەك !!
لىكىن سىز مۇ ئويلاپ بېقىڭ ؟؟ ھازىر شۇنداقلارنى نەدىن تاپارمىز ~~ بىز ھازىر مۇشۇ تىملارنى يېزىپ ئاشۇنداق مۇھەببەتنى يوقاتقانلارغا رەددىيە بەرمىسەك بولمىدى شۇ ~~` چۇشۇنىڭ ~~ | ||||
---|---|---|---|---|---|
Naikon.x | مېنىڭچە توردىكى بۇنداق شاللاق
ساختا مۇھاببەت تەسۋىرلەنگەن ھىكايىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئەنە شۇندا ق ساختا مۇھاببەت ئويۇنلىرىنى ئويناۋاتقان ھەم ئۆز ئەقىدىسىگە خىلاپ ھالدا شۇ پەسكەش ئىشلارغا ئىنتىلىۋاتقان بىر قىسىم ئەر-ئاياللارنى قاتتىق چوچۇتۇپ ئۆز ھوشۇنى تىپىۋىلىشقا ئۈندەيدىغان قاباھەتلىك ئاچىق مۇھاببەت تىراگىدىيىسى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا تولۇمۇ مۇۋاپىقىيەتلىق چىققان بولار ئىدى. ئەپسۇس، ئاپتۇر، مەسىلىنىڭ تولىمۇ مۇھىم بولغان مانا بۇ تەرەپلىرىگە سەل قارىغان. بۇ گەپنى ناھايتى توغرا دەپسىز ، مەنمۇ بۇ ھىكايننى ئوقۇغىنىمدا ئاخىرىنى سىز دېگەندەك پەرەز قىلغان لېكىن ئاخىرى تازا ياخشى چۈشمىگەندەك بولۇپ قالغان ... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجابى پىكىرلار ئىكەن ، بۇندىن كېيىن شەبنەمدە سىزدەك ئوبزورچىلارنىڭ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرىغا قويۇپ تورۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazakat29 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | REYAT51 :
بەرگەن قىممەتلىك پىكرىڭىزگە كۆپ رەخمەت! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
【DILNUR】 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | كىشىلەرنىڭ كۆز قارشى ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە~!بەلكىم ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى سۇنۇش مەخسىتى سەل سىز ئويلىغاندەك شۇ ساختا سۆيگۇنى ئۆز پىرسوناژ رولىدا ئىلىپ تەنقىد قىلماقچىدۇ~!
گەپ ئەمدى شۇ ئەسەرنى كۆرگۈچىنىڭ ئۆز چۈشىنىشىدە قالدى~!سىزنىڭ دىگىنىڭىزنىمۇ خاتا دىمەيمەن~لىكىن مەن شۇ ئەسەرنى ئەڭ سەمىمى ۋە ئوچۇقلا يىزىپ ھازىرقى شۇنداق مۇھەببەت قاينىمىدا ئۆزىنى قانداقتۇر ئايىقى چىقماس ساختا مۇھەببەت قاينىمىغا ئاتا قىلىۋاتقان شۇ قىز-يىگىتلەرگە بىرىلگەن بىر ساۋاق دەپ قارايمەن! | ||||
---|---|---|---|---|---|
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | :«بىلىقىز سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ ،سىزنىڭ ئازاپلىرىڭىز مىنىڭ بەخىتسىزلىكىم بىلەن قۇشۇلسا بەخىتلىك بۇلۇپ قالارمىز دىگەن خىيال بىلەن سىزنى سىناپ باقماقچى بولغان ئىدىم ،ئەمما سىز......» دىگەن سۆزىنى تەستە ئوقۇپ تۈگۈتۈپ ،ئاچچىق ئىزتىراپ ۋە نۇمۇس ئىچىدە توردىن چۈشدى.
__________________________________________________ بۇ قىزنىڭ ئۆز ئىشىدىن نۇمۇس قىلغانلىقى بۇ ھېكايىنىڭ تىراگىدىيەسى ھىساپلانمامدۇ؟ئەگەر :«ئاپلا ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ،ئەسلى مەن رىياتنى ياخشى كۆرەتتىم،سىزنىڭ رىيات بولۇپ چىقىپ قېلىشىڭىز مېنى خۇشال قىلدى...»دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان بولسا بۇ قىزنىڭ ھەقىقەتەن شاللاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى،لېكىن قىز رىياتنى ئىككىنچى قېتىم كۆرگەندە ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن نومۇس قىلغان.مانا بۇ توردا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش. بۇ ئوبزۇرمۇ ياخشى چىقىپتۇ.مانا مۇشۇنداق ماقالىلەر بىلەن ئۆزىمىزدىكى مەسلىلەرنى مۇلاھىزە قىلساق ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشىپ كىتەلەيمىز ھەم تور دۇنياسىدىن توغرا پايدىلىنالايمىز.رەھمەت سىلەرگە نازاكەت ۋە رىيات . | ||||
---|---|---|---|---|---|
REYAT51 | nazakat29 :
پىكىرىمنى توغرا چۈشۈنىپ سەمىمىييەتلىك بىلەن قۇبۇل كۆرگەنلىكىڭىزگە ئاپىرىن!!! مىنڭ باشقا غەرىزىم يوق. ياكىي، سىزنىڭ يىقچىلىق جەھەتتىكى، ماھارىتىڭىزدىن قۇسۇر تاپماقچىمۇ ئەمەسمەن. تۆلكىي، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق نىشانى، شەبنەمنىڭ تەرەققىيياتى ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرىش بولغانلىقتىن مانا شۇنداق ئۆزەمنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم ، ھىلىمۇ ياخشى سىز بۇنى توغرا چۈشۈنىپسىز ،مانا بۇ سىزدىكى، ھەر-قانداق بىر كىشىنىڭ ئۈگىنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىسىل پەزىلەتتۇر. مەنمۇ سىزنىڭ بۇ تەرىپىڭىزدىن ئۈلگە ئالىمەن، چۈنكىي ھەممىمىز ئۆز-ئارا ئۈگەنگۈچىلەر ئەمەسمۇ ؟ رەھمەت سىزگە!!! | ||||
---|---|---|---|---|---|
homa دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ ئوبزۇر ياخشى يىزىلىپتۇ، شۇنداقتىمۇ مەنمۇ ئۆز كۆز قارىشىمنى سۆزلەپ باقاي.
مىنىڭچىمۇ ھىكايىنىڭ ئۇنداق ئاخىرلاشقىنى بەكمۇ مەغلۇبىيەتلىك ھىسابلانمايدۇ. ئەركزات ئاكاش دىگەندەك، ئۇ قىزنىڭ خىجىل بولۇشى، ھەتتا خىجىللىقتىن ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قىلىشىنى بۇ ھىكايىنىڭ تىراگىدىيىسى دىيىشكە بولىدۇ. پەقەت ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشقان ئىشلا تراگىدىيە ھىسابلانمايدىغۇ؟ ئەگەر بۇ ھىكايىنى باشقىلارغا تىخىمۇ چوڭقۇر ساۋاق قىلىش ياكى قىزنىڭ خاتالىقىنى تېخىمۇ ئىنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئاخىرىنى تىخىمۇ يامان ئاقىۋەت بىلەن چۈشۈرگەن بولساق، بەلكىم سەل زورۇقۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى ياكى ئەمەلىيەتتىن خىلى بەك چەتنەپ كەتكەن بولار ئىدى. ھىكايىدىكى قىز توردىن چۈشكەندىن كىيىن قانداق قىلىدۇ؟ (مىنىڭچە داۋاملىق ئازاپلىنىدۇ، چۈنكى قىزغا نىسبەتەن ئۆزى «سۆيگەن» ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۇنداق سەتلىشىشتىن ئارتۇق ئازاپ يوق. ) مانا بۇ نۇقتىنى ئوقۇرمەنلەر ئۆز تەپەككۇرى بويىچە، ئاشۇ قىزنىڭ ھىسىياتىغا ئەگىشىپ تۇرۇپ ئوخشىمىغان تۈردە تونۇيدۇ، ھەرخىل ئوخشىمىغان قىياسلارنى قىلىشىدۇ، قىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىغا يىڭىچە تەبىرلەرنى بىرىدۇ. مانا بۇ بولسا مىنىڭ نەزىرىمدە مەزكۈر ھىكايىنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىققان تەرىپى. ئەگەر ئەسەردە زورلاپ قىزغا بىر «جازا» بىرىلگەن بولسا، ئۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بەلكىم چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئاخىرىدا «نازاكەت»نىڭ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، «رىيات51»گىمۇ كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن، چۈنكى سىز مىنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە تىخىمۇ چۇڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزىشىمگە تۈرتكە بولدىڭىز، رەھمەت. | ||||
---|---|---|---|---|---|
REYAT51 | ئەسالامۇ ئەلەيكۇم Ark-zat ئەپەندى، ئالدى بىلەن، سىزنىڭ باشقۇرغۇچىلارغا خاس مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مىنىڭ بۇ تېمامنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ تەشەكۈر!
_____________________________________________________________ Ark-zatئەپەندىنىڭ ئىنكاسى: :«بىلىقىز سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ ،سىزنىڭ ئازاپلىرىڭىز مىنىڭ بەخىتسىزلىكىم بىلەن قۇشۇلسا بەخىتلىك بۇلۇپ قالارمىز دىگەن خىيال بىلەن سىزنى سىناپ باقماقچى بولغان ئىدىم ،ئەمما سىز......» دىگەن سۆزىنى تەستە ئوقۇپ تۈگۈتۈپ ،ئاچچىق ئىزتىراپ ۋە نۇمۇس ئىچىدە توردىن چۈشدى. _________________________________________________ بۇ قىزنىڭ ئۆز ئىشىدىن نۇمۇس قىلغانلىقى بۇ ھېكايىنىڭ تىراگىدىيەسى ھىساپلانمامدۇ؟ئەگەر :«ئاپلا ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ،ئەسلى مەن رىياتنى ياخشى كۆرەتتىم،سىزنىڭ رىيات بولۇپ چىقىپ قېلىشىڭىز مېنى خۇشال قىلدى...»دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان بولسا بۇ قىزنىڭ ھەقىقەتەن شاللاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى،لېكىن قىز رىياتنى ئىككىنچى قېتىم كۆرگەندە ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن نومۇس قىلغان.مانا بۇ توردا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش. بۇ ئوبزۇرمۇ ياخشى چىقىپتۇ.مانا مۇشۇنداق ماقالىلەر بىلەن ئۆزىمىزدىكى مەسلىلەرنى مۇلاھىزە قىلساق ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشىپ كىتەلەيمىز ھەم تور دۇنياسىدىن توغرا پايدىلىنالايمىز.رەھمەت سىلەرگە نازاكەت ۋە رىيات . _____________________________________________________________ REYAT51 نىڭ جاۋابى: ئەمدى سىزنىڭ يوقارقى مەندىن سورىغا سۇئالىڭىزنىڭ جاۋبىغا كەلسەك، مەن ماقالەمنىڭ ئوتۇرا قىسمىدا ، مانا مۇنداق ئەسكەرتىش بەرگەنمەن:__ خوش؛ يوقارقى ھىكايىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە قارىساق بىزگە خۇددى ناھايىتىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغاندەك تۇيغا ئاتا قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ ھىكايىگە يىزىلغان ئىنكاسلاردا كۆپلىگەن تورداشلار ئۆز ھىسياتى بويىچە ياخشى باھالارنى بەرگەن. بۇ تەرىپىنى چۈشۈنىشگە بولۇدۇ، چۈنكىي، ھەر ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغىنىدەك. ئەمما، بۇ پەقەتلا بىر تەرەپلىمىلىك ئاددىي كۆز قاراش خالاس. _____________ مانا شۇ يوقارقى نۇختىدىن قارىغاندا، سىز يەنىلا بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراشتا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپسىز. بىراق، مەندىن سورىغان سۇئالنىڭ جاۋابىنى ماقالىدىن كىسىپ ئىلىپ، ئۆزىڭىز سورىماقچى بولغان سۇئالىڭىزنىڭ ئۈستىگە چاپلاپسىز.يەنىي جاۋاپ:______:«بىلىقىز سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ ،سىزنىڭ ئازاپلىرىڭىز مىنىڭ بەخىتسىزلىكىم بىلەن قۇشۇلسا بەخىتلىك بۇلۇپ قالارمىز دىگەن خىيال بىلەن سىزنى سىناپ باقماقچى بولغان ئىدىم ،ئەمما سىز......» دىگەن سۆزىنى تەستە ئوقۇپ تۈگۈتۈپ ،ئاچچىق ئىزتىراپ ۋە نۇمۇس ئىچىدە توردىن چۈشدى.>>. مۇشۇنىڭ ئۆزىدىلا مانا مەن دەپ، تۇرۇپتۇ. ئەپسۇس سىز بۇنى، باشقىچىرەك چۈشەنگەندەك تۇرىسىز. بىراق مىنىڭ چۈشەنچەم، مەزكۈر ھىكايىدىكى بەخىتسىز ئايال،قانداقتۇر ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىگە نۇمۇس قىلىپ ئەمەس، بەلكىي توردىكى، تايىرنىڭ مانا بۇ:_ <<بىلىقىز، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ، سىزنىڭ ئازاپلىرىڭىز مىنىڭ بەخىتسىزلىكىم بېلەن قوشۇلسا، بەخىتلىك بولۇپ قالارمىز دېگەن خىيال بىلەن سىزنى سىناپ باقماقچى بولغان ئىدىم، ئەمما سىز.....>> دېگەن، سۆزىدىن ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكى ئۈچۈن بېچارىلەرچە توردىن چۈشكەن. بۇ يەردە تايىر، نېمە دىمەكچى؟ چۈنكىي ئۇ، بۇرۇن بىر قىتىملىق مۇھاببەتنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ئۇچۇرغان كىشى، شۇڭا ئۇ ئىككىنجى قىتىملىق مۇھاببىتىنى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئەمما ئۇ، ئىشەنگەن ، ئۈژمە كۆڭۈل سۈيۇق بىلىققىز سىناقتىن ئۆتەلمىگەن . نەتىجىدە ئۇ بىلىققىزغا مۇھاببەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان. مانا بۇ ھىكايىنىڭ ئەڭ نىگىزلىك يىرى. Ark-zat ئەپەندى مىنىڭ چۈشەنجەم ئەنە شۇ . لىكىن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئاتكاتچىلىق قىلىپ قويغانلىقىمنى كەچۈرگەيسىز!!! | ||||
---|---|---|---|---|---|
arkinomar شەبنەم مۇنبىرى | بۇ ئوبزور بەك ياخشى يىزىلىپتۇ . مۇنبەردە ھېكايە ئىجادىيىتى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا بىر قىتىملىق ياخشى دەرىسلىك بوپتۇ . لىكىن مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى مۇكاپاتلايدىغان بىرمۇ باشقۇرغۇچى چىقماپتۇ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
رەنا دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | :«بىلىقىز سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ ،سىزنىڭ ئازاپلىرىڭىز مىنىڭ بەخىتسىزلىكىم بىلەن قۇشۇلسا بەخىتلىك بۇلۇپ قالارمىز دىگەن خىيال بىلەن سىزنى سىناپ باقماقچى بولغان ئىدىم ،ئەمما سىز......» دىگەن سۆزىنى تەستە ئوقۇپ تۈگۈتۈپ ،ئاچچىق ئىزتىراپ ۋە نۇمۇس ئىچىدە توردىن چۈشدى.
-------------------------------------- REYAT51 : سىزنىڭچە بۇ ھىكايىنىڭ يىشىمى بولالماسمۇ؟ھازىرقى دەۋىرمىزدە كىشلەنىڭ ئاڭ سەۋسىسى خېلى يۇقىرىغۇ.ئېزىپ ئىچكۈزۈپ قويمىساقمۇ چۇشۇنۇپ يېتەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن .گەپ ئۇلانىڭ قانداق چۈشۈنىشىگە باغلىق .بۇ پەكەت كىچىككىنە بىر ئوبروز، ئەجىبا يېشىمىنى ماتەم مۇراسىمى قىلىپ قويسا بولارمىدى؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|