![]() |
| ||||||
gul-sanam
توغراق قىزى
|
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : ![]() |
Biperwa
| مەن بۇرۇنمۇ ھىس قىلاتتىم ئانىنىڭ نەقەدەر جاپالاردا ئۆزپەرزەنتىنى قاتارغا قوشىدىغانلىقىنى ، پەرزەنتلىك بولغاندىن كىيىن تىخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدىم ، ئانا بالىنىڭ قىقىراپ يىغلاشلىردىن شىرىن ئۇيقۇسىنى قويۇپ بالا ئۇچۇن پايپىتەك بولىدىكەن ، بالا غەلۋىسى تۇگىگەندىن كىيىن بىخىرامان ئۇخلايدىكەن ،جاپاكەش ئانىنىڭ بۇ ۋاختا ئۇقۇسى قاچقان ، بالام يەنە يىغلارمۇ دەپ قاراپ ئولتۇرغان ......................سۆزلەپ كەلسە ئانىنىڭ ئەجىرىگە ھەقىقەتەن يەتتە قىتىم مەككىگە ئاپارسىمۇ ئازلىق قىلىدىكەن . گۇلسەنەم خانقىزنىڭ بۇ تېمىسىدن ھەقىقەتەن سۆيۇندۇم .ئاۋازىڭىزمۇ شۇنداق يىقملىق ، ياڭىراق چىقىپتۇ. تەپەككۇرىڭىز ، قولىڭىز ھەم شۇ ياڭراق ئاۋازىڭىز غا دەرىت كەلمىگەي . ھەم سىزنىڭمۇ بۇ بايىمىزڭىزغا خۇشاللىق تىلەيمىز . ![]() قولۇم كۆكسۇمدە ئەزىز ئانىلار ، سىلەر جاپاكەش مىھرىبان شۇنچە . قىلچە مىھنەتسىز قىلدىڭلار ئەجىر ، ئەجرىڭلاردىن تۈكۈلدى ئۈنچە . | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
bizakqi
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇنداق تەرىپلەر ئازمىدى جېنم ئانا ،بارچە گۈزەللىك، ئۇلۇقلۇق ساڭا مەنسۇپ ،سەن گويا مەڭگۈ خورىماس سۆيگۈ دەرىخى . مۇبارەك بولسۇن بايرىمىڭغا ،باررچە ئەزگۈلىك ساڭا مەنسۈپ جېنىم ئانا .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
hamit786
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك قېتىۋالىدىكەنغۇ؟نىمىشتۇ بۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىشەنچ
سەن ئۈچۈن !
| بارلىق ئانىلارنىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن . ![]() [ يوللىغانئىشەنچتەرىپىدىن2008-05-10 00:18قايتا تەھرى ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
weliyar
| توغرا ئانا بەك ئۇلۇغ............
ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرقەنچە چوڭ سوۋغاتمۇ ئازلىق قىلىدۇ......... | ||||
---|---|---|---|---|---|
yigana2
ئاجايىپ
| سۈيۈملۈك ئانىلار - بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن
بۈگۈن بارلىق ئانىلارنىڭ خاسىيەتلىك بايرىمى. مەنمۇ بىر پەرزەنت بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئەشۇ سۈيۈملۈك، ئۇلۇغ، پەرىشتە سۈپەت ئانىلارنىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت، خاسىيەتلىك بايرىمىغا خۇشھاللىق تىلەيمەن! ھەۋۋا ئانا ھەققىدىكى قىسسە-رىۋايەتلەر تارقىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ ئانىسىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتى بىر كۈنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى. شۇنداقلا ھەر بىر ئىنسان پەرزەنتىنىڭ «ئانا» دەپ تىلى چىقىپ كەلدى. نۇرغۇن ئانىلار ئۈزىنى پەرزەنتى ئۈچۈن، ئەل، ۋەتەن ئۈچۈن بېغىشلىدى. تارىخىمىزدا ئۆتكەن «ئۇلۇغ ئانا»، تۇمارس ۋە ئايخان ئانا قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. بۈگۈنكى كۈندىمۇ رەيھان قاسىمغا ئوخشاش مىھرىبان ئانىلار بارلىققا كەلدى. تارىختىن بىرى يەنە نۇرغۇن پەيلاسوپلار، يازغۇچى-شائىرلار «ئانىنىڭ بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرىسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ»، «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قۇلىدا» دىگەنگە ئوخشاش بۈيۈك ھىكمەتلەرنى ۋە مىڭلىغان شېئىر، داستانلارنى يېزىپ قالدۇردى. ھازىر بىز ئىلىم-پەن يۈكسەك تەرەققىي قىلغان، رايۇنلار ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بۇلاۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بۈگۈنكى ئانىللىرىمىزنىڭ زىممىسىگە پەرزەنتلىرىنى ئەخلاقلىق، شەرم-ھايالىق، ھەم يىڭى دەۋر پەن-تېخنىكىسى بىلەن قۇراللانغان، ھەم ئەنئەنىۋى مىللى مەدەنىيەتنى قەدىرلەيدىغان ئۇنۋىرسال ساپاغا ئىگە ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن. بۇ دىمەككە ئاددىي تۇيۇلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە تۇلىمۇ مۈشكۈل ئەمما شەرەپلىك بىر ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل، شىجائەت ھەم ئۈمىدۋارلىق روھى كېرەك. بۇ يەردە ئانا ھەققىدە توختىلىۋاتقان ئىكەنمىز ئەلۋەتتە پەرزەنتلەرنىڭ ئانىلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنداق، ئىنسان ئۈچۈن ئانا ئىنتايىن مۇھىم. ئانىغا بولغان ھۆرمەت، ساداقەت ۋە ۋاپادارلىق ئىنساننى ئەبەدىي تاكاممۇلىققا يۈزلەندۈرىدۇ. ئېغىزدىكى ۋاپادارلىق بىلەن قەلىپتىكى ۋاپادارلىق تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ھەقىقى ھۆرمەت ۋە چىن ساداقەت - ئىنساننىڭ سۆز، ھەركىتى ۋە ۋۇجۇدىدا ئورتاق ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بەزىلەر ئۈچۈن تۇلىمۇ ئاددى، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن تۇلىمۇ مۇشەقەتلىك جەريان. پەقەت ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق، ئەقىللىق پەرزەنتلەرلا بۇ مۇقەەدەس بۇرچنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالايدۇ. ئانىغا بۇلغان ساداقەتسىزلىك ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى راك ھۈجەيرىسىگە ئوخشايدۇ. ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان پەرزەنتنىڭ ھەر قانداق شان-شەرەپ، ئەيشى-ئىشرەت ۋە مال دۇنياغا بولغان ئەقىدىسى، قىززىقىشى ئاخىرقى ھىساپتا بىر تۇتام شۇم بۇيىدىن ئىبارەت خالاس. بۇ سۆزۈمنى شائىر ئابلىمىت ھاجىنىڭ ئاخشام ئېنتېرنېت تورىغا كىرگۈزۈلگەن مۇنداق بىر كۇبلىت رۇبائى بىلەن ئاخرلاشتۇرىمەن: ئانا، ئۇ-بىر باغدۇر مېۋە ھەر يانى، مىۋىلەر سەرخېلى، شاھى سۇلتانى. بەھرىدىن ھۇزۇر ۋە ھالاۋەت ئېلىپ، يايرايدۇ ئاتا ھەم پەرزەنتلەر جانى. قەلەمكېشىمىز ئابلىكىم كېرەمنىڭ تەۋىسىيەسىگە ئاساسەن يوللاندى. http://www.bizning.com/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=3194 | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
Biperwa
| Quote:بۇ يازما3قەۋەتتىكىhamit786نىڭ2008-05-10 20:02يوللىغان : تور سۇرئىتى ئاستا ، ئاۋازنى ئىچىپ تۇختۇتۇشنى بىسىپ ، بىر ئاز ساقلاپ تۇرۇڭ ،چۇشۇپ بولغاندىن كىيىن ئاڭلىسىڭىز .ۇنىمى تىخىمۇ ياخىشى بولىدۇ . | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
bodi
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئەپسۇس ! مەن «ئانا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بلسۇن»دىيەلمەيمەن. چۈنكى ئانام ئالدىنقى يىلى بىز 6پەرزەنتىنى داغدا قويۇپ ئاللانىڭ دەرگاھىغا كەتكەن. پەقەت بۇ يەردە مەن «ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولغاي» دىيەلەيمەن. شۇڭا قېرىنداشلا ئاناڭلار بار چېغىدا يھخشى قاراڭلا ، ئەھۋال سوراپ تۇرۇڭلار!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
永远WINNER
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ تىما بەك ياخشى ئىكەن ،بىراق فىلىمنى كۆرەلمىدىم،ئەپسۇس...................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
judun
| ئانا !
ئەتە سىنىڭ بايرىمىڭمىدى ئاڭلىغاندەك قىلدىم بىرىدىن ؟! ئانا !! ئوغلۇڭ بۈگۈن روھى يالىڭاچ ، يۇيۇنماقتا ئىشرەت لىۋىدە . ئانا !!! يۈرەكئالدى بوپقالدىم روھىم ، ئاق سۈتۈڭگە گاچىدەك تىلىم !!! تەشەككۈر گۈلباھار . قايتا-قايتا ئاڭلاۋېتىپ ئۆزۈممۇ تۇيۇمىغان ئاساستا نېمىلەرنىدۇ جۆيلۈپ قالدىم . بەلكىم بۇ مەن ئەمەستىمەن . ھەم مەن بۇلۇشتىنمۇ قورقىمەن .ئاۋازىڭىزنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرساق بولغۇدەكقۇ ؟! رەھمەت سىزگە . ئۇلۇغلار ئۇچۇن تىنىلغان ھەر بىر تىنىقنىڭمۇ ئۆزگىچە بەركىتى بارلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
anjurguli
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر گۈل-سەنەم خانىم . نەسىرنى ئۆزىڭىز ئوقۇدىڭىزمۇ ؟ بەك ياخشى ئوقۇپسىز . قەلەم تۇلپارىڭىز چارچاپ قالمىغاي .
ئانىلار ئاسماندىكى ئاي . ئائىلە ئانىلار ئارقىلىق ئاسانلىشىدۇ . ئالىملار ، ئاسپىرانتلار، ئايرۇپىلانلار ئانىلار ئارقىلىق ئاينىيدۇ . ئالەمنىڭ ئاچقۇچى - ئانىلاردا . ئانىلار ئادەمنى ئاقىل ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ . ئانىلارغا ئاقسالىق ، ئاقنانلىق ، ئالىقاپلىق ، ئاخماقلىق ئاقمايدۇ . ئانىلار ئادالەتنى ئاقلايدۇ ، ئاداۋەتتە ئاقسايدۇ . ئانىلار ئاقلىغىڭلارنى ئاقلاڭلار ! ئانىلار ئاغرىسا ئاسان ئاجىزلايدۇ . ئاياللارنىڭ ئارتۇقچىلىغى ئارتۇق . ئاياللار ئازاتلىغىنى ئادالايلى ! ئانا، ئۇ-بىر باغدۇر مېۋە ھەر يانى، مىۋىلەر سەرخېلى، شاھى سۇلتانى. بەھرىدىن ھۇزۇر ۋە ھالاۋەت ئېلىپ، يايرايدۇ ئاتا ھەم پەرزەنتلەر جانى. نېمە دېگەن ئېسىل شېئىر . ئانىلارغا ئاپىرىن ! اللاھ ، ئانىلارغا ئامانلىق ، ئاسانلىقنى ئايىمىغايسەن . ئامىن!!!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~nawkiran~
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئانام بۇلتۇر ئانىلار بايرىمى كۈنى تۈگەپ كەتكەنىدى.ئانىلار بايرىمىنى ئۆز ماماتى بىلەن كۈتۈۋالغان ئانىلاردىن يەنە قانچىسى باردۇ؟! ئانا سەن ئاددىلا بىر ئانا ئىدىڭ. ئەشۇ ئاددىلىقىڭنى پاساھەتلىك تىل بىلەن بايان قىلالمىدىم. ساڭا بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ يازغىلى بولمايدىغان قەلبىمدىكى شىېر.ئۇ پەقەت قەلبىمگىلا يىزىلغان . رەھمەت گۈلسەنەم!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mehrigiya
| دوستۇم ، ئانىلار ئۈچۈن تەييارلىغان بۇ قىممەتلىك سوۋغىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم . گەرچە ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىيالمىغان بولساممۇ بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنىڭ ياخشى چىققىنىغا ئىشىنىمەن .ئەسلى مېنىڭمۇ بۇ ھەقتە بىرەر ئەسەر يېزىپ يوللۇغۇم بار ئىدى ، ئەپسۇس تۇرمۇش بەكلا ئالدىغا سېلىۋالدى ، پەقەت بىكار بولالماي كەتتىم . شۇنىڭدىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭلارنى ئوقۇپ بەھىرلىنىپ تۇرۇۋاتىمەن .سىزگە خوشاللىق يار بولسۇن گۈلۈم !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
uqkun500
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇ تىما بەك ياخشى ئىكەن نېمە دېگەن ئېسىل شېئىر .
ئانىلارغا ئاپىرىن ! اللاھ ، ئانىلارغا ئامانلىق ، ئاسانلىقنى ئايىمىغايسەن . ئامىن | ||||
---|---|---|---|---|---|
DINURAY
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەممە ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!··
![]() | ||||
---|---|---|---|---|---|
Gulgina
كۈنچىگە مۇھەببەت
| جىنىم ھەدە ئەسىرىڭىز بىلەن ئاۋازىڭىز قۇشۇلۇپ ھەقىقى بىر مۇكەممەل پۇتۇنلۇك ھاسىل بوپتۇ ،
راسىت گەپ قىلسام ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاۋىتىپ كۈزيىشىمنىڭ ئىختىيارسىز ئىقىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن ئۇلۇغ ئاللاھ ئانىلىرىمىزنىڭ ئۈمرىنى ئۇزۇن قىلغاي | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
suwadan
| ئانىلارنى ھەرقانچە تەرىپلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ. ئانىلارغا ئالىي سالام!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
mahidilbar
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | گۈل- سەنەم
سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى كۆرۇپ قايسى بىر شائىرنىڭ يازغان بىر كۇبلىت شېئىرى ئېسىمگە كەلدى. غايىپتىن بىر قۇدرەت گەر پۇتسە ماڭا، ئالەمنى ئالما قىپ تۇتقۇزسام ساڭا، تاڭ پەيتى بىر مەررە ئېمىتكىنىڭنىڭ، بەدىلى تۆلىنىپ تۇگەرمۇ ئانا. | ||||
---|---|---|---|---|---|
HISLAT
| بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئانىلىرىنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن . ئانىلارغا خاتىرجەملىك ، سالامەتلىك يار بولسۇن !
چوڭقۇر تەپەككۈرلۈك ياخشى تەرىپلىرى ، سەمىمى تىلەكلەىرى ، يېقىملىق ئاۋاز ى بىلەن ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلىگەن گۈلسەنەمگە بارىكاللا . سەمىمى ، ئاق كۆڭۈل ، پەرىشتە سۈپەت مېھرىبان ئانىلار ، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |