بۇلبۇل سورار
مەغرىپ تامان ھىلال ئاينى كۆرگەندە ،
يامغۇر سۈيى يۈزلىرىمنى سۆيگەندە ،
تاڭ ساباسى چاچىم سىلاپ ئۆتكەندە ...
« ئاھ، ھىجران !»دەپ كۆزلىرىمگە ياش ئالسام ،
بۇلبۇل سورار:«سەنمۇ مەندەك ئاشىقمۇ ؟»
غېرىپلىقتا كۈلكىمۇ بۇ يىغىمۇ ؟
يالغۇز يېگەن بال-ھەسەلمۇ زوقۇممۇ ؟
قىيا قاراپ كۈلگىنىڭىز چۈشۈممۇ ؟
«بەردەم بول !»دەپ ئۆز-ئۆزەمنى بەزلىسەم ،
بۇلبۇل سورار:«سەنمۇ مەندەك ئاشىقمۇ ؟»
ئاي چولپاننى كۆزىڭىزغۇ دەپتىمەن ،
كۈننى كۆرۈپ يۈزىڭىزغۇ دەپتىمەن ،
سۇۋاداننى بەستىڭىزغۇ دەپتىمەن .
«مەغپىرەت قىل قۇلۇڭنى ، رەببىم!» دېسەم ،
بۇلبۇل سورار:«سەنمۇ مەندەك ئاشىقمۇ ؟»
دېدىم :«ئاشىق لېكىن سەندەك ئەمەسمەن»،
گۈلۈڭ پورەك ئاچقۇچە سەن كۈتمەسسەن ،
ۋىسال ئۈچۈن ھەرنە بولسام چىدايمەن .
ھەقتىن ئۆمۈر ،سەۋىرى تاقەت تىلىسەم ،
بۇلبۇل سورار:«سەنمۇ مەندەك ئاشىقمۇ ؟»
2008.05.08 شەھىرى خې فېي زىبا
[ يوللىغانtasawwurتەرىپىدىن2008-05-10 19:15قايتا تەھ ]