ئاقىللار ئەقىل - پاراسەت ھەققىدە
چېلىشقاندا يەڭگەندە نوچى ئەمەس ، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋالغان ئادەم ھەقىقىي نوچىدۇر ؛ 
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
مۆمىن يىلان چىقىۋالغان تۈشۇككە قايتا قۇلىنى سالمايدۇ ؛
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
ھايا دېگەن بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ؛
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
بەندىلەرگە ئاتا قىلنغان ئىككى نېمەت بار ، بىرى ، تەن ساقلىق ، يەنە بىرى ، بوش ۋاقىت ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ قەدرىگە يەتمەي زىيان تارتىدۇ ؛
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
ئادەم بالىسىنىڭ يېشى چۇڭايغانسىرى ئۇنىڭغا پۇل - مالغا بولغان ھېرىسلىق بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىستىگىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۇك نەرسە كۇچىيىپ بارىدۇ ؛
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
مالنىڭ كۆپلۇكى بايلىق ئەمەس ، ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر ؛
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
سىلەردىن بىركىم پۇل - مال ۋە چىراي - شەكىل جەھەتتە ئۆزىدىن ئۈستۇن ئادەملەرگە نەزەر سالغاندا ، ئۆزىدىن تۈۋەن ئادەمگە قارىسۇن ؛ 
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
ئىككى كۆز كۆرمىگەن نەرسىنى كۆردۇم دىيىش دېيىش ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق ھېسابلىنىدۇ ؛
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
ھاكىم بولغان ئادەم دەرغەزەپ بۇلۇپ تۇرغان چاغدا ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىدا ھۆكۇم چىقارمىسۇن ؛ 
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
مۇكەممەل نەرسىنىڭ بىرقىسمىنى تەرك ئەتسە ، ئۇكەمتۈك بۇلۇر ؛
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
سېتىپ بەرسەڭ ئۆلچەپ بەر ، سېتىۋالساڭ ئۆلچەپ ئال ؛
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
ئەمەلدار بۇلۇشنىڭ دەسلىپى نېمىدىگەن ياخشى ، ئاخىرى نېمىدىگەن يامان ؛
_ مۇھەممەت ئەلەيھسالام 
مەنبە : < ئەقىل پاراسەتنىڭ نەرخى > دېگەن كىتابتى تاللاپ ئىلىندى 
[ يوللىغانئىشەنچتەرىپىدىن2008-05-09 22:00قايتا تەھرى ]