| |||||||
qinmodan سايرام قىزى | قەدىردان ئانىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!ئانا لىرىكىسى 1 ۋقىت ھوقۇشمۇ قونغان شېخىدا لېۋىڭنىڭ؟ ئۆچتىمۇ ئېلىپ قالدۇقىنى مارجانلىرىڭنىڭ؟ 2 ئوقۇپ چىقتى شامال قانچە چۆچەكنى نامازشامگۈلىدەك سولغان كۆزۈڭدىن؟ 3 ئېيىتقىنا نىچۈن تاتىرىدۇ قارنىڭ يۈزى، باققىنىدا ھەر قېتىم ئاقلىقىغا چېچىڭنىڭ؟ 4 راستمۇ ئانا، داغ چۈشتى دەيدۇ، ئارمانىدا ئۆچۈپ كەتكەن گۈزەللىكنىڭ؟ 5 بىر كۈن ئىزدەپ كەلسە سېنى پەرىشتە، كېتەرسەنمۇ ئېمىتكىلى باللىرىنى جەننەتنىڭ؟ يىغلارمىكىن پەرىزات ئۆتۈۋېلىپ قۇياش كەينىگە، رومال قىلسام دەپ كېپىنىڭنى... 6 ئانا! كۆتىرەلمەس قەبرەڭنى تۇپراق! aptori: ahmatjan osman | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
judun | قەدىردان ئانىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىز پەرزەتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتىمىز ...ئۇلۇغلارغا قەلىپ تۆرىمىزنىڭ ئۇلۇغ جايلىردىن ئورۇن بېرەيلى .قىممەتلىك يوللانمىڭىزغا تەشەككۈر چىنمودەن خانىم . سىزنىڭمۇ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق ئانىلارغا ئالى ئېھتىرام !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurlfn | چىن مودەننىڭ بۇ يازمىنى يوللىغانلىقىغا رەھمەت. ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئانا» تېمىسىدىكى شېئىرى سەمىمىيلىككە، گۈزەللىكەۋە ئانىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەتكە لىق تويۇنۇپتۇ. قەدىردان ئانىلىرىمىز سالامەت بولغاي.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ئىشەنچ سەن ئۈچۈن ! | ئانىلار ئاسماندىكى ئاي . ئائىلە ئانىلار ئارقىلىق ئاسانلىشىدۇ . ئالىملار ، ئاسپىرانتلار، ئايرۇپىلانلار ئانىلار ئارقىلىق ئاينىيدۇ . ئالەمنىڭ ئاچقۇچى - ئانىلاردا . ئانىلار ئادەمنى ئاقىل ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ . ئانىلارغا ئاقسالىق ، ئاقنانلىق ، ئالىقاپلىق ، ئاخماقلىق ئاقمايدۇ . ئانىلار ئادالەتنى ئاقلايدۇ ، ئاداۋەتتە ئاقسايدۇ . ئانىلار ئاقلىغىڭلارنى ئاقلاڭلار ! ئانىلار ئاغرىسا ئاسان ئاجىزلايدۇ . ئاياللارنىڭ ئارتۇقچىلىغى ئارتۇق . ئاياللار ئازاتلىغىنى ئادالايلى ! ئانىلارغا ئاپىرىن ! ئانىلارنى ئاسرايلى! اللاھ ، ئانىلارغا ئامانلىق ، ئاسانلىقنى ئايىمىغايسەن . ئامىن!!!!!!!!!!!! [ يوللىغانئىشەنچتەرىپىدىن2008-05-09 22:23قايتا تەھرى ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
nur65 | مۇنبەردىكى بارلىق ئانىلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمىغا مۇبارەك!
ئاتاقلىق شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ «ئانا» ناملىق شېئىرى ئانىلارنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىنسان ئىكەنلىكىنى روشەن شەرھىيلەپ بەرگەن. مەن ئازغىنە سەۋىيەم بىلەن ئۇلۇغ ئىنساننىڭ تەرىپىنى شەرھىيلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. چىن مۇدەن خانىمنىڭ مەزكۇر تېمىسى ئارقىلىق ئانىلارغا بولغان مېھرى مۇھەببەتنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. رەھمەت. [ يوللىغانnur65تەرىپىدىن2008-05-10 16:55قايتا تەھرىر ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
otyak | ئانا ئۇلۇغ ، ئانا پەرىشتە .ئانىلارنى قەدىرلەيلى ! مۇنبەردىكى بارلىق خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. سىزنىڭ بۇ چاچما شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ. رەخمەت !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qinmodan سايرام قىزى | ئېخ، ئانىلار ، ئېخ، ئانىلار، دۇنيادا، بولىدىكەن ئانا شۇنداق مېھرىبان! قەدىرلەيلى، قەدىرلەنسۇن ئانىلار، رازى بولسۇن ئاق سۈتىگە ئانىجان. جۇدۇن ئەپەندى، نۇرلان ئەپەندى، نۇر65 ئەپەندى، ئوتياق ئەپەندى، ئىشەنچ خانقىز شائىرىمىز ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئانا توغرىسىدا يازغان لىرىكىسىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزلارگە ۋە ئالى تىلەكلىرىڭىزلەرگە كۆپ رەھمەت! گۈلزات خانىم، دۇنيا ئەپەندى بۇ شېئىرىگە يۇقۇرى باھا بەرگىنىڭىزلارگىمۇ تەشەككۈر! مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىزمەتنىڭ ، ئائىلىنىڭ تۈرلۈك ئېغىرچىلىقلىرىنى يېڭىپ،قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن -تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان قەدىردان ئانىلاردىن گۈل- سەنەم، سەبىخە، سائادەت، خىسلەت،لەيلى، گۈلزات، مېھرىگىيا، مەجنۇنتال، دىلرۇس ۋە ئىسمى ئاتالماي قالغان بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن! سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن! | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
mirzahmat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قەدىردان ئانىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىز پەرزەتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتىمىز ...ئۇلۇغلارغا قەلىپ تۆرىمىزنىڭ ئۇلۇغ جايلىردىن ئورۇن بېرەيلى .قىممەتلىك يوللانمىڭىزغا تەشەككۈر چىنمودەن خانىم . سىزنىڭمۇ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق ئانىلارغا ئالى ئېھتىرام !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nur65 | ئانا....
سەن قالمىغىن خانىدە تەنھا، بولاي ساڭا دائىما ھەمرا. پەرزەنت ئۈچۈن پۈكۈلگەن قەددىڭ، پەرزەنت ئۈچۈن چېكىسەن جاپا. ئانا.... ئەمدى ھاردۇق يەتتىمۇ ساڭا، ياشلىقىڭ ئۆتكەن دىلىڭدا «بالا» زىلۋا قامەت قالمىدى سەندە، بىراق سەنلا ئۇلۇغ دۇنيادا. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
gul-sanam توغراق قىزى | رەھمەت چىن مودەن ، ئاتەش قەلبىڭىزدە تېپچەكلاۋاتقان ئەڭ يارقىن تۇيغۇلىرىڭىز بىلەن بارلىق ئاتا-ئانىلارغا
ئاتاپ يېزىلغان <<ئەخمەتجان ئوسمان>> نىڭ شېىرىنى تەغدىم ئىتپسىز . تەشەككۇر ،سىزنىڭمۇ قۇتلۇق كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دوستۇم. | ||||
---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN يـەھـيـا | ئانامنى ئەسلەپ ( دۇنيا ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ، ياش كەتكەن ئانىلارغا بېغىشلايمەن ) ئۈستۈن ئىدى روھىمىز ئانام بار چاغدا ، ئەركە ئىدى خۇيىمىز ئانام بار چاغدا ، ئاۋات ئىدى ئۆيىمىز ئانام بار چاغدا ، بايرام ئىدى كۈنىمىز ئانام بار چاغدا . ئېلىپ كەتتى شۇم ئەجەل ئانامنى سۆرەپ ، بوران ئۇچتى ئۆيىمىز قالدى چۆلدەرەپ ، قېرىنداشلاز ئىزدەشمىدۇق ھەپتە - ھەپتىلەپ ، مەھكەم ئىدى ئۇلىمىز ئانام بار چاغدا . مەغرۇر ئىدۇق كوچا - كويغا پاتمايتتۇق پەقەت ، مۈشكۈنلۈك يوق ، ئىسىل كېيىپ ، چاقنايتتۇق پەقەت، بەختىمىزنى كۆرۈنگەنگە ماختايتتۇق پەۋەت ، كەڭرى ئىدى يولىمىز ئانام بار چاغدا . كۆزىمىزدىن بىر تامچە ياش ئاققۇزماي باققان ، ئۆزى يەردە بىزنى يەردە ياتقۇزماي باققان ، مۇھتاجلىقنىڭ دەردىنى تارتقۇزماي باققان ، ئۇزۇن ئىدى قولىمىز ئانام بار چاغدا . تويلار قىلساق قېرىنداشلار جەم بولۇپ دائىم ، خوراپ باردۇق ئاداۋەتكە يەم بولۇپ دائىم ، باشلاپ ئۇچلار شۇ ئانىمىز كەم بولۇپ دائىم ، قىزىغانىكەن تويىمىز ئانام بار چاغدا . | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
saadat قار~لەيلىسى | رەھمەت سىزگە چىن مودەن !ئانىلار بايرىمىلىق تىلەك،سوۋغىلىرىڭىزدىن سۈيۈندۈم دوستۇم!
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردىكى شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى ئانىلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن! ئۇلۇغ اللاھ ئىگەم بارلىق ئانىلارنىڭ تىنىنى سالامەت ئۆمرىنى ئۇزۇن بالىلىرىنى ئىمان-ئىنساپلىق،ۋاپادار قىلسۇن! | ||||
---|---|---|---|---|---|
nur65 | ئانىلار بايرىمىنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەسمۇ قانداق؟
تۇغۇلۇپ تۇنجى قىلغان سۆزۈم، «ئانا» دېگەن سۆز بولغان ئىكەن. شۇ چاغ ئانام يېنىشلاپ مېنى، «ئوماق قوزام» دەپ سۆيگەن ئىكەن. بىر ئۆيگە باش بولۇپ قالساممۇ، يەنە مېنىڭ غېمىمنى يەيدۇ. گاھى مېنى يوقلاپ كېلىدۇ «جاپا چېكىپ قالدىڭمۇ» دەيدۇ. ئەجىر قىلىپ پەرزەنتلىرىگە چىرايىدا قورۇقلار قالدى، ئۇندا ھازىر مەزمۇد بەدەن يوق، بەللەر مۈكچىيىپ قۇللىرى تالدى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mehrigiya | رەھمەت سىزگە دوستۇم ، ئانىلىرىمىزنىڭ بايرىمى ئۈچۈن يوللانغان بۇ سوۋغىدىن سۆيۈندۈم ! ئانىلار ئۈچۈن قانچىلىك قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ . ئاتا - ئانىسىنى ئۇلۇغلىغان ، خوش قىلغان ئىنساننى كېيىن پەرزەنتلىرىمۇ شۇنداق ئۇلۇغلايدۇ . ھەممىمىزگە ئەقىل - ئىدرەك ، ۋاپادارلىق يېقىن بولسۇن مودەن گۈلۈم .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Golden دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | «ئاپا»نىڭ پەرزەنت ئۈچۈن تارتقان جاپاسىنى ئويلىسام كىشىنىڭ يۇكسەك تەپەككۈرىنىڭ جەۋھىرى بولغان ھەرقانداق ئېسىل شېئىرنىڭمۇ «ئاپا»قىممىتىنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى نەقەدەر ئاجىزلىغىنى ھىس قىلىمەن،لېكىن بىزگە بېرىلگەن پۇرسەت ئەمىلىيىتىمىزدىن باشقا ھىسسىياتىمىزنىڭ ئەڭ نازۇك تەرىپىنى شېئىرى لىرىكا بىلەن ئىپادىلەش يۈكسەكلىگىدە...
چىنمودەننىڭ يوللانمىسىغا تەشەككۈر! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Firdawis دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قەدىردان ئانىلار تەسۋىرلەنگەن مۇنداق شېئرلاردىن كىممۇ سۈيۈنمەي،يازغۇچىغا ھۆرمىتى ئاشماي تۇرالىسۇن؟....ياشاپ كىتىڭ چىن مودەن ھەدە
| ||||
---|---|---|---|---|---|
miliya دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ ئانىللرىمنىڭ بايرىمنى تەبرىكلايمەن
| ||||
---|---|---|---|---|---|